مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4133|ئىنكاس: 48

ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر پەللە چۇشىشى مۇمكىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7556
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 02:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر پەللە چۇشىشى مۇمكىن




    جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن 3يىلدىن بۇيانقى تارىخى يىڭى تەگ نۇقتا 1269دوللارغا چۇشتى . كۈمۈش 3يىرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 19.36دوللارغا چۇشتى . نەخ گەپكە كەلسەك ،دىيارىمىزدىكى 70% كىشىلىرىمىز ئاچچىق زىيان بىلەن تۇلغۇنۇپ تۇرىدۇ .چۇنكى ھىچكىممۇ ئالتۇننىڭ 2013-يىلى 6ئاي ئىچىدىلا 400دوللار چۇشۇپ كىتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەندە . ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇنداق بولۇپ كتىىشىنى نەزەردىن خىلىلا يىراقتا دەپ مۆلچەرلەپتۇق . ئەمما ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ...
   دوللار كۆرسەتكۇچى يەنە ئۆسۇش ھالىتىگە ئۆتتى .ئالتۇن كۈمۈش ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە يۆلىنىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ .جۈمە كۇنى يىڭى تارىخى تەگ نۇقتىنى يارىتىپ بولغاندىن كىيىن شىددەت بىلەن قاڭقىپ كەتتى ،ئاساسلىقى بازارغا كىرگۇچىلەرنىڭ كۆپلەپ مال ئىلىشى ئالتۇن كۈمۈشنى ئۆستۇردى ،ئەمما ئالتۇن 1290دوللاردىن كۈمۈش 19.90دوللاردىن يۇقىرىسغا ئاشالمىدى ،
   جۈمە كۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن كۈنۈش قىممەت مىتال سودا ماگناتىنىڭ ساقلانما زاپاس مىقدارى كۆرسەتكۇچى سىتاتىكىسكا جەدىۋېىلىدىن ئايانكى :
   قەرەللىك ئالتۇن ساقلانما زاپاس مىقدارى 4.51توننا كىمەيگەن ،كىمىيىش ھالىتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن .دىمەك كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننىڭ ئۆسۇش ھالىتىدىن ئۇمىدسىزلەنگەن ۋەياكى بازاردىن چىكىنىپ چىقىشقا باشلىغان .
   بىراق كۈمۈش بۇنىڭ ئەكىسچە بولغان ، ساقلانما زاپاس مىقدارى ئىلگىرىكى ئۆلچەمنى ساقلاپ قالغان .شۇڭلاشقا ئالتۇننىڭ چۇشىشىگە نىسبەتەن كۈمۈش يىتەرلىك ھالەتتە دالدىلىنىش ئىقدارىغا ئىرىشكەن .
   ئالتۇن كۈمۈش جۈمە كۇنى ئامىرىكا بازىرىدا تىخنىكىلىق جەھەتتىن تەڭشىلىش تەلىپىنى ئورۇنلىدى ، بولۇپمۇ كۈمۈش تىخنىكىلىق جەھەتتىن 20دوللارنىڭ ئۆستىدە بازار يىپىلغان .بۇ بىر ياخشى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولسىمۇ ،ئەمما ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر پەللە چۇشۇشنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ .دوللار كۆرسەتكۇچى پەيشەنبە كۇنىدىن تاكى بازار يىپىلغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۆسۇش يۆلىنىشىدە ماڭدى .چۇنكى ئامىرىكا فىدىراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بورناك ئەپەندى ،زايوم سىتىۋىلىش سىياسىتىدىن چىكىنىش نىشانىنى ئىنىق تەكىتلىگەچكە ،دوللار كۆرسەتكۇچى ئىنتايىن كۇچلۇك تىرەش كۇچىگە ئىرىشتى .بۇنداق ئەھۋالدا دوللارغا قارشى پۇتۇن تاۋارلار .اجىز ھالەتكەن ئۆتكەن .
   تىخنىكىلىق جەھەتتىن ،ئالتۇن 1269دوللارغا چۇشكەندىن كىيىن شىددەت بىلەن قاڭقىپ 1300دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلگە جەڭ ئىلان قىلغان ،ئەمما بۆسۇپ ئۆتۇش ئۇنۇمسىز بولغانلىقتىن 1290دوللارغا سىرىلىپ كەتكەن .ئالتۇننىڭ ھەپتىلىك ۋە ئايلىق ۋاقىت بۆلىكى ھىلىھەم چۇشۇش ھالىتىدە 240مىنۇتلۇق ۋە كۇنلۇك ۋاقىت بۆلىكى ئۆسۇش يۆلىنىشىگە كىرگەن .ئەمما بۇ قىتىملىق ئۆسۇش تىخنىكا ۋە بازارغا كىرگۇچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بولغاچقا ،بازارغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن .ئالتۇن 1275دوللار ۋە 1253دوللاردا تىرەش نۇقتىسى ھاسىل قىلغان .ئاۋۋالقى چۇشۇشتە 1269دوللاردا يىڭى تەگ نۇقتا ياراتقانلىقتىن ،1250دوللارغا بىر قىتىم كىلىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارالماقتا ،
   كۈمۈش 19.35دوللاردا تىرەش نۇقتىسى شەكىللەنگەن .كۈمۈش 19دوللار ئىچىدە بىرمەزگىل يۇقىرىغا قارىتا تەڭشىلىش ئىلىپ بىرىشى مۇمكىن .


    2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلىقئارا ئالتۇن ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1269دوللار ھەرئۇنسىيە (250يۇەن خەلىق پۇلى ھەرگىرامى ،خام ئالتۇن ) 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى خەلىقئارا كۈمۈش ئەڭ تۆۋەن باھاسى 19.40دوللار ھەرئۇنسىيە (3.76يۇەن خەلق پۇلى ، ھەرگىرامى ،خام كۈمۈش )
             مەنبەسى : ئۆزۇم
                   ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74753
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3039
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 03:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قېتىمقى تىمىڭىزدا مەن 1030 دوللار ئەتراپىغا چۈشىدۇ دىگەن ئىدىم بۇ نىشانغا يىل ئاخىرىغا بارمايلا يىتىدۇ، شۇنىڭغىچىلىك تويۇقسىز چۈشۈش بۇلۇپ تۇرىدۇ.  شۇڭا ئامال بار ئالتۇننى ئۆسۈشكە ئېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كىرەك.
11- 12- ئايلارغا بارغاندا پۈتۈن مال بىساتىمىزنى سېتىپ ئالتۇنغا مەبلەغ سالساقمۇ بۇلىۋىرىدۇ...

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95698
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىش بولدى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2881
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1818 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:08:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇننىڭ چۇشكىنىنى بىزنىڭ بۇيەردىكى زەرگەرلەر ئۇخمىغان چىغۋا 310دەيدۇ گىرامىنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 04:09 PM  


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

www.1miskal.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5885
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:11:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 04:08 PM
ئالتۇننىڭ چۇشكىنىنى بىزنىڭ بۇيەردىكى زەرگەرلەر ئۇخمى ...

280---290 يۈەن سىتىۋالسىڭز بولىدۇ

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6560
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنى پۇلى بارلار ئالتۇنغا ئىشەنسە پۇلىغا ئالتۇن ئەپ قويىدۇ. دوللارغا ئىشەنسە ئالتۇن ساتىدۇ.


پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئۆسىدىغان ياكى باھاسى بەك چۈشۈپ كەتمەيدىغان  بىر نەرسە سىتىۋىلىش كىرەك


بانكىغا قويۇپ ساقلىغاندىن ياخشىراق. مىڭ قىلمىسا تىجارەت ئەمەسما؟


يەنى   ھازىر 100 كويغا 2 كىلو گۆش  ( مەسلەن دەۋاتىمەن ھە)  ئالغىلى بولسا ،سىزنىڭ ئوشۇق پۇلىڭىز بولسا بانكىغا قويۇپ قويسىڭىز  ئۇ پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ.

يەنى كىلەر ئايدا  100 كويغا 1 كىلو 800 گىرام گۆش سىتىۋالالايسىز.  


دىمەك  بىر ئاينىڭ ئالدىدا 100 سومغا بەرگەن بىر نەرسىنى بۇ ئايدا 105 سومغا سىتىۋالسىڭىز بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى بانكىدا ياكى ئۆيدە ساقلىغان پۇلىڭىزنىڭ ھەر يۈز سومدا بەش سوم زىيان تارتىقان بولىسىز ياكى قىممىتى چۈشىدۇ

دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن  پۇل پاخاللىقى نىسبىتى پەرىزىمچە 70% بولۇپ ، ئۆتكەن ئايدا 100 سوملۇق نەرسە كىلەر ئايدا 103 سوم بولاۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدىكى 100 سوم پۇل كىلەر ئايدا 97 سومغا تەڭ دىگەن گەپ.

جاھان تەرەققى قىلغاندىكىن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ ياكى چۈشمىسىمۇ دەرىجىسى ئۆسىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ سانائەت مەھسۇلاتلىرى سىتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۇنداق تەرەققىيات تىزلىكىدە ئالغان نەرسىڭىز بەك تىز مودىدىن قالىدۇ. مەيلى ماشىنا بولسۇن مەيلى تىلفۇن بولسۇن ئوخشاش.



يىزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ. لىكىن باھاسى ئۆسىدۇ دەپ يىمەك-ئىچمەكنى كۆپ سىتىۋالغىلى بولمايدۇ دە.

نىمە سىتىۋىلىش كىرەك ئوشۇق پۇلغا؟  سانائەت مەھسۇلاتىمۇ بولمىسا ؟ يىمەك-ئىچمەكمۇ بولمىسا  ؟



ئەڭ بۇرۇنقى پۇل ياكى بايلىق بىرلىكى بولغان ئالتۇن بىلەن كۈمۈش، چۈنكى مودىدىن قالمايدۇ. باھاسى چۈشتى دىگەندىمۇ(مانداق تىز سۈرئەتتە چۈشۈشنى يىسابلىمايمىز)  ئالدىنقى ئايدا 5 سوم ئۆسۈپ كىيىنكى ئايدا 4 سوم چۈشسە بىر سوم زىيان. ھىلقى بەش سوم زىياندىن ياخشى



ھەرقانداق سانائەت بۇيىمىنى مەيلى كىيىم-كىچەك ياكى ماشىنا  دىگەندەك تۆمۈر-تەسەك ياكى لاتىلارنى سىتىۋالغاندىن  كىيىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتەك تىز سۈرئەتتە سىتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. لاتىنىغۇ پەقەت پۇلغا ئالمايدۇ بىر كىيىپ قويسا

شۇڭا دۇنيادىكى بايلار زاپاس پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر نەرسە سىتىۋالىدۇ.چۈنكى نۇرغۇن پۇلغا نىسپەتەن ھەر يۈز سومدا بەش سوم قىممىتى تۆۋەنلەش چوڭ زىيان دە؟

ئاساسلىقى مەڭگۈ پۇل بولالايدىغان ھەم ھەم ئوبورۇت قىممىتىدىن قالمايدىغان ھەرقانداق دۆلەتتە ئوخشاشلا قىممىتى بار ئەڭ بۇرۇنقى  پۇل بىرلىكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بولۇپ، سىتىۋالسىڭىز ئۆسەپ قالسا  پۇلىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالغان بولىسىز ياكى پۇلىڭىز كۆپىيىدۇ. (چۈنكى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۆسەپ كىلىۋاتىدۇ ئانچە-مۇنچە مۇشۇنداق بۇراننى يىسابقا ئالمىغاندا)

دوللارغا كەلسەك پۈتكۈل خەلقىئارادا ئالتۇنغا ئوخشاشلام ئاقىدىغان قەغەز پۇل  دوللار

شۇڭا دوللار بىلەن سىلىشتۇرىلىدۇ.


دىمەكچى بولغىنىم زاپاس پۇلغا يەنىلا ئالتۇن ئەپ قويغان ياخشى دىمەكچى. ئىشقىلىپ ساتقىلى بولىدۇ. لىكىن باھاسى سەل تۇراقلاشقاندا ئىلىڭ جۇما . ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئەمەس. مەن ئىختىسادشۇناس ئەمەس. سىلەردەك بىر تورداش خالاس


يەنە بىرسى  ئالتۇندەك تىز ئۆسمىسىمۇ زىمىن سىتىۋىلىڭ. شۇچاغدا پۇلىڭىزنىڭ قىممىتىنى قوغداپ قالالايسىز

يەر-زىمىنمۇ يىمەك-ئىچمەك بىلەن ئوڭ تاناسىپ. يىمەك-ئىچمەك ئۆسسە يىزىدىكى تىرىلغۇ يەرنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ. يىزىدىكى تىرىلغۇ يەرنىڭ باھاسى ئۆسسە شەھەردىكى زىمىننىڭ باھاسى تەبئى ئۆسىدۇ.ھازىر  100 مىڭ كويغا  10 مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالىسىڭىز ،شۇ پۇلنى بانكىغا قويسىڭىز 10 يىلدىن كىيىن قانچە ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالايسىز؟مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش تىزلىكىنى يىسابلاپ بىقىڭ

100 مىڭ كويغا زىمىن ياكى ئالتۇن سىتىۋالسىڭىز  10 يىلدىن كىيىنمۇ 100 يىلدىن كىيىنمۇ شۇنى ساتقان پۇلغا يەنىلا 10 مىڭ ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالايسىز . جىق بولسا بىرەر يۈز ئادەم كام تويا ياكى تخخمۇ كۆپ ئادەمنىڭ تويىشى مۇمكىن، چۈنكى زىمىنمۇ ئالتۇنمۇ يىمەك-ئىچمەك بىلەن ماس قەدەمدە. تەتۈر ئەمەس


بانكىغا ساقلاشقا قويغان پۇل تەتۈر تاناسىپمۇ ئەمەس ئوڭمۇ ئەمەس. جىم تۇرىدۇ.

يەنى مال باھاسى بىلەن بىر يۆنىلىشتىمۇ ماڭمايدۇ. قارشى يۆنىلىشتىمۇ ماڭمايدۇ. لىكىن جىم تۇرغان پۇل ئۆسەۋاتقان مال باھاسىغا قارىغاندا جىم تۇرغاندەك قىلغان بىلەن كەينىگە قاراپ ماڭغانغا باراۋەر. جىم تۇرىۋەرسە ئەلۋەتتە مىڭىۋاتقان نەرسىنىڭ كەينىدە قالىدۇ دە.

يەنى سىز دوسىڭىز ماڭغا يۆنىلىشكە ئالدىڭىزنى قىلىپ جىم تۇرغان بىلەن مىڭىۋاتقان دوستىڭىزنىڭ ھامان كەينىدە قالىسىز.  

ئىشقىلىپ پۇلنى بىر مىللى بولسىمۇ مىدىرلىتىپ تۇرغانغا، يۇمىلاتقانغا يەتمەيدۇ. جىم تۇرغان سۇمۇ مىدىراپ تۇرغان سۇغا قارىغاندا تىز سىسىيدۇ.

شۇ چاغدا تەڭپۇڭ بولاتتى ئىقتىساد.  ھەممە ئادەم پۇلنى بانكىغا قوياۋىرىپ بانكا تويىنىپ كىتىپ، قەرىز تارقىتالماي ئامانەتلام يىغىپ . ئۆسۈم بىجى دىگەن نەرسە چىقتى. ئۇنداق ئۆسۈملۈك قەرىز، بۇنداق ئۆسۈملۈك قەرىز دىگەنلەر ئاۋۇپ ھەممە ئادەم بۇرۇنقىدەك بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشتىن قەرىز ئىلىشقا يۈزلەندى.

يىزىدا ھەممە دىھقان  قەرىز-ئامانەت بانكىسىغا قەررىز ئىكە ھازىر. قەرىز ئىلىش مودا بولۇپ شەھەردىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ئۆيىنى باھالاتقىلى تۇردى قەرىز ئىلىش ئۈچۈن.

مەركەزدىن  ھەرخىل تۈرلەرگە( ئۇ كاپالەت بۇ كاپالەت ئۇنداق ئۆي پۇلى بۇنداق ئۆي پۇلى....... دىگەندەك )چۈشكەن نۇرغۈن مەبلەخلەر،سودا خاراكتىردىكى كىلىۋاتقان مەبلەخلەر،  بۇرۇنقى بايلار بانكىغا قويغان پۇللار نەگە كەتتى؟

ھىچيەرگە كەتمىدى. قىممىتى قالمىدى.شۇڭا بايدىن تارتىپ كەمبەغەلگىچە ھەممىسىنىڭ قەرى بار. كەمبەغەلنىڭغۇ كەمبەغەل بولغاچقا قەرزى بار. باينىڭمۇ قەرزى بار ئەمەسمۇ؟

ئۆزىچە بايلىرىمىزدىن تارتىپ كەمبەغەلغىچە قەرىز بوپ قالدۇق دەيمەن. توۋا.

مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرىلىشىپ ،ئىشىكنى سىرىتقا ئىچىۋەتكەندىن تارتىپ سودىگەرلىرىمىز يىغىۋاتقان پۇل نەگە كەتتى دەيمەن؟ قىممىتى قالمىدى.  بەرىكەت قالمىسا زاپاس پۇلى بار ئادەممۇ قەرزى بار ئادەم بوپ قالىدۇ.

مالنىڭ باھاسى ئۆسۈپ پۇلنىڭ قىممىتى قالمىغاندا بانكىدا زاپاس پۇلى بار تىجارەتچىلەر قەرزى بار تىجارەتچىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇرۇن تىجارەتچى-سودىگەر دىسە چوقۇم ھەۋەس قىلاتتۇق. ھازىرقى تىجارەتچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي.بىچارىلىكىدىن كىچىككىنام شامال چىقسا ئۇچۇپ كەتكىلى قىل قالىدۇ.

سودىگەرلىرىمىزنىڭ ھالى بۇ تۇرسا كەمبەغەللىرىمىزنىڭ ھالى نىمە بولماقچى؟ كاپالەت پۇلى ئالغانلىنى زاڭلىق قىلماڭلار قىرىنداشلار(خىلى باي تۇرۇپ ئىلىۋالغانلىدىن باشقا)
ئاڭلىسام تازىلىق قىلىدىكەن، ھەممە ئادەم ئوخشاش تۇرۇپ،ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەخلەت تۆكىدىغان ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەخلەتنى كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلار خۇشنا-خۇلۇملىرى كۆمەستە تازىلايدىكەن باللا؟ كىمنىڭ شۇنداق ئاھانەتكە چىداپ تۇرۇپ ئالغىسى بار ئاشۇ پۇلنى؟


بۇرۇن بانكىدا 30 مىڭ كويام بار  دىگەن ئادەمگە ھارۋىدىن چۈشۈپ سالام قىلاتتۇق. پۇلنىڭ بەرىكىتى، قىممىتى قالمىغان ھازىرقى دەۋىردە ھىچنىمە ئەمەس 30 مىڭ كوي، بانكىدا ساقلىۋالغان شۇ 30 كوينى كۆتۈرۈپ تۆۋەن ئىجارىلىق ئۆي ئىلتىماس قىلىپ تاپىنى تىشىلەي دەپ قالدى ھىلقى بايلىرىمىزنىڭ، 10 يىلنىڭ ئالدىدا 30مىڭ  كويغا ئالتۇن ئەپ قويغان بولسا ھازىرقى بانكىدا ساقلاپ قويغان قەغەز پۇلدىن ياخشىراقتى.يا بولمىسا زىمىن ئۆي ئەپ قويغان بولسا شۇ 30 مىڭ سومغا تۆۋەن ئىجارىلىق ئۆي ئالىمەن دەپ تاپىنى تىشىلمەيتى بەلكى ئىجارىسىز ئۆزىنىڭ مۇقۇم مۈلكى بولغان ئۆيى بولغان بولاتتى.


مۇقۇم مۈلۈك دىگەن ئاجايىپ نەرسە باللا. مۇقۇم مۈلۈكنىڭ ئىچىدە بانكىغا قويغان پۇلدىن باشقا ،ئالتۇن ،ئۆي زىمىن دۇكان  قاتارلىق مۇقۇم مۈلۈكلەر ھەقىقى قىممىتى چۈشمەس مۈلۈكلەر.


ئامانەت بىلەن قەرىز ئىلىش ماسلاشمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ.  بۇرۇن ئامانەت قويدۇرالمىدى. كىيىن كىم بىزدىن قەرىز ئالا دەپ تەلمۈردى. ئەمدى قەرىز ئىلىشقا ئامال بولمىدى  . ھەممە ئادەم قەرىز ئىلىۋىرىپ بانكىلارمۇ كىم پۇل قويا دەيدىغان ھالەتكە كەپ قالدى. چۈنكى بانكىلار ئۆزىدە 10 سوم بولسا 8 سومنى قەرىز بىرىدۇ. 2 سوم زاپاس ساقلىنىدۇ.
لىكىن ھازىر پۇخرالار بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل 7 سوم بولسا قەرىز ئالغان پۇل 9 سوم بولاۋاتىدۇ.  


ئالتۇن ئەپ قويسا چىققان پايا زىيىنى ئىنىق بولغان بىلەن ئۇنچىۋالا خەتىرى يوق(ئالاھىدە ئۆسەپ كەتكەندە سىتىۋالغاننى قوشمىغاندا)

بانكىغا قويغان پۇلغا گەرچە ئۆسۈم چىقىپ پايدا قىلغاندەك بىلىنگىنى بىلەن مالنىڭ باھاسى ئۆسەپ كەتكەنلىكتىن چىققان زىياننى ئالدىراپ سەزگىلى بولمايدۇ.  



پىكىرلىرىم سەل چىچىلاڭغۇ. لىكىن چۈشەندۈرەلىشىمچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم  ھەم چۈشەنچەممۇ شۇنچىلىك شۇ.


ھە راس  ھەممىسى شەخسى پەرىزىم جۇما. ئىشىنىپ قالماڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-22 04:44 PM  


ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95420
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 961
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن   ئۆسۈشتىن   بۇرۇن   مەكتىپىم پۈتسە بۇلاتتى

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقئەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:23:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاختام ئىچىلغىچە ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتمىسە بۇلاتتى ، شۇ چاغدىلا  بىراقلا ئالاي.ھى ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1492
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 05:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خام ئالتۇننى قەيەردىن سىتىۋالىمىز؟  يەنى شەخسىلەرنىڭ قولىدىمۇ نۆكچە ئالتۇن بولسا، سىتىۋالساق خام ئالتۇن ھىساۋىدا ھىساۋات قىلامدۇق؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش