مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 5

مەۋلانە ئەرشىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10887
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 12:25:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مەۋلانە ئەرشىدىن مىلادىيە 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۇچا ۋە ئەتراپتىكى يۇرتلاردا ئىسلام دىنىنى تارتقاتقان مەشھۇر ئىسلام دىنى ئۆلىماسى. بۇرۇن مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ ئاتىسى ئاقسۇ ئايكۆلدە تۇرغاندا، تۇغلۇق تۆمۈر بىلەن تونۇشقان. شۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈرخان بولغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. مىلادىيە 1346- يىلى تۇغلۇق تۆمۈر چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغاندا مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۈندىشى ئارقىسىدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەمدە خانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى يولغا قويۇپ، 160 مىڭ موڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان. مەۋلانە ئەرشىدىنگە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدىغان شەيخۇلئىسلاملىق ئىمتىيازى بېرىلگەن. مەۋلانە ئەرشىدىنگە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالىدىغان شەيخۇلئىسلاملىق ئىمتىيازى بېرىلگەن. مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ چاغاتاي خانلىقىدىكى ئورنى موڭغۇل خانىنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان بولۇپ، خانبنىڭ تۇغقانلىرىدىن پەرقسىز ئۆتكەن.
ئىسلام دىنىنى كۇچاغا تارقىتىش ئۈچۈن، مەۋلانە ئەرشىدىن ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، دىن تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلغان دىنىي تەشكىلات قۇرۇلغان بولۇپ، دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىپ، سوپى مۇرىتلىرىنى كۆپەيتىش ئىدى. دىنىي تەشكىلاتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن نۇرغۇن شەيخ، موللىلار بار ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇ دىنىي تەشكىلاتنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش خىراجىتى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل، قوي - كالىلارنى بۇيرۇپ بەرگەن، ئەسكەر ئەۋەتىپ دىن تارقاتقاچىلارنى مۇھاپىزەت قىلغان. مەۋلانە ئەرشىدىن كۇچانى مەركەز قىلىپ، ئاقسۇ، شايار، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا دىن تارقىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەن.
كۇچادا ئۇ ئەڭ ئالىي قازى (سوتچى) بولغان، ئۇرۇق - ئەۋلادى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. نۇرغۇن ياغاچ - تاش ئىشلىتىپ، مەسچىت، مەدرىسە سالدۇرغان. دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملارنى، قازىلارنى سەپلەپ كىلاسسىك دىنىي كىتابلارنى ۋە سوپىزىمنىڭ كىتابلىرىنى تارقاتقان. ئۇنىڭ تەسىرى شەرقتە تۇرپانغىچە، غەربتە قەشقەر، خوتەنگىچە بولغان جايلارغا يېتىپ بېرىپ كۇچا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان مەركەزگە ئايلانغان. مۇسۇلمانلار ئۇنى «ئەۋلىيا» دەپ ھۆرمەتلىگەن. 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋلانە ئەرشىدىن كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. مۇسۇلمانلار مال - مۈلۈك ئىئانە قىلىپ، ئۈچ ساينىڭ شەرىقى تەرىپىدە ئۇنىڭغا ئاتاپ قەبرە قوپۇرۇپ، نەزىر قىلغان. «مەۋلانە ئەرشىدىن مەقبەرىسى»نىڭ يېنىغا مەسجىت سالغان، مەسچىت ھازىرمۇ ئۆز سەلتەنىتىنى يوقاتمىغان بولۇپ، كۇچادىكى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسارە ئەتىقە قاتارىدا ساياھەتچى ۋە تاۋاپچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.

(مەۋلانە ئەرشىدىن مەقبەرىسى ھازىر كۇچار يېڭىشەھەر مازار باغ كەنتىدە).








ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:43:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشقا ئازراق خاتا يول ئارلىشىپ قېلىپ دەردىنى تارتتۇق دە!
ئاللاھ مەغفىرەت،ھىدايەتنى ھەمدەم قىلسۇن.ئامىين!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 02:50:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ok.jpg



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 06:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
160مىڭ موڭغۇل ........ھازىر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ قالمىغاندۇ ھەقىچان .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 01:20:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەسچىتتە بىز جۈمە نامىزى ئۇقۇيمىز ، ھەم مەۋلانەم  دەپ ئاتايمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   banker625 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-27 01:20 AM  


ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 04:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەقبەرە ۋەيرانچىلىقتا قاپتۇ . غۇرۇر نەگە كەتكەنسەن ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش