|
|
|
|
Red]ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى كەمىنە تىتانىكتىن سىلەرگە ئوتلوق سالام ؛ پوتپولنىڭ دۇنياغا يۇزلىنىشى پۇتۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پوتپول مارشى ياڭرپ كەلمەكتە ؛ شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردا بولسۇن پوتپول مۇسابىقىلىرى تەشكىلىنىپ ئوينىلىپ كىلىنىۋاتىدۇ ، مانا بۇيىل غۇلجىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك بىر مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، يەنى 2013يىلى 6ئاينىڭ 22كۇنى شەنبە غۇلجا ئايرىدۇرۇمى غۇلجا خەلقىنىڭ تۆت كۈزى بىلەن كۇتكەن تەكلىپلىك مۇسابىقىسى ، غۇلجاشەھەر تەنتەربىيە مەيدانى خوشاللىققا تولغان ئىدى ، ئەتىگەن سائەت 9باشلانغان ناخشا ئۇسۇل سەنئەت پائالىيەتلەر 1سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرىرلاشتى ، كەينىدىنلا ئۇلاپلا ئوينايدىغان دوسلوق مۇسابىقىسى باشلىناتتى ، ئەپسۇس قازاقىستان كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى كىچىكىپ قىلىشى سەۋەپ ،مۇسابىقىنى كىچىكتۇرۇپ چۇشتىن كىيىن سائەت 00؛3دە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، مۇسابىقىنى كىچىكتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخىشى بولدى ئاڭلىمىغانلار بىلىدى ،يەنە شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن ئادەم ئاڭلىمىدى بۇ مۇسابىقىنى ، ئوز ئارا ئەل ئاغىنىلەر بىر بىرىگە خەۋەر قىلىپ كورگەن ئىدى ، چۇشتىن كىيىن شۇنداق قىلىپ مەيدان ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولدى ، بۇ غۇلجا ئايدورومىغا جايلاشقان بۇ پۇتبۇل مەيدان خەلىقئارالىق ئۆلچەم بويىچە سىلىنغان كاتتا مەيدان. 50مىڭغا يىقىن ئادەم سىغىدۇ.تاماشىبىنلا ئاساسەن ساي چۈشكەن تەرەپكە يەنى ئۈستى يىپىق تەرەپكە بەكرەك ئالدىررپ . چۈنكى كۈن بەك ئىسسىق. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە كىرگەن ئادەمنى ئادەم دىڭىزى دىسە تامامەن بولىدۇ.چۈنكى كۈن چۈشكەن تەرەپتە ئادەم كۆرۈنمىگەن بىلەن،قارشى تەرەپتە يەنى ساي تەرەپتە ھەقىقەتەن ئادەم دىڭىزى، ئالاھىدە تەكلىپلىك كەلگەن كوماندا بولسا قازاقىستان بىرنجى ئاۋغوسىت كوماندىسى بولوپ ساپلا ياش ماھىرلار دىن تەركىپ تاپقان ئىدى ، شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە باشلاندى، پۇشتەك چىلىندى ، مۇسابىقە مەيدانى ئالقىش سادالا بىلەن تولدى . غۇلجا شەھەر ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسى بولسا بىر قەدەر تەجىربىلىك ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ،قازاقىستان كوماندىسى مەيداندا كونتىروللىقنى يوقىتىپلا قويدى، ئالدىنقى يىرىم مەيدان ئاياقلىشاي دىگەندە 11-نومۇرلۇق خەمىت تىزلىكىگە تايىنىپ پۈتۈن مەيداندىكى مۇھىم بولغان بىر توپنى ئۇرۇپ مۇسابىقە غەلبىسىگە ئاساس سالغان، پۈتۈن مۇسابىقىدە غۇلجا كوماندىسىنىڭ توپ تىزگىنلەش پىرسەنتى77% بولغان، مۇسابىقىدە 10-نومۇرلۇق مۇستاپا[شىنجاڭ كوماندىسى] 9-نومۇر ماخمۇت[شىنجاڭ كوماندىسى]11-نومۇرلۇق خەمىت[شىنجاڭ كوماندىسى]لارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى... بولۇپمۇ 11-نومۇرلۇق خەمىتنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان..مەستانىلەرمۇ مەيدان كۆرۈش سۇپىسىنى 11دەپ ۋارقىراپ كۆتۈرۋەتتى شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە ناھايىتى دوستانىلىق ھەم ياخشى كەيپىيات بىلەن ئاياقلاشتى ، نەتىجىدە ، غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى كوماندىسى 1-0قازاقىستان بىرنجى ئاۋغوسىت كوماندىسى مەغلۇپ بولدى ،
ئاخردا دەپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش مۇشۇ تەكلىپلىك مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ھەم كۇش چىقارغۇچى يەنى غۇلجا پوتپولچىلىقىغا توكپە قوشىۋاتقان ھالال ئەمگىكى بىلەن بىيىغان يەككە تىجارەتچى سىدىقچان ئاكىمىز ئالاھىدە كۇش چىقاردى ، مۇشۇ يىگىتنىڭ توكپىسى بىلەن بۇ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپ ياخىشى ئاياقلاشتى ، بۇ يىگىتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ روناق تىپىشنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن ،
غۇلجا ئىلى يۇلتۇزى 1-0 قازاقىستان كوماندىسى
بەلگە ئۇرۇپ قويغان مۇشۇ مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى سىدىقچان ئاكىمىز
|
|
|
|
|
|