مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12691|ئىنكاس: 39

2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئەتە (25–ئىيۇن) ئېلان قىلىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 06:05:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئەتە (25–ئىيۇن) ئېلان قىلىنىدۇ

     
     ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار 25 – ئىيۇندىن باشلاپ تور، يان تېلېفون ئۇچۇرى قاتارلىق تۆت خىل شەكىلدە ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە باشقا بېكىتىلگەن تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە شىفىرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 28 – ئىيۇن ئەتراپىدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىدىكەن. 3 – ئىيۇلدىن باشلاپ توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن. بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 6700 ئوقۇغۇچى ئارتۇق قوبۇل قىلىنىدىكەن.
    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرسە بولىدىكەن:
    1. تور بېكىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈش
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى: www.xinjiang.gov.cn
    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى: www.xjedu.gov.cn
    شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: www.xjzs.edu.cn
    شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى: www.ts.cn
   2. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
    ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ رەقەملىك مەكتەپ تورى (xj.cmccedu.net)، شىنجاڭ سىمسىز شەھەر تورى (www.xjwxcs.com)، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان لىنىيەسى تورى (xjgk.xjedu.gov.cn)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنشىكا نومۇرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يان تېلېفونغا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىنىدۇ.
    يان تېلېفوندا شىنجاڭ سىمسىز شەھەر تورى (wap.xjwxcs .com)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يان تېلېفونغا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىنىدۇ.
    «شىفىر# ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى #GK»نى ‹‹10658333›› غا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن بېكىتكىلى بولىدۇ ياكى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
    ‹‹12580›› غا تېلېفون بېرىپ ئاپتوماتسىز مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
    3. جۇڭگو تېلېگراف ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
    ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ‹‹1183666››، ‹‹1183888›› غا تېلېفون بەرسە بولىدۇ.
    «شىفىر# ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى #GKYY»نى ‹‹1065920160›› غا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن بېكىتكىلى بولىدۇ ياكى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
    4. شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تەڭرىتاغ بۇلۇتى باش بېتىدىكى بۇلۇت ئۇچۇرلىرى سەھىپىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
مەنبە :« شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ2013-يىل24-ئىيۇندىكى سانى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-29 03:00 AM  


ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95842
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 08:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراۋاتىمەن نەتىجەمنى كۆرۈشكە !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91263
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 892
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتاھان بەرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى چاغدا بىز مۇشۇنداق ئەدىشە ئىچدە كۈتۈپ تۇرغان ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaLGundi + 10 ........................................

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:14:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئىمتىھان بەرگەنلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:20:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ چىقىپ بولدى، بۇ يىل بېيجىڭنىڭ سوئالى ئاددىكەنتۇق، باللانىڭ نومۇرى بەك يۇقىرىكەن

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12401
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32459
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغلۇمنىڭ نومۇرى چىقىپ بوپتۇ،اللاھ خالىسا  تولدۇرغان ئارزۇسى بويىچە بىر چاقىرىق كەلسە.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 10:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇمۇر چىكى نىمانداق يىلدىن يىلغا يۇقىرلاپ كەتتى ؟ بىرىنچى تۈركۈمنىڭ 345(ئۆتكەن يىلى ) دىگەن نىمە گەپ ئۈزى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 10:11:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 09:08 PM
ئەينى چاغدا بىز مۇشۇنداق ئەدىشە ئىچدە كۈتۈپ تۇرغان ...{:2 ...

ھازىرچۇ ئۆل خانىم.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:07:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتۇق تىلىگىنىڭلارغا  رەھمەت  ! مەنمۇ ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن ، مۆلچەرىمدىن  يۇقىرى چىقىپ بەرسە بولاتتى ...

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش