شەنبە ۋە قۇرغاقچىلىق
ھېچنەرسىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ناتايىن، سۆزلەر كۆزلەرگە تۇتقۇن، قاتتىق ئىسسق بولغان بىر كۈنى ئۇزۇن چاچلىرى كۆزلىرىنى ئېتىۋالغان، پادىچىلار شىمى كەيگەن 22،23 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم، قاراقاش ناھىيە تاناي بېشى ئەتراپىدىكى كونا كەپىدە ئولتۇرۇپ يانلىرى قىرقىلغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر خاتىرىگە مۇنۇ سۆزلەرنى يازدى:
بۈگۈن ناھايىتى ئىسسق، ھەم ناھايىتى ئۇزۇن بىر كۈن بولدى، بۈگۈن كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ياكى ھەسرەت-نادامەتكە تولغان ھېچقانداق ئىش يۈز بەردى، خۇددى بۇندىن بۇرۇنقى سانسىز شەنبىلەرگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ يەنە ئاشۇنداق مەنسىز، جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى. مەن چەكسىز ۋاقىت دوزىخىغا مىخلانغىنىمچە كەچ بۇلۇشىنى كۈتتۈم.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا ، خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمى 234- ياتاقتىكى ھۇشۇر ئەمەت تۈنۈگۈن قىلىنغان ئوپراتسىيەنىڭ تەسىرىدە تا-ھازىرغىچە ھۇشسىز ياتماقتا...
- ھېنىپىخان تېخى دۇكىنىنى ئاچماپتۇ-، دېدى- لاسكۇي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق
بۇ ئاسىيەم.
مەن جىنسىي ئاجىزلىق بىلەن ساپما كەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بېرىلىپ خىيال قىلىۋاتقاندا، جىيەنىم:
ـ تراپىسيە دېگەن نېمە گەپ ئاكا دەپ-، سوراپ قالدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، تراپىسىيەنىڭ نېمىلىكىنى بىلسەممۇ بىراق ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىنى ئويلىمايلا:
- ئىشقىلىپ ئۇ ياخشى ئادەم ئەمەس، ئۇ بىر ھايۋاندىن بەتەر ھايۋان!
- ئۇنداقتا ئۇ ئادەمكەن-،دە!
- -ياق.
- ئەمىسە ھايۋانكەن-،دە!
- ئۇنداقمۇ ئەمەس.
- ئەمىسە ئۇ نېمە؟
نېمىشقىدۇر ‹ھېچنېمە› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكۈم كەلمىدى، چۈنكى باشقىلار بۇ سۆزنى ئىشلىتىۋېرىپ ئادەم ئىشلىتىشكىمۇ نۇمۇس قىلغۇدەك دەرىجىگە ئاپىرىپ قويدى. مەن تىلىمىزدىكى ئىشلىتىش چاستوتىسى يۇقىرى سۆزلەرگە بەكلا ئۆچ!
- ئۇ كىمۇ؟
قاراقاش ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلھەمىد ياسىن مۇئەللىم يېنىمدا مەن بىلەن ياندىشىپ كېتىۋاتقان بىر قىزنى كۆرۈپ شۇنداق سورىدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، چۈنكى مەن تۇغۇلۇپ – تا ھازىرغىچە بىرەر كىمنىڭ كىملىكىگە ئىزاھات بېرىپ باقمىغان ئىدىم، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمدىن ‹ ئۇ كىم › دەپ سورىشى نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! شۇنىڭ بىلەن ئويلىمايلا:
- ئۇ ئوڭ يېنىمدىكى! مەن ئۇنى ھېس قىلىۋاتىمەن.... دېدىم.
شېئىرنىڭ چوڭقۇرلىقى، مەۋجۇتلۇق، نۆلگە تەڭ بۇلۇش، نېتزىنىڭ ئۆلۈمى، چىرايلىق ئايال بىمارنىڭ گۈزەللىكىدىن مەسىتخۇش بۇلۇپ ھۇشىنى يوقاتقان ئەر دوختۇر، پاھىشە، پاھشىنى ئالسا ساۋاب بولىدۇ دەپ پاھىشىنى ئالغان ئاغىينەم، كوچىدىكى چىرايلىق ئايال، كەينىگە كىرىۋېلىش، قارىماي كەتكەندىن كېينكى قيماي قاراپ تۇرۇش قىزغىنلىقى، ھاراقكەش، بىزنىڭ مەلىدىكى ھاراقكەشنىڭ ماڭا ئامراق چىرايلىق خوتۇنى... قەزىر بېرىش، ئايدا ئالىدىغان 3000 سوم، ئاھ، خۇدا! ئادەم بولساڭ ھەرگىز قىزلارغا پۇل بېرىپ تۇرما!
دادام تاماكىنى بەكلا كۆپ چىكىۋالىدىغان بولىۋالدى، ھەر قېتىم تاماكىنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق قاتتىق يۆتىلىپ كېتىدۇكى، يۆتەل دەستىدىن دادامنىڭ كۆزلىرى ئېتىلىپ چىقىپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ كېتىمەن. شۇڭا دادامنىڭ سالامەتلىكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى ئەڭ مۇھىمى دادامنىڭ بۇ دۇنيادىكى خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەر ئايلىق مائاشىمدىن زىخ-زىخ چىقىرىپ ئاتايىن يەكەن، مەكىتتىن ئېسىل ‹مەي›لەرنى سېتىۋېلىپ دادامغا ئەكىرىپ بېىرىدىغان بولدۇم.
دۇنيادىكى ئەڭ ئازاپلىق بىراق مەن ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان بىردىنبىر كۆڭۈللۈك ئىش:
ھاراق ئېچىشنى ئۆگىنىش.
دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن مەن مەڭگۈ قىلالمايدىغان ئىش:
تاماكا چېكىش.
دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىش:
چىرايلىق خوتۇن ئېلىش.
ھېچنەرسىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ناتايىن، سۆزلەر كۆزلەرگە تۇتقۇن، قاتتىق ئىسسق بولغان بىر كۈنى ئۇزۇن چاچلىرى كۆزلىرىنى ئېتىۋالغان، پادىچىلار شىمى كەيگەن 22،23 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم، قاراقاش ناھىيە تاناي بېشى ئەتراپىدىكى كونا كەپىدە ئولتۇرۇپ يانلىرى قىرقىلغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىر خاتىرىگە مۇنۇ سۆزلەرنى يازدى:
ئازابلىرىم ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىنەر دەپ بۈگۈن بىر كۈن ئۆيدىن تالاغا چىقمىدىم....
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، لوس ئانجىلىس
مەنبە: ئۆزۈم