ئۇيغۇر قاغا ھەققىدە قىسسە
مىللەتـنىڭ ئۈستىـگە قوندى بىر قاغـا ،
شۇملۇقتى تىلەيدۇ توختىماي قاق-قاق.
ئەل سۆيگەن ئوغلانلار قولىدا ئوقيـا ،
چەنلـىدى ئۇ قاغا ئۈركـىـدى بىــراق .
ئاڭلىسام چۈشۈپتۇ مىللەت ئىچىگە ،
قورققانچە ئاتاپتۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر ،
زەن سېلىڭ ئوقۇرمەن ئەمدى ھېكايە،
يازدىممەن قاينىغاچ مۇشتۇمدەك غۇرۇر.
قونۇشقا قاغىغا بولماپتۇ ئىمكان،
مىللىتىم قوغلاپتۇ ئۇنى دەپ ئاپەت .
ئەپسۇزكى قاغىنىڭ خىيالى ئارمان ،
قۇشلىرى ئەكەپتۇ ئۇنىڭغا ئامەت .
ئويلاپـتۇ بېشـىغا قونـالمـىدىم دەپ ،
خەيىر مـەن قېتىلاي ئۇنىـڭ قېتـىغـا .
شۇنداق بىر ئۆچ ئالاي بۇ مىللەتتىن خەپ،
شايتاننىڭ ئۇرۇقى سالاي ئارىغا .
ئۆزگىرىپ ساختا نام-كىبىرلەر بىلەن،
كىرىپتۇ مىلللەتنىڭ قېتىغا شۇڭغۇپ .
ئاھ ئېسىل مىللىتىم نېمانداق بېلەن ،
ئېچىپتۇ قوينىنى قۇياشتەك كۈلۈپ .
قاغـىمۇ ھەيرانـدا چېھرىدە كۈلـكە ،
توۋا دەپ ئويلاپتۇ -نىمانداق ساددا.
خۇشلۇقتىن تۈزۈپتۇ شۇنداق بىر ھىيلە،
ئالەممۇ ھاڭ قاپتۇ ئەقلىگە ھەتتا .
ئويلاپتۇ- بۇلارنىڭ ئاجىزلىقى شۇ ،
تۈزكۆڭۈل ساددىلىق،كۆڭلى يۇمشاقلىق،
مەن بېرەي ئۇلارغا ساختا دىل-سۆيگۈ،
شۇندىلا ئۇلارمۇ ماڭا مۇشتاغلىق .
يۇپۇرماق قۇرۇپتۇ ،كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ،
قاغىمۇ پەيت ساقلاپ بولۇپتۇ تىت-تىت.
ئاشۇنداق كۈن كەپتۇ قاغا كۈلۈپتۇ ،
مىللىتىم ئازاپتا دەپ قاپتۇ ئىسىت .
ۋاقىـتنىڭ ئۆتـمىكىى ئۇنـىڭ كىملىـكى ،
ئۇيغۇر بوپ ئېلىمگە تارقاپتۇ تېزدىن .
ھەم تېخى قىلىپتۇ ئۇيغۇر دېرىكى ،
مـاڭغۇزۇش ئۈچۈنـلا قاغـا ئىـزىدىن .
نەچچىسى ھە-دەپتۇ ئىسىت نادانلىق،
قـاغىنـىڭ سۆزىگـە كىرىپتـۇ ئوڭاي .
يات جانلىق مۇنداقلا قىلىپ قاراملىق ،
ئۇلارنى بىر قاغا قىلىپتۇ ۋاي-ۋاي .
روھىنى ،جىسمىنى ئوغۇرلاپ ئاستا ،
سۆزلەپتۇ سىلەرگە مانا مەن ئىگە .
ئەمدىلىك ئۇ قاغا قالماپتۇ تەنھا ،
قوللاپتۇ نە ئامال يۇيۇلغاچ مېڭە .
بولۇپتۇ ھەقىقىي تۈردە بىر مەڭقۇرت،
مىللەتتىن شاخلىغان ئازغىنە نادان .
يېغىپتۇ قاغىنىڭ باشلىـرىغـا قۇت ،
چېھرىدە شوخ كۈلكە،دىلدا ھاياجان .
تەل بوپتۇ ئەمدىلىك باشتىكى خاھىش ،
پـىلانى ئۈستىدە ئويـلاپتـۇ تىنمـاي .
بولغاچقا ماڭقۇرتلار شۇنچىلىك رايىش.
قىل دېسە قىلىپتۇ ، ياق دېسە قىلماي .
تۇنجى رەت يامانلىق قىلغاندا بىرسى ،
پالانى دېمەپتۇ دەپـتـۇ ئا مىلـلـەت .
نىمانـداق ....يـوقـكەن ساپـاسى ،
بۇرۇنمۇ شۇنداقتى كۆپ ئىكەن ئىللەت.
قاغىنىڭ كۈتكىنى شۇ ئىدى مانا ،
خۇشلۇقتىن قاق دەپتۇ قىلىپ تەنتەنە ،
ئەل ئاۋام قارىسا ئەسلى بىر قاغا ،
غەزەپتە قوغلاپـتــۇ قاغىنـى يەنە .
شۇ كەتكەن پېتىچە كەلمەپتۇ پەقەت ،
قىلغاچقا ئويلىغان ئىشىنى ئادا ،
ئەمدىلىك قاغىلار چىقىپتۇ رەت-رەت،
ئەسلىدە ماڭقۇرتلار بولغانكەن قاغا .
باشلاپتۇ بۇلۇڭدا بىرسى چىكىشنى،
ئەل ھەيران غەزەپتە چىشلەپتۇ ياقا.
باشلاپتۇ يەنە بىر ماڭقۇرت ئىچىشنى ،
قاراڭلا ئۇيغۇردەپ چىشلەپتۇ ياقا .
-يانچۇقنى كولاپتۇ بىرسى كۈندۈزدە،
قارىسام ئۇيغۇركەن ئىسىت مىللىتىم .
بولغاچقا مۇشۇنداق بىز تالا تۈزدە ،
بوپ قالدۇق ئانىسىز گوياكى يىتىم .
ماڭقۇرتلار قىلغان ئىش كۆپەيگەن سىرى ،
ئۇيغۇرغا ئۆچمەنلىك ، بىھۇدە رەنجىش ،
كۆپىيىپ بېرىپتۇ ، بىر قىـزىـق يېـرى ،
نېمىشقا توختىماس مىللەتكە كايىش .
بىر كىشى قىلغاننى مىللەتكە يۈكلەپ ،
سۆزلەپتۇ ئەيبىنى ھەسرەت ئىلكىدە ،
قەلەممۇ ئۇيغۇرنى يازماستىن كۈيلەپ ،
لاتىـدەك سۆكۈپتـۇ ئۇنى جەرتتـىدە .
جـىقىيـىپ بېرىپتـۇ ماڭقۇرت قوشۇنى ،
زىيالى ، ئىشلەمچى، ھۈنەرۋەن كاسسىپ.
ئىتەكتە ياپقىلى بولمايكەن كۈننى ،
ئەمدىلىك دۇنيامۇ قاپتىغۇ كايىشىپ .
ماڭقۇرت دەر؛ كۆزنى ئاچ ئويغانغىن ئاستا ،
ئەي ئىسىت مىللىتىم ، ئىللىتىڭ ئېغىر .
ئويـلىـدىم يارىنى يەنـە تاتلـىسا ،
بولمامدۇ ئاشۇ يەر تېزدىنلا يېغىر .
ئىشىنىپ ياتلارمۇ كۈن ئۆتكەنسىرى ،
ئىللىتى راستىنلا ئاشتاق ئوخشايدۇ .
تارىختا ياراتقان شانۇ شەۋكىتى ،
پەقەتلا كىتاپتا قالغان ئوخشايدۇ .
خاتىمە
سۆز تامام ھېلىمۇ ماڭقۇرتنىڭ گېپى ،
ئۇيغۇردىن قاغىغا ئۆزگەرگەن قەۋىم .
دېگەنگە ئۆزگەرمەس شۇندىمۇ ئېپى,
كەلگەندە دەۋالاي بوشىسۇن ئىچىم .
-بىرسىنىڭ ئەيبىنى ئوخشىتىپ كۆپكە .
مىللەتكە چېتىش ئۇ ئەسلى نادانلىق ،
كۆتۈرۈڭ مىللەتنى مەدىھلەپ كۆككە ،
بولىدۇ ماڭقۇرتمۇ ئادەمدەك جانلىق .
بولمايدۇ ئەسلىدە مىللەتتە ئىللەت ،
تۈگىمەس شۇ ئىللەت ئەسلى شەخىستە .
ئىللەتنى مىللەتكە يۈكلىگەن مىللەت ،
زاۋالغا يول تۇرار سىرلىق رەۋىشتە .
مەنبەسى:ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 12:28 AM