مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3426|ئىنكاس: 25

ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپتىن ئېرىشىدىغىنى 0 ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5822
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 04:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ نۇرغۇن ماقاللىرىنى ئوقۇدۇم ھەمدە ئۆزەم ياقتۇرغان جۇملىلەرنى ئېرىنمەي خاتىرەمگە كۆچۇرۇلغان ئىدىم بۇگۇن خاتىرەمنى ۋاراقلاپ ئاشۇ جۇملىلەرنى قايتا بىر ئوقۇپ چىقتىم.

2. " ئۇيغۇرلار كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ ئامرىكىلىقلار ئېرىشكەن ئۇنۇمىنىڭ 50% ئەمەس 10% گىمۇ ئېرىشەلمەسلىگىمۇ مۇمكىن ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئېرىشىدىغان ئۇنۇم چوقۇم نۆل بولمايدۇ " مانا بۇ بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش ھەقىدىكى مەشھور سۆزى ، مېنى قاتتىق ئازاپلىغان ھەم ماڭا ئۇمۇت نۇرى ئاتا قىلغان سۆز دىسەممۇ بولىدۇ . ئازاپلانغىنىم شۇكى ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش ھىسيات بىلەن كىتاپ ئوقۇساق بىز ئامرىكىلىقلار ئېرىشكەن ئۇنۇمنىڭ ئەللىك پىرسەنتگە ئەمەس ئون پىرسەنتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدىكەنمىز ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز ئۇلارنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ بولالمايدىكەنمىز ، مەيلى قانچىلىك كۆڭلۇم يېرىم بولسۇن بۇ بىر ئەمىليەت ئىدى ، كىتاپتا ئەييىن دەپ ئوقۇسىڭىز ئەمىليەتتە غەييىن ، ئامىركىلىقلار بىر ياقتىن كىتاپ كۆرۇپ بىر ياقتىن جەميەت رىئاللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ كىتاپقا نەقلەشتۇرۇپ كىتىۋىرىدىكەن ، لېكىن مۇنۇ يەردە سىز كىتاپنى كۆتۇرىۋېلىپ ھەممىنى كىتاپ بويىچە قىلىمەن دىسىڭىز ، ئىھتىيات قىلىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئەۋرەز يولىغا چۇشۇپ كتىىشڭىز مۇمكىن . نىمە ئۇچۇن مۇنۇ يەردە كىتاپ بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدا شۇنچە چوڭ پەرىق چىقىدىغانلىقىنى جەميەتشۇناسلارغا قالدۇرۇپ قويۇپ ، بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئۇنۇم چوقۇم نۆل بولمايدۇ دىگەن جۇملىسىدىن قانداق ئۇمۇتلەنگەنلىكىم ھەقىدە سۆزلەي دەيمەن .

3.شۇنداق بىلىمخۇمار ئاكىمىز ناھايىتى توغرا گەپ قىلىپتۇ ، ئۇنۇم چوقۇم نۆل بولمايدىكەن . ھەممىڭلارغا قۇرئان كەرىمدىكى بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر تەڭ بولمايدۇ دىگەن مەندىكى ئايەتنى ئەسلىتىمەن . مېنڭ ئۇزۇن مۇددەت كىتاپ كۆرۇش ئادىتىمدىن يەكۇنلىگىنىم شۇ بولدىكى  مەن كىتاپ كۆرسەم پەقەت ھوزۇرلۇنۇش ئۇچۇنلا كۆرەتتىم بارا بارا مەندە  دەستە دەستە گۇلدەستە ،ئاسماندىن بىر غاز چۇشسە دىگەندەكرەك بىر مۇۋاپىقيەت قازىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ مۇۋاپىقيەتشۇناسلىق كۆڭۇلشۇناسلىق ھەقىدىكى كىتاپلارنى ئېرىنمەي كۆرىدىغان بولدۇم ، ئەلۋەتتە بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بىر يۇرۇش ئۇرغۇتۇش ئۇيغۇتۇش تىپىدىكى ماقاللىرىمۇ شۇنۇڭ ئىچىدە ،  شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ گەرچە مۇۋاپىقيەتكە يېققىنلىشالمىغان بولساممۇ كاللام مۇۋاپىقيەت ھەقىدىكى يېڭى جۇملىلەر بىلەن تولوپ تاشتى ، بۇ چاغلار ئۆتە بەك دومىلە كۇنلەر بولدى ، باشقىلارغا سۆزلىسەملا كۇلكە مەسخىرىگە قالىمەن ، سۆزلەيدىغىنىم ئېنىقلا رىئاللىققا ماس كەلمەيدىغان كىتاۋى سۆزلەر ئىدى ، دىمەك مۇۋاپىقيەتتىن تولۇمۇ يىراقلاپ ئۆزەمدىن قاتتىق گۇمانلاندىم ،ئەجىبا مېنىڭ كىتاپ ئوقۇپ ئېرىشىدىغىنىم مىنۇس مانچە بولۇپ قالدىغىيزە ، لېكىن بىر كۇنى .................

4. بىر كۇنى ئەھۋال تېخىمۇ چاتاقلاشتى . ئاسماندىن چۇشىدىغان مۇۋاپىقيەتنى ساقلاۋاتسام بىر چوڭ كىلىشمەسلىككە ئۇچۇردۇم ، ئىچىم قاتتىق سىقىلىدى ،  دىققەت قىلىڭ ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلسا  سىقىلغان يەردىن بىر جاۋاپ چىقىدىكەن . مەن ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى ئەرزىمەس بىر باياندىن مېنىڭ مۇشكۇلۇمنىڭ جاۋابى چىقتى ، مەن شۇ بويىچە مېڭىپ ئاخىرى بۇ كىلىشمەسلىكىنى بىر ياخشى ئىشقا ئايلاندۇرۇدۇم ،  گەرچە بۇ ئىشنى مۇۋاپىقيەت دىيشىكە بالدۇرلۇق قىلىسۇمۇ بۇ يامان ئىش شەك شۇبىھىسىز مەن ئۇچۇن بىر ياخشى ئىشقا ئايلانغان ئىدى. شۇكرى دىدىم ، ئادەم كۆپرەك بىلسە ياخشىكەن ، بىر كۇنى بولمىسا بىر كۇنى بىلگىنىنى ئىشلىتەلەيدىكەن ، كىتاپ ئوقۇغاچقا بۇ ئىشنى كىتاپتىكى ئاشۇ بايانلاردىن ئىلھاملىنىپ ياخىشى بىر يولىنىشكە باشلىيالىدىم . ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپتىن ئېرىشىدىغىنى نۆل ئەمەسكەن . ئاللاھ خالىغان ئادەمگە خالىغان يەردىن ئەجىر مىۋە بىرىدىكەن .

5. ئەمدى بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ يوقۇرقى سۆزىگە قوشۇمچە قىلىدىغىنىم كىتاپ ئوقۇش سىز شۇ كىتاپنى ئوقۇغان نەق ۋاقىتتا سىزگەمەنپەئەت ئەكىلەلمەسلىكى مۇمكىن ، ئامرىكا بولمىغاندىن كىيىن بۇ يەر ، ئەمما بىر مەزگىلدىن كىيىن كىتاپ ئوقۇپ قەلبىڭىزگە تېرىلغان ئۇرۇقلار بىخلاپ باراقسان بولمايدۇ دىگىلى بولمايدىكەن .
شۇڭا كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئون پىرسەنتمۇ ئۇنۇمگە ئېرىشەلمىگەندەك تۇرغان بىلەن ئاستا ئاستا بۇ پىرسەنىت ئۆرلەپ سىزگە توختىماي مەنپەئەت يەتكۇزىشى مۇمكىن ، ئامرىكىلىقلاردەك دەرھال ئەللىك پىرسەنىت ئۇنۇم ياكى ئۇنۇڭدىنمۇ يوقۇرى ئۇنۇمگە ئېرىشەلمىگەن ھالەتتىمۇ ۋاقىت ئۇزارغانچە ئاشۇ كىتاپتىن يەنىلا مۇئەييەن كۆڭۇلدىكىدەك ئۇنۇم ھاسىل قىلالشىڭىز مۇمكىن .

6.يەنە بىر كىتاپ ئوقۇش ھەقىدىكى تەسىراتىم شۇكى ئادەتتە مەن كىتاپنى چۇۋالچاق قالايماقان كۆڭلۇم خالىغاننى ئوقۇيمەن ، بۇ گەرچە نىشانلىق ئوقۇشتەك مەقسەتكە دەرھال يەتكىلى بولمىسىمۇ ئەمما بۇ كىتاپنى ئوقۇۋەرسىڭىز قەلبىڭىز ياكى يوشۇرۇن ئاڭ  سىز ئوقۇغان نەرسلەرنى ياكى سىز ئوقۇپ سىزگە تەسىرقىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆزى رەتلەيدىكەن ، رەتلەپ يۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قەلبىڭىزدىكى بۇ چۇۋالچاق ھالەت رەتلىنىپ سىزگە يارىغۇدەك بىر  قىممەت قاراشتەك بىر نەرسىنى شەكىللەندۇرىدىكەن ، بۇنى مۇنداق دەيلى ئادەتتە بىر مەيدانغا توپا خىش قۇم بىتۇن ، دىگەنلەرنى دۆۋىلىۋەتسەك ئون يىلدىن كىيىن كەلسەكمۇ ئوغۇرلاپ كەتمىگەنلا بولسا شۇ پېتى تۇرىدىكەن ، ئەمما كۆڭۇل مەيدانىڭىزغا تۆكۇلگەن نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشمايدىكەن ، ئۇ توختاۋسىز ئاڭسىز ھالەتتە رەتلىنىپ توختىماي سىزنىڭ رىئاللىقىڭىزغا ئەپلەپ باقىدىكەن ، بىركۇنلىرى يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزگە قۇراشتۇرۇپ بەرگەن ئاشۇ قىممەت قاراشلار رىئاللىق بىلەن ئۇستمۇئۇست چۇشۇپ سىزگە ئامەت ئېلىپ كەلمەيدۇ دىگىلىمۇ بولمايدىكەن .

7. دىمەك ۋاقتىڭىز بولسا ئۆزىڭىز خالىغان كىتاپلارنى كۆرۇپ قويۇڭ ، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلىڭىزدىن قەتئى ئۇمۇتسىزلەنمەڭ ، ھامىنى بىر يەردىن تىشىپ چىقىسىز ، ھەرگىز نۆل بولمايدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
apisi502 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15237
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7548
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3790 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 06:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىمىزنىڭ كىتابقا بولغان قارىشى ئوخشاشكەن،كۆڭلۈمدىكى گەپلەر ئىكەن!

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەركىشنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان  يولدىن توسۇپ قالالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 440
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 06:52:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئۇيغۇرلار بىلەن ئامرىكىلىقلارنىڭ كىتابتىن ئالىدىغان پايدىسىنى تىلغا ئېلىپسىز، بۇغۇ بىر سېلىشتۇرۇش يۈزسىدىن يېزىلغان بولسا كېرەك، لېكىن بىز نېمە ئۈچۈن 10 پىرسەنتچىلىكمۇ پايدا ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايمىز، ئەمما ئامرىكىلىقلار 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۈنۈم يارىتالايدۇ؟؟؟
     بۇ نېمىگە ئاساسەن كېلىپ چىققان قىممەتكەن؟ بۇنى مەخسۇس ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمى ھەم ئامرىكىلىقلار كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمى دەپ تەتقىق ئېلىپ بېرىلغان تېمىمىكەن؟
    50 پىرسەنت ۋە 10 پىرسەنتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟؟

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:05:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدىغان كىتاپلاردا شۇنداق بولار.ئەمما ئەقىدە،قەلىبنى ئۆزگەتىدىغان كىتابلاردا ئۇنداق چوڭ پەرق كۆرۈلمەيدۇ.
شەخسى قارىشىم ھە؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4302
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 10:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن بۇ قاراشلارنى قوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1863
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 11:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرگىز نۆل بولمايدۇ

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6929
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:10:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 08:05 PM
تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدىغان كىتاپلاردا شۇنداق بولار.ئەمما  ...

ھەئە   مېنىڭچىمۇ شۇنداق

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5822
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:16:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىنى كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا كېرەك  ، چۇنكى ئىسلام دىنىمىزدا يىتۇك ئۆلىمالار يىتىشكەن دىيارىمىزدا  ، ئاشۇ ئامرىكىلىقلار تېخى شەكىللىنىشتىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا دىنى ئۆلىمالار بۇ زىمىندا ياشىغان ئەلۋەتتە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77475
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-15
ئاخىرقى: 2013-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:46:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93176
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:55:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش