|
|
|
|
خەلق تورى ئۈرۈمچى 21-ئىيۇن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى فنوم پېندا ئۆتكۈزۈلگەن 37-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلار چوڭ يىغىدا جۇڭگو «شىنجاڭ تەڭرىتېغى» نىڭ دۇنيا تەبىئىي مىراسلار قاتارىغا كىرگەنلىكىنى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلدى.
تەڭرىتېغى پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدىكى يەتتە چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق رايونلىرىدىكى ئەڭ چوڭ تاغ تېزمىسى، شۇنداقلا يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ شەرق-غەرب يۆلىنىشىدىكى مۇستەقىل تاغ تىزمىشى. بۇ قېتىم دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىنغان تەڭرىتېغىنىڭ كۆلىمى 5759 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: شىنجاڭ تەڭرىتېغى ناھايىتى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە بولۇپ، پەرقى زور بولغان تومۇز ئىسسىق ۋە قەھرىتان سوغۇق، قۇرغاقچىلىق ۋە نەملىك، چۆللىك ۋە بوستانلىق، ھەيۋەتلىك ۋە نەپىسلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئالاھىدە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىنى نامايان قىلغان؛ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدە زور پەرقلەر بولۇپلا قالماستىن، ئۆسۈملۈكلىرىمۇ كۆپ خىل، پامېر-تەڭرىتېغى تاغلىق رايونى بىئوئېكولوگىيىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تاغلىق رايونلىرىدىكى كۆپلىگەن ئاز ئۇچرايدىغان يوقىلىش گىردابىدىكى تۈرلەرنىڭ، ئالاھىدە تۈرلەرنىڭ ماكانى بولۇپ بۇ رايوندىكى ئىللىق، نەم شارائىتتا ئۆسۈدىغان ئۆسۈملەركلەر رايونىدىن ھازىرقى دەۋردىكى قۇرغاق شارائىتتا ئۆسىدىغان ئوتتۇرا دېڭىز ئۆسۈملەر رايونىغا ئالمىشىدىغان بىئولوگىيىلىك تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى.
2009-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تەڭرىتېغىنى تەبىئىي مىراسلارغا ئىلتىماس قىلىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. 2012-يىلى 1-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنغان جاي بولۇپ قالدى؛ شۇ يىلى 3-ئايدا ئىككى مىليون 300 مىڭ خەتلىك خەنزۇچە-ئىنگلىزچە شىنجاڭ تەڭرىتېغىنى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئىلتىماسنامىسى رەسمىي ھالدا دۇنيا مىراسلار مەركىزىنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ھەيۋەتلىك تەڭرىتېغى دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرىش «بىلەت» ىگە ئىگە بولدى؛ 7-ئايدا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسىلىرى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش باھالاش ئېلىپ باردى. تەڭرىتېغى ئالاھىدە مىراس قىممىتى ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بولغا قوغداش باشقۇرۇش سەۋىيىسى بىلەن نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇتەخەسىسىلەرنى قايىل قىلدى ۋە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.
تەڭرىتېغىنى دۇنيا تەبىئىي مىراسلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ شىنچۈەننىڭ دېيىشىچە، تەڭرىتېغى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ھازىرغا قەدەر بولغان بىردىنبىر دۇنيا تەبىئىي مىراسلار قاتارىغا كىرگەن يەر ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەڭرىتېغىنىڭ دۇنيا تەبىئىي مىراسلار قاتارىغا كىرىشى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى باشلامچى قەدەم. تەڭرىتېغىنى قوغداشتا باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ ئەمما ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت قوغداشنى تەڭلا ئىشقا ئاشۇرۇشتا شىنجاڭ بايلىقلارنى ئېچىشتا سىجىل تەرەققىي قىلىش، ئىكولوگىيىلىك مۇھىت جەھەتتە سىجىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى قوغدالغان تەبىئىي مىراسلارنى دۇنياغا تەقدىم قىلىدۇ، تاغ-دەريالىرى گۈزەل مۇھىتنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرىدۇ».
مەنبەسى نۇر تورى
|
|
|
|
|
|