مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8175|ئىنكاس: 82

ئۇيغۇرنىڭ چىقىش يولى نەدە؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15710
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3213 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 04:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                          ئۇيغۇرنىڭ چىقىش يولى نەدە؟
                                                   ئاپتورى:پادىشاھ

مەدىنىيەتلەر توقۇنۇشى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان،چەتئەل مەدىنىيىتى،شۇنداقلا قېرىنداش مىللەتلەر مەدىنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 21-ئەسىردە،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمىي يۈزلۈك چۈشكۈنلىك، قېيداش كەيپىياتى باش كۆتۈرۈكە باشلىدى.شۇ تۈپەيلى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە بىر قانچە قۇتۇپلارغا بۆلۈنشكە باشلىدى .دىمەك ئۇيغۇر جەمىيتى ئەخلاق،ئېتىقاد كىرزىسىغا دۇچ كەلدى، دىگەن سۆز.
"ئۇيغۇر"ئاتالغۇسى ئسلىدە ئۆم.ئىتىپاق،ئەقىللىق،ئۇيۇشقان دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن بولسا نۆۋەتتە ،بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
40-يىللاردىن 80-يىللانىڭ ئوتۇتۇرىسىغىچە ئۇيغۇر مىللىتى بۆرىگە ئوخشىغان بولسا،90-يىللارغا كەلگەندە قويغا،
2000-يىللار كىرگەندىن بۇيان قۇچقاچقا ئوخشاشقا باشلىدى.دىمەك بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئەۋلاد ،بىر ئەۋلادقا يەتمەيۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ئەلۋەتتە.
  ئۇنداق بولسا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاشۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بېرىشىغا  نېمىلەر سەۋەب بولدى.بۇنى مۇنداق بىر نەچچە نوتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1.خۇراپاتلىق.مەن بۇيەردە موشۇ ئاتالغۇغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى دىن بىلەن چېتىۋالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى بىلەن دىن تۈپتىن زىت.خۇراپاتلىق دىگنىمىز يوقىلاڭ نەرسىلەر ياكى ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولىمغان سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن كىشىنى قايمۇقتۇرۇش دىگەنلىكتۇر.ئىلىم-پەن ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى بولسا ئاللا بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلىپ بولغان.بىز پەقەت ئىلىم-پەن بىلىلىرىگە تايىنىپ ئۇنى بايقايمىز،شۇنداقلا ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق مۈشكۈلىمىزنى ئاسان قىلىمىز.چۈنكى تۆمۈر.كۆمۈ،ئالتۇن،ئالماس،ئورن قاتارلىق 116خىل مەدەننى ئاللاھ ياراتقان.ئۇيرۇپىلاننىڭ ئۇچۇشى،ماشىنىنىڭ ،مېڭىشى،بۇلارنى كىم كەشىپ قىلدى.نېمىدىن كەشىپ قىلدى؟ئۇلار ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالدىمۇ؟ئاشۇلارغا كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن ئېنىرگىيەنى كىم ياراتقان؟دىمەك پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس.ئاللاھ  تۈمۈرچىنىڭ پىرى قىلىپ داۋۇت پەيغەمبەرنى،ياغاچچىنىڭ پىرى قىلىپ نوھنى ياراتمىدىمۇ؟
سىنىپى جەمئىيەتتە بىر قىسىم قۇرساق باقتى موللىلار ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتىپ كىشىلەرنى قاقتى -سوقتى قىلىش ئۇلارنى مەھكۇملۇقتا قويۇش ئۈچۈن پەننى بىلىملەرنى ئۆگەنسەڭ دەھرى بولىسەن،دىگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇشقان ھەم يېتىشكەن.مانا موشۇنداق پەننى ئۆگەنسەڭ ئۇنداق بولىسەن،ئايروپىلان ياسىساڭ مۇنداق بولىسەن دىگەندەك سۆز ھەرىكەتلەر بىلەن كىىشلەرنى ئالداشنىڭ ئۆزى خۇراپىلىقتۇر.خۇارپاتلىق دىگەن نەق شۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز خۇراپاتلىقنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.ئەجەبا ئاللاھ يارىتىپ قويغان قانۇنىيەتنى تېپىشقا تىرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ دىنسىزلىق بولامدۇ؟ئۇنداق بولسا ئاللاھ بىزنى نىېمە ۋەجىدىن تەپككۇر قىلاليدىغان قىلىپ ياراتتى؟نىمە ئۈچۈن تېپىشماق سۈ]ىتىدە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى تاغلارنىڭ،دېڭىزلارنىڭ،يەرنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ بەردى بىز شۇلارنى قانداق قىلىپ قېزىپ چىقىمىز؟سىز ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلار زىمىنىغا نۇرغۇن بايلىقلارنى يۇشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن قانداق ھېسىياتقت كەلدىڭىز؟ئاللاھنىڭ يارىتىش مەندىن يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن دىگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ھەمدە موشۇ توغۇرلۇق ئويلۇشۇپ باقتىڭىزمۇ؟
2.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك  ،بۇ نۇتىنى تۆۋەندە شەرھىيلەپ ئۆتىمەن.
3.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 90-يىللاردىن 2008-يىللىرىغىچە بولغان يۇقۇرى ئىشسىزلىق.
4.ھورۇنلۇق.خىزمەت تاللاش.
5.نامىراتلىق.
6.سىياسى ۋە ئىجتىمائى سەۋەبلەر.
مەنچە بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىزنىڭ مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە دەپ قارايمەن.چۈنكى مائارىپ مىللەت ۋە دۆۋەلتنىڭ روناق تېپىشى،ھالاك بولۇشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.ئۇنداق بولسا بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق ؟بىزدە ئۆزئالدىمىزغا مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللەندىمۇ -يوق بۇ مەسىلە ئۇنچە ئاسان جاۋاب بېرىدىغان مەسىلە ئەمەس .چۈنكى بۇ يەردە بىز مەملىكىتىمىزنىڭ ئومىمىي ئەھۋالىنى مىللەت قۇرۇلمىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ بىر نەرسە دىسەك تولىمۇ يىنىكلىك قىلغان بولۇپ قالىمىز.بۇنداق دىگىنىم بىر دۋلەتتە بىر نەچچە خىل مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ مەۋجۈت بولۇشى مۈمكىن ئەمەس
شۇ تۈپەيلى ئۇيۇغۇر قاتارلىق باشقا ئازسانلىق ئاتالغان مىللەتلەر چوقۇم ئومۇمىيلىققا بوي سۇنىدۇ شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق .نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى خەنزۇ يېزىقىدا شۇ تۈپەيلى ھەرقاسى مىللەتلەر خەنزۇ تىلىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.شۇ نۇڭ ئۈچۈن"قوش تىل"لىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى.ئەسلىدە قوش تىل ئوقۇتۇشى ئانا تىلنى پۇختا ئۆگىنىش ئاساسىدا خەنزۇ تىلىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىشنى مەقسەد قىلغان بولۇشى كېرەك ئىدى .بىراق رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلماستىن .قىززىق قانلىق بىلەن ئانا تىلدىن باشقا دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى ھەمدە شۇنداق قىلىشقا مگجبۇرلىدى .بۇنىڭغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئامالى يوق .مائارىپنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىمۇ يالغان -ياۋىداق سۆزلەر بىلەن يۇقۇرىنىڭ كۆزىنى بوياش ئارقىلىق يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇپ مەنسەپلىرى ئارقا -ئارقىدىن ئۆسۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. دىمەك نۆۋەتتە بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتاقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلرنىڭ بىرى مانا موشۇ.ئۇنداق بولسا مىللىتىمىز كىشىلىرنىڭ مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولدى؟بۇ بىز ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر .نۆۋەتتە بىزدىكى مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيە ئەسلىدىكىدىنمۇ يەنى 90-يللاردىكىدىنمۇ ناچارلىشىپ كەتتە.ھەر قېتىم "ئىككى ئاساسەن"نى تەكشۈرۈگەندە مەكتەپلەر،مائارىپنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇيەردىكى ساننى كۆپەيتىپ مەلۇم قىلىدۇ سەۋەبى ئوقۇش يېشىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 99% ،تلوقسىز مائارىپنىڭ ئومۇملىىشىش ئەھۋالى 98%يەتمىسە مەكتەپلەر مائارىپ ئىدارىلىرى ئىككى ئاساسەدىن ئۆتلەمەيدۇ شۇ تۈپەيلى .يېزىلاردا بولسا جەمىيەتتىك ياشلارنى تەكشۈرۈش ئۈمىكى كەلگەندە سىنىپلارغا ئەكىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق 99%ۋە98%دىگەن سانلىق مەلۇماتلار يوقۇرىغا يوللىنىلىدۇ .مانا بۇ كۆز بويماچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ دپ كەلسەك گەپ تولا ئاساسلىقى يەنىلا مىللىتىمىزنىڭ مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ناچارلىقىدا.بىر قىسىم كىشىلەر   بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە بەرسەك مەكتەپلەر ئۇلارغا "دەھرى"لىكنى ئۆگىتىدۇ دىگەننى باھاننا قىلسا يەنە بىر قىسىم كاللىسى ئاددىي كىشىلەر دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرۈلمىگەنلىكى تۈپەيلى مەكتەپكە بەرمىدۇق دىگەنسەك تۈكى يوق ئاقمايدىغان سۆزلەرنى قىلىشىدۇ،يەنە بىر قىسىملىرى جۇڭگو مائارىپ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن مائارىپ شۇڭا بەرمەيمىز دىيىشىدۇ ،كۆپ سانلىق كىشىلەر بولسا نامىراتلىقنى باھاننا قىلىشىدۇ،قىسمەنلىرى ئائىلىمىزدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدۇ دىگەنلەرنى باھاننا قىلىشىدۇ. ئىش قىلىپ سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا.بۇنىڭدىن بىز  مىللىتىمىز  ئارىسىدىكى خېلى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئىنتايىىن ئاددىيلىقنى كۆرۈۋالالايمىز ئەلۋەتتە. مەن تۆۋەندە يۇقارقى ئەھۋاللار ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى كۆپ چىلىك ئويلۇشۇپ باقسۇن.
  دەرۋەقە دىيارىمىزدا "قوش تىل"لىق مائارىپنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت جۇڭخۇا ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈش،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.سەۋەبى بىزنىڭ تەبىي پەنلەردىكى ئوقۇتۇشىمىز ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەن بۇنداق بولۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دۆتلىكى سەۋەب بولغانمۇ؟ياق ھەرگىز ئۇنداق دەپ قاراشقا بولمايدۇ،ئەگەر شۇنداق دەپ قارىغۇچىلار بولسا ئۇ چوقۇم ئەكسىيەتچى،تار مىللەتچى بولۇشى مۈمكىن.تۆۋەن بولۇشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئازادلىقتىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىزلەرگە" نۇمۇر جەھەتتىن ئېتىبار قىلىش "سەۋەب بولغان باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ماتېماتىكا،فىزىكا،خېمىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە 60-90غىچە نۇمۇر بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولسا بىزنىڭ باىلىرىمىز  پەقەت 40-50نومۇر ئالسىلا  شۇ كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنغان.ئاشۇ بايقۇشلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇ كەسپلىرىدە باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا يىتىشەلىدىمۇ؟
ئاز بىر قىسىملىرى يىتىشىپ دىگۈدەك ئوقۇيالىغان بولسا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى يىتىشەلمىدى.شۇنداقتىمۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈش كېنىشكىسىغا ھەتتا باكلاۋىر ئۇنۋانىغىمۇ ئېىرىشتى ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەكتەپلەرگە قەدەم قويۇشۇپ ئاتالمىش مۇئەللىملەرگە ئايلىنىشتى، دىمەك ئۇلار تەربىيىلىگەن بالىلار قانداق بولماقچى؟ يەنىلا يېرىم چېلەك سۇ.مەسىلەن 2012-يللى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چىلى 25بولدى.1983-يلى بولسا ماتېماتىكىدىن نۆل نومۇر ئالمىسىلا بولاتتى. بۇنى نېمە دىگۈلۈك؟شۇ تۈپەيلى  "قوش تىل"لىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى .بۇمۇ قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.نۆۋەتتە خېلى سالماقنى ئىگىللىگەن ئاتا-ئانىلار شۇنى باھاننا قىلىپ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەردىن قاچۇرىۋاتىدۇ.شۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟مەنچە بۇ پۈتۈنلەي خاتا چۈنكى پەرزەنتلىرىمىز بىلىم ئالمىسا كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟بالا ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ھەم مىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ سىزگە ھەم ماڭا مەنسۇپ ئەمەس ئۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە مەنسۇپ،ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ بالىسىدۇر.ئۇلارنىڭ قانداق رەۋىشتە جەمئىيەتكە چىقىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.مۇنداق بىر رىئاللىقنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ.نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتى ئوغرى-يانجۇقچى مىللىتى بولۇپ قالدى دىمىسىمۇ بىزدە نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر يانجۇقچى بار،قايەرگىلا بارماڭ ئۇيغۇر يانجۇقچىلىرىنى ئۇچرىتالايسىز.ئۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگىنى نېمە؟ كىشىلەرنىڭ يانجۇقىدىكى پارچە پۇللار بىلەن تېلىفونلىرىنى ئوغرىلاشتۇر.كىشىلەر يانجۇقىغا يۈز مىڭلاپ پۇللارنى سېلىپ يۈرەمدۇ؟بۇ مۈمكىن ئەمەس ساپ پارچە پۇللار بىرنەچچە مىڭ سوم بولۇشىمۇ مۈمكىن.سىز تېلىۋېزورلاردىن ئۇچۇر ئالدامچىلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق ئارقىلىق ئوغرىلىغان پۇلىنىڭ سوممىسىغا قارا بېقىڭ.ئۇيغۇر يانجۇقچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەركىن قويۇۋەتسىڭىزمۇ بىر ناچە ئون يىل ھەتتا ئۇندىنمۇ ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇنچىلىك پۇلنى ئوغۇرلىيالمسلىقى تۇرغانلا گەپ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە نېمە بىرى نادان،يەنە بىرى بىلىملىك ئوغرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.مانا بىلىمنىڭ قۇدرىتى موشۇ كىچىككىنا ئىشتىنمۇ كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
2ئىش سىزلىق مەسىلىسى بىز دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە.خوش ئۇندق بولسا بىز نېمىشقا ئىشسىز قېلىۋاتىمىز؟
بۇنىڭ سەۋەلىرىنى يەنە ئۆزىمىزدن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.(1)بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپلەردە دىگەندەك ياخشى ئوقۇپ كەتمەيدۇ.مەسىلەن مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلاردىن مىسال ئالاي ئۆيۈمنىڭ يېنىدا مەلەۇم بىر ئالىي مەكتەپ بار، بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ -چىقىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپلا كېتەتتىم.ئۇلارنىڭ ئاشپۇزۇللاردا غىزالىنىشى،مەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ قاراڭلار بالىلارنىڭ كېيىۋالغان كېيىملىرىنىڭ مودىلىقىغا،ياۋاتقان تاماقلىرىنىڭ نوچىلىقىغا دەيدىغان قاراش پەيدا قىلغاندى.بىراق 4يىل ئودا تۆۋەنگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ قاراشلىرىمنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم.مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇ مەكتەپكە كىرىپ چىقان بالىلرىمىزنىڭ كۆپلۈكىگە مەستلىكىم كېلىش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت بۇ مەكتەپكە پەقەت ئۇيغۇر بالىلرىنى ئوقۇتىدىغان ئوخشايدۇ دىگەن خىياللارنىمۇ قىلاتتىم.2013-يلى 5-ئانىڭ مەلۇم بىر كۈنى  ساۋادېشىم شۇ  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى .   مەن ئۇنى  بىر ئىش توغۇرلۇق شۇ مەكتەپكە ئىزدەپ باردىم .پاراڭ ئارىلىقىدا مەن .
_مەكتىپىڭلاردا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بالىلار بارمۇ ؟دەپ سورىدىم .ئۇ مەكتەپتە 10مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىقىنى ئاز سانلىق ئاتالغانلارنىڭ پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىن ئېيتتى.مەن تېخى ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ نىمشقا ئۇنداق دەيسەن؟ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ئۇ.مەن ئۆزۈم كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم .ھەي دەپ بېىشنى چايقىدى-دە،بۇنىڭغا نمە دىگۈلۈك" خەنزۇ بالىلىرىنى كۈتۈپخاندىن تاپالايسىەن.بىزنىڭكىنى بولسا ئاشخانا،تورخانا ،قاۋاقخانىلاردىن ئىزدىسەڭ بولىدۇ" دىدى مەيۈسلەنگەن ھالدا.دىمەك بۇ بىر ھەقىقىي ئەھۋال ئەنە شۇنداى تانساخانىلاردا،تورخانىلاردا،ئىشرەتخانىلاردا يۈرۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇىشى مۈمكىنمۇ؟
(2)كەيىپ -ساپا ،ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلىش.
(3)يايغەزەللىك.
(4)مودىغا برىلىش.
ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئادەم سۆيۈنگىدەك ئوقۇيدىكەن ئۇلار ئىشقا ئۇرونلىشىدىكەن ياكى بولمىسا داۋاملىق بىلىم ئېلىش نىيىتىدە چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىدىكەن.
يەن بىر مەسىلە  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ خېلى كۆپچىلىكىدە نشان،غايە ئېنىق ئەمەس.ئۇلار پىقەت ئېتىز-ئېرىق ئەمگىكىدىن قېچىپ مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئاتا-ئانىسىنى قاقتى سوقتى قىلىش راھەت -پاراغەتتە ياشاش  نىيىتىدە ئوقۇيدىكەن.موشۇلارمۇ بالىلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالاماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى.يەن بىر جەھەتتىن بىزدە كەسىپ تاللاش ئېڭى تۆۋەن قايسى كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ئەھۋالى ياخشى بۇنى بىلمەيمىز.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ بىراق ئۇيغۇر جىمئىيىتىدە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارتۇقلۇقىنى ئويلاشمايدۇ،جەمئىيەت شۇنچىلىك كۆپ ئوقۇتقۇچىغا ئېھتىياجلىقمۇ؟ھازىر بار بولغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايۋاتسا ،يېڭى پۈتتۈرگەنلەرنى قايسى مەكتەپ ئالىدۇ.نىمىشقا ئاشۇ بالىلار بىرەر تېخنىك مەكتەپلەرگە كىرىپ سۇۋاركا، ماشىنا رېمىنۇتچىلىق ،ساتىراچلىق دىگەندەك كەسىپلەرنى ئۆگەنمەيدۇ؟
3.ھورۇنلۇق.ئۇيغۇرلارنى قوي بىلەن سېلىشتۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ.قويلارمۇ قۇرسىقى تويسا يېتىپ كۆشەيدۇ،قوزىلار بىر-بىرى بىلەن ئۈسۈشۈپ ئوينايدۇ.دىمەك بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ پۇلىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئاشۇ پۇللارغا ياخشى كېيىنىپ،ئۇيۇن -تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.خېىل كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرىنى ياراتماي كوچىدىن تاماق يەيدۇ.ئۆگنىشتە ئەمەس كىيىم -كېچەكتە،يىمەك -ئىچمەكتە ئۆز-ئارا بەستلىشىدۇ.مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى ياراتمايدۇ،باھنىسى ئايلىقى ئاز،جاپالىق دىگەنلەردىن ئىبارەت،شۇڭلاشقا باشقىلار بىزنى "شىنجاڭ بىكار"دەپ ئاتىشىدۇ بۇنىڭ مەنىسى چوڭ پۇلنى تاپالمايدۇ.كىچىك پۇلنى ياراتمايدۇ دىگەنلىك.
4.ھازىرقى جەمئىيەتتە سىز خىزمەتنى ئەمەس خىزمەت سىزنى تاللايدۇ.تېخى يېقىندىلا قىلىنغان بىر ئىستاتىسكىغا ئاسالانغاندا يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردا ئادەم كۈچى خېلى كەمچەل بولغان.بالىلار نېمە ئۈچۈن شۇنى قىلمايدۇ.2012-يىلى گۇئاڭدۇڭدا تۆت نەپەر دوكتۇر چوشقا گۆشى ساتىدىغان بىر ئىش ئورنىنى تالاشقان.بىزنىڭ بالىلىرىمىز قوي گۆشى ساتىدىغان ئىشنى ھەرگىز ياراتمايتۇ چۈنكى ئۇلار زىيالى ئەمەسمۇ؟..
5.نامراتلىق .نامراتلىقنىڭ مەنبەسى يەنىلا بىلىمسىزلىكتە.مەن 2012-يىلى جەنۇبقا قىلغا سەپىرىمنىڭ ئاخىرىدا لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ "داشى"كەنتىگە كەلدىم.بۇ جايدىكى كىشىلەر ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مېنى ھەيران قالدۇردى.ئاسفالىت يول،يول چىراغلىرى،داچاسىمان سېلىنغان ئۆيلەر،يول بويىغا سېلىنغان مەسچىتنىڭ چىرايلىقلىقى،بۇنداق مەسچىتنى جەنىبىي شىنىجاڭدىكى ناھىيە بازارلىرى ھەتتا شەھەرلىرىدىمۇ كەمدىن كەم ئۇچىرايدۇ.مەن ھەيرانلىق بىلەن بۇ كەنتنى ئايلىنىشقاباشلىدىم.دېھقانلار كىچىك ماشىنىلىرى ھەيدىگەن پېتى ئېتىزغا بارىدىكەندە،كىيم ئالامشتۇرغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشىدىكەن ،كەچلىكى پاكىز كېيىنىشىپ ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ قايتىشىدىكەن.پاراڭلىشىش ئارقىلىق شۇنى بىلدىمكى بۇ يېزىدا ئەڭ تۆۋەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكىلەر تولۇق ئوتتۇرنى ئوقۇغانلار ئىكەن ،زور كۆپچىلىك ياشلا  يېزا ئىگىلىك داشۇ لىرىنى ئوقۇپ يۇرتىغا كېلىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.ئۇلار ئايىقچىلارنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىكىلەر دەپ ئاتىشىدىكەن.مانا بۇ تىرىشچانلىقنىڭ بىلىمنىڭ قۇدرىتى بولماي نېمە؟
   دىمەك بىز  يەنە نېمە ئۈچۈن ھەدىسىلا مائارىپىمىز ئۇنداق،سىياسەت بۇنداق دەپ ئاغرىنىپلا يۈرىمىز؟مەكتەپلەر بالىلارنى دەھرى قىلىۋېتىدۇ دەپ ئاغرىنغاننىڭ ئورنىغا بىز ئائىلىدە ئۆزىمىز بەرگۈدەك بىلىملەرنى بەرسەك ،بالىلار مەكتەپلەردە پەننىي بىلىملەرنى ئىگىللىسە بولمامدۇ؟دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈپ بەرمىدى دەپ ئاغرىنىپ بالىلىرىمىزنى نادانلىقتا قويساق بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قانداق بولۇر؟ئالاھ ئىنساننى يارىتىش بىلەن بىرگە تاغ-دەريا،دېڭىز -ئوكيانلارنى يارتقانلىقىنى ۋە ھەر تۈرلۈك مەدەنلەرنى تېپىشماق سۈپىتىدە زىمىننىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى،بىزنى ھايۋادىن پەرقلىق(تەپەككۇر قىلالايدىغان)ياراتقانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋەتمەيلى !دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان،تەبىئەتە مەۋجۇت قانۇنلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئلا بۇرۇنلا يارىتىلىپ بولغان،ئۇنى بىز پەقەت پەننى بىلىملەرگە تايىنىپ بايقىيالايمىز،شۇنۇڭ ئۈچۈن مەن كەڭ قېرىناشلارنىڭ كاللىسىنى سېلىكىۋېتىش ئاساسىدا قايتا ئويلۇنىشىنى،بالىلرىنى بىلىمسىز قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.سىز مەكتەپكە بەرمىگەن بالىڭىزنىڭ ۋاقىتلىق تېپىپ بەرگىنىگە بېيىپ كەتمەسلىكىڭز مۈمكىن،
ئازغىنە مەنپەئەرىڭىز ئۈچۈن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ يۈكسېلىشىگە پۇتلا كاششاڭ بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.چۈنكى مىللەت بىر -ئائىلىدىن،بىر ئائىلىدىن ياخشىلانغاندىلا ئاندىن يۈكسېلەلەيدۇ.مىللەتنىڭ كەلگۈسى سىزنىڭ ھەم مېنىڭ قۇلۇمدا شۇنى بىلىپ قويۇڭ.ھەرگىزمۇ كىچىككىنە ئىشلارنى باھنا قىلىپ مىللەتنى نابۇت قىلماڭ خۇراپاتلىق سىزدىن ھەم مەندىن نېرى بولسۇن!ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىقىش يولى مائارىپتا شۇڭلاشقا سىز ھەم مەن ئالدى بىلەن ئشىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!بالىلىلىرىمىزنى مكتەپتىن ئېلىپ قاچميلى !مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئاشۇ بالىلارمۇ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ،مىللەتنىڭ ئۆزىمزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايلى كەيىپ ساپا،مودىغان بېرىلىش،قاپاق سۆلەتلىك بىزدىن نېرى بولسۇن!سىز ھەم مەن تاماق يىيىش ئۈچۈن ياشىمايلى!ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيلى سىزنىڭ ،مېنىڭ خەجلەۋاتقان ئاشۇ  پۇللىرىمىزنىڭ بىچارە ئاتا-ئانىمىزنىڭ قان تەرى ئىكەلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقارمايلى!مىللەت سىزدىن ھەم مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.مىللەتنىڭ ئۈمىدى،كەلگۈسى سىز بىلەن مىنىڭ قولۇمدا،تىرىشايلى قېرىنداشلار!كېينكى پۇشايمان ئۆزىمىزگە دۈشمەن.
ماقلىدا نۇرۈۇن كەمچىلىك -خاتالىقلارنىڭ بولۇشىدىن ساقلىنالمىغان بولۇشۇم مۈمكىن شۇندا بولغاچقا كەڭ ئوقۇرمنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى .ئىنكالىرىنى يازغاندا مەدەنىي بولۇشىنى ئادەمگە ھاقارەت قىلماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەم ئۈمىد قىلىمەن .ھۆرمەت بىلەن پەرھات جەمشىت ئوغلان 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-23 05:27 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
quxtikiakku + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
nazigul8 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
Pinhangul + 100 ياختۇردۇم
kukhelal + 100 تىتىملىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 408   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21137
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6308
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4282 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:03:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hammnini   bir   tayakta   haydimagla   , 

مەردان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھ ئەپەندىنىڭ تىمىسىدىن ئالەمچە ھوزۇر ئالدىم كۆپ تەشەككۇرلەر بولسۇن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4976
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9753
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 7379 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بۇ دۆلەت مەندە تۇرماس ، ئۇمەينەت سەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16327
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7240
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ ، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ، خۇتۇن - بالىلىرىڭىزنىڭ ، بىرقورساق ۋە نەۋرە - چەۋرە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىزنىڭ غېمىنى بىر ئوبدانراق يەڭە . ئاشۇ غەملەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولسىڭىزمۇ سىزنى مىللەتنى سۆيىدىغانلارنىڭ ئالدى قاتارىغا تىزىپ غايىۋىي ھۆرمەت قىلاي ، سۆيۈنەي . ماۋۇ راست گىپىم .

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mamatsale + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
falcon + 39
asma0996 + 11 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىقلانماڭ پادىشاھ ئەپەندى؟!
رىئاللىققا نەزەر ئاغدۇرۇش،ساختا كەيپىياتلار ئىسكەنجىسىدە قۇتۇلۇش تۆۋەن دەرىجىلىك كاللىغا نىسبەتەن ئارتۇقچە تەلەپ.ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ.ئىللەتلەر قوينىغا كۆمۇلۇپ ياتقان خەلىق بارلىق نەتىجىلەرنى سىياسىيغا يۈكلەپ قويغان بۈگۈنكى كۈندە ھەقنى ئاڭلاش چىدىغۇسىز ئازاپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-23 11:40 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇستەكەم ئرادە تەۋرەنمەس ئىتقات بولسىلا...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:10:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنى خۇراپاتلىق ۋە ئىلىم پەن خۇراپاتلىقى ئوخشاشلا بىزنىڭ بىرلىكىمىزگە تەھدىت بولۇۋاتقان ئامىللاردۇر.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:10:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلام ئەقىدە،ئۈزلۈكسىز تىرىشىش،توغرا يول بىرلەشسە ھەممە تۈزىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-23 08:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3024
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4535
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2849 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ئېڭى +ئىقتىساد ئېڭى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش