قەدىرلىك دىلكىشىم،غۇبارسىز ئاق كۆڭۈللۈك ھەم تۈنجى قاردەك كىرسىز پاك ئىتىقادىڭ بىلەن سەمىمى نىيەت زەرلىرى چاقنىغان نۇرانە قەلبىڭ بىتىگە بارلىق ئارزۇ -ئۈمىد،ئىشەنچىم تىزىلغان ئىدى،رەھىمسىز رىئاللىق دەرىت-ئەلەم ئۇنى قامغاقتەك ئۇچۇرۇپ كەتتى.مۇشۇ زىمىندا غايەم بەربات بولدى،كۆزلىرىمدىن شاتلىق نۇرلىرى ئۆچتى.چىرايىمدىن خۇشال كۈلكىلەر يوقالدى.ئىنسانلار دائىم ياشلىق دەۋرىدىكى يىقىملىق مەنزىرلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ،ياشلىق باھارىنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئەپسۇسلانماي قالمايدۇ.بەلكىم مەن مەلۇم ياشقا بارغاندا ياشلىق دەۋرىمنى باشقىلارغا ئوخشاش بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ئەمەس،ئىچىنىش تۇيغۇسى بىلەن ياشلىق دەۋرىم -ئەڭ ئازاپلىق دەۋرىم ئىدى دەپ ئويلىشىم مۈمكىن.چۈنكى ھازىر ئۈنسىز دەرىت-ئەلەم يۈرۈگۈمنى قاماللاپ،مىنى خۇددى بوران-چاپقۇندا لەيلەپ يۈرگەن بىر تال پەيگە ئوخشاش ھەريان تاشلىماقتا.......
بىر رىتىمدا كەتتىم ئەجەپ قىينىلىپ،
ئوتلۇق تىنىق ئازاپ بىلەن چىقىلدى.
نىسىپ بولغان ئاقىۋەتكە ئامال يوق،
ئاھ! سۆيگىنىم قارا يەرگە يىقىلدى.
تاۋۇتۇڭ كەينىدىن ماڭىمەن غەمكىن،
ئاھ!قەددىم پۈكۈلگەن ئىغىر ماتەمدە.
قەيەردە،كىملەردىن تاپىمەن تەسكىن،
يۈرىكىم مۇجۇلدى مۇسىبەت،غەمدە.
قانمىغان ئىدۇققۇ تىخى مۇڭدىشىپ،
كۈلەلمىگەن ئىدىڭ تىخى يىتەرلىك،
ئىشەن جىنىم مەڭگۈ يالغۇز ئەمەسسەن،
تۇتتۇم ساڭا ئەقىدەمدىن كىپەنلىك.
ماڭىمەن سۈكۈتتە قەلبىمدە پىغان،
يۈرەكنى قاماللاپ مورلىدى ھېجىران.
ھاياتلىق سەھنەمدە بولغانتىڭ ئۇستاز،
گۇلىستان بىغىمدا مەڭگۈ نەۋقىران.
كۈلەلمىدىم ئالداشقىمۇ ئۆزۈمنى،
دەھشەت ئىكەن تىرىكلىكتە ئايرىلىش.
كۆز ئالدىمدا كۆزۇڭ يۇمغان دەقىقە،
جۇدالىققا بولدى تالاي باشلىنىش......
مانا ئەمدى تۇيۇقسىزلا بارسا-كەلمەس سەپەرگە ئاتلاندىڭ. ئۇلۇغ ئاللا ياتقان يىرىڭنى جەننەتتە قىلغاي!مەن ئەمدى ھېجىران دەشتىدە شاتلىق ھىسلىرىمنى كىپەنلەپ ،تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك بورانلىرىغا يالغۇز تاقابىل تۇرۇشۇمغا توغىرا كەلدى.....سەن بىلەن ئۆتكەن تاتلىق خاتىرلەر،ۋاپاتىڭنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرى تەسۋى ئۇرۇقىدەك بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدا تىزىلىپ تۇرىۋىلىپ،تالاي كۈنلەرنى ھەسىرەت-نادامەت ئىچىدەئۆتكۈزمەكتىمەن....مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ تۇرمۇشنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىنى ئۆزۈم يالغۇز قانداق ئۇزىتاي؟ ياق!!مەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كىرەك! ياشلىقنىڭ شۇ شىرىن دەملىرى ھەم ئاچچىق قىسمەتلىرىنىمۇ تۇرمۇشنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە قەلبىمگە مەڭگۈلۈك دەپنە قىلىۋىتىپ،ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشىم كىرەك!! ئىنسان ئۈچۈن ئېيىتقاندا غايە بولسىمۇ بولىدىغان،بولمىسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇمى ئەمەس بەلكى-ئۇنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.غايىسى بولمىغان كىشى-نىشاندىن ئاسانلا ئادىشىپ قالىدۇ.مەن تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك بورانلىرىدا توزغاقتەك توزۇپ كەتمەسلىگىم كىرەك!غايەم مىنى ھەرۋاقىت قەيسەر بولۇشقا ئۈندە!!
مەنبە قەلىمىم.