(1)
باشقىلار دەپتۇمىش بىزنى ،ئۇيغۇردائىتىپاقلىق يوق،
يازمىلار يوللاندى رەت-رەت، ئۇقمىدىم رولى بارمۇ يوق،
تىللىما ھاۋشىسا ئىتلار ،تەپەككۇر ئەيلە قېرىنداش،
تۇرۇقلۇق بىر ئىمان بىر تىل ،نىمىشقا ئورتاق دىل يوق.
(2)
يولۋاسقا ئوخشاش ھۆركىرەپ،يولۋاس بۇلالماس ئىت دىگەن،
ئاسمان پەلەكلەر ئوچسىمۇ،يەرگە چۈشەر بۈركۈت دىگەن،
چوڭ ئەمەللەرنى تۇتۇپ ،كاللاڭ ئىلىملەرگە توشسىمۇ،
ئېغىزدا بولسۇن ئانا تىل ،يۈرەكتە تۇرسۇن يۇرت دىگەن.
(3)
گەپ تاپىسەن گەپلىرىڭ، ھەر يان تارايدۇ شۇھامان ،
گەپكە گەپلەر قېتىلىپ،تۇتماس ئەزەلدىن بىر ماكان ،
ھەتتا ھەر بىر تىنىقنىڭ سورىقى بار بىر كۈنى،
ئەجەل يەتمەي توۋا قىل ،پىتنىخورلۇق بەك يامان.
(4)
قىزلار دەيدۇ يىگتلەرنى بىۋاپا ،
يىگىتلەرمۇ دەيدۇ قىزنى يوق ھايا ،
كىمنىڭ كىمدە ئاغرىنىشقا ھەققى بار؟
ئىنسابىغا قىلماي تۇرۇپ بىر دۇئا.
(5)
ھاياتلىق ئىنساننىڭ سىناق مەيدانى ،
بار يەنە مەيداننىڭ تۈزۈم قانونى،
ھەق يولدا ماڭغانغا بار مۇكاپاتلار،
ناھەق يول ئاخىرى جازا رايونى.
(6)
كاچاتلاپ ئۇر ئېغىزىمغا ،غەيۋەت پاراڭلارنى باشلىسام،
پىچەتلەپ توست يوللېرىمنى ،يامان قەدەملەرنى تاشلىسام،
ئېتىمىز ئۇيغۇر تۇرۇقلۇق ،قۇمدەك چېچىلدۇق نە ئۈچۈن ؟
چۈنكى سەن خۇش كۈلىۋەردىڭ،مەن كۆزلېرىمنى ياشلىسام.
(7)
قارا دەيسەن باشقىنى ،ئۆزۈڭ ئاقمۇ شۇنچىلىك؟
چوڭ گەپ قىلىپ ئۇيالماي بىلىمىڭ يوق قىلچىلىك،
ماختىنىسەن لاپ ئىتىپ ،ياراتمايسەن ئۆزگىنى ،
پاقا ياتسا قۇدۇقتا ،دەرمىش ئاسمان مۇشتچىلىك.
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MR-omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 09:41 PM