سېغىنىش
چۈشۈمگە كىرمىدىڭ ئەجەپ بۇ كېچە ئويغاندىم دۇنيانىڭ جىمجىتلىقىدىن. نەمخوش بىر تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئۇۋلاپ سەنسىزلىك تۇيغۇنىڭ غەپلەتلىرىدىن.
كۆزلۈرۈم ئالدىدا قاتقان سىماھىڭ نەملىنەر ھەر تاڭنىڭ سۈبھىلىرىدە. سېغىنىش ئوتلىرى قانرەڭ بەرگىدەك ھەر باھار ھەر گۈلنىڭ چېچەكلىرىدە.
ئىزلەيمەن ھەر جايدا سېنىڭ ھېدىڭنى ئىپارۇ -ئەنبەردۇر سەن ياتقان تۇپراق. گىياھسىز چوللەرمۇ پۇرايدۇ سەندەك ئەجەلنىڭ قوينىدا ياتساڭمۇ بىراق.
ۋادەرىخ گۈل-گىياھ ئۈنگەن بېغىمدا بولغاچقا بىر ئىشىق سايرايدۇ بۇلبۇل. تۈتۈنمەن بۇ مەھەل ئوت-ئاتەش تېنىم قان قىلار يۈرەكنى قارىسام ھەر گۈل.
2013-يىلى 24 -ئىيون قەشقەر
مەنبە :سەنەمجان
|