كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە تولۇم-ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
بىلىمخۇمار
ئەسكەرتىش: ئەسلىدە بۇ تېما بىلەن ناسا ئانچە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس بولۇپ، مەن بۇ يەردە «بىلىمخۇمار يازغان كائىناتقا ئائىت بىلىملەر» دېگەننى بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا يۇقىرىدىكى مۇندەرىجە ماۋزۇسىغا «NASA» دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدۇم. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن.
بۈگۈن (يەنى 2013-يىلى 21-ئىيۇن) دىن باشلاپ كېيىنكى 2 كۈن ئىچىدە تولۇق ئاي چىقىپ، ئۇ كىشىلەرگە ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەگەر سىز ئاي چىققان ۋە ئاي ئولتۇرغان ۋاقىتتا يەر يۈزىدىكى بىرەر دەرەخ، بىرەر بىنا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ كەينىگە توغۇرلۇنۇپ قالغان ئايغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چوڭ كۆرىنىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى بىر قىسىم سەۋەب مەن تۆۋەندە چۈشەندۈرىغان ئىشلاردىن ئىبارەت بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم سەۋەبنى ھازىرغىچە ئاسترونومىيە ئالىملىرى بىلەن پىسخىلوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى تېخىچە چۈشەندۈرەلمىدى.
ئاي يەر شارىنى تەخمىنەن 27.5 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ يەر شارى مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 385000 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يەر شارى رادىئوسىنىڭ 60 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاينىڭ ئوربىتىسى سوقۇچاق، ياكى بىر ئېلىپس شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ سوقۇچاقلىقىمۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئازراق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاي يەر شارىغا بىر يىلدا بىر قېتىم ئەڭ يېقىن كەلىدىغان بولۇپ، كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە ئەنە شۇ ئىش يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئاينىڭ يەر شارى مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 362600 كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالىدۇ. 2014-يىلى 16-يانىۋار كۈنى ئاي يەر شارىدىن ئەڭ يىراقلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ چاغا ئۇنىڭ يەر شارى مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 405400 كىلومېتىرگە ئۆزگىرىدۇ. يەنى ئۇ چاغدا ئاي ئەڭ كىچىك كۆرىنىدۇ.
ئەتە-ئۆگۈن 2 كۈن ئىچىدە كۆرىنىدىغان ئاينى بەزىلەر «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى ئاي» (supermoon) دەپ ئاتايدۇ. بۇ 2 كۈن جەريانىدا دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئىگىزلىگىمۇ پەۋقۇلئادە ئىگىزلەپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرى دېڭىز بويىدىكى دولقۇننىڭ ئىگىزلىكى 3.7 مېتىرغىچە ئىگىزلەپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، ئەتە-ئۆگۈن ئىككى كۈن ئىچىدە ئاينىڭ چىققىنى ياكى ئاينىڭ ئولتۇرغىنىنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىڭ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
رەسىم: