مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5622|ئىنكاس: 20

چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 12:18:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

   قەشقەر ـ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتىنىڭ مەركىزى، يىپەك يولىدا پارلىغان نۇرلۇق مەرۋايىت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر. تارىم ۋادىسدا ياشىغۇچى تۈركىي ۋە باشقا مىللەتلەر خېلى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشاپ مول ۋە رەڭدار بولغان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۈيۈك خاقانىيە خانلىقى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. خاقانىيە سۇلالىسى ئاز كەم 400 يىل سەلتەنەت سۈرۈش جەريانىدا، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، قوشنا ئەللەر مەدەنىيتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 11-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ۋەكىل خاراكتىردىكى ئىككى پارچە شانلىق ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قەشقەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى قەشقەرلىك. «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئۆلمەس ئەسەرنى قەشقەردە ئىجاد قىلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن.
قەشقەر رايونى قەدىمدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي يىپەك يولىنىڭ قوشۇلۇش نۇقتىسىدا بولغاچقا، ئۇ يالغۇز شەرق بىلەن غەرب سودا ئىشلىرىدا مۇھىم بولغان زۆرۈر جاي بولۇپلا قالماستىن، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئالمىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، دۇنيادىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ۋە نام-ئاتىقى بار بىر قانچە چوڭ دىن بۇ زېمىندا ئۇچراشقان. شۇ تۈپەيلى چەتئەللىك بەزى ئالىملار بۇ رايوننى ناھايىتى كېلىشتۈرۈپ «خەلقئارا مەدەنىيەتنىڭ ئاچىلى» دەپ سۈپەتلىگەن.
ۋاھالەنكى، سەئىدىيە خانلىقى يېمىرىلگەندىن كىيىن، خىلمۇ-خىل ئىچكى-تاشقى نىزالار ۋە چوڭ كىچىك يېغىلىقلار تۈپەيلى، قەشقەر تارىختىكى ئۇلۇغ سەلتەنىتىنى يۇقىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇزاق تارىخى جەريان ۋە زور بەدەللەر ئاستىدا يارىتىلغان شانلىق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران قىلىنىپ، ئەمەلدار، بەگ-تۆرىلەر نام-ئەمەل ۋە مال-دۇنيا كويىدا تۈگىمەس جەڭگى-جىدەللەر بىلەن بەنت بولغان بولسا، ئاۋام نادانلىق ۋە نامراتلىققا مەھكۇم بولۇپ، قارا تەقدىرنىڭ قۇل قىلشىغا مۇپتىلا بولغان. قەشقەر جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاتالغان خەلق دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن، يىتىم ۋە بىكىنمە ھالەتتە ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان ئىدى.

   1876-يىلى رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن پرژىۋالىسكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ جاھاندىن بىخەۋەر ھالەتتىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش مۇھىتىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالىدۇ. ئۇلار قۇمۇشتىن ياسالغان ساتمىلاردا بەخىرامان ياشايدىغان، بېلىقچىلىق ۋە قۇشۇمچە ئوۋچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان، سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بۇ كىشىلەر بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى ئاسمان- زېمىن پەرقنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، مۇنداق دەپ خاتىرە قالدۇرغان: «بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىنلا نامرات بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھى دۇنيا ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش جەھەتتىمۇ ئاجايىپ زەئىپلىك ئىچىدە ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرى ۋە ئاڭ- سېزىمى پەقەت ئەتراپىدىكى تار مۇھىت بىلەنلا چەكلىنىدىكەن، سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىراتى ۋە چۈشەنچىسى يوق ئىكەن. قېيىق، قارماق، تور، بېلىق، قومۇش ۋە چەكسىز قۇملۇق … مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىكەن. بۇنداق بېكىك مۇھىت ئىچىدىكى تىمتاس ھايات ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە ئىھتىياجىنى يوقىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ يوق قىلىۋېتىدىكەن. ئۇلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا كۆز ئالدىدىكى قومۇشلۇق كۆلدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئۈمىد باغلىمايدىكەن. ئۇلار ئۈچۈن تاشقى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ئىكەن. نامراتلىق، ئاچ- زارلىق ۋە رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن توختاۋسىز رەۋىشتە كۈرەش قىلش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدە بىر خىل جاھىللىق، ئىچىگە تىنىپ كەتكەن سۈكۈت ۋە ئۆتكەن كۈنىگە شۈكۈر قىلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ سۇلغۇن چىرايىدىن كۈلكە- تەبسسۇمنى كۆرۈش ناھايتى تەس ئىكەن».

   XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ زور تۈركۈمدىكى چەتئەللىك سەيياھلار ئۇزاق ۋاقىت بېكىنمە ھالەتتە دۇنيادىن خالى قالغان مەركىزى ئاسىيا رايونىغا، جۈملىدىن تارىم ۋادىسىغا زور قىزىقىش ئىچىدە نەزىرىنى تىكتى. يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە بارلىققا كېلىپ، قۇم ئاستىغا غەرق بولۇپ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان سىرلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك ئېكىسپېدىتسىيە ئېلىپ بېرىپ، ئارقا-ئارقىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى چېكىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، «مەركىزى ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن تارىم ۋادىسنىڭ ياۋروپاغا بەرگەن تۇنجى تەسىراتى قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى پارلاق مەدەنىيەتلا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقى ئىدى. مانا بۇ ياۋروپا دەۋر پاراۋوزىنى ھەيدەپ ئالغا كەتكەن XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا جاھان ئۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر قالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ رېئال كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇ يەردە تارىخ گويا بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك، ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى يوقاتقاندەك، شۇنداقلا دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنىڭ بۇ يەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك بىرخىل دۈملەنمە ھالەتتىكى بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى».
دەرۋەقە، چەتئەللىك سەيياھلار تارىم قوۋۇقىنى چېكىشتىن ئىلگىرى، بۇ مۇقەددەس دىيارلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كېلىشى بەسى مۇشكۈل بولغان، ياتلار تولىمۇ ئاز قەدەم باسقان ياكى قەدەم بېسىشى مۇمكىن بولمايدىغان بېكىك بىر رايون ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدا يارىتىلغان پارلاق قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن ئاستا- ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئەينى دەۋردە بارچە ئەل كىشىلىرىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان بۇ سېخى زېمىننىڭ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئاۋات مەنزىرىسى ئەبەدىي يوقالغان ئىدى.
قەشقەر تارىمنىڭ يۈرىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىمنىڭ غېرىپلىقى، بېكىكلىكىدىن مۇستەسنا بولالمىدى. سەيياھلار كارۋانلىرى قەدىمىنىڭ يېتىشى بىلەن تارىختىكى سەلتەنىتىنى يوقاتقان، ئۇنتۇلغان «قەدىمى ماكان»__ قەشقەرنى كىشىلەر قايتىدىن ئەسكە ئېلىشتى. ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ مۇقەددەس زېمىنغا قەدەم باستى. قەشقەر بەزىدە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەلەي سىناش مەيدانى بولسا، بەزىدە «ئەجنەبىيلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى» بولدى، يەنە بەزىدە رەقىبلەرنىڭ تىركىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. ھەر خىل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چەتئەللىك سەيياھلار بۇ دىيارنى تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى. شۇنداقلا قەشقەر ھەققىدە مۇھىم بولغان خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. سەيياھلارنىڭ قەشقەرگە كىرىشى ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيلىك ساياھەتچى ماركوپولودىن باشلانغان بولسا، چوقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبىرت شاۋ، سۋېن ھېدىن، كاتارىن ماكارتىنىي، گۇننار يارىڭ، نوشىرۋان يائوشېف… قاتارلىقلارمۇ ئۆز مۇددىئاسى بويىچە قەشقەر سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەشقەرنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى…قاتارلىق جەھەتلەردىن خېلى ئەتراپلىق تونۇش-تەسىراتقا ئىگە بولغان ئىدى.
سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى قەشقەرنىڭ بايانى

   1271-يىلى ئىتالىيلىك ماركوپولو ۋىنىتسىيىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق 1275-يىلى 5-ئايدا قوبلەي خاننىڭ ئوردىسى خانبالىق (بېيجىڭ) قا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە بۇيەردە بىرقانچە يىللار تۇرغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاترىسى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى قەشقەر شەھىرى ۋە ئاھالىسىنىڭ سودا- تىجارىتى ھەققىدە مونۇلارنى يازىدۇ: «ئاخىر بىز قەشقەر (kashgar,kashcar) دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر قەدىمكى زاماندا بىر مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەن. لېكىن ھازىر ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا ئېلىنىپتۇ. ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىكەن. بۇ يەرنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەھەر- راباتلىرى ۋە قەلئە-قورغانلىرى كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ئەڭ مۇھىم شەھەر ھىسابلىنىدىكەن. خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە تىلى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار سودا-تىجارەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلدىكەن. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق خېلى تەرەققى قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ چىرايلىق باغلىرى، مېۋىزارلىقلىرى ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى بار ئىكەن. كېۋەز، زىغىر ۋە كەندىرنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ مول ئىكەن. بۇلارنى مۇشۇ دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. ئەمما بۇ ئەلنىڭ خەلقى پاكىزلىققا بەكمۇ رىئايە قىلمايدىغان بولغاچقا، پاسكىنىچىلىقتا بەكمۇ بىچارە ئىكەن. ئۇزۇقلۇقى بەكمۇ يېرىك، ئىچىملىكلىرى بەكمۇ سۈپەتسىز ناچار ئىكەن. ئاھالە ئىچىدە مۇسۇلمانلاردىن سىرت، نىستورىئان مەزھىپىدىكى خرىستىئانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ دىنىي قائىدە- يوسۇنلىرى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا ئىبادەت قىلىدىكەن. پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن بەش كۈنلۈك يولنىڭ مۇساپىسىچىلىك كېلىدىكەن.»  مانا بۇ، بۇنىڭدىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى بىر چەتئەللىك نەزىردىكى قەشقەرنىڭ بايانى، ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى، تىرىكچىلىك ئەھۋالى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ كارتىنىسى.

رۇسىيىلىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر
ماركوپولودىن كىيىن، پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىگە ناتونۇش بولۇپ كېلىۋاتقان ئالتە شەھەردىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ماكاننى قايتىدىن ياۋروپاغا تونۇتقان تۇنجى ئېكىسىپېدىتسىيىچى چوقان ۋەلىخانوف ئىدى.  
چوقان ۋەلىخانوف XIX ئەسىردە قازاقلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر تارىخچى، جۇغراپىيشۇناش ھەم ئېكىسپېدىتسىيىچى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسىمى مۇھەممەت ھەنەپى بولۇپ، چوقان ئۇنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى. چوقان قازاق خانلىقىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ 18 يېشىدا ئارمىيىگە قاتنىشىپ، رۇسىيىنىڭ غەربىي سىبىر گوبىرناتورلىقىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1856-يىلى 5-ئايدا چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن جسۇسلار گۇرۇپپىسىنىڭ سېمېنوف تىيانشانىسكى باشچىلىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تەركىبىدە تەڭرىتاغنى تەكشۈرۈش پائالىيتىگە قاتناشقان. 1856-يىلى 8-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە غۇلجىدا ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈشتە بولغان، بۇ جەرياندا ئۇ «چىڭ ئېمپىرىيسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە غۇلجا شەھىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرسىنى يازغان.
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى ئۇنىڭ 1858-يىلدىن 1859-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى ۋە بۇ ھەقتىكى دۇنياغا مەشھۇر خاتېرىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى پائالىيتى جەريانىدا «تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بوغراخان»، «تەزكىرەئى خوجىگان»، «تەزكىرەئى توغلۇق تۆمۇرخان» ۋە «ئەبۇمۇسلىم مەرۋەزى» قاتارلىق قوليازمىلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز ئۇچرايدىغان تاغ جىنىسلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ئەرۋىشكىلىرىنى توپلايدۇ. چوقان قەشقەر سەپىرىدىن قايتقاندىن كېيىن «قەشقەرگە سەپەر» ناملىق كۈندىلىك خاتىرسى بىلەن «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
چوقان تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى سەيياھ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنىڭ توغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى بىلەن نىسبەتەن تونۇش بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىسىقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قەشقەر توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياقىدۇ، ئۇ قەشقەرنىڭ ئىقلىمىنى «ئادەمگە يېقىشلىق، سالامەتلككە پايدىلىق، ياتلارنىمۇ يەكلىمەيدۇ. قىش پەسلى قىسقا، تۈزۈك قار ياغمايدۇ» دەپ تەرىپلەيدۇ. چوقان ۋەلىخانوف ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار يۇرت ناملىرى ۋە باشقا بەزى ناملار بىلەن ئاتىلىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «كىچىك بۇخارا (ئالتە شەھەر) نىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى يوق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قەشقەرلىك، خوتەنلىك، قومۇللۇق دېگەندەك يۇرت ناملىرى بىلەن ئاتايدۇ. مانجۇلار (ياكى خەنزۇلار) چەنتۇ ياكى قالماق، دەپ ئاتىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن قىرغىزلار ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قەشقەرلىكلەر دەپ ئاتايدۇ. بۇ يۇرتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تۈركىي تىلىنىڭ ئالاھىدە بىر دىئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ، خاراكتېرى ۋە روڭگى- روھىغا قارىغاندا ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت».  چوقان ساياھىتى جەريانىدا، ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكى، كىشىلىك پەزىلىتى ۋە قائىدە- يوسۇنلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ ھەم بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك قائىدە-يوسۇنلىرىنى قانچە ماختىساق ماختىغۇچىلىكى بار. مانجۇ خاندانلىقىنىڭ ئامبال-بەگلىرى ئۇلارنى گۇمانخور، يالغانچى، ھورۇن ھەم نادان دېيىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۇلارنى قورقۇنچاق، دىنى سۇس ھەم بۇزۇق دېيشىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پۈتمەس- تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق- زۇمبۇلۇق ھەم ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر- بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھۇرۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ مىللەتتە باشقا مىللەتلەرگە نېسىپ بولمىغان شۇنداق بىر سېھرىي كۈچ باركى، ئەگەر بۇ مىللەت باشقىچە بىر ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولالىغان بولسىدى، ئۆزلىرى بىلەن بىر دىندىكى باشقا مىللەتلەرنى ئاقىدا قالدۇرۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. ئالتە شەھەرلىكلەر كۆيۈمچان، باغرى يۇمشاق، ئوچۇق-يۇرۇق، ئەمگەكچان ۋە قائىدە-يوسۇنلۇق خەلق. ئۇلار قائىدە-يوسۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمما ئالتە شەھەر بەگلىرى قائىدە- يوسۇنلارنى بەك ئاشۇرۇۋېتىدۇ».

قەشقەر، خاقانىيە خانلىقى دەۋرىدە ئىسىلام دىنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش مەركىزى بولغانىدى. ھالبۇكى، چوقان بۇ يەرلەردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئىسلام يوسۇنلىرىنىڭ باشقا جايلار (قوقان ۋە بۇخارالار) بىلەن خېلى روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «بۇ يەردە ئىسلام دىنى يەرلىك قائىدە-يوسۇنلارغا بېقىنىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولىنى يوقاتقان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدا قەتئى كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاياللار ئازاتلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ» دەيدۇ. چوقاننىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئاياللار ئەركىنلىكى» دېگەندە، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، «ئالتە شەھەرنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەتتا، جەمئىيەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلشىدىغان ئاياللارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. يەكەن ھاكىمبېگى ھادىنىڭ ئايالى رەھىمە 1765-يىلى يەكەندە تۈزۈملەرنى چىڭىتىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزغان. قەشقەر ھاكىمبېگى يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئايالى سەكىمەخان مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا قازا قىلغان. ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بىللە مەشرەپ، بەزمىلەرگە بارىدۇ. بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ» دەيدۇ ھەمدە ئەمەلىي مىساللارنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

قەشقەرگە كەلگەن چەتئەللىكلەر ياكى چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر دېگەن بۇ تېمىدا توختالغاندا، XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيىدە ياشاپ ئۆتكەن «مەشھۇر كېڭەيمىچىلەرنىڭ بىرى»، روسىيىلىك يەنە بىر سەيياھ ئا. ن.كوروپاتكىننى قىسىقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارايمىز. 1876-يىلى مايدا turkنىڭ باش ۋالىسى، ياساۋۇل گېنېرال ۋون. كائوفمان (Von Kaufmann) ياقۇپبەگ ئىشغالىيتىدىكى رايون بىلەن پەرغانە ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيسىنى يېڭىباشىتىن ئايرىپ بەلگىلەپ چىقىش ئۈستىدە ياقۇپبەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىگىنى تۇنجى قىتىم قەشقەرىيەگە ئەۋەتىدۇ. كوروپاتكىن بۇ ھەقتە مونۇلارنى يازىدۇ: «مەن بۇ ئەلچىلەر ئۆمىگىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مېنىڭ ئاكام، توپچى قىسىمنىڭ كاپىتانى ن. كوروپاتكىن (N.Kroopatkin) ۋە لېيتىنانىت ن.سىتارتىسيېۋ (N.Startseff) بىلەن ئا. سونارگولوۋ (A.Soonargoolooff) لارمۇ بۇ ئەلچىلەر ئۆمىگىنىڭ ئەزالىقىغا بەلگلەندى. بۇنىڭدىن سىرت بىزگە ساقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە 15 كازاك ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىلدى».  
كوروپاتكىن گەرچە «قەشقەرىيە» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى <قەشقەرىيە> جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنى كۆرسىتەتتى، شۇ سەۋەپتىن پۈتۈن كىتابتا قەشقەر نامى ئاتىلىپ بېرىلگەن بايانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئۆز مۇددىئاسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەر شەكلى، رايونلار ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ يەرلىرى شور تۇپراقلىق، پەقەت بوستانلىقلارلا مۇنبەت كېلىدۇ. قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇب تەرىپى كەڭ قۇملۇق چۆل بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا قوملۇقلار ئاز. بۇ جايلاردا ئېدىرلىق شەكلىنى ئالغان قۇملۇقلارنى ئاندا- ساندا ئۇچرىتىش مۇمكىن. تاغ باغرىدىكى يەرلەر شېغىل تاشلىق سايلاردۇر».  «ھەر بىر رايوندا بىردىن شەھەر ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ- كىچىك مەھەللىلەر بار. قەشقەر رايونىغا تەۋە يەرلەردىن سەمەن، توققۇزاق، قوغان، قاراقىر، بەشكىرەم، ئاۋات، قىزىلبۇي، ياندۇرما، باي توقاي، قوشئاۋات، پەيزىئاۋات، كوپسەڭگى، تۇپراقلىق، قارا باغ، پاراچ، بورا خىتاي، ناچۇق، دۆلەتباغ ۋە قىزىل دۆۋە قاتارلىقلار بار». ئۇنىڭدىن باشقا، كوروپاتكىن يازمىسىدا («قەشقەرىيە» دە) قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھەرساھە ئەھۋالىغا ئالاقىدار خېلى كۆپ ئۇچۇرلار بار.
تەۋەككۈلچى ئېنگېلىزلار ۋە چىنباغدىكى كونسۇل خادىملىرىنىڭ قەشقەر تەسىراتى
   XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئېمپېرىيسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېڭىيىشى ۋە پامىر رايونىغا تەدرىجىي يېقىنلاپ كېلىشى، ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان برىتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق برىتانىيە ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىغا زور تۈركۈمدىكى ئېكىسپىدىتسىيچى ۋە ئۇچۇر توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتىدۇ. شۇ مەزگىللەردىكى تارىم ۋادىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇر بەرگۈچى ئەنگىلىيلىك روبېرت شاۋ ۋە ئۇنىڭ قەشقەر ۋە يەكەن ھەققىدە يازغان «ئەنگىلىيلىك بىر سودىگەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىك خاتىرىسى» دېگەن كىتابىدۇر.

   1868-يىلى 20- سىنتەبىردە ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ئەنگىلىيلىك چاي سودىگىرى ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، لاداق رايونىدىكى لېھ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ھىمالايا تاغلىرى ئېتىكىدىكى سىرلىق ئويمانلىق__ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەركەن ۋە قەشقەرگە بېرىش ئىدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ياقۇپ بەگ تارىم ۋادىسىنى ئىگەللەپ، بۇ يەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمرانىغا ئايلانغانىدى. روبېرت شاۋ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشىدۇ. شۇنداقلا بىر مەزگىل ئۇنىڭ نەزەربەندى ئاستىدا تۇرىدۇ.
شاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى سىياسىي مۇددىئانى ئاساس قىلغاچقا، ئۇ كىتابىدا ئاساسەن ياقۇب بەگ ئوردىسىدىكى ۋە سىياسىي، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى كۆپلەپ بايان قىلغان. قەشقەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇ ئەينى دەۋردىكى ھېيىت ھارپىسى ۋە قۇربان ھېيىت ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى يازىدۇ: «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن داقا-دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئەتە ھېيىت ئىكەنلىكى جاكارلاندى. بەزىلەر بۇ ئۆيگە قۇربانلىق قىلش ئۈچۈن بىر قانچە تۇياق قوي ۋە ئىككى تۆگە ئېلىپ كېلىشتى. تەرجىمانىم بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بىر قوشقارغا تىگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدىكى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوينى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەش ۋە ئاسىراش كېرەك ئىدى». ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «بۈگۈن قۇربانلىق بايرىمى، قەشقەرلىكلەر ئۇنى « ھېيىت » دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىندۇر. تاڭ سۈزۈلگەندە تۆت پاي زەمبىرەك ئوقى ئېتىلدى، ئارقىدىن يەنە تۆت پاي ئېتىلدى. تەرجىمانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 5000-6000دەك كىشى بىر يەرگە توپلىشىپ ئىبادەت قلىپتۇ، ئىبادەتكە ياقۇپ بەگمۇ قاتنىشىپتۇدەك».  

   1869-يىلى سېنتەبرگە كەلگەندە، روبېرت شاۋ ياقۇپ بەگنىڭ نەزەربەند قىلىشىدىن خالاس بولۇپ، يەكەنگە قايتىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ، «يەنە بىر توپ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار بېشىغا قارا گىرۋەكلىك دوپپا كىيگەن، ئاق ياغلىق چىگكەنىدى. تۇرالغۇمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار چۈمبەلنى چۈشۈرۈپ يۈزلىرىنى يۆگىۋەتتى. مەلۇم سالاھىيەتكە ئىگە كىشلەر ۋە بەگ-تۆرىلەر ئۆتكەندە بولسا، قول قورۇشتۇرۇپ سالام بەجا كەلتۈرۈپ، <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دەپ ئەھۋال سورىدى. ئۇلار مېنىڭ ئىمانسىزلىقىمدىن ئەسلا شۈبھىلەنمىدى. ئۇلارنىڭ مېىنىڭ ئۈستۈمگە كېيىۋالغان تونۇم ۋە بېشىمغا ئورىۋالغان سەللەمگە قاراپ، تەقۋادار مۇسۇلمان دەپ تونۇدى. سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرىپ- چىقىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيىتتى: بەگلەر ئېسىل كىمخاپ تونلارنى كېيىپ، بەللىرىگە كۈمۈش زەيلىك بەلباغلارنى تاقاپ، شەمشەر ئېسىپ، مۈرىلىرىدە مىلتىق كۆتۈرۈۋالاتتى. موللىلار ئۈستىگە سىدام تون، بېشىغا يوغان سەللە كىيەتتى. ئۆتۈك كىيىۋالغان ھارۋىكەشلەر خوجايىنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئايلاندۇراتتى ياكى سۇغۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنى مىنىۋالسا، يەنە بىرىنى يىتىلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، سەللىنى كۆزىگىچە يۆگىگەنىدى. ئۇلار ئەنگىلىينىڭ ھارۋىكەشلرىگە تولىمۇ ئوخشاپ كىتەتتى.» دەپ يازىدۇ.

شاۋدىن كېيىن قەشقەرگە كىرگەن ئەنگىلىيلىك يەنە بىر ئېكىسپىدىتسىيىچى، روبېرت شاۋنىڭ جىيەنى ياڭخازبەند بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويىنىغان ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەمىلىيەتتە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا توغۇلغان بولۇپ، ئەنگىلىيىدىكى سانىدخۇرست مەكتىپىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، 19 يېشىدا ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەنگىيلىكلەر ۋە رۇسيىلىكلەرنىڭ شىنجاڭ، پامىر ۋە قاراقۇرۇم ئېغىزىدىكى ھۇقۇق تالىشىش ۋە كۈچ سېىلىشتۇرۇش كۈرىشىدە ئاساسلىق رول ئۇينىغان كىشى.
ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، موڭغۇل دالىسى، تارىم ۋادىلىرىنى بويلاپ كەشمىرگىچە بولغان بىر قېتىملىق ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل قۇملۇق سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. 1890-يىلى 1-نويابىرغا كەلگەندە، ياڭخازبەند قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ. ئۇ قەشقەر توغرىسىدا: «مەمۇرى ۋەزىپەم مېنىڭ پۈتۈن بىر قىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسى ئامال قىلىپ ئەينى چاغدىكى رۇسىيىنڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پىتروۋىسكىي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. ئۇ قەشقەردىكى مەزگىلىدە شۋېتسىيلىك سىۋېن ھېدىن، فرانسىيلىك رىنىسلار بىلەن ئۇچرىشدۇ شۇنداقلا ماكارتىنىي، ھىندرىكس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشىدۇ.
يېقىنقى دەۋر ئەنگىلىيە تارىخىدا، بولۇپمۇ XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگىلىينىڭ كېڭەيمىچلىك تارىخىدا قەشقەر ناھايىتى مۇھىم سىتراتىگىيلىك ئورۇنغا ئايلانغانىدى. ئەنگىلىينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھىندىستاننى بېسىۋىلشى، چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بارغانسىرى كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈنسېرى جەنۇبقا قىستاپ كېلىشى بۇ ئىككى كېڭەيمىچى دۆلەتنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ جۈملىدىن قەشقەر، دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ رايوندىكى تىركىشىش ۋە كۈچ سېلىشتۇررۇش ئورنى بولۇپ قالدى. رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان چىڭ خاندانلىقىغا بېسىم ئىشلىتىپ ئارقا-ئارقىدىن قەشقەردە كونسۇلخانا تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئادەملىرىنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكچى بولدى. رۇسىيە تەرەپ داڭلىق دېپلوماتلىرىنىڭ بىرى بولغان پىتروۋىسكىينى قەشقەردىكى باش كونسۇللۇققا تەيىنلىگەن بولسا، برىتانىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ۋە شىنجاڭ ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان گېئورگىي ماكارتىنىينى باش كونسۇللۇققا تاللاپ ئەۋەتىدۇ.

ماكارتىنىي ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى قەشقەردىن ئىبارەت بۇ كۆزىتىش نۇقتىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى ئەمەلدار. 1890-يىلى 28 ياشلىق ماكارتىنىي ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ياڭخازبەنىد بىلەن بىرگە قەشقەرگە كەلگەن. «ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئاشكارا ۋەزىپسى قەشقەر ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھىندىستانغا قاراشلىق ئەنگىلىيىلىك پۇقرالارنى باشقۇرۇش بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جايلاردىكى سودىگەرلەر ياكى جازانخورلار ئىدى. ئۇنىڭ ئاشكارا قىلمايدىغان ۋەزىپسى رۇسىيىلىكلەرنىڭ قەشقەردىكى سۈيقەستلىك پائالىيىەتلىرىنى، بولۇپمۇ پېتروۋىسكىيدەك ھىيلىگەرنىڭ سۈيقەستلىك پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئىدى. ماكارتىنىي قەشقەرگە بارغان چاغدا، ئۇ يەردە تۇرغىنىغا سەككىز يىل بولغان پېتروۋىسكىي ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالغانىدى».

   1898-يىلى ماكارتىنىي رۇخسەت بىلەن ئەنگىلىيىگە دەم ئېلىشقا بارىدۇ ھەم قايتىشىدا ئايالى كاتارىن ماكارتىنىينى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە بىز گېئورگىي ماكارتىنىينىڭ قەشقەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن ئانچە كۆپ خەۋەردار بولمىساقمۇ، ماكارتىنىي خانىمنىڭ قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دېگەن ئەسىرى بىزنى ئەينى دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتى ۋە ئىجىتىمائىي جەمىئيەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

ماكارتىنىي خانىم قەشقەردە 17 يەتتە يىل تۇرۇش جەريانىدا قەشقەر ۋە بۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقلەر ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرگە يېڭى بارغان چېغىمدا، بازارلاردا چەتئەل ماللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئنتايىن بايلارلا ئېسىل كىيىنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدا توقۇلغان قىل ماتادىن كىيىم كىيەتتى. ئۇ چاغلاردا رۇسىيىدە ئىشلەنگەن كۈندىلىك بۇيۇملار تېپىلمايتتى. قەنتمۇ كەمچىل ئىدى. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان كونا قېلىپنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، كوچىلىرى، بازارلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كونا پېتى تۇرغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمگە تولىمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ كىيىنىشى، يېمەك-ئىچمىكى، تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئەجداتلىرىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرق قىلمايتتى.» ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «ئېتىزلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەتراپى توپا تام بىلەن ئورالغان ئۈچ بۇرجەكلىك بىر پارچە يەر بولۇپ، رۇس شەكلىدىكى كرېست قادالغانىدى. بۇ رۇسيىلكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى ئىدى. قەبرىستانلىق كەينىدە قەشقەر دەرياسى__ قىزىل دەرياسىنى كۆردۈم. دەريا بويىدا بەزىلىرى سۇ ئىچىدە، بەزىلىرى قىردا تۇرۇپ بىر مۇنچە ئات سۇ ئىچىۋاتاتتى. قىپيالىڭاچ بالىلار ياۋىداق ئاتلارغا مىنىۋالغانىدى. بۇ تۇغما يالىڭاچ بالىلار ئات ئۈستىدە قانداق ئولتۇرۇۋاتقاندۇ؟ ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر مۆجىزە ئىدى: ئۇلار مىنگەن ئاتلىرىنىڭ بوينىغا ئارغامچا باغلىۋالغان، ئاتلار ئۇلارغا بويسۇناتتى، ئۇلار بولسا ئات ئۈستىدە شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى! دەريا بويىدا يەنە ئېشەكلەرگە ئارتىلغان سوۋغىلار، چىلەكلەرگە سۇ ئېلىۋاتقان ئەرلەر، ئوغۇل بالىلار بار ئىدى. ئۇلار بۇ سۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتاتتى. قىزىل دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا بوياقچىلار بويىغان ماتالارنى دەريا سۈيىدە چايقايتتى. قىزىل رەڭدە بويالغان ماتالار چىرايلىق، ئوچۇق رەڭ ئالغانىدى. ئۇلار قارا رەڭدە ئېچىلغان لەيلە گۈلنى بوياق ماتېرىيالى قىلاتتى». مانا بۇلار شۇ دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قىسمەن كارتىنىسى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كاپالەتلىك قلىشتىكى بىر قىسىم تېرىكىچىلىك يوللىرىنىڭ جانلىق سۈرەتلىنىشى.

قەشقەر يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئۆتۈشىش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، رۇسلار، ئىنگىلىزلار، شۋېتلار ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ يەردە ھەدەپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى بازارغا سالغان ھەمدە ئىدىيە، مەپكۇرىلىرىنى تەرغىپ قىلىپ، يەرلىك خەلققە تەسىر كۆرسەتمەكچى ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇنداقلا بەزى ئەمەلىي ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشكەن. ماكارتىنىي خانىمنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن بۇ نۇقتىنى مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلالايمىز. «قەشقەرگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىلاد بايرىمى بولدى. بىز رۇسىيە كونسۇلخانىسىدىن باغاق تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇلار بىزنى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغانىكەن (رۇسىيىلىكلەرنىڭ مىلاد بايرىمى بىزدىن 13 كۈن كېيىن ئىكەن). ئۇ يەردە بىز باشقىلار بىلەن بىرگە ئارچىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىدۇق، ناخشا ئېيتتۇق، ناخشىنى ھەركىم ئۆزىنىڭ تىلىدا ئېيتتى. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، كىشىلەر رۇسچە، ئىنگىلىزچە، شۋېتچە، فرانسۇزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھىندىچە، پارىسچە سۆزلىشىۋېتىپتۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلىشى ۋە تەققى-تۇقى، چىراي-شەكلىمۇ بۇ كونسۇل خانىمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى «قەشقەر كىشىلىرىنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي-رۇخسارى ھەم خىلمۇ-خىل، يارۋوپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز-تۇلا بار. ئەر-ئاياللار قاۋۇل، بەستىلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل ئېسىل سۈپەتلىك چىقىپ تۇراتتى. قىرغىزلارنىڭ يۈزى ياپىلاق، مەڭزى قىپقىزىل؛ ياندىن قاراشقا ئافغانلارنىڭ يۈز كۈپتى سۇزۇق ۋە ئېنىق كۆرۈنەتتى؛ يەنە ھىندى دىنىدىكى ۋە مۇسۇلمان دىنىدىكى ھىندىستانلىقلارمۇ، خەنزۇلارمۇ بار ئىدى. ئالتۇن چاچلىق، دېڭىز سۈيىدەك يېشىل كۆزلۈكلەرمۇ ئۇچراپ قالاتتى. ئۇلار ئارىئان قېنىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. قەشقەردە كىشىلەر قەشقەرلىكلەرنىڭ زادى قايسى ئىرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە دەپ بېرەلمەيدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپتىن كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئىرقلارنىڭ شالغۇتلىشىشى خېلىلا ئېغىر. بۇ يەردىكى قىز-چوكانلار ناھايىتى چىرايلىق، جەزىبلىك، بەزى ئوغۇل بالىلارمۇ بەك كېلشكەن. بولۇپمۇ ئورا كۆزرەك كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل-قىزلار ناھايىتى گۈزەل. ئۇلار دۇخاۋا، چىت رەخىتلەردىن كىيىم، يارىشىملىق تۇماق، دوپپىلارنى كىيسە، ئىتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلاغا ئوخشاپ كېتىدۇ» دەپ يازىدۇ.
ماكارتىنىي خانىمنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەر توغرىسىدىكى تەسىرات ۋە تونۇشلىرىنى تولۇقى بىلەن بىر-بىرلەپ بايان قىلىشقا مۇمكىنچىلىكىمىز يار بەرمەيدۇ. بىراق، بىز تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قىسقىغىنا بىر قانچە جۈملە تەسىراتنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈش ۋە ئۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۆرىيتى بار دەپ قارايمىز: «بۇ ئادەملەرنىڭ (قەشقەرلىكلەرنى دېمەكچى) قۇلىقى يۇمشاق، باشقۇرۇش ئاسان، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق، ياخشى تەرەپلىرىمۇ يوق».

گېئورگىي ماكارتىنىيدىن كېيىنمۇ ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە كونسۇل كېلىپ، قەشقەردىكى رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتتى ۋە ئەنگىلىيگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىمتىيازلىرىغا كاپالەتلىك قىلدى. «ماكارتىنىي ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى تۇنجى ئەمەلدارى بولغان بولسا، سىپتون چىنباغدىكى كونسۇلخانىنى تاقىغۇچى بولدى». 19-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دۆلىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنى ھىمايىسز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
سىپتون قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا خانىمى دىئاننانىمۇ بىرگە ئېلىپ كىلىدۇ. «دىئاننا خۇددى كاتارىن بىلەن بەسلەشكەندەك، قەلىمىنى سەپەرگە قەدەم بېسىش بىلەن تەڭلا ئىشقا سالىدۇ. مەقسەتسىز بولسىمۇ سىپتون ئەر-ئايال ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ماڭغاندا، پامىر، قاراقۇرۇم تېغى ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قەشقەرگە بېرىشتەك يېڭى يولنى تاللىۋالىدۇ». بۇ قەدىمى ماكاننىڭ ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى كاتارىن ئەسلىمە قىلغان بولسا، كېينكى ئەھۋاللىرىنى دىئاننا يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ ئەينى دەۋر قەشقەر كىشىلىرىنى ھاياتنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قەشقەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ماكانى ئىدى. ئۆزىنى مەھكەم ئورىۋالغان ئاياللار؛ ئۇزۇن ساقاللىق، يۈزى سۈزۈك، كېلىشكەن ئەرلەر (ئۇلارنىڭ تېرىسى ئادەم ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك ئاق ۋە سۈزۈك ئىدى)؛ ئۇياندىن-بۇيانغا ئۆتۈپ تۇرغان ئېشەكلەر؛ غىچىرلىغان مەپىلەر ياكى يارى-يار ھارۋىلار ( ئۇلارنىڭ چاقىنىڭ يوغانلىقى ئادەمنى ئەندىشىگە سالاتتى)؛ چىرايلىق توقۇلغان ئاتلار، بوينىغا ئېسىلغان كىچىككىنە كولدۇرمىلار ۋە پۇلاڭلاپ تۇرغان پۆپۈكلەر؛ چاچلىرىنى نۇرغۇن كىچىك ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىگەن دوپپا كىيگەن قىزلار ۋە قىزچاقلار؛ ئاندا-ساندا مۇڭلۇق نەي چېلىپ ئۆتكەن ئوغۇل بالىلار؛ يول بويىدا قوغۇن- تاۋۇز سېتىشىۋاتقان باققاللار ___ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىپىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى ھاسىل قىلاتتى.» (27) بۇ بايانلار تولىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا قەشقەرنىڭ ئەشۇ قايناق، جۇشقۇن مەنزىسى نامايان بولۇپ، خىياللار ۋە ئەسلىمىلەر ئىچىدە بۇ قەدىمى ماكاننىڭ ئاۋات رەستىلىرىگە قەدەم تاشلايدۇ.
دىئاننا سىپتونمۇ خۇددى كاتارىن ماكارتىنىيغا ئوخشاش ئەسىرىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ پىسخىكىسىغا دىئاگنۇز قويۇپ مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ، ئەمما تىنىچ، ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار ئۇزاق زامانلاردىن بىرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىكەن. ھازىر شۇنداق تىنىچ ياشاۋېتىپتۇ. شۇڭا، ئۇلاردا ئېسكىموسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق، پاردانلاردەك ئۇرۇشخومار مىجەزنىمۇ يېتىلدۈرمىگەنىدى. ئۇلاردا تىبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك، كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل، چىۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلار ھەرقانداق بىر جايدىكى ئاددى-ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە، مېھماندوست. ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىنىمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشىنى خالايتتى. بەزىدە ئۇلارنىڭ يالقاۋلىقى جانغا تېگەتتى. قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا، ئۇلار شۇنچىلىك جەلىپكار، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئىدى». بۇ قەشقەرلىكلەرگە بېرىلگەن ئانچە ئىلمىي ۋە دەل باھا بولمىسىمۇ، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك دەپ تەرىپلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان غەرب دۇنياسىدىن كەلگەن بىر ئايالنىڭ قەشقەرلىكلەر ھەققىدىكى سەمىمىي ۋە چىن ئىنكاسى ئىدى.

ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى ھېدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ <يارى> قەشقەردە بۇ
    XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە XX ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدا ئاز بولمىغان شۋېتلار: ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر، مىسسىئونىرلار ئارقا- ئارقىدىن تارىم ۋادىىسغا، جۈملىدىن قەشقەر رايونىغا كېلىپ، مىسسىئونىرلار ئىدىئولوگىيە ساھاسىدە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولسا، تەۋەككۈلچى ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر تارىمنىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى قاتتىق چېكىپ، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتىدا ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش قېتىملىق ئوتتۇر ئاسىيا سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى سۋېن ھېدىن ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

سۋېن ھېدىن 1896-يىلى تۇنجى قېتىم سال بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى بويلاپ،ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئابدان كەنتىگە كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1934-يىلىغىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بەش قېتىم بۇ رايونغا ئېكىسپىدېتسىيە سەپىرى قىلىدۇ. لوپنۇردىكى قەدىمى كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بايقىلىشى ھېدىننىڭ ئەشۇ تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ نەتجىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

   1890-يىلى سۋېن ھېدىن ئۈچ نەپەر خىزمەتكار ۋە رۇسىيە ئوفىتسىرنىڭ ياردىمدە بوران- چاپقۇنغا قارىماي ئوشدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. نەچچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كېيىن 14-دىكابىر قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈن ھېدىن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار: «14-دېكابر، ھېدىننىڭ ئېكىسپېدىتسىيە ھاياتىدا خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن ئۇ ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم كېيىنكى چاغلاردا كۆپ قېتىم ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ قوماندانلىق شىتابى بولغان مەشھۇر تارىخى مەدەنىيەتلىك شەھەر___ قەشقەرگە يېتىپ كەلدى».  سۋېن ھېدىن بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «ئۈچ كۈندىن بېرى بىز ئاقسۇدىن يولغا چىقتۇق. مۇھەممەت ئىمىن بىزگە ھەمراھ بولدى. 21-كۈنى بىز بارماقچى بولغان جاي قەشقەر__ سۇلىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېنىڭ كېيىنكى ئېكىسپېدىتسىيە سەپرىم باشلىنىدىغان جاي ئىدى». گەرچە سۋېن ھېدىننىڭ قەشقەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئىزدىنىش روھى بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.

قەشقەر ھەققىدە زور ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى روياپقا چىقارغان، قەشقەر خەلقى بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورناتقان شېۋىتسىيلىك يەنە بىر مەشھۇر زات گۇننار يارىڭدۇر. ئۇ 1929-يىلى ۋە 1978- يىلى قەشقەرگە ئىككى قېتىم كەلگەن بولۇپ، بۇ جەريانلاردا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، قەشقەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇلارنىڭ مەدەنىيتى، تىل- ئەدەبىياتى قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قانچە پارچە ئەسەر يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابى قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان ئەسىرى بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرگە ئالاقىدار ناھايتى مول ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.
گۇننار يارىڭنىڭ، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەشقەرگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: « 1929-يىلى قەشقەرگە كېلىپ خۇددى ھارىزقى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگە__ <مىڭ بىر كېچە> نى فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن راسلىغان كۆرۈنۈش ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە يا ئاپتوموبىل، يا موتسىكىلت يوق ئىدى. ھەتتا ۋېلىسپىتمۇ كۆزگە چېلىقمايتتى. بازار ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ، تارچۇق كوچىلارنى يورۇتىدىغان ئېلېكتر چىراغلار يوق ئىدى. قەشقەردە گېزىت يوق، مەتبەئەدە بېسىلغان كىتاب تېخىمۇ يوق ئىدى. مىرزا- كاتىبلار چازا قورۇپ ئولتۇرۇپ، قوليازمىلارنى ئەرەپ ھەرپى بىلەن رەتلىك كۆچۈرەتتى. ھەممىلا يەردە لىق سۇ قاچىلانغان تولۇم-چاناشلارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ سۇ توشۇۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. تارچۇق كوچىلاردا ھەر مىللەت كىشىلىرى مېڭىپ يۈرەتتى. بايلار ۋە ئېسىلزادىلەر چىرايلىق گۈللۈك يوپۇق- شالچا سېلىپ ئېگەرلەنگەن پوزور ئاتلارغا مىنىپ، مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ يۈرەتتى. قول-ئىلكىدە پۇل-مېلى ئانچە جىق ئەمەسلەر ئېشەككە مېنەتتى، ھالبۇكى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بولغان كەمبەغەللەر پىيادە ماڭاتتى». گۇننار يارىڭ بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر ھېسلارغا چۆمسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن، ھېچ كىشى تەرىپىدىن تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىنمغانلىقىدىن ئېچىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام جەمئىيتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئافغانىستاندا شۇنداق جەمئىيەت خېلى ئۇزاق مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەمئىيەت ھازىرقى زاماننىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان بەربات بولۇپ كەتتى.
                               يارغول بلوگىدىن ئېلىندى




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:34:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېشىپ كىتىپتۇ.ئاللاھ خالىسا شۇنداق تۈزۈلىدۇكى ئۇلار ھەيرانلىقتا ھوشىنى يوقاتقۇدەك

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87148
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 767
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 01:56:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 02:01:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەيىر  ئازقالدى  

ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەركىنلىك، ئىتقاد،غورۇر،ئۆزلۇك

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55283
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5539
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 919 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 02:23:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ مەركىزىدۇر.بۇ زىمىندا نى نى باھادىر ئەزىمەتلەر كاتتا ئالىملار ئۆتكەن ...شائىرلار بۇ زىمىننىڭ شەنىگە گۈزەل مىسرلارنى توقۇشقان....
.......
گەرچە بۇ سەيياھلار  ھەرخىل مەقسەتتە بۇ زىمىنغا ئاياغ باسقان بولسىمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپتۇ...بۇ شۇ دەۋىردىكى قەشقەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتىريال مەنبە بولالايدۇ..ھەم يوقىلىپ كەتكەن ئىسىل ئەنئەنلىرىمىز ،مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە قىممىتى زور....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 03:17:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           كاشغەر

ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھى مازارى كاشغەر،
ئۇلۇغ ئارمانلار ئارزۇنىڭ بازارى كاشغەر .
ئۇيغۇر قەدىم مەدەنىيتى كۆرىكى كاشغەر،
ئانا تىل پاساھىتىنىڭ يۈرىكى كاشغەر .
سۆزلىرى شۇڭا بەكمۇ راۋان  تاتلىق كاشغەر،
داڭقى كەتكەن جاھانغا مەشھۇر ئاتلىق كاشغەر.
ئۇيغۇر ساماسى تۇغۇلغان ھېيىتگاھىڭدا،
ھەققە تەشنا ئارزۇ -ئارمان ئاھ پىغانىڭدا.
(تۈركى تىلدىكى ئەڭ گۈزەل پاساھەتلىك تىل،
قەشقەرتىلى)دەپ ماختىغان مەھمۇد بوۋام بىل
مىڭ يىل بۇرۇنلا نۇرچاچقان تەرىپىڭ كاشغەر،
پاكىتىدۇر  ئىككى ئۇلۇغ ئەسىرىڭ كاشغەر .
گۇۋاھ يەنە مەھمۇد،يۈسۈپ ئالىمىڭ كاشغەر،
ئەرتۇڭا ھەم سۇلتان سۇتۇق شاھىتىڭ كاشغەر.
شۇنداق ئۇلۇغ خاقانلارنىڭ مەركىزى كاشغەر ،
قەلبىم شەھەرلىرىنىڭ سەركىسى كاشغەر.
نۇزۇكۇمدەك پاك ۋىجدانلىق قىزلىرىڭ كاشغەر،
ئىپارخاندەك ئىتىقادلىق ئىزلىرىڭ كاشغەر.
پەخىرلىنىمەن ھەرزامان سىنىڭدىن كاشغەر،
لىكىن ساڭا تۆھپىلەر ئاز مىنىڭدىن كاشغەر.
2013-3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95721
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 03:36:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر.................يەنىلا قەشقەر

بىلىم ئۈچۈن كۆيگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40126
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 4110 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 05:34:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراخانىلار دەۋرى __قەشقەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ  مەدەنىييەت  بۆشۈكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنيەت مەركەزلىرىنىڭ  بىرسىگە  ئايلاندۇرۇپ ، « ئىككىنچى بۇخارا » ، «  كىچىك  بۇخارا » ، «شەرقتىكى  قاھىرە » دىگگن  ناملارغا  مۇشاررەپ  قىلغان بولسا ، يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى  يىمرىلگەندىن كېيىن ، قەشقەرمۇ   پۈتۈن ئالتە شەھەر ۋە تەڭرىتاغنىڭ  شىمالى ، شەرقىدىكى  ئۇيغۇر  قەۋىملىرىنىڭ 400  يىلغا  يېقىن  ئگە -چاقىسىز   قېلىش ، مەدەنىيەتتە خاراپلىشىش ، پۈتۈنلەي ساۋاتسىز  قېلىش ، يات  قەۋملەرنىڭ قۇل  قىلىشىغا  بىچارىلارچە  قاراپ  تۇرۇش تەقدىرىگە   شاھىت   بولدى .
چاتئەللىك سەيياھلارنىڭ يازغىنى بىرىنچى  قول  ماتېرىيال ، شۇ  چاغدا قەشقەرنىڭ ھالى  شۇ  بولغان  يەردە ،  باشقا  ئۇيغۇر  دىيارلىرىدىكى  مەدەنىيەتتىن    سۆز  ئېچىش   مۈمكىن ئەمەس ئىدى .
ئاپپاق خوجا  قوزغىغان   ئىككى  تاغلىق  سوپى -ئىشان  جىدەللىرى  پۈتۈن  خەلقنى  ئاللاغا  ئەمەس  ،  ئۆزىگە  سەجدە  قىلدۇرۇپ ،ئىسلامنى  خۇراپاتلاشتۇرۇپ  ۋە  بۇرمىلاپ ، خەلقىمىزنى  ئىسلام  ئارقىلىق  ئۈمىدكە  ئەمەس ، زاۋاللىققا ، روھى  پالەچلىككە   باشلىغانلىقى  ھېچقايسىمىزغا  سىر  ئەمەس .  قەشقەر دەل  ئاپپاق  خوجىنىڭ   تەختىگاھى  بولمىش --سوپى -ئىشانچىلىقنىڭ   خۇراپاتلىرىدىن ئەۇڭ  كۆپ زەھەرلەنگەن  دىيار .
شۇ  دەۋردە ،  ئاپپاق  خوجا  دۇنيا  قارىشىنىڭ دەل  ئەكسىچە ، قەلبىدە ئىماننى  چىن  ئىخلاسى   بىلەن زىكىر  قىلىپ  تۇرىدىغان، قەلبى  ئويغاق -ئىدىيىسى  ئىلغار  ئابدۇقادىر  داموللا ، مۇسابايوپ ئەۋلاتلىرى ، تاشاخون  بايلار  جەمەتلىرىمى  بار ئىدى . چەتئەللىك  سەيياھلار   بۇلارنى تەتقىق  قىلالمىغان . ئۇلارنىڭ  ئەسلى  مەقسىىدىمۇ  ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ   سىياسى  مەقسەتلىرى  ئۈچۈن  بولغاچقا ، قەشقەردىكى  چىڭ  سۇلالىسى   دوتەي قەسىرلىرىنى كۆپرەك  زىيارەت  قىلغان .   چۇقان ۋەلىخانوپ ، نوشىرۋان ياشۇئوف ، گۇننار  يارىڭ قاتارلىقلار     قەشقەردىكى   ئۇيغۇر  تۇرمۇشىنى  سېستىمىلىق  تەتقىق  قىلغانلاردۇر . لېكىن  ئۇلار  ئۇيغۇر  مەدەنىيىتىنىڭ  قەشقەردىكى  شۇ چاغدىكى نامايەندىلىرىنى ۋە  ئاستا  بولسىمۇ ھاياتىي  كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى  تولۇق  بىلىپ  كېتەلمىگەن ، چۈنكى   .ڭيغۇر  مەدەنىيىتى  ئاددى  پۇقرالار  ئىچىدە  ئىدى ،  قەشقەرنى   ئېكىسپىلاتاسىيە  قىلىۋاتقان چىڭ  ئىمپىريىسى  مانجۇ  دوتەيلىرى ۋە  ئۇلارغا  كۈچۈكلىنىۋاتقان   بەگ - ئامباللار  ئۇيغۇر  مەدەنىيىتىنىڭ  كۈشەندىلىرى  ئىدى ...
قانداقلاە  بولمىسۇن ، چەتئەللىكلەر  بىرىنچى  قول  ماتېرىيال  قالدۇرۇپ  قويۇپتىكەن .   

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 07:58:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس،،،مىسرانىمغا قانداق تېما يوللىسا تەستىقلايدۇ؟

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32245
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 08:54:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەززىئى لوتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
  ئىشق ئىلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر مازارى كاشىغەر.
  ئىشقى ئۈلپەت چەشمىسدىن دەردى مىھنەت جۇش ئىتەر،
  تۇپراغى ھەسرەت بىلەن بىتكەن ھىسارى كاشىغەر.
-------------------------------

  

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش