ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال
تۈنۈگۈن 23:38 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (5.74 KB)
خىلۋەت ئورمان ، سىرلىق قەسىردە ،
تاتلىق ئۇخلار بىر ساھىبجامال .
كىملەر يۈرەر چۈشىدە ئۇنىڭ ؟
كىملەر قىلغان قەلبىنى قامال ؟
ئۇنىڭ قەلبى تىپتىنچ بىر كۆل ،
دولقۇن ياساپ ئوينار شوخ شامال .
لىكىن قىزچاق بىخەۋەر ئۇندىن ،
ئويغىتىشقا يوقمىدۇر ئامال ؟
چېكىپ باققان تالاي جەسۇرلار ،
ئول گۈزەلنىڭ قەلب قەسرىنى .
ھېچ چىقمىغاچ قەسردىن جاۋاب ،
تارتىۋالغان ئاستـــا قولىنى .
كەتكىنى يوق مەڭگۈ ئۇيقۇغا ،
ئۇنىڭدىمۇ بار ھېسلىق يۈرەك .
ئىرادىسى مۇستەھكەم ئۇنىڭ :
"ھەممە ئىشقا ئۆز پەيتى كېرەك!"
سىرى شۇدۇر تىنچ ئۇيقۇنىڭ ،
ئالدىرىســا يولۇقــار خەتەر .
بوپ قالغۇسى يوق ئۇنىڭ ئەسلا ،
بەرگ تۆككەن غۇنچىدىن بەتتەر .
ھامان بىر كۈن يېشىلەر ئۇيقۇ ،
كۈتۈپ ئالار يېپيىڭى ھايات .
شېرىن بىر ھېس سەگىتىپ ئۇنى ،
مەنزىل ئۈچۈن بولىدۇ قانات .
16 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (10.5 KB)
مەنبە : ئۇيغۇرئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0999uyghurkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-25 12:26 AM