yultuzi يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 02:47 PM 
سىز دېگەندەك بولسا شىئە مەزھىپى مۇسۇلمان ئەمەس دېگەن ...
مانا قېرىندىشىم ، ئىختىلاپنىڭ نىگىزى سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ ئۈزىڭىزگە جاۋاپ تېپۋالدىڭىز مانا مۇبارەك بولسۇن ... خوش ... نەق گەپكە كەلسەك ... سۈنىيلەر شىئەنى مۇسۇلمان دىمەيدۇ ، ھەم كىسىپلا كاپىر دەيدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەرەقىياتى (تۈركىيەدىن باشقا ) تەرەقىيتى بولمىغاچ ، شىئەلەرمۇ ئاز ئەمەس مىليون كىشىنىڭ ساھابى ، ھەم تەرەقياتى ياخشى بولغان ئېراندىن ئىبارەت يۈلەنچىكى بار ، سەن كاپىر ، توختاپ قال كەلمىە شاھادەتنى توغۇرسىنى ئېيت دىسە ئاۋۇلار ماقۇل دەپ ماڭمايدۇ ، ئەكسىچە سېنىڭ خاتا سەن ئۈزەڭ ئەسلى كاپىر دەپ قۇرال ياراقنى بىر - بىرسىگە توغۇرلايدۇ ، ھە ، مانا تاماشا شۇنىڭ بىلەن ئايغى چىقماس ئۇرۇش .... پەيغەمبىرىمىز(ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى) مۇشۇ ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلماڭلار دىگەن ، بۇنى مەن ئالدىنقى تىمىلاردا دەپ ئۆتكەن ، قايتا كۈرۈپ باقسىڭىز بۇلدۇ ، يەنە مۇشۇ ئىختىلاپ توغۇرسىدا ئىنىق قىلىپ بىر ھەدىستە : ‹‹ھەقنى يەتكۈزۈپ بولسىڭىز يەنە جاھىللىق قىلسا ، يۇلۇڭغا ماڭ ، يەنە ئىختىلاپ قىلساڭ دۇرۇس ئەمەس›› دەپ يول كۆرسەتكەن ، شۇڭا بىز مەيلى شىئەلەر بولسۇن ، ياكى مىللىتىمىز ئىچىدىكىكلەر بولسۇن ئىختىلاپ كۈرۈنگەن بولسا ھەممىسى قارشى تەرەپنى ‹‹نادان ›› ئۈزىنى ‹‹ئاقىل ›› چاغلاپ يۇلىغا راۋان بولسا ، ھەقنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ كىرەم ئاخىرەتتە ئاشۇ كىشىگە يەنى ھەققى ئاقىل كىشىگە قوش ساۋاپ يەنى ، ھەقنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە نادان بىلەن ئختىلاپ قىلىپ كىيىنىكى چوڭ چوڭ زىدىيەت ۋە ھەتتاكى ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ساۋاپ ئالىدۇ ، <<نادان >> ھىچ بولمىسا قوش گۇناھتىن ساقىت بۇلۇپ ، ئاللاھ رازلىقى ئۈچۈن ماجرانى توختۇتۇپ يۇلىغا ماڭغانلىقى ئۈچۈن بولسىمى تىگىشلىك ساۋاپ ئالىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ... ئەلۋەتتە ئۇرۇشقاق تىمىدىكىلەر بۇلارنى بىلىپ يەتسىكەن نۇرغۇن پىتنە ماجرادن ساقلانغان بۇلاتتۇق ...
شۇڭا مەن يۇقۇردا دەپ ئۆتكەندەك ، پەقەتلا ئۇقۇپ ئۈتۈپ كىتىلى ، ھە بىلۋالدىم دەپ قۇيايلى چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمەيلى ، بولمىسا سىزدەك ، ۋوي شىئەلەر مۇسۇلمان ئەمەسكەنغۇ ؟ نىمىشقا مۇسۇلمان دەيدۇ دىگەن گەپ ئېغىزدىن چىكىتىپ قالدۇ -دە ، ئاخېرنى يىغىشتۇرماق تەس ، قالغىنى ئاللاھ بىلىدۇ ، بىزنىڭ تۇتقان يۇلىمىز مۇنداقچە ئېيتقاندا مەھزەپلىرىمىزنىڭ توغرا بۇلشىغا ئاللاھدىن سېغىنىپ دۇئا قىلىپ تىلەيلىكى ، ھەرگىز ئۆزگىلەرنى ئالدىراپ كاپىر دەپ سالمايلى ....
بەزىلەر ئېيتىدۇ ، ئاشۇ ئالىملار مۇسۇلمان(سۈنى) لەرنى 4 كە بۆلدى، خاتا قىلشتى دەپ .مەن قارايمەن ئۇلار تۇلمۇ توغرا قىلدى ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلدى . 4 مەھزەپنىڭ ئختىلاپى كىچىك -كىچىك نوختىلار ، قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بۇلدىغان چوڭ تەسىرى بولمايدىغان ئىختىلاپچاقلار خالاس ... ھەممە ئاشۇ 4 مەھزەپكە غالىغىنى بۇيچە ئىتقاد قىلدۇ (ئەمما ھىلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا كىرىشكە بولمايدۇ )، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىنىڭ خاتا مىنىڭ توغرا دەپ ئىختىلاپ قىلىشماسلىق ... ئەگەر ئۇلار 4 كە ئايرىپ بەرمىگەن بولسىدى مۇسۇلمانلار ئاشۇ كىچىكىنىە ئىخىتىلاپ تۈپەيلى بىر -بىرنى كاپىرغا چىقىرىپ بۇلار ئىدى ، چانىشاتى ...بىزنىڭ يۇرىتىمۇ بىرىنچى مەھەللە كىشلىرى بىلەن 2 - مەھەللە كىشلىرى ئارسىدا ئىختىلاپ كۆپقۇ ، ھەتتا خەقلار جېنىدا بىز زادى قايسى موللامغا ئىشنىمىز دەپ قاقشاۋاتمامدۇ !!! مۇشۇ مۇنبەردىكى بىرقەدەر يەنى نىسبەتەن بىلىملىك ئاتالغانلار ئارسىدىمۇ ھەر كۈنى ھەر تىىمىدا ئىختىلاپلار كۆپقۇ ....
ئەسلى مەن بۇلار توغۇرلۇق بۇنچە كۆپ يېزىپ كەتمەيتىم ، سىزىڭ شۇنچە كۆپ سۇئالىرىڭىز ، مەندە سزنى راسلا ئىزدىنىۋىتىپتۇ دەپ بىلىپ يېزىپ قالدۇردۇم ، پايدىلانغايسىز ...
ئەسكەرتىش : مەن بۇ ئىنكاسنى نۇقۇل يۇلتۇز غا قاراپ يازمىدىم ... پەقەت يۇلتۇز ئەپەندىمدەك ئويلايدىغانلار ، بۇ ھەقتە ئۇيى كەمچىللەرگە ياردەم بۇلارمىكىن دەپ يازدىم ... ئەما يۇلتۇزنى ئىختىلاپ قىلدى دىمەكچى ئەسلا ئەمەسمەن ... يۇلتۇزنىڭ سۈزىنى مەن بىر قايتۇرما سۇئال دەپ چۈشەندىم خالاس ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 03:41 PM