سىز ئۇنى ئەر قىلماقچىمۇ يەر قىلماقچىمۇ؟
( تەسەللى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ s f# Y9 ?+ i7 u
ئەر ئۇ ئائىلىنىڭ تۇۋرىگى؛ ئەر ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەزمۇت يۆلەنچۈگى؛ ئەر ئۇ ئايالنىڭ مۇھاببەت بۇلىغى؛ ئەر ئۇ ئائىلىنىڭ بەخت يۇلتۇزى؛ ئەر ئۇ ئايالنىڭ بۈيۈك مۇرەببەسى؛ ئەر ئۇ ئاياللارنىڭ يۆلىنىدىغان ئىشەچ تېغى؛ ئەر ئۇ ئايالنىڭ دىل ھوزۇرىنىڭ ئۈمىتلىك بېغى؛ ئەر ئۇ ئايالنىڭ مەڭگۈلۈك قوغدىغۇچىسى. تۇرمۇشنىڭ ئۆزى قوش كىشلىك سەھنە، بۇ قوش كىشلىك سەھنىدىكى رولنى قانداق ئىلىش ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزگە باغلىق، سىز ئەرنى ئەر قىلماقچىمۇ ياكى يەر قىلماقچىمۇ؟ بۇنى ئۆزىڭىز تاللايسىز ئەلۋەتتە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- Z* O! l, Q! v) p, l g7 t
1. يولدىشىڭىزدىن بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئاللاھقا شۈكرى ئىيتىپ ناماز ئوقۇپ، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك، يولدىشىڭىزغا ئىنساپ، ئائىلىڭىزغا بەخت، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەشنى ئادەت قىلىش بىلەن بىرگە يولدىشىڭىزنى ناماز ئوقۇشقا دالالەت قىلىپ، تەقۋالىق يولىغا باشلىسىڭىز يولدىشىڭىزنى ئەر قىلىسىز، ئەكسىچە بولغاندا ھاياتىڭىزنى خار قىلىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ N& j- B5 o, ~( i. [ 2.سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ پەس ئاۋازدا لىرىك ناخشا- مۇزىكا قويۇپ قويسىڭىز ئۇنى سۆيىنىش ئىلكىدە يىڭى بىر كۈنگە كۆز ئاچقۇزىسىز، ئەكسىچە بولسا ئۆزىڭىزگە سەھەردىلا ئاچچىق ئەلەم يادىكار قىلىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Y6 y/ x5 e) v 3. ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆينىڭ پاكىز رەتلىك ، ئۆزىڭىزنىڭ روھلۇق مەدىنىي ھالىتىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ جەلىپكارلىغىڭىزنى ئاشۇرىسىز، ئەكسىچە بولسا ئۇنى بىزار قىلىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; t7 ?& o1 J5 u2 ]8 y 4.كونىلاردا ئاناڭغا داداڭنى پەردازسىز كۆرسەتمە دەيدىغان سۆز بار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسىنىڭ لىكىن يولىدا بولسۇن ، چاكىنا بولماڭ، يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا گىرىم قىلماڭ، يىشىڭىز كەسپىڭىز ۋە يولدىشىڭىزغا خاس ياسىنىشنى بىلسىڭىز ھۆرمەت تاپىسىز؛ ئەكسىچە بولسا سىھرى كۈچىڭىزنى يوقىتىپ، ئۆزىڭىزنى قىلىن داپ كۆرسىتىپ قويىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ?0 e: P; e3 u- a6 |" m$ P$ f+ m
5.ئومۇرلۈك ۋاپادار ھەمرايىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ۋە ئۆمرى ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ئازراق ئۇيقىڭىزدىن كىچىپ، ناشتىلىق تەييار قىلىپ ئۇنى ناشتىسىز يولغا سالمىسىز ئەجرىڭىزگە سۆيىنىش سىتىۋالىسىز؛ ئەكسىچە بولسا ئىللىق ئائىلىنى مىھمانخانىغا ئوخشىتىپ قويىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* t: R% q2 P9 _2 A/ T- f7 p
6.ئەرنىڭ ھۆرمىتى ئائىلىنىڭ ھۆرمىتى، ئەرنىڭ ئۇبرازى ئۆينىڭ ئوبرازى، ئەرنىڭ ئىززىتى بالىلارنىڭ بەخت بوسۇغۇسى، يولدىشىڭىزنىڭ كىيىملىرىگە دەزمال سىلىپ، تەققى تۇرقىنى ياساپ رەتلەپ، ئايىغىنى مايلاپ پاقىرتىپ يولغا سىلىشنى ئەستىن چىقارمىسىڭىز ئائىلىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ئوبرازىنى يارىتىسىز، ئەكسىچە بولسا ئائىلىڭىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرىسىز. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- p: Y# x0 d5 }# p. E. ]
7.جان ئاللانىڭ ، بۇ سىزنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىڭىز بولۇپ قالامدۇ؟ بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇ ئىشقا مىڭىش ئالدىدا خوشلىشىپ " ئاللاھقا ئامانەت" دەپ خۇشخۇي ئۇزىتىشنى ئۇنۇتمىسىڭىز ئائىلە ئۈچۈن دەپ كۈرەشكە ئاتلانغان يولدىشىڭىزنىڭ قەلبىدە سۆيىنىش ۋە ئۈمۈت قالدۇرىسىز، ئەكسىچە بولسا چۈشكۈنلۈك ۋە تۇيۇق يول قالدۇرىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" T @- q( M" q
8. خىزمەتتىكى ئالدىراشلىغىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر قىتىم تىلفۇن بىرىپ ئەھۋال سوراشنى ئۇنۇتمىسىڭىز، خىزمەت ئىچىدىكى ھىرىپ چارچاشلىرىدا جاسارەت تىپىۋىلىشىغا ياردەم قىلىسىز؛ ئەكسىچە بولسا ئۈمىتسىزلىك ۋە ھىرىپ چارچاش ئىلىپ كىلىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Q% J8 a! Y' t5 D+ |1 ]; F 9.يولدىشىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئارامگاھى، ئۈمىد بەخىش ئەتكۈچى رەسەتگاھى، خۇپىيانە سىرلىرنى ساقلايدىغان ئالتۇن ساندۇغى، مەدەت بىرىدىغان روھىي ئوزۇقى ، سۆھبەتداش دوستى، پىكىرداش قەدىردانى، دىلكەش ھەمرىيى ، چارچىغاندا ئارام بەخش ئەتكۈچى باغچىسى بولالىسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز، ئەكسىچە بولسا ئۇنى تىرىك مۇردا، روھسىز جەسەت قىلىپ قويىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 [) V# H4 {1 k O, u9 ]- c 10.غورۇرلۇق، نۇمۇسلۇق ، ۋىجدانلىق گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىك بولۇپ، ۋاپادارلىقنى ئەڭگۈشتەر، شەرمى ھايانى ماياك بىلىپ، كۆيۈمچانلىقنى يار قىلىپ، يولدىشىڭىزدىكى تەتۇرلۈك ۋە نادانلىق ئوتىنى چىدام، سەۋرى سۈيى بىلەن ئۆچۈرۈپ، قەھرى غەزەپ تىكەنلىرىنى ئەخلاق ئوتى بىلەن كۆيدۈرۈپ، يۈرىكىدىكى ھەسرەت تۇتۇنلىرىنى، كۆڭلىدىكى ئاداۋەت نەقىشلىرىنى كەڭ قوساق ئەپۇچانلىقتا باسۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتنى سۆيگۈگە، ئائىلىنى بەختكە، دىللارنى سۆيىنىشكە ، ھاياتلىق باغچىسىنى ئۈمىتكە تولدۇرۇپ، شۈكرى قانائەت بىلەن ياشاپ، يوقسۇللۇق ۋە مۇھتاجلىق كۈنلەردە يىنىدا، كىسەل بولسا بىشىدا تۇرۇپ، ئۇنى ھايات چۆلىىنىڭ بوران چاپقۇنلۇق دالاسىدىكى تەنھا يولوچى قىلىپ قويمىسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز، ئەكسىچە قىلسىڭىز ئۇنى ئازاپ دىڭىزىدا تۇنجۇقتۇرىۋىتىسىز.
11.بەختنى ئاددىلىق ئىچىدىن ئىزلەپ، ھەشەمەت شانۇ-شەۋكەت، شۆھرەت قۇغلاشماي، خۇش تەبەسسۇم بىلەن كۈنلەرنى كۈتۈپ، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىگىنى ئىزلەپ، ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولىڭىزدا بار بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز؛ ئەكسىچە قىلسىڭىز گۈزەل ئائىلىنى دوزاققا ، نىكاھنى نادامەتكە، ئوبرازىڭىزنى ھازازۇلغا، روھىڭىزنى ئازاپقا تۇترۇق قىلىۋىتىسىز.
12.يولدىشىڭىزنىڭ روھىي ئوزۇغى ، مەنىۋى يۆلەنچۈگى، ئىشەنچىلىك سىرداشى، ھايات مۇساپىسىدىكى قەدىردان ھەمراھ، قىيىن ئۆتكەللەردىكى سەپەردىشى، ئازاپ ئوقىبەتتىكى تەسەللىچىسى، كىسەل ئاغرىقىدىكى شىپالىق دورىسى بولۇپ، شەرمى- ھايالىق، دىيانەتلىك، شۈكرى -قانائەتلىك ، ئىمانلىق بولۇپ، چىن سۆيگۈدە ئەرنى سۆيۈپ، ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۆيگە كۆيۈپ، بارلىغىڭىزنى بالىغا بىرىپ، ئۇنىڭ ھارغىن جىسمىنى ۋاپادارلىق بىلەن باغرىڭىزغا باسالايدىغان بولسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز؛ ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.
13.يولدىشىڭىزنى خۇش پېئىل ،ئوچۇق يورۇق ، تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋىلىپ، دوست يارەنلىرى ئالدىدا ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ئاتا- ئانا قىرىنداشلىرىنى بىشىڭىزدا كۆتۇرۈپ، ئىناق ئائىلە كەيپىياتىنى ساقلىيالىسىڭىز پەرىشتەم دەپ تەرپلىنىسىز، ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.
14.ئىشچان، پاكىز ، تەرتىپلىك، كەمتەر بولۇپ، مىننەتسىز ھالدا ئائىلە ئۈچۈن بارلىغىڭىزنى بىغىشلاپ، ئاڭا ھەرقاچان مەدەت ۋە رىغبەت بىرىپ، سۆيۇنۇشنى سۆيۇندۇرۇشنىمۇ، قەدىرلەشنىمۇ قەدىرلىنىشنىمۇ، كۈلۈشنىمۇ، كۈلدۈرۈشنىمۇ، ئەركىلەشنىمۇ ، ئەركىلتىشنىمۇ، سۆيۈشنىمۇ سۆيدۇرۇشنىمۇ بىلسىڭىز بەخت تاپىسىز. ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.
15.يولدىشىڭىز ئازاپتىن ھىرىپ- چارچاپ ئۇسسىغىنىدا قەلب بىغىنى ئەقىل دۇردانىلىرى بىلەن سۇغرۇپ، تۇرمۇش بىسىملىرنى كاللىسىدىن لىرىك مۇزىكىدەك كۆتىرۋىتىپ، مۇزلىغان جىسمىنى مىھرىڭىز بىلەن ئىللىتىپ، ئەركىلەشنىمۇ بەزلەشنىمۇ ، كۆڭۈل بىرىشنىمۇ كۆڭۈل ئىلىشنىمۇ بىلىپ، سەمىمى- ساداقىتىڭىز، شۈكرى قانائىتىڭىز، ھايا -ئىپپىتىڭىز بىلەن بىشىڭىزنى تىك تۇتۇپ، ئۆز ئىرىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن بارلىغىڭىزنى قۇربان قىلىپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقيەت قازىنىش يولىدىكى قابىل ياردەمچىسى ، ئۇتۇق قازنىشىنىڭ تۇپ مەنبەسى بولۇپ ئۇنى يېقىلغان يىرىدىن پۈتۈن جىسمىڭىز بىلەن يۆلەپ تۇرغۇزۇشنى بىلسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.
16.يولدىشىنىڭ ئىززەت بابرويى ۋە ھۆرمىتىنى قىلىپ، تەڭ مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىپ، ئەرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئىززەت ئابرويىنى قوغداپ، كەڭ قوساق ئەپۇچانلىق بىلەن ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ، مەغرۇرلۇق بىلەن ئەركىن قويىۋىتىپ ئۇنى ئاسرىغۇچى پەرشتە، پىداكار دوستى، بەختسىز ۋە غەم-ئەلەملىك كۈنلەرنىڭ تەسەللىيچىسى، جانغا جان قوشقۇچى خاسىيىتى بولۇپ، ئەرنىڭ ئۇۋىغىنى يەرگە چۈشۈرمەي بىشىڭىزدا كۆتۇرۈپ، ئەقىل ۋە ۋىجداننى قۇرال قىلىپ، يولدىشىڭىزغا سادىق بولۇپ، ئائىلىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى قەدىر-قىممىتى ئىززەت ھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاشنى بىلسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز ئەكسىچە بولسا يەر قىلىسىز.
17. ئاياللىق لاتاپىتىڭىزنى يوقاتماي، ھاياتنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، خۇشال ئۆتكۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئوبرازىڭىزنى ياخشى تىكلەپ، ئۇنى پەخىرلەندۈرۈپ، ئىپتىخارلاندۇرۇپ ياشىيالىسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.
18. يولدىشىڭىزنىڭ ھارغان، ئاچچىقلانغان، ئۇيقىسى كەلگەن ، قوسقى ئاچقان، دوستلىرى ۋە قىرىنداشلىرى ئالدىدىكى 6 ھالقىلىق پەيىتتە سۈكۈتتە تۇرۇشنى بىلىپ، سەۋىرچان بولۇشنى ئۈگىنىپ، بۇ ۋاقىتتىكى تىل ھاقارەت سەت سىلكىشلەردىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ، يۇمۇرىستىك ھىسياتقا باي بولۇپ ، ئۇنىڭ ئابرويىنى قىلىشنى بىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز ئەكسىچە بولسا جىدەل تاپىسىز.
19.ئاجىز نادان بولماستىن ئىگىزنى؛ يىراقنى؛ ئەقىدە ۋە ئەجىرنى كۆردىغان ساپلىقلاردىن بولۇپ، ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىشنى ، ئائىلىڭىزنى قەدىرلەشنى، قەدىرلىسە ئېرىشىدىغىنىنىڭ كۆپ بولىدىغىنىنى بىلسىڭىز ھاياتىڭىزغا مەنا تاپىسىز، ئەكسىچە بولسا مەھرۇم قالىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 i3 z9 U+ \: |. v9 ^% |5 ` 20.روھسىز جەسەتكە ئوخشاش بولماستىن ئۇنىڭ ئۈچۈن زىننەتلىنىپ، ناز قىلىشنى ۋە ئەركىلەشنى بىلىپ، ھەمپىكىرداش بولۇشنى ئۇنۇتماستىن قىيىنچىلىق كۈنلەردىمۇ قانائەتچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ غېمىنى ۋە يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىپ ، ئۇنىڭ كۈلكىسىنى كۈلۈپ، يىغىسىنى يىغلاپ قەلىپ قۇلۇبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولالىسىڭىز، ئۇنىڭ قەلبىدىكى پەرىشتە بولىسىز، ئەكسىچە بولسا يىرىم يولدىلا تەنھا قالىسىز.
21. ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ زور سەۋىر-تاقەت بىلەن، ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈپ، كەمچىلىگىنى ئىدرەك بىلەن تۈزۈتۈپ، ئۈمىتسىزلەنگەندە رىغبەتلەندۇرۇپ، گىزى كەلسە ماختاپ، ئۇنىڭ ئائىلىدىكى مۇقەددەس ئورنىنى ئىتىراپ قىلىپ ۋە كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭ ھاياتلەقتىكى روھىي ئوزىغى بولالىسىڭىز ئۇنىڭ قەدىرلىك سىردىشى بولىسىز، ئەكسىچە بولسا ئائىلىدىكى ئورنىڭىزدىن مەھرۇم قالىسىز.
22. ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەردۇ مەردانە تەمكىن مىھىرلىك بولۇپ، ئېرىڭىزنىڭ مەدەتكارى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن كوتۇلدىماستىن ئېرىڭىزنىڭ دەردىگە دەرمان، يارىسىغا مەلھەم بولسىڭىز بەخت ھوزۇرىنى سۈرىسىز ئەكسىچە بولسا كوتۇلداش بىزارلىق، ئۆچمەنلىكلىكنىڭ پاجىئەسىگە غەرق بولۇپ ئويىڭىزنى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىسىز.
23. ئېرىڭىزنىڭ قەدىردان سىرداشى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا، دوست-بۇرادەرلىرىگە ، قان-قېرىنداشلىرىغا دېيەلمىگەن گەپلىرىنى، يۈرىكىنى ئازاپلاپ، دىلىنى چىگىۋاتقان دەردلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ بېسمى، ھاياتنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىرى ئارىسىدا تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى ھەم ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، غايە-تەلپۈنۈشلىرىنى قورۇنماي تۇرۇپ سىزگە دىگۈزەلىسىڭىز سۆيۈنۈپ ياشايسىز، ئەكسىچە بولسا بۇرۇختۇمىلىق، ئەندىشە ۋە تەشۋىشتە قىينىلىسىز.
24. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ سېزىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدىغان ئىللەتلىرىڭىزنى؛ئاجىزلىق-كەمچىلىگىلىزنى جاھىللىق بىلەن ئۆزگىچىلىگىم؛ ئارتۇقچىلىغىم؛ ئالاھىدىلىگىم دەپ تۇرىۋالماستىن يۈرەكلىك ھالدا تۈزىتىپ ، ئاستا-ئاستا تۇنجۇقتۇرۇپ يوقىتىۋېتىپ، ئىنسانىي پەزىلەتكە، ئىنسانىي مۇكەممەللىككە يېقىنلىشپ ، ئۆزىڭىزگە خاس پەزىلەت مۇنارىنى ياساپ چىقالىسىڭىز قەدىر قىممىتىڭىزنى ئاشۇرىسىز ئەكسىچە بولسا قەدىرسىز ياشاش بىلەن بىرگە ئىرىڭىزنى يەر قىلىسىز. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Y- p; y0 C1 }5 [$ f7 N
25.سىرتتىكى ئاچچىقىڭىزنى ئۆيگە ئەكىرىپ، تاپا تەنە بىلەن ئۇنى تويغۇزۇپ،ئۆزىڭىز بالا باققۇچنىڭ، ئائىلە خىزمەتكارىنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ ، ئاياللىق رولىڭىزغا سەل قاراپ ، ھە دېسىلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئائىلىنىڭ سەتچىلىكلىرىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ، باشقىلار ئالدىدا ئۇنىڭ ئەيىۋىنى ئىچىپ، ئائىلىدىكى ئورنى ۋە بالىلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ، مىننەتخورلۇق؛ سىلىشتۇش؛ كەمسىتىش؛ كۆزگەئىلماسلىق؛ قانائەتسىزلىك؛ ھەسەتخورلۇق؛ ئۆچمەنلىك؛ يالغانچىلىق ۋە زارلاش ئىچىدىلا ياشىسىڭىز ئۇنى ۋە ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ قويغاندىن سىرت ئائىلىنى تۇرمىگە ئوخشىتىپ قويىسىز.
26. بالىلارنى ياخشى تەربىلەپ، دادا سىرىتقا ماڭغاندا ئۇزىتىشنى، قايتىپ كەلگەندە خۇشال قارشى ئىلىشنى، "دادام بەك ياخشى" ، "دادام ئەڭ قالتىس" ، "دادام بىزنى دەپ كۆپ جاپا چىكىۋاتىدۇ" قاتارلىق سۆزلەرنى ئۈگىتەلىسىڭىز ئائىلىدىكى ئورنىڭىز ۋە باللار ئالدىدىكى ئوبرازىڭىز ئۆسىدۇ ئەكسىچە بولسا ئاخىرىدا ئۆزىڭىزمۇ خارىنىپ قالىسىز.
27.يولدىشڭىز چىرىپ -ئىچىپ ئۆيگە كەلگەندە ئەڭ گۈزەل جەننەتكە كەلگىنىنى، ئەڭ ياخشى بىرسىگە ئېرىشكىنىنى ھىس قىلدۇرالىسىڭىز سۆيۈلۈش ئىلكىدە ياشايسىز . ئەكسىچە بولسا يولدىشىڭىزنى ئائىلىدىن تىزىتىۋىتىسىز.
28. يولدىشىڭىز سىزنىڭ بۇئالەمدىكى ئەڭ يىقىن ئادىمىڭىز . ئۇنىڭغا بارلىق مىھرىڭىزنى بىرىڭ، بىللە بولغان ۋاختىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئۇزىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللاڭ، ئانىلاردەك كۇيۇنۇپ ، بالىلاچچە ئەركىلەپ كۇيۇنۇشنىڭ نىمىلىكىنى ، ناز - خۇلىقنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدۇرالىسىڭىز بەخت نۇرىغا چومكۈلىسىز ئەكسىچە بولسا ئازاپ ئوتىدا كۇل بولسىز.
29. ھەرۋاقىت گۇزەل يۇرۇشكە تىرىشىڭ ، ئۇ ياقتۇرغان كىيىملەرنى كىيىڭ، ئۇياقتۇرغان تاماقلارنى ئىتىڭ، ئائىلە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بىرىڭ، بەدەل تۆلەڭ، ياخشى ئايالنىڭ بىر ئۇلۇغ ئەرنى يارتىدىغىننى، ناچار ئايالنىڭ بىر مۇنەۋۋەر ئەرنى نابۇت قىلىۋېتىدىغىننى بىلسىڭىز ئەرنى ئەر قىلىسىز ئەكسىچە بولسا ئەرنى يەر قىلىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Z' G9 ~! g; G. `# O
30. تازلىق، پاكىزلىق ۋە تاماق ئايال كىشىنىڭ زىننىتى، چاققانلىق قانىتى، ئەرنىڭ ئاتا -ئانسىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلش ئىنسانىي خىسلىتى، سىز تۇرمۇشتىن مىننەتدار بولۇش، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش ، كۆز ئالدىدىكى بەختنى قەدىرلەش ئىلكىدە يۇمۇرلۇق بولۇپ، كۈلۈپ ياشاشنى بىلسىڭىز بەخـلىك ياشايسىز ئەكسىچە تۇرمۇشتىن ئاغرىنىش ، ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆز بىشىمچىلىق ۋە كاجلىق قىلىش، زارلىنىش، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، باشقىلار بىلەن بەسلىشىش ، بىشەملىك، ھازازۇللۇق، ھەرقانداق ئىشتا زىغىرلاپ تۇرۇۋېلىش ۋە گۇمانخورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ناچار روھىي ھالەتتە ياشىسىڭىز جەننەتنىمۇ دوزاققا ئايلاندۇرىۋىتىسىز.
31. ۋاپا ۋە ساداقەتنىڭ ئائىلىنى بەختىيار قىلىدىغىننى، ۋاپا ۋە ساداقەتنىڭ ئايالنىڭ قولىدىكى مەشئەل، قەلبىنىڭ قىممىتىنى، ساپلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىكەنلىگىنى بىلىپ، ئۇنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، ئىسىل ئەخلاق- پەزىلەتنى ھايات يولىنى يورۇتقۇچى ماياك بىلىپ، نىكاھ كىمىسىنى تۇرمۇشنىڭ تۇرلۈك دولقۇن ۋە جۇدۇن چاپقۇنلىرىدىن قوغداپ، ئاياللىق ۋە ئانىلىق بۇرچىنى چوڭقۇر بىلىپ يىتەلىسىڭىز ئىرىشىدىغىنىڭز كۆپ بولىدۇ ئەكسىچە بولسا ھەممىدىنلا مەھرۇم قالىسىز .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 W6 H4 F" e. F0 _$ B" [" \ 32.ئەقىللىق بولۇپ، ئېرىڭىزنى سۆكۈش بەدىلىگە باشقىلار نەزىرىدە ئەرزىمەس ئادەم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇنىڭ جەمىيىتتىكى يۈز ئابرۇيىنى كۆز قارىچۇقىڭىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىيالىسىڭىز ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈك بولىسىز ئەكسىچە بولسا نەزەردىن ساقىت ئارتۇقچە ئادەم بولۇپ قالىسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 Y3 _4 d1 f) r7 n3 l
33.يولدىشىڭىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى ئىززەت - ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى تولۇق ئىتىراپ قىلىپ، ئۇنى چۈشىنىپ، ھالىغا يىتىپ، ئىقتىسادى مەسىلىدە تەڭ مەسلىھەتنى بىرلىك، يول قويۇشنى ئاساس قىلىپ، جىنسى تۇرمۇش مەسىلىسىگىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇنىڭ ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىگىنى كىچىكلىتىپ، يىتەرسىزلىكىگە كەڭ قورساق بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماي ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ، ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك بايقاپ، قىيىنچىلىقىنى چۈشۇنۇپ، ھالىغا يىتىپ، ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭ مىھرى - مۇھاببىتىگە ئىرىشەلىسىڭىز، كىشىلىك قەدىر قىممەت ۋە ئىنسانىي چىن سۆيگۈ ئىچىدە بەختلىك كۈلۈپ ياشىيالايسىز، ئەكسىچە بولسا مەغلۇبىيەتلىك نىكاھ ئازاپلىرىغا چۆكۈپ كىتىسىز.
34.يولدىشىڭىزنىڭ رولى ۋە ئائىلىدىكى ئۇرنىغا بىپەرۋا قارىماڭ، سىرىتتا قانچىلىغان ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا تەلپۇنىۋاتقىنىنى ئۇنتۇپ قالماڭ، قولدىن كەتكەن بەخـت قەدىرلىك، بارىدا قەدىرلەشنى بىلمەي، يوقاتقاندا ھەسرەت چەكمەڭ، يوقاتقان مۇھاببەتنىڭ ئۇنتۇلمىغى تەس، ئەرنى ئەر قلىش ۋە ياكى يەر قىلىپ ۋاز كىچىش سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە. ۋاز كەچمىگەن ئىكەنسىز ئۇنداقتا ئۆزگىنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ ئازاپلىماي نىكاھىڭىزنى قەدىرلەپ، تۇرمۇشىڭىزنى ئاددى، ئازادە ۋە كۆڭۈللۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىزگە ئىشىنىپ، سىزنى قەدىرلەپ ئەمرىگە ئالغان ئەرنى ئەر قىلىپ ياشاڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 }. j% e" _+ Q% @8 q! F8 a) j+ J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! I, S+ I' }! X- t
تەسەللى 2013-يىل 6- ئاينىڭ 22- كۈنى بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" A8 v( K* w1 [; H2 s( `. D
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-22 07:15 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 z3 B- I* P0 d; a* K* \! w0 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ R4 J5 b1 H4 ]/ z! V