دوستلۇق ئۈنچىلىرى
كىشىلىكتۇرمۇش دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ، دوستلىشىشقا ماھىر بولمىسىڭىز، دوستسىز قالىسىز،يىگانەدوستسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟
بىر دوست كۆپەيسە بىر يولڭىز كۆپىيىدۇ دەپتىكەنكونىلار، دوستىڭىزنىڭ كۆپ ئاز بۇلۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق. دوستلىشىشتاتۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ.
1. دوستىڭىزغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىڭ،سۆھبەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ، گىپىنى ئورۇنسىز بۆلىۋەتمەڭ.
2. دوستىڭىز سىزگە دەردىنى ئېيتىۋاتقانداتېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماڭ، يەنى خوشاللىقىڭىزنى سۆزلىمەڭ.
3. دوستىڭىز قۇبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەزنەسىھەتلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
4. دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەتمەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى باشقىلارغا ھەرگىز ئېيتماڭ.
5. دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دوستىڭىزنىھەدەپ ماختاۋەرمەڭ، دوستىڭىز ئۆزىگە بولغان يېقىنلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنمىسۇن.
6. دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا،ئۇلارنىڭ بىر بىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزۈشكە ئالدىرماڭ،بەلكى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ چىگىشىنى يىشىپ، دوستلۇقنىئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
7. دوستىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنىھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
8. خاتىرە كۈنلىرىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ،ئاددى بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
9. دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆزىڭىزنىڭئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
10.دوستلارئارا دەتالاشتا ئەزۋەيلىمەڭ، جىم تۇرىۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئوبدان ئويلىنىۋېلىپئاندىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز، ئەگەر خاتالىقدوستىڭىزدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىڭىز رەنجىسە دەرھال يۈزىگە سالماي، سەل ئويلىنىشقا ۋاقىتبېرىڭ، ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرت تۆكمەڭ.
مەنبە: تورئەسەرلىرى تەرجىمىسى
دوستلىرىمغا سالامەتلىك ۋە ئاللاھدىن ھىدايەت تىلەيمەن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 03:58 PM