|
|
|
|
ئۇيغۇر قىزى
گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ھۆر پەرى سەن،
ھۆسنىڭ شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى.
تۇلۇن ئايمۇ ئالدىڭدا بۇلار خىجىل،
ئايدىن شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزى.
ئۆزى ئىشچان ئەجەپ ئەپلىك قوللىرى،
ھەمما ئىشتا تىرىشچان ئۇيغۇر قىزى.
زەپ يېقىملىق بۇلبۇل كەبى ئاۋازى،
شەرمىي ھايا ئەلچىسى ئۇيغۇر قىزى.
زەپ يارشقان بەستىگە شۇ ئەتلىسى،
ئەتلەش بىلەن جۇلالىق ئۇيغۇر قىزى.
بوستان كەبى قىرىق ئۆرۈم چاچلىرى،
چېھرى نۇرلۇق قارا كۆز ئۇيغۇر قىزى.
دوستۇمغا
دوستۇم دەپ يۈرەتتىم ئەسلىدە سېنى،
باغلىغان ئىدىم مەن ساڭا ئەقىدە.
كىچەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا جېنىمدىن.
ئەمما سەن ئۈمۈدنى قويدۇڭغۇ يەردە.
دوسلۇق بوپ قالدى پەقەت ئەسلىمە،
يۈز ئۆرۈپ مېنىڭدىن كەتتىڭ يىراققا.
خاتالىق ئۆتكەندۇ مېنىڭدىن بەلكىم،
ئەمما سەن ئۈمۈدنى قويدۇڭغۇ يەردە.
تاپقاچ سەن مېنىڭدىن ياخشا بىرسېنى،
يۇشۇردۇڭ سېرىڭنى ئالدىدىڭ مېنى.
ۋېجدانىڭ يوقمۇ يا قانداق ئەركەكسەن.
دوسلۇق دەپ بەرگەن شۇ قەسىمىڭ قېنى.
ئاڭلىغىن ۋىجدانسىز ئالدامچى دوستۇم،
يالۋۇرۇپ ئالدىڭغا بارمايمەن ھەرگىز.
خىلاپلىق قىلمىدىم ۋىجدانىمغا مەن،
بىلىپ قوي يەنىلا ياشايمەن سەنسىز.
ساڭا مەن ياخشىلىق قىلاي دەپ ئاخىر،
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم جازانى.
ئالدىڭدا داققالچى بۇلۇپ قالدىم مەن،
ماختاشنىڭ ئورنىغا ئالدىم ئاھانى.
ئۆزۈڭنىڭ قىلغىنى يانار ئۆزۈڭگە،
پۇشايمان قىلمىغىن ئاخىرى دوستۇم.
پەخەس بول ھەرۋاقىت دۈشمەن قەستىدىن،
بەخىت تىلەپ ساڭا مەكتۇم تۇتتۇم.
ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن ئىجادىيىتى
2013-5-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 10:39 PM
|
|
|
|
|
|