ساقىلىم

قۇرامىمـغـا يەتـكەنـدە ئۆسـۈپ چىققان ساقىلـىم ،
كوسىـلىقتىن خەۋەرسىز ئۈنۈپ چىققان ساقىلىـم .
ئۈنۈپ چىقىپ بۇياقتىن ماتـەم بولدى ئۇياقتىــن ،
كۆرەلـمەسنىڭ كۆزىـگە نەشتەر تىقـقان ساقىلىـم .

18 دىن ئاتلـىدىم بۆلـەكـچىـلا خـۇش بولــدۇم ،
قامىتىمگە ياراشقاچ ياغقا ئامراق گۆش بولـدۇم .
تەتۈر ئىكەن سىياسەت مانا ئەمدى ئۆچ بولدۇم .
مەن بولساممۇ بىر تىرىك، ئۆلۈپ چىققان ساقىلىم.

بىر كۈن ئۆتتى تەشـۋېشتـە ،ئەتـە يەنە ئـۇستــۇرا،
باردۇر ساقـال خەتنىسى توختاپ قالـسـا نىـم بولا .
ئىڭەك سىلاپ دەپ قالدىم_ساقال قاچان جىم تۇرا،
ناھەقچىلىـك -ئازاپـنى يۈتـۈپ چىقـقـان سـاقىلىـم .

مـۇسـۇلـمانـغا راۋاغۇ ســاقـال بولسـا بىـر غېـرىـچ ،
بىر مىلـلىيـدىن ئاشمىدى بۇ ساقىـلىم تېخى ھىـچ .
ئۆسۈپ قويغان گۇناھمۇ چىشىم قىلار غىچچىر-غىچ،
غەزىپىمگـە قـارشـى يـەڭ تـۈرۈپ چىقـقـان ساقىلىم .

قۇلاق سالـدىم چوڭـامـنىڭ ماڭـا قىـلغان سۆزىگـە ،
بـىزەڭ بولغاچ تېشىلـىپ ساقال چىـقـمـاس يۈزىـگە.
ئوخشاش بولسۇن دەپ بىزنى ئەگەشتۈرسە ئۆزىگە ،
ئىڭەكىـمدىـن ساقالـنى ئۈزۈپ چىـقـقـان سـاقىـلىـم .

قوياي دېسەم كالتىراق،ھەممە قويما< ياق >دېدى ،
سەۋەبـىنى سورىسام،ئـۇ يـولداشـقـا <باق> دېـدى .
ساقىلىــمنى كـۆتـۈرۈپ بـارسـام ئۇنى< قاق>دېـدى،
شىرىن ئارزۇ -خىيالـنى سۈرۈپ چىقـقان ساقىـلىـم .

ئېڭەكلىـرىم بەك سىلىق ئوخشـاپ قالدىم بىراۋغا ،
سـاقـال قويمـا دەيدىكەن باش تولـغىـچە قىراۋغـا ،
گـۇنـاھـىـمـنـى كــەچـۈرەر، دۇئــا قىـلاي خـۇداغـا ،
ھامان دەيمەن خۇش بولۇپ كۈلۈپ چىققان ساقىلىم.
مەنبەسى: ئەپچىلەم