|
|
|
|
بىر قانچە كۈن بۇرۇن مىسرانىم مۇنبىردە قازاقىستان دۆلەت كوماندىسى بىلەن غۇلجا شەھەر كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە ئۇچۇرىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم . بۈگۈن مىكرو بىلوگدا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتقانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ قەلبىم ھاياجانغا تولدى .
شۇنىڭ بىلەن تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش جەريانىدا ئازراق ئەھۋال بارلىقىنى ھىس قىلدىم ، شۇڭا بۇ ئىشنى تورداشلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىنى سورايمەن .
مەن تەكشۈرگە مەزمۇندا قازاقىستان دۆلەت كوماندىكى ئەمەستەك ئۇچۇرنى ئۇچىراتتىم . مەنمۇ ئېنىق جەزىملەشتۈرەلمىدىم . بەيدۇدىكى قازاق مۇنبىردە (哈萨克贴吧) بۇ كوماندىنىڭ قازاقىستان دۆلەت كوماندسى ئەمەس دىگەن .
مۇناسىۋەتلىك ئادىرىس :http://tieba.baidu.com/p/2410475942
مىسرانىمدىكى مۇناسىۋەتلىك تىما :
مىكرو بىلوگدىكى ئۇتقانلىق مىكرو بىلوگى :
ئەگەر ھەقىقەتەن قازاقىستان دۆلەت كوماندىسىنى ئۇتقان بولساق ھەقىقەتەن بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ ، ئەگەر دۆلەت كوماندىسى ئەمەس باشقا كوماندىسىنى ئۇتقان بولساقمۇ بۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ، داۋاملىق تېرىشساق بولىدۇ قېرىنداشلار ! ئوخشاشلا خۇشاللىنارلىق ئىش . شۇڭا بۇ ئىشنى قالايمىقان تەشۋىق قىلماي توغرا ئۇسۇلدا لايىقىدا خوش بولساق ، داۋاملىق تېرىشىپ پوتبولچىلىقىمىزنى گۈللەندۈرەيلى !
مېنىڭمۇ ئىگەللىگەن ئۇچۇرۇم مۇشۇنچىلىكلا ، ئەگەر مەن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلار خاتا بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن . پوتبولچى ئەزمەتلەرنىڭ داۋاملىق تېرىشىپ يۇرتىمىز پوتبولچىلىقىنى داۋاملىق گۈللەندۈرەيلى . ئەجىرنى تىگى ئالتۇن !
مەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 137166676 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-23 01:49 AM
|
|
|
|
|
|