مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2484|ئىنكاس: 24

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 12:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز

تۇقۇغلۇق ئۈلۈمنىڭ ئېتى ھەرزامان،

ئالدىرا ئەي ئىنسان ياخشى ئەمەلگە.

ئاللاھقا نېمە دەپ بىرىمىز جاۋاپ،

تەۋھىدسىز ئەمەلسىزكەتسەك ئەگەردە؟؟؟؟؟

ئويلايمىز ۋە لېكىن ئەمەل يوق چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!



ئۆزرە يوق پەرىزدۇربۇ بەش ۋاق ناماز،

ماكان ۋە زامانداۋاقتى بىلەن ھەم.

نامازغا ياندىشىپ كېلىدۇ زاكات،

ئەمەللەر مەقبۇلسىزقالسا بىرى كەم!!

بىراق بىز نىيەتلەرئەلا ئىدى دەپ،

شەيتانغا ئەل بۇلۇپ ئۇخلىدۇق چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!



زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز،

كۇفرىدا پىسقىداكەتكەن كۈرەڭلەپ.

ئۈلۈمنى بىلىمىزيوقتۇر تەييارلىق،

يۈرىمىز غەپلەتلەرئىلكىدە مۈگدەپ.!!

ئالدىرما ۋاقتىڭ بارتېخى قىلىسەن،

دەپ بىزنى شەيتانلار ئۇخلاتتى ئەجەپ.

ئاچمىدۇق پەردىلىك كۆزلەرنى چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!!!



ئۆيلەردە يۆگىنىپ نامازلار ئۇقۇپ،

سىرتتىچۇ دىنسىزدەك بولدى قىياپەت.

ئىمكان بار ئەمەلنى قىلالماي تۇرۇپ،

ئۇيالماي تىلەيمىزيەنە مەغپىرەت.

گۇناھتىن پىسقىدىن توسمىغان ناماز،

مەھشەردە بولغۇسى بىزگە نادامەت.!!!!!!!

يۈرىمىز نىيىتىم ئەلادەپ چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز.!!!!!



مىئراج كېچىسى،

رەببىمىز دوستىغاچۈشۈرگەن ناماز،

مۇئمىن ۋە كاپىرنىڭ چېگراسى ئىدى!!!

ئۆرلىگەن بولسا گەردەرگاھى ھەققە،

ناماز -ئۇگۇناھتىن توسقۇچى ئىدى.!

ناماز –ئۇ يالىڭاچ رېداسى ئىدى!.

ناماز ئۇ چاڭگا چاچ رومالى ئىدى!

ناماز-ئۇ مۇئمىننىڭ ھاياسى ئىدى!!!!

بىراقكى ھالىمىز زادى نىم بولدى؟؟؟؟؟؟

گېلىمىز ئاستىغا ئۆتمىگەچ ئىمان،

ناماز-ئۇ رىيانىڭ جاكاسى بولدى!!!!!!

نامازدا ئاللاھقائېسىلغان بىلەن،

نىفاق بار دىللارنى تىترىتەلمىدى.

ھالىمىز يەنىلا شۇپېتى چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!



ياشلىقتا مودا دەپ يۈردۇق يالىڭاچ،

ياشانغان چاغدىمۇيەنە پاخما باش.

ئۈگۈتسىز پەرۋىشسىزقالدى سەبىيلەر،

مەئىشەت قوينىدىن تاپالماي قۇياش.

سۇ كەبىي ئاقماقتائالتۇن ئۆمۈرلەر،

پەسىللەر ئۆتمەكتەسارغىيىپ گۈللەر.

ئۈلۈم بار ھەممىگەدىدۇق ئۇھسىنىپ،

پەقەتلا ئېغىزدالېكىن بۇ سۆزلەر.

غەمسىزمىز نىيەتنى پەش قىلىپ  چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!!



ھەممىنى بىلىمىزئەمەل قىلمايمىز!

گۇناھنى بىلىمىزلېكىن يانمايمىز!!!!

ئامال يوق دەيمىزۇزامانغا ئارتىپ،

دورغىسىزيەردىمۇشۇدۇر ھالىمىز!!!!!!

بالىلار پىرقىرار كارتۇن ئىچىدە،

ئانىلار خىرامان ئۇخلارسەھەردە.

ئاتىلار بەھۇزۇرچېكەر تاماكا،

ھىدايەت نۇرى يوق پوزۇر ئۆيلەردە.

توۋلىدۇق نىيىتىم ئەلا دەپ چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!!



زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز،

غېرىپلىق قاپلىغان دىللارنى چەكسىز.

نىيەتنى پەش قىلىپ  ئالدىنىپ مەڭگۈ،

بىخۇتلۇق ئىلكىدەمۈگدەپ يۈرىمىز.

ئەمەللەر نىيەتكەباغلىقلىقى راست،

ئەمەلسىز نىيەتلەريالغانچىغا خاس!!!!

نىيەتلەر باشلىسانۇرلۇق ئەمەلگە،

ئاندىن بىز نىجاتلىق تاپقان بۇلىمىز!

بىلىمىز ھەممىنى قىلمايمىز چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!!!



خاتىمە!

ئۇخلىما ھەمشىرەم اچقىن كۈزۈڭنى،

ھىدايەت نۇرىدائاقارت روھىڭنى!!!

نىيەتتىن سۆزلىمەغەيرىيدەك يۈرۈپ،

ئۇنتۇپ كەت ئىھ!بۇنداق ئازغۇن سۈزۈڭنى!!!!

بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس گۇمراھلىق ئەيىپ.

سەن ئەمدى ئاللاھقايۈزلەن ھايالسىز.

ئاللاھتىن سىلەرگەتىلەيمەن ئىمان،

مېھرىم بار سىلەرگەيەنىلا چەكسىز.

كەلگىن ئەي ھەمشىرەم بەرگىن قۇلۇڭنى،

سەن ئەمدى تېپىۋال ھەقنىڭ يۇلىنى.

ئازغۇنلار يۇلىدا  يۈرىۋەرمىگىن،

ياپ ئەمدى ياپراقسىزگۈلدەك تۇرقۇڭنى!!!!!!

نىيەتلەر ھەركەتكەئايلانغان چاغدا،

دەرىجەڭ ئۆسكۈسى ئاللاھ ئالدىدا!!

كۈزۈڭ ئاچ ئويغانغىن ۋاقىت يوق چۈنكى،

زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز!!!!!!!!


2013-يىلى 6-ئاي

مەنبە-ئاللاھنىڭ مەدىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-25 12:29 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kukhelal + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1657
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 04:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ! ئاللاھ سىزگە رەھمەتلىرىنى زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم،! ھەر ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن!  سىزنىڭ يەنە بىر نادىر تىمىڭىزنى كۆرگىنىمگە  سىزگە  رەھمەت  ئېتىمەن!  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 05:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدىگەن ئىسىل چىقتى بۇ شىئېر ،رەھمەت سىزگە ،غەپلەتتىن ئويغاتقىنىڭىزغا رەھمەت ،ئاللا رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 05:21:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil01 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 04:38 PM
سىز بۇرۇنقى دىيارىمدىكى ئەزىز ئىمىر يانغىن ئەپەندىم ش ...

مۇشۇ گەپلەرنى دېمىسىڭىزكەن! دىيارىم، سەلكىن، شەبنەم دىگەن توربەتلەر گەرچە ئاددىي بولسىمۇ ئەمما ئەينى ۋاقتىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ مەزمۇت قەدەملىرىنى بىرىنچى بولۇپ تاشلىغان ئىدى. شۇڭىلاشقىمىكىن، بۇ تور بەتلەرگە ئالاھىدە نەزەردە قارايتتىم. ھازىر مۇشۇلارنى ئويلىسام ئۆپكەم ئۆرىلىدۇ.

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 572
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 05:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم،شۇنداق ياخشى شىئېر يوللاپسىزرەخمەت سىزگە

باغراش كاككۇكى!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 2940
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13967
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 899 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 05:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانە ئاخىرنىڭ ئەرلىرى بولغاچ ،
ئاياللار ئەرلەرگە بولماقتا ئوخشاش .
ئەرلەرگە ماس كەلمەس نازىنىن تىللاپ .
ئەل ئارا يۈز تېپىپ ئۈزىنى ماختاش .
ئاللاھىم ياراتقان جۈپ-جۈپى بىلەن ،
بىر ئەركەك ھاياتى ئايالغا يانداش .
خان ئاتالغان ئەرنى تۈزەيلى ئاۋال ،
ئايالمۇ تۈزۈلەر بولغاچقا قانداش .

ئاللاھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دىلىغا ئىمان ، ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن .

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. .باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 06:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مۇسلىمە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان -ھايا ئاتا قىلسۇن .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5529
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 07:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشاللە،بەكلا ياخشى يىزىپسىز.ئوقۇپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىپ كىتىپتۇ؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 08:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بەك ياخشى جانلىق يېزىلىپتۇ...
   ئاللاھ قەلىمىڭىزنىڭ بەركىتىنى بەرسۇن!!! ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن كۆرگىنىمىزدەك داۋام قىلىۋاتىدۇ، بىراق باشقىلار قانداقلا بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىمىزنى چىڭ تۇتساقلا .. مېنىڭچە ئەڭ ياخشى باشلاش ھەم ئۆزگۈرۈش بولارمىكىن دەيمەن!
    بىر كۈنلەردە ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئىمان ھايا، ھىدايەت بەرسۇن!
   بىر ئاللاھدىنلا تىلەيمەن!

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانە ئاخىرنىڭ ئاياللىرى بىز
==========================
زامان ئاخىرى قاچانكەن؟بىلىدىغاندەك قىلسىز سورىۋالسام؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش