مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1950|ئىنكاس: 40

ئۆگەي ئانىلار كېڭىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15707
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3213 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 04:04:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                ئۆگەي ئانىلار كېڭىشى
                                                 ( ھەجۋى ھېكايە)
                                                  ئاپتورى:پادىشاھ
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى يۇرتتىن كەلگەن ئۆگەي ئانىلار ،ئۆگەي ئانىلار رستۇرانىنىڭ 30نومۇرلۇق ئايرىمخانىسىغا جەم بولۇشۇپ،تەجرىبە ئالماشتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەتكە ھەر قايسى يۇرتتىن.كەلگەن ئۆگەي ئانىلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.كەچ قۇرۇن سائەت 5تە تاشۋاي مۇزىكىسىنىڭ ئورۇنلىنىشى بىلەن يىغىن باشلانغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى.
__ ھۆمەتلىك خانىملار كەچلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن !مەن ئۆگەي ئانىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىن قاتانشقۇچىلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تنىگە ساغلاملىق تىللەيمەن .ھەممىگە ئايان يىتىمنىڭ بېشىنى سىللاش شەرىئەتتە ساۋابلىق ئىش شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن موشۇ سورۇنغا جەم بولغان جاپاكەش ئانىلار پىداكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ يۇرتىمىزدىكى ئاتا-ئانىسىز قالغان يىتىم بالىلارنىڭ بېشىنى سىللاپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.مانا بۇ بارلىق مۇسۇلمان ئەھلى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك روھ،بۇ ئۇلۇغۋار روھنى تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن <<ئۆگەي ئانىلار جەمئىيىتى>>بۇ نۆۋەتلىك چاي زىياپىتىنى ئۆتكۈزشنى قارار قىلدى،مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقى تۈپەيلى داستىخانلىرىمىز ئاددى بولۇپ قالدى شۇ تۈپەيلى مەن جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسىڭلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن،شۇنداقلا بۈگۈنكى زىياپەت جەريانىدا ھەرقايسىڭالارنىڭ تەجرىبىلىرىنى بىمالال ئوتتۇرىغا قويۇپ بىزنىڭ بۇنداىن كېتىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.قېىنى ئازنى -كۆپكە تاۋاپ قىلىپ داستىخانغا باقايلى !سورۇن باشلانسۇن.رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىمەستىن ئايرىمخانا ئىچىدە گۈلدىردس -ئالقىش سادالىرى ياڭراش بىلەن بىرگە چوكىلارنىڭ تەخسىلەرگە تېگىشكەن ئاۋازىمۇ ياڭراڭشقا باشلىدى.
خىېلى ئۇزۇنغىچە ئايرىمخانىدا چوكىلارنىڭ تىرىق-تىرىق قىلغان ئاۋازى بىلەن،شالاپ-شۇلۇپ  قىلغان ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمىدى.ئارىدىن بىر پەس ئۆتكەندىن كېيىن،چوقۇر،قاڭشارلىق،چاچلىرىغا ئاندا-ساندا ئاق سانجىغان سېمىزغىنە بىر ئايال دومسىيىپ چىققان قۇرساقلىرىنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ دىگەندەك ئورنىدىن تۇردى-دە.
__ مەن ئۆز تەجرىبەمنى سۆزلەپ باقاي.مېنىڭ ئۆيۈمدە "6نەپەر يىتىم ئوغلاق "بار .ئۆزۈمنىڭ ئۈچى شۇنداى قىلىپ بىز چوڭ بىر ئائىلىگە ئايلاندۇق.بۇندىن بەش يىل مۇقەددەم يۇرتىمىزدا يۈز بەرگەن يەر تەۋەر ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، بىرمۇنچە بالىلار يىتىم قالدى.  مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇلاردىن 6نى بېقىۋالغاندىم.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ" يېتىم ئوغلاق"لارمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قېلىشتى بىراق ئۇلار سەن ئۆز بلاڭ بىلەن بىزگە ئىككى خىل مۇئامىلە قىلدىڭ دەپ غەۋغا قىلىشتى، خۇددى مەندە ھەققى باردەك.ئۇرۇپ -تىللاي دىسەم قانۇندىن قورقتۇم  شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئالتە يىتىم ئوغلاقنى ئۈچ گۇرۇپىغا بۆلدۈم ھەر بىر گۇرۇپىغا ئۆز بالامنى باشلىق قىلىپ بېكىتتىم.ئۇ 6سىنى بىر يەرگە كەلتۈرمىدىم نەتىجىدە غەۋغا  بېسىقىپ ئائىلە ئىگىلىكىمىز راۋاجلاندى .ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە كۆپچىلىككە نەزەر سالغان ھالدا نۇتۇقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئايرىمخانىدا بىر پەس ئالقىش سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى.ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققىنى چېقىركۆزلىرىدىن شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان ،ئاق پىشماق،سېمىز ئايال بولۇپ.ئۇ ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە قويۇپ سالام بەرگەندىن كېيىن چېقىر كۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تىكىپ تۇرۇپ.__ ھۆرمەتلىك خانىملار مەن ئالدى بىلەن بىزگە موشۇنداق كاتتا سورۇن ھازىرلاپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن "ئۆگەي ئانىلار جەمئىيىتى>>گە تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بىزنىڭ بۇ خەيرلىك ئىشلىرىمىزنىڭ كۈنسايىن روناق تېپىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىللەش بىلەن بىرگە،ئۇيۇشما رەھبەرلىرىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىللەيمەن شۇنداقلا بارلىق كەسپداشلارغا ئۇتۇغلۇق تىللەيمەن.مېنىڭ بۈگۈنكى سۆزلەيدىغان نۇتۇقۇم"پىچاق"مەن چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلدىم بۇندىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بۇ جايدا ئېغىر يەر تەۋرەپ نۇرغان كىشى قازا قىلدى يىتىم قالغان بالىلارغا كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىماي قالمايدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن مەن قىلچە ئىككىلەنمەي 18يىتم ئوغلاققا ئانا بولۇشقا رازى بولغاندىم.ھەممىڭلارغا ئايان چارۋۇچىدا پىچاق بولمىسا بولمايدۇ، ئۇ شۇملارنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۈچ بالىسىمۇ تەڭلا چوڭ بولۇشتى.بىر كۈنى بازارغا بېرىپ 21تال پىچاق سېتىۋالدىم ئۈچىنى ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىغا قالغان 18دانىسىنى ھېلىقى تېگى پەس ساقلاندىلارغا .شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ پىچاقلارنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بەردىم .كىم بىلسۇن ئەتىسى ھېلىقى يۈزى قېلىن يىتىم ئوغلاقلار .چارۋا باققىلى چىقماي،تامقمۇ يېمەي سۈلۈتتە تۇرۇۋېلىشتى.نېمە بولغانلىقىنى سورىسام بىرى.سىز بىزگە كەسمەيدىغان پىچاق ئېلىپ بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا كېسىدىغان پىچاق بېرىپسىز .بۇ سىزنىڭ بىزنى باراۋەر كۆرمىگىنىڭىز بولماي نېمە سىز دائىم باراۋەرلىكنى تەكىتلىگىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە،ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز دىگىنىچە يەردىن ئۈستۈن قارىماي تۇرۇۋالدى.مەن دەرھال بىر داس سۇ كەلتۈدۈم-دە.
_ كىم بۇ پىچاقنى كەسمەيدۇ دەيدۇ؟دىدىم .
__ بىز ،ئەتىگەن گۆشكە ئۆتمىدى دىيىشتى تەڭلا ئۇلار.مەن بىرىنىڭ قولىدىن پىچاقنى ئالدىم-دە،قارا ڭلار كەسمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي دىگىنىمچە ئۇنى سۇغا سانجىدىم .پىچاق سۇدىن ئۆتتى.ئۇلار ئۈندىمىدى.بىر ئازدىن كېيىن چوڭراق بىرى.
__ بۇ پىچاق سوغا ئۆتكىنى بىلەن لايغا ئۆتمەيدۇ دىدى چەكچەيگەن ھالدا.
__ شۇنداق بۇ سۇدىن ئۆتۈپ لايدا توختايدىغان پىچاق.شۇنى بىلىپ قويۇشۇڭلار لازىمكى ھازىر سىلەر كىچىك سىلەر موشۇ پىچاققىلا لايىق.ئەگەر ئۇ پىچاق لايدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان بولسا قولۇڭلارنى كېسىۋالىسىلەن.بۇمۇ مېنىڭ سىلەرگە كۆڭۈل بۆلگۈنۈم،غەمخورلۇق قىلغىنىم بىلدىڭلارمۇ دىۋىدىم.ھەممىسى :
__ چۈشەندۇق،بۇندىن كېيىن باشقىچە چۈشەنچىدە بولمايمىز،ئانىمىزغا رەھمەت دىيىشتى بىر ئېغىزدىن شۇندىن بېرى ئائىلىمىز دىكى جەڭگى-جېدەللەر بېسىقىم ئىناق-ئىجىل بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
ئۇنىڭ سۆزى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.ھەممە بىر ئېغىزدىن بۇ بولىدىغان چارە ئىكەن كېڭەيتىشكە بولىدۇ دىگەن قاراشقا كېلىشتى.شۇنداق قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك ئۆگەي ئانىلار كېڭىشى غەلبىلىك ئاياغلاشتى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-24 04:24 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 08:14:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تەسەۋۋۇرغا نىمانداق باي سىز.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 08:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالدۇر ئويغانغان ئادەم مۇشۇنداق پكىرلىك ، ئەمما ئېھتىياتچان بۇلدۇ ...تىرشىڭ كاللىسى سەگەكلەر مەقسىدىڭىزنى بىلگۈسى ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1729
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12775
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 677 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:16:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا نىمە ئۇ يىتىم ئوغلاق ،تىگى پەس دىگەن .ئۆگەي ئانلارنىڭ ئۇبرازى ياخشى ياتلىپتىمۇ نىمە ھە ....يەنلا ئۆگەي ئانادە

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 850
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6866
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:23:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر خىل پەيزى چىقىپتۇ

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 10:38:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 09:17 PM
توۋا نىمە ئۇ يىتىم ئوغلاق ،تىگى پەس دىگەن .ئۆگەي ئان ...

سىز يۈزىڭىزنى سۇغۇق غۇدا يۇيۇپ سەگەك تۇرۇپ ئۇقۇڭ. ‹‹كۈيۈنۈش›› ئۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-24 10:40 PM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/

توۋا....................

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12032
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9322
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 10:39:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، ماختاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز تېخىممۇ ياخشى بولاتتىكەن.

قانچىكى يۇقۇرى ئۆرلىسەڭ، شۇنچە يىراقنى كۆرەلەيسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 10:40:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 09:17 PM
توۋا نىمە ئۇ يىتىم ئوغلاق ،تىگى پەس دىگەن .ئۆگەي ئان ...

گەپنىڭ تىگىدە گەپ بار بۇرادەر ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:42:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تىزرەك قۇتۇلدۇرار بۇ يىتىملىكتىن.ئامىين!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش