ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كارتون كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل مەزمۇنلۇق دىگىتال ۋاستىلەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەت، 2013-يىللىق قىسقا مۇددەتلىك ‹كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپى› نى ئۈرۈمچىدە ئاچماقچى!!!
ئۇ 2011- يىلى يازلىق تەتىل ۋە 2012- يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىنى غەلبىلىك ئېچىپ، كەڭ كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە كارتون ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى دەپ ئاتالغان ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە ئىشلەش كاتوگورىيىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن پۇرسەت ۋە مۇھىت ھازىرلاپ، شۇ ئىككى قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.
بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپى ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىگە قارىغاندا دەرس ئۆتۈلۈش ۋاقتى ئۇزۇن ۋە ئەڭ يېڭى بولغان ئۇچۇر ھەم تېخنىكىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ سېستىمىلىق ۋە مۇكەممەل بولغان تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىشنى مەقسەد قىلىدۇ.
ياپونىيىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى دۆلىتىمىزنىڭكىدىن قىسقاراق بولغانلىقى ۋە 8-ئايدا باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دەرس ئۆتۈلۈش ۋاقتىمۇ 8- ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ 24-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرلاندى. دەرس مەزمۇنىنىڭ دائىرىسى كەڭ، كەسپى ئاتالغۇ ۋە بەزى تېخنىكىلىك تەرەپلىرى مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، 12 ياشتىن يۇقىرى بولغان تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىرت، جەمئىيەتتىكى خىزمەتچىلەر ۋەياكى مۇشۇ ساھە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان، شۇغۇنلىنىۋاتقانلار ئوبيىكتا قىلىندى. ھەمدە 8- ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، تەربىيلەس سىنىپىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى كارتون فىلىم ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كارخانىچى، مائارىپ ساھەسى ۋە مۇشۇ ساھە بىلەن شۇغۈنلىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئۈچۈن، بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى لىكسيە ئورۇنلاشتۇرماقچى.
كەڭ كارتون ھەۋەسكارلىرىنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىنى، ۋە بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپەقىيەتلىك ئېچىلىپ غەلبىلىك ئاياغلىشىشى، ھەمدە ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىرىش ئۈچۈن، تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن باشقا، ئېلاندا يېزىلغان تەلەپلەر بويىچە تەشۋىقات ئىشلىرىغىمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
رىۋايەت تور بېتىدىن ئېلىندى.
http://rivayat.com