مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1913|ئىنكاس: 29

10 سوم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8167
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2201 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 01:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 سوم
(راست ئىشلار خاتىرىسى )
ئابلەت كېرىم
ئانامنىڭ قولىنى قىڭغىراق كېسىۋاپتۇ . دورىلىق پىلاستىر سېتىۋېلىپ كىرەي ، دەپ ماڭسام ئانام زۇكام دورىسىمۇ ئالغاچ كېلىڭ ، دەپ قالدى ، ئايالىممۇ چاققانلىق بىلەن قىزىمنىڭ كىچىكىنى قۇچىقىمغا سېلىپ ئۈلگۈردى .
قىزىمنى كۆتىرىپ يولنىڭ ئىككى قاسنىقدىىكى قايناق بازارنى بولۇپمۇ " كۈسەن قەدىمىي كىچىكى"نىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى كەچلىك باققال بازىرىنى تاماشا قىلغاچ ، ئاستا كېتىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز بىر توكسىكىلىت مېنىۋالغان ئىگىز بويلۇق بۈدۈرە چاچ بىرەيلەن ئالدىمدىلا توختىدى . قارىسام ئاغىنەم پەرھات ئىكەن ، بىز قىزغىن كۆرۈشۈپ ، ھال - ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ، ئاغىنەم : - ۋاي كىچىكىمۇ بۇ ، بىر جۈپ قىزىڭ بوپتۇ-دە ئاداش ، ھە بوپتۇ ، ئاللاھنىڭ بەرگىنى ، - دېدى ۋە ، - تۇنجى كۆرۈشۈش سوۋغىسى ، دەپلا يېنىدىن يېپ - يېڭى بىر ۋاراق 10 سوم پۇلنى ئېلىپ ، قىزىمنىڭ يۈزىگە ئاستا قويۇپ پىشانىسىگە يىنىك سۆيۈپ قويدى . مەن خېلى تۈزۈت قىلساممۇ ئۇنىماي خوشلىشىپ كېتىپ قالدى .
قىزىم بۇ ناتونۇش تاغىسى بەرگەن پۇلنى چىڭ سىقىمداپ تۇتۇۋالغان ئىدى ، بىز ھايال ئۆتمەيلا دورا دۇكىنىغا كىردۇق . دورىلىق پىلاستىر ۋە ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ زۇكام دورىسىدىن بىر قاپ سېتىۋېلىپ قايتتۇق . "كۈسەن قەدىمىي كىچىكى "دىن ئۆتۈپ قارىسام قىزىمنىڭ قولىدا پۇل يوق .
چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ- دە ، مەن ئويلىنىپ قالدىم ، ئىزدىسەم قانداق بولار ، بۇ قايناق بازاردا بەرىبىر تېپىلمايدۇ ، ئىزدىمەي دېسەم ، ئۇ ئادەتتىكى قەغەز پۇل ئەمەس ، ئۇ ئاغىنەمنىڭ قىزىمغا سوۋغىسى ، تىلەكلىرى . قىزىمغا نىسبەتەن خاتىرە ، نەمۇنە ئۇ ، ئىزدەش كېرەك .
مەن  ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم . يولدا كۆكتاتلارنىڭ قالدۇقلىرى ، مۇزقايماق ۋە باشقا تەييار يىمەكلىكلەرنىڭ ئورالمىلىرى ، مېۋە شۈپۈكلىرى ئاندا - ساندا ئۇچراپ تۇراتتى . باققاللارنىڭ ئالدىدىكى شىرنىسى ئېقىپ تۇرغان شاتۇت ، ئۈژمە ، ئالتۇندەك تاۋلىنىپ كۆزلەرنى قاماشتۇرغان ئۆرۈك ، ئالۇچا ، شاپتۇللار ، سەھرالاردىن ھېلىلا ئۈزۈلۈپ كىرىلگەنلىكى ساپىقىدىن ئېنىق بىلىنىپ تۇرغان قوغۇن - تاۋۇزلار ، ياقۇتتەك جۇلالىنىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىۋاتقان ئالگىرات ( ئەلگە راھەت ) ، ئالمىلار ئاجايىپ ئېغىزىمغا ئىختىيارسىز سېرىق سۇ يىغىپ ، نەپسىمنى قوزغاپ ، كۆزۈمنى يەردىن ئۈزۈپ قوياتتى . ئىزدەپ مېڭىۋېرىپ ، دورىخانا ئالدىغىمۇ كېلىپ قاپتىمەن ، 10 سوم ھېچيەردە يوق .
- ھوي ، دۇكاندا بىر نەرسە ئۇنتۇپ قاپلىمۇ ، بىرنەرسە ئىزدەۋەتقاندەك قىلىلا ، قارىسام ، - دورىخانىدىكى بۇرۇتلۇق ، قوشۇماق قاشلىق يىگىت ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ ماڭا قاراپ توۋلاۋاتاتتى .
راست گەپنى قىلىشتىن ئۇيالدىم . مەن ئۇنىڭ 10 سوم ئۈچۈن مۇشۇ قايناق بازاردا شۇنچىلىك ئىزدەش كېتەمدۇ . تازىمۇ بىر پسخىق بىر نېمىكەن ، دەپ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم .
مەن جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنىڭ جەريانىنى قىسقىچىقىلا دېدىم .
- ھە ، دەل شۇكەن ، بايا سىلى چىقىىپ كەتكەندىن كىيىن قارىسام پۇكەيدە قاپتىكەن ، - ئۇ شۇنداق دېگىنىچە 10 سوم پۇلنى ئېلىپ چىقىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى .
- رەھمەت ، مەن تېخى يولدا چۈشۈپ قالغانمىكىن ، دەپتىكەنمەن .
مەن كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم : ھەي 10 سوم ، سەن ئەمدى سوۋغا ، تىلەكنىڭلا ئەمەس ، ئۇيغۇردىكى ھالاللىق ، ئىنسابلىقنىڭ پاكىتى بوپ قالدىڭ . مەن سېنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ساقلايمەن .

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:09:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىقتەك ياخشى ئۇدۇم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قان- قىنىغا سىڭىپ كەتكەن، لېكىن ھازىرقى جەمئىيەتتە شۇنچە كۆپ ساپ نىيەتلىك كىشىلىرىمىز ئارىسىدا شۇمبۇيىلارنىمۇ يوق دەپ بولالمايمىز.....

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قابىليىتىڭىز كۈچلۈككەن .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ، ئىخچام ھەم مەزمۇنلۇق،

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل بىرلىكىنى سوم، تىيىن دەپ ئىشلەتسەك ياخشى ئاڭلىنىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:26:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 03:09 PM
ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىقتەك ياخشى ئۇدۇ ...

شۇنداق،

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،  ئوقۇشلۇق قىلىپ ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. قىسقا مەنىلىك.  تېپىۋالغان نەرسىنى قايتۇرۇش سىناقتىن ئۆتكەندىن كېين ئادەتكە ئايلىنىدۇ، ھەر بىرىمىز تۇنجى قېتىم تېپىۋالغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ سىناپ باقايلى، ئۇ خىل كۆتۈرەڭگۈلۈك، رازىمەنلىك ... ھىسىياتى بىزگە ئادەت يېتىلدۈرىدۇ. ئىمان، ئىتقادلىق كىشى كىشىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، يەتكۈزگىنى بولسا ئىمان-ئىتقادسىز ياكى مۇستەھكەمسىز ئىتقادلىق كىشىدۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-25 03:56 PM  



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 04:04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ئىماندۇر .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 04:38:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ چۈشىنىشلىك يېزىلىپتۇ، ئاپىرىن قەلىمىز ناھايتىمۇئۆتكۈركەن

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6357
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9436
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 04:54:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yulghunjan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 03:21 PM
پۇل بىرلىكىنى سوم، تىيىن دەپ ئىشلەتسەك ياخشى ئاڭلىنىد ...


ئوخشاش پىكىر . ..    ئون كوي دىگەندىن ئون سوم دىگەن ئۆلچەملىكرەكمىكىن دەيمەن ..
ئون كوي دىگەن سۆز ، 块 دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن .. يەنى خەنزۇچە ئاتالغۇ .. سوم دىگەننى ساپ ئۇيغۇرچە دىيەلمەيمەن .. ئىشقىلىپ خەنلەرنىڭ سۆزىنى ئشلەتكەندىن مىڭ ياخشى ..  
ئاساسەن ، غۇلجا  تەرەپلەردە سوم دەپ ئىشلىتىلىدۇ ...

دەۋزەخ ئازابى ۋە گۆر ئازابىدىن باشقا ئازاپ ، كىتابىمىزدا يوق  -نۇرشات نۇرمۇھەممەد (نۇرشاھ) ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش