ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇر تور ئەھلى كەمىنىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام!
ئەسكەرتىش: ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازغايسىز.
ئۆزۈم نادان بىر چالا ساۋات بولساممۇ ھازىر بىز جەمىيەتتىلا ئەمەس، مۇشۇ تور دۇنياسىدىمۇ دۇچ كېلىۋاتقان ئەمەلىي رېئاللىقلارغا قاراپ، سۈكۈت قىلىپ تۇرغان بولساممۇ ۋىجدانىم غودۇراپ زادى ئارام بەرمىدى، شۇڭا مۇشۇ پەلپەتىش، داڭقان پۇتى ئىبارىلىرىم بىلەن ئازراق سۆز تىزمىسى يېزىشنى قارار قىلدىم، دېمەكچى بولغىنىم سىلەرگە ياقامدۇ، ياقمامدۇ بۇنى بىلمىدىم،
ئەمدى ئاسىي مەقسەدنى باشلاپ كەتسەك: جەمىيەتنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، مۇشۇ ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ئەخلاقسىز تالاش-تارتىشسىز مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدىغان ئىلمىي تېمىلارنى ئىزدەپ تېپىش بەسى مۈشكۈل، ھەر كاللىدا ھەر خىيال دەپ، ھەربىر ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، دۇنيا قارشى، ياقتۇرۇشى ئوخشىمىغان بولغاچقا، بىر ئادەم يازغاننى بىر ئادەم ياراتمايدىغان، ئوچۇقتىن ئوچۇق سەت گەپلەر بىلەن بىر-بىرىنى تىللايدىغان، شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەر-ھەر ياخشى تېمىلارمۇ ئىنكاس قۇربانى بولۇپ ئۆچۈرۈلىدىغان، ياكى تاقىلىدىغان، ھەر-ھەر ئېسىل ئىسىملىق تورداشلىرىمىز تونۇشماي تۇرۇپلا دۈشمەن بولۇپ كېتىدىغان ئىشلار كۈنسىرى ئاۋۇماقتا. بۇ خىل ئەھۋال پەقەت مىسرانىمدىلا بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقى دۇچ كېلىۋاتقان بىر كىرزىس بولۇپ قالماقتا.
نېمە ئۈچۈن ئىختىلاپ كۈنسىرى كۆپىيىدۇ؟ نېمىشقا بىر-بىرىمىزگە يول قويمايمىز؟ بىزنىڭ ئۆز ئارا تالاش-تارتىش قىلىشتىن باشقا ئىشىمىز يوقمۇ؟ توردىكى ئىسلامچىلار بىلەن پەن-مائارىپچىلار زادى چىقىشالمامدۇ؟ زادى بىر پىكىرگە كېلەلمەدۇ؟...............................................
ئەمدى مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويسام: بىز چىقىشالمايمىز ئەمەس ،چىقىشالايمىز، تېخى قېرىنداش بولالايمىز، ئىشەنمەمسىز ؟ قاراڭ ھە!، بىر مىسال:بىرەر ئۇيغۇرنىڭ مەملىكەتلىك ياكى خەلقئارالىق ساھەلەردە بىرەر نەتىجە ياراتقىنى مەلۇم بولسا ئۇنىڭغا مەيلى ئالىي مەلۇماتلىقلار بولسۇن ۋە ياكى نادان دېھقانلار ياكى موللا-تالىپلار بولسۇن ھەممەيلەن بىردەك ياخشى تىلەكلىرىنى تىلەيدۇ، دېمەك ھېچكىم ئۆز خەلقىم خار بولسۇن، خەلقىمگە يامان بولسۇن دېمەيدۇ،
دېمەك يۈرەكتىكى ئارمان بىر ، مەسلە پەقەت قەلىبتە يالقۇنجاۋاتقان ئاشۇ ئارماننى قانداق روياپقا چىقىرىش، قايسى جەھەتلەردىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلەش دېگەنلەردە بىرلىككە كېلەلمەسلىكتە. ئەمما شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى: جەمىيەتتە ھەپتىيەكنىڭ بېشىنى، قۇرئاننىڭ تېشىنى ئوقۇپلا يوغان سەللە، ئۇزۇن چاپان كىيىپ ئۆزىنى موللا كۆرسىتىپ جان بېقىش يولغا كىرىۋالغان دىنىي مۇناپىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقىنىدەك، ھەرخىل ئارقا ئىشلار بىلەن دىپلومغا ئېرىشىپ، يەنە شۇ كۆنگەن خۇيى بىلەن خىزمەتكە ئېرىشكەن، ئۆزىنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن خەلق ۋە ھۆكۈمەتنى ئالداپ ، ئالدى بىلەن ئۆزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى ئېلىپ، خەلق بىلەن ھۆكىمەت، ئاددىي خەلق بىلەن زىيالىيلار ئوتتۇرسىغا نىزا-ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتقان سامان قورساق باشلىقلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، دىپلومى بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىملىك بولمىغىنىدەك، سەللىسى، ھىجابى بولغانلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەس، شۇنى ئوچۇق ئېيتىشقا بولۇدۇكى: كوچىلاردايۈزىنى يېپىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار، ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ قىلىقسىز ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلەر ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان ئەمەس، ئۇلار پەقەت مۇسۇلمانلار نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ مۇسۇلمانلار ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە، يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىسى يېمەي ئىچمەي يىغىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتكەن بەدىنى ئېچىلغان بىلەن ئىديىسى ئېچىلمىغان نائەھلىلەر بولمىغۇر قىلىقلىرى بىلەن ئوقۇغانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە، ئەگەر مۇسۇلمانلار بىلىمگە قىززىقمايدىغان، ئۆگىنىشكە ئىنتىلمەيدىغان بولسا، كەسپىي، مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ ھەرقايسى كۇرۇسلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىۋاتقان مۇسۇلمان قىز-يىگىتلەرنى ئۇچراتقىلى بولماس ئىدى، سودا-سانائەتكە قىززىقمايدىغان بولسا بازارلاردىن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنى، شىركەتلەردىن مۇسۇلمان كارخانىچىلارنى ئۇچراتقىلى بولماس ئىدى، ئەگەر پەن-مائارىپ ئىسلامغا قارشى دېيىلسە مەكتەپلەردىن ، ياكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئىسلامغا كىرگەنلەرنى ئۇچراتقىلى بولماس ئىدى، مۇنداق بىر ئەمەلىيەت: شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان مەن تونۇيدىغان بىر قانچە قىزلار بار ئىدى، بىرسىنىڭ ئائىلىسى مائارىپچى، يەنە بىرىنىڭ دادىسى كەنىت كادىرى، يەنە بىرىنىڭ دادىسى بىر ئىدارىنىڭ پىنسىيونىرى ئىدى، ئۇلار بىلەن مەن كىچىكىمدىن تونۇش، ئۇلار تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلىك ئىسلامغا يېقىنمۇ كەپ باقمىغان، ئالىي مەكتەپكە كېتىپ بىرەر يىل بولغاندا كىيىملىرى قىسقىرىماستىن ئۇزۇنراپ كەلدى، ئىككى-ئۈچ يىل بولغاندا ھىجابلىنىپ كەلدى، كېيىن بىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئېيتىشىچە ئۇلار ئىلگىرى بىر-بىرىنى ئىزدەشمەيدىكەن، قۇرئاندا ئېيتىلغىنىدەك ئۇلار قېرىنداشقا ئايلىنىپتۇ، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى يىغىلىشتا ئۇچراشقاندىن كېيىن خۇددى ئايرىلغانغا ئۇزاق بولغان ئاچا-سىڭىللاردەك ئېسىلىشىپ يىغلىشىپ كېتىپتۇ، قاراڭ ئالىي مەكتەپتىمۇ ئىسلام ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھىجابلىنىپتۇ، بۇلا ئەمەس مەن سۆھبەتلەشكەن ئاشۇ قىز مەكتەپتىن ياغلىقنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرىغاندا ، ھىجابىنى قوغداش ئۈچۈن بېشىنى چۈشۈرۈپتۇ، ياغلىقنى ئال دېسە بېشىمدا چاچ يوق، خىجىل بولىمەن دەپتۇ، كېيىن ئاشۇ قىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەمشىرىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتقان بىر بالا بىلەن توي قىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى، دېمەك دىن مائارىپنى، مائارىپ دىننى ھەرگىزمۇ چەكلىمەيدۇ، ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىۋاتقىنى قانداقتۇر مائارىپ ياكى دىندىن كېلىۋاتقان تەھدىت ئەمەس، خەلقنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا بېرىلىشى، بۇزۇقچىلىقنىڭ، پىتنە-پاساتنىڭ كۆپىيىشى قانداقتۇر يوقىلىشقا، خارابلىشىشكە، يىمىرلىشكە يۈز تۇتقىنى بولماستىن، بەلكى بۇ كونىچىللىقتىن، يېڭىلىققا ئۆتۈش باسقۇچىدىكى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل، مەسلەن: 90-يللاردىكى تۈركىيە فىلىملىرىدا تۈركىيە جەمىيىتىدىكى نامراتلىق، بۇزۇقچىلىق ۋە جىنايى قىلمىشلار ئېچىپ بېرىلگەن بولسا، ھازىرقى فىلىملىرىدە بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىلغارلىق نامايەن بولماقتا، بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزغۇ تۈركىيىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ كۈنلەرمۇ چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىزگە چىقىش يولى قالمىدى ئەمەس، يەنىلا بار، مەسلە بۇ يولنى قانداق بايقاشتا، قانداق مېڭىشتا. قالغىنى كېيىن ئوتتۇرغا چىقىپمۇ قالار ، مەن ھازىر بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز توغرىسىدىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئەقەللىي دەپ قارىغان مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قوياي، مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بىزدە تەرەپۋازلىق بەك ئېغىر، كۆپۈنچە ھالەتتە مۇشۇ تەرەپۋازلىقىمىز تۈپەيلى ئاسانلا قىزىرىشىپ قالىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: بىر قىسىم كىشىلەر مەكتەپلەردىلا ئوقۇپ دىننى چۈشىنىپ باقمىغان، قارا بولسىلا دىندىن كۆرىدىغان، دىننى پەقەت سوپى -ئىشانلارنىڭ ساما سېلىشى، باخشى-دۇئاخانلارنىڭ قارىسىغا جۆيلۈپ، سۈف-كۆچ دېيىشى دەپ قارايدىغانلار، يەنە بەزى كىشىلەر دىننىمۇ ھەم پەننىمۇ چۈشەنمىگەن، قارىماققا قايسى تەرەپنىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنسىلا قارىغۇلارچە شۇ تەرەپكە ئاغىدىغانلار، يەنە بەزىلەر پەننى چۈشەنمىگەن، لېكىن بۇلارنى دىننى چۈشەندى دېگىلىمۇ بولمايدۇ، بۇلاردا مۇتەئەسسىپلىك(تەرەپۋازلىق) ئېغىر، بۇلار كۆپىنچىسى بىر بولسا ئىسلامنى باشقىلاردىن ئاڭلاپلا قۇلاق موللىسى بولۇپ قالغان ياكى ئەمدى تېخى قۇرئان ساۋادى چىقىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىغانلار، ياكى يېشى كىچىكلەر، يەنە بىرى دىننى ھەقىقىي چۈشەنگەنلەر، بۇلار پەننىمۇ چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تەرەپۋازلىقمۇ قىلمايدۇ، بىر ئىشقا ئالدىراپلا يەڭگىللىك بىلەن يەكۈن چىقىرۋەتمەيدۇ، بۇلار ئەڭ ئىلغار تىپ بولۇپ چۆرىسىگە مەيلى قايسى ساھەدىن بولسۇن ئىقتىدارلىقلارنى توپلاشقا تىرىشىدۇ، لېكىن بۇلار بىزدە بەك كەمچىل، ئەگەر مۇشۇ تىپلار كۆپەيسە بىزنىڭ يولىمىز پارلاق بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقىسى بەكمۇ قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، بۇلاردا خامېلئون روھى بولىدۇ، ئۇزۇن چاپان كەيسە موللا، دوپپا كەيسە ئۇيغۇر، ئىشقىلىپ ھەممىگە ئايلىنىپ مىللەت ئىچىگە نىزا-ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ، بۇنىسى ھەممىگە ئايان، مۇشۇلار قاچان ئازايسا بىزگە تىنىچلىق، ئاسايىشلىق بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىردا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى: قېرىنداشلار بىز ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ئۇيغۇر بولۇشقا تىرىشايلى!
بىر-بىرىمىزنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى، ناخشىچىلار ئەسلىنى ئۇنۇتمىغان ھالەتتە ناخشىسىنى ئېيتىۋەرسۇن، ئۇسۇلچىلار كىيىمىنى سېلىۋەتمىگەن ھالەتتە ئۇسۇلىنى ئويناۋەرسۇن، ئوقۇغۇچىلار مىللەتكە پايدىلىقلا بولسىلا بىلىم ئالسۇن، سودىگەرلەر ئىمانى، ۋىژدانىدىن ئايرىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا سودىسىنى قىلىپ ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرسۇن، تېخى توغرا يول بىلەن سودا قىلىپ مال-دۇنيا توپلاش پەرىز، خەلقى ئۈچۈن شىركەت، كارخانىلارنى ئاچقانلار قەھىرمان. دېھقانلار، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەرمۇ بىلىمگە ئىنتىلىش بىلەن بىرگە يەرنى، ھۈنەرنى، يايلاقنى تاشلىمىسۇن، يەرنىڭ تاشلانغىنى ئاشنىڭ تاشلانغىنى، يايلاقنىڭ تاشلانغىنى گۆشنىڭ تاشلانغىنى، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ تاشلانغىنى مەدەنىيەت، مىللىي خاسلىقنىڭ تاشلانغىنى، بولسا تەتقىقاتچى، ئالىملىرىمىز كۆپلەپ چىقسۇن، ئۇلارنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى، <<ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى>> دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار. ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىدارلىق دىنىي خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىمۇ بىزگە تولىمۇ زۆرۈر، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىدىن باشلاپ، دىنىي ئالىمغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق، تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئالىملار كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتتىن ئۈزۈپ قويغان سوپى-ئىشانلار ھۆكۈم سۈرگەن دەۋىردە خەلق نېمە كۈننى كۆرمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى تارىخقا قارايدىغان بولساق، بىر ئىقتىدارلىق رەھبەرنىڭ يېنىدا بىرەر دىنىي ئالىمنىڭ كەم بولمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، مەسلەن: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مۇتەئالى خەلپىتىم، كۇچالىق خوجىلار ھەركىتىدە موللا مۇسا سايرامى، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا نەمەت خەلپەت، يەنە تېخى نىمشېھىد ئەرمىيا ئېلى داموللاممۇ دىنىي ئالىم، مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرگىزمۇ ھەقىقانىيەتچى دىنىي ئالىمدىن ئايرىلالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھىجابدارلار، نامازخانلار بىلەن ھىجابسىز، بىنامازلار توقۇنۇشنى ئازايتىشقا تىرىشساق، ئۆز-ئارا يول قويۇشساق، ھەركىم ئاشقۇنلۇق قىلمىسا، يەنە بىر گېپىم باشلىق ، رەھبەرلىرىمىز مۇشۇ ھىجاب مەسلىسىدە ئازراق كەڭ قورساق بولسا، سىلەرنىڭمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن، لېكىن خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى رەھبەرلىك ئاستىدا باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھالەتتە تەڭ تەرەققىي قىلىشقا شەرت-شارائىت ھازىرلاشقا تىرىشىپ باققان بولساڭلار،
بۇ ماقالىدە تېخىممۇ ئاممىباپ بولۇشىنى ئويلاپ نەقىلىي دەلىل كەلتۈرمەستىن، ئەقلىي دەلىللەرگە تاياندىم، قېرىنداشلارنىڭ ماقالىنى تۇللۇق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئوتتۇرغا قويۇلمىغان بەزىبىر مەسلىلەردە سوغوق قانلىق بىلەن ئويلىنىشىنى، ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر ئادەتتىكى ئىنسان بولغاندىكىن نۇقساندىن خالىي بولماسلىقىم تەبىي، بولسا قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ ماقالىدىن باشلاپ ھەقىقىي ئۇيغۇر بولۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قېرىنداشلار ھەقىقىي ئۇيغۇر بولۇش ئۈچۈن ئالغا!
مەنبە: ئويلىغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 03:26 PM