ئەركەك دېگەن شۇنداق بولسا
راس ئىشلار خاتىرىسى
مانا بىر دەمدە بىر يىل ۋاقىت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. 3 يىللىق تۇلۇقسىز ھاياتى ئاياغلىشىپ، ھەش-پەش دېگىچە تۇلۇق 1-يىللىقنىمۇ تۈگەتتۇق. مانا ئانا دىيار شىنجاڭدىن ئايرىلغىنىمغىمۇ ساق بىر يىل بولغان ئىدى. بىر يىللىق ئىچكىرىدىكى ئۇقۇش ھاياتىم ئاياغلىشىپ ، بۇ گۈزەل ۋە ئىللىق ئانادىيارىمغا يەنە قەدەم باستىم. ئىچىمدە بىر خۇشال مېنى ھاياجانغا سېلۋاتاتتى. نېمىلا قىلمىسا تەرەققى قىلغان ئىچكىر دېگەن بىلەن يەنىلا ئۆز يۇرتىغا يەتمەيدۇ-دە،مەن شۇ خۇشاللىق بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭماقتىمەن. تۇيۇقسىز مەن 3 ئۇقۇغان ئانا مەكتىپىم نىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ قالدىم. مەكتەپ كۈزۈمگە شۇ قەدەر ئىسسىق ۋە ئىللىق كۈرۈندى.
ئىختىيارسىز كۈزۈمگە ياش كەلدى. مەن ئۈچ يىل ئۇقۇغان مەكتەپ،ھەيۋەتلىك ئۇقۇش بىناسى،سىنىپ، مەكتەپ ئالدىدىكى شۇ ئورمانلىق، مەن ئۈچ يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلار...ھەممىسى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. بىر يىل بۇرۇن ئىمتىھان بەرگەن ۋاقىت،ئايرىلىشتىكى يىغا-زار ھەممىسى خۇددى تۈنۈگۈن بولغان ئىشتەك يادامدا ئىدى، ۋاقىت نېمىدىگەن تېز ئۆتكەن -ھە،مانا بىللە ئۇقۇغان شۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئايرىلغىلىمۇ بىر يىل بوپقالغاندى. ئۇلارنى بەكمۇ سېغىنغانىدىم،ئىچكىرىدە يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇلارنى ئەسلەيتتىم،ئۇلار بىلەن تىزراق كۈرۈشۈشنى ئويلايىتتىم.
مەن ئۇقۇغان بۇ سىنىپتا 30 نەپەر ئۇقۇغۇچى بار بۇلۇپ،بىر-بىرىدىن بەلەن،بىر-بىرىدىن ئەقىللىق،بىر-بىرىدىن ئەخلاقلىق بالىلار بار ئىدى. پەقەت ھېلىقى مەكتەپتىكى كاتىپنىڭ قىزىدىن باشقىلار شۇنچە ئىتقاتلىق ئىدى. ھەممىسى بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇيتتى. ئۇلارغا راسلا چىدىمايتتىم. ئەمدى ھېلىقى كاتىپنىڭ قىزىغا كەلسەك ئۇ شەھەردىن كىرىپ ئۇقۇغاچقا ھەم ئاتا ئانىسى دۆلەت كادىرى بولغاچقا ئۇنداق ئىشلارنى كىچىدىن ئۆگەنمىگەنىدى. قىسقىسى بىلمەيىتتى. شۇڭا سىنىپتىكى ھەممە بالىلار ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلاتتى. لېكىن ئۇ بەكلا چىرايلىق،ئۇماق قابىليەتلىك بولغاچقا ھەممە ئىشتا بار ئىدى.ئىسىمى ئايزۆھرە بۇلۇپ،سىنىپىمىزدىكى پائالىيەتلەرگە ئۇ باش بۇلاتتى. مەيلى ئۇسسۇل،مەيلى ناخشا مەيلى مۇزىكا چېلىش بولسۇن مەھممىگە ئۇستا ئىدى. شۇڭا ئۇ مەكتىپىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. ئۇ بولغاچقا ھەرقانداق پائالىيەتلەردە سىنىپىمىز،مەكتىپىمىز ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىڭ بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بىر ياغلىق چىگىپ،يۇپكا كەيگىنىنى بىلمەيىتتىم.ئىچىمدىن ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدىم.
مېىنىڭ بۇ سىنىپتا ئىنتايىن ياخشى ئۆتىدىغان بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تىجارەتچى بۇلۇپ ،ئىتقادى ئىنتايىن چىڭ ئىدى. شۇڭا دوستۇممۇ ناھايىتى تەقۋا،ئەخلاقلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسىمى مىرزات بۇلۇپ،بويى ئېگىز،ئاقپىشماق شۇنداق كىلىشكەن بالا ئىدى. ھەرقانداق دەرىسكە شۇنچىلىك ئۇستا ئىدىكى،خۇددى بىر ئەۋلىيادەك. شۇڭا ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى. مەن ئۇنىڭدەك بىر دوستۇم بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتىم،ئۈزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلمايىتتىم. ئىككىمىزنىڭ دوسلۇقى شۇنچە چىن شۇنچە چۇڭقۇر ئىدى، بىر-ئىككى كۈن كۆرمىسەك چىدىمايتۇق. شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچ يىلغىچە شۇنچە ياخشى دوسىت بۇلۇپ ئۆتتۇق. لېكىن دوستۇمنىڭ ئايزۆھرە بىلەن قەتتى خۇشى يوق ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ ناماز ئۇقۇيماي،ياغلىق ئارىتماي خەنزۇدە يۇردىغان ئادىتىغا بەكلا ئۆچ ئىدى،بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىپ،قۇلقىغىچە تۇيغان ئىدى. شۇڭا ئادەتتە ئۇنىڭغا گەپ قىلمايىتتى،ئارلاشمايىتتى. خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك ئۆتەتتى.
-- شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچ يىلنى شۇنداق ئۆتكۈزدۇق،ئىچكىرى تۇلۇققا ئىمتىھان بىرىدىغان ۋاقىت قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. ھەممە ساۋاقداشلار كۈچەپ ئۈگۈنۈش قىلۋاتاتتى.ئاخىرى بىز ئۈچ يىلدىن بىرى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن بۇ ۋاقىت يىتىپ كەلدى. بىز خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئىچىدە ئىمتىھانغا قاراپ يول ئالدۇق. دوستۇم ئىككىمىز ئىمتىھاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كىچە خېلى بىر ۋاقىتقىچە ناماز ئۇقۇپ ئاللاھتىن گۇناھلىرىمىزغا تۆۋبە،ئىشلىرىمىزغا ئۇيۇق تىلىدۇق. كىچە ئۆز-ئارا سىرداشتۇق،پاراڭلاشتۇق. قاندق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەپتىمەن، بىر ۋاقىتتا سائەتنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قوپسام تاڭ ئېتىشقا ئاز قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ دوستۇم ئىككىمىز يەنە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئۇقۇپ ئاللاھتىن ئىمتىھاننى ياخشى بىرىشكە مەدەت بىرىشنى تىلىدۇق. ئىمتىھان گەرچە سۈرلۈك بولىسىمۇ،مەندە ئانچە بەك چوڭ قورقىنىش پەيدا قىلمىغانىدى. ھەر بىر ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەپ،سۈرە ئۇقىۋىتىپ،تەمتىرمەي 3 كۈنلۈك ئىمتىھاننى بىرىپ تۈگەتتىم. دوستۇممۇ ھەم شۇنداق قىلدى. ئىمتىھانىنى بىرىپ بۇلۇپ،خۇددى زىممەمدىن بىر تاغنى ئېلۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالغانىدىم. ئەمدى نۇمۇرنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوقتى. ئىمتىھاندىن كېيىن ساۋاقداشلار دىيىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بىرىپ پەتىلەپ،بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ۋە بىرلا قېتىم كىلدىغان ۋاقىتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. شۇنداق قىلىپ دىيىشىپ پەتىلەشتۇق. نۇمۇر چىققۇچە بولغان بىر ھەپتە شۇنچە كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنىدى. ئايزۆھرەمۇ بىز بىلەن بىر ھەپتىنى بىللە ئۆتكۈزدى. دوستۇم مىرزات بولسا نەگە بارسا بالىلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بىرىپ ھەممىمزىنى يىغلىتىپ،كۈلدۈرۈپ، يۈردى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئايزۆھرە بىلەن خېلى يېقىن بۇلۇپ قالدى. ئۇ ئايزۆھرەگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى خېلى ئېرىتكەنىدى. ئايزۆھرە ئاخىرى ياغلىق ئارىتتى. ھەممىمىز ئايزۆھرەدىن ۋە مىززاتتىن مەمنۇن بۇلۇشتۇق. مىرزاتقا قول قويدۇق. مانا بىردەمدە نۇمۇر ۋە نۇمۇر چىكى چىقىپ بولدى. مەن ۋە دوستۇم مىرزات ناھايتى يۇقىرى بىلەن ئىچكىرىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتتۇق. بىزدىن بارلىق ساۋاقداشلار شۇنچە خۇشال بولدى، ئۇقۇتقۇچىمىزنى بىزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىماقتا ئىدى.
مانا بىردەمدە ئىككى ئاي تەتىلمۇ ئاياغلىشىپ بىزنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمىز يېتىپ كەلدى. بىز ئاخىرقى قېتىم جۈمە نامىزىنى بىللە ئۇقۇقچى بۇلۇپ،مىڭىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇنقى جۈمە كۈنى كۈرۈشتۇق. بىرلىكتە جۈمە ئۇقۇپ،قانغۇ-چە ۋىدالاشتۇق. چۈنكى بىز مۇشۇ ئايرىلساق دەل بىر ئايدا كۈرۈشەتتۇق. شۇڭا قانغۇچە ئويناپ،كۆپرەك بىللە بولماقچى بولدۇق. جۈمە ئۇقۇپ بۇلۇپ،تاماق يەۋاتاتتۇق تۇيۇقسىز مىرزاتنىڭ تېلغۇنى جىرىڭلاپ كەتتى. مىرزات جىيلە بۇلۇپ تېلغۇنىغا قارىدى. ئىكراندا ئايزۆھرە دېگەن ئىسىم تۇراتتى. مەن ھەيران قالدىم. ئۇ تەمتىرىمەي تېلغۇننى ئالدى. ۋە ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزاققىچە پاراڭلاشتى. ئۇ تېلغۇنىنى قۇيۇپ،ماڭا قارىدى-ۋە ئايزۆھرە ئۆتەلمەي سەل كۆڭلى يېرىم بوپقاپتۇ شۇڭا تەسەللى بىرىپ قويدۇم دەپ چۈشەندۈرۈش بەردى. مەنمۇ بېشىمنى لېڭشىتىپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز قۇچاچلىشىپ ئايرىلدۇق ۋە نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقتىكى ئىچكىرىگە يۈرۈپ كەتتۇق بۇ جەرياندا ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى ئىزچىل ئۈزۈلمىدى.
مەنبە ئۈزۈم.
ئاخىرى بار................