ئاستانە6-ئاينىڭ23-كۇنى قاز ئاخبارات.
''سۈرىيەنىڭ دوستلىرى''-مىسىر،تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيە، ئىئوردانيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار قاتارلىق دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن،6-ئاينىڭ 22-كۈنى قاتارنىڭ دوھا شەھرىدە باش قوشتى.
ئولار سۈرىيەدىكى بەشىر ئەسەدقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بېرىش ئىشى ھەققىدە مۇنازىرىلەشتى.
قاتار زوڭلىسى شەيىخ خاماد بىن جاسيم ئەل-تانى:''ئۆكتىچىلەرگە قورال-ياراق يەتكۈزۈش-مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى''-دېدى.
ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتىدە سۈرىيە رىجىمى خىيمىيىلىك قوراللار ئىشلەتكەنلىكتىن ئوكتىچىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى د جون.كىررى:''ئۆكتىچىلەرگە ياردەم بىرىش پىلانىنى ب د ت ۋە ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى،ياۋروپا ئىتتىپاقى،ئامېرىكا قوللاۋاتىدۇ، توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسى مۇمكىنچىلىقىدىن ئۈمىد يوق، پەقەت ئەسكىرى ئامىللار قالدى''-دېگەن ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە ئوكتىچىلىرىگە ھەربى ياردەم بېرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى كېيىنكى كۈنلەردە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن مەغلۇپ بولۇپ كەلمەكتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتى- ئىران ۋە روسسىيە ۋە لىۋاننىڭ ''ھىزىبۇللا''تەشكىلىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.
ئۆكتىچىلەر 6-ئاينىڭ 22-كۇنى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ دەمەشىقتىكى ئۆكتىچىلەر كونتروللىقىدىكى ناھىيە(رايون)لارغا قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۆكتىچىلەرنى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن تانكىلار يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
سۈرىيىدە بەشىر ئەسەد ھۇكۇمرانلىقىغا قارشى2011-يىلى باشلانغان قوراللىق ئىنقىلاپ جەريانىدا 70مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ،نەچچە مىلىيون ئادەم سەرگەردان، مۇساپىرغا ئايلاندى.
مەنبە:
HTTP://WWW.INFORM.KZ قازاق ئاخباراتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 12:00 PM