مۇھەببەت مىلودىيسىى
سۈيۈملۈكۈم،ئېسڭدىمۇ؟ سەن بىلەن تۇنۇشۇپ تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە،يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تىزلىشىپ،نەپىسىم يېتىشەلمەيلا قالغانتى.سېنىڭ ھازىرمۇ ئېسىڭدە بارمۇ؟
سۈيۈملۈكۈم،مەن ھەر قېتىم سەن بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈننى سانايمەن،قاچانمۇ سەن بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈن كېلەر ھە؟
سۈيۈملۈكۈم،ساڭغا راست گەپ قىلاي،مەن يالغۇز چاغدا چاشقاننى كۆرسەممۇ قۇرقۇيمەن،بىراق سەن بىلەن بىللە تۇرغان چاغدا ھەرقانداق يالماۋۇز،ئەسكى قاراقچىلار كەلسىمۇ قۇرقمايمەن،مەن سېنى جېنىمدىن ئەزىز بىلىمەن،سېنى قوغدايمەن...مۇھەببەتنىڭ ماڭغا بەرگەن كۈچى نېمىنداق ئۇلۇغ،ھە!
سۈيۈملۈكۈم،ھەر قېتىم سېنىڭ ئۇچۇرۇڭنى ساقلاپ،ئۆزەمنىڭ قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالىمەن.
سۈيۈملۈكۈم......مەيلى زامان ئاخرى بۇلسۇن ياكى ياشاش ئىمكانىيىتى بۇلماي قالسۇن،مەن سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە،سېنى يالغۇر قۇيۇپ قۇيمايمەن...سەن بىلەن مەڭگۈ ئۆمىرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە.........
سۈيۈملۈكۈم،سېنى ھەر ۋاقىت ئويلايمەن..بەزىدە خىزمەت ۋاقتىمدا،قانداق قىلىپ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئۇتۇشنى ،قانداق قىلىپ ساڭغا ئېرىشىنى ئويلايمەن.ئىشىنىمەنكى،ئۇزاققا قالماي شۇ كۈنلەر يېتىپ كېلىدۇ.
سۈيۈملۈكۈم،مېنىڭ چارچاپ،ماغدۇرۇم قالمىغان ۋاقتىمدا،سېنى ئويلىسام،ماڭغا كۈچ-قۇۋۋەت كىلىدۇ.سەن بىلەن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان،سەن بىلەن بىللە بۇلۇپ بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شۇ كۈنلەرنى ئويلىسام،مەن تۇيۇقىسىزلا روھلىنىپ ،جانلىنىپ كېتىمەن.
سۆيۈملۈكۈم،بۇ قەھرىتان سوغاقتا.مەنمۇ توڭلايمەن،بىراق،ھەرقانچە توڭلىساممۇ،چاپىنىمنى سېلىپ،ساڭغا كىيدۈرۈپ قۇيۇشقا رازىمەن..ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن.......
سۈيۈملۈكۈم،بىلەمسەن،ھەر قېتىم سەن بىلەن كۈرۈشەكچى بۇلغاندا،سائەتكە قاراپ ئىچىم تىتىلداپ كېتىدۇ،قاچان ۋاقىت تۇشار،قاچان كۆرىشەرمىز دەپ ئارزۇ ئارماندا...
سۈيۈملۈكۈم،ساڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار....نېمىشقا مەن ھەر قېتىم سەن بىلەن كۆرۈشكەندە،نېمشىقىدۇر گەپ تاپالمايلا قالىمەن،ئەكسىنچە،مەن ئىشلەۋاتقاندا ياكى يولدا كېتىۋاتقاندا كاللامدا يەنىلا سەن...سەن بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىملا كېلىدۇ،بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگىملا كېلىدۇ..ھەي..مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداق بۇلىدىكەن..
سۈيۈملۈكۈم،بىلەمسەن،سېنى قانچىلىك ساقلاشقا رازىمەنكى،ھەرگىز سېنى كەلمىدى دەپ ئاچچىقلانمەيمەن،سەن كەلگىچە ساقلاپ كۈتىمەن،ئەجىبا بۇمۇ شۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىمۇ؟
سۈيۈملۈكۈم،سېنى ساقلاشقا رازىمەنكى،مەيلى تېلىفۇنىڭ بۇلسۇن ياكى ئابتۇبۇس بىكىتىدە بۇلسۇن،سەندىن خەۋەر كەلگۈچە بەرداشلىق بېرەلەيمەن،چۈنكى بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدىرىتى .
سۈيۈملۈكۈم،مەن سائەت قوڭغۇراقنىڭ ئورنى ئېلىپ،سېنى ھەر كۈنى ئەتتگەن ئويغۇتۇپ قويسام دەيمەن.كۈندە ئەتتىگەن ساڭغا بىرىنچى بۇلۇپ سالام يوللىسام دەيمەن...مەن سەن ئۈچۈن،سېنىڭدىنمۇ بالدۇر تۇرۇپ سېنى ئويغۇتۇپ قۇيۇشقا رازى...
سۈيۈملۈكۈم....ئېسىڭدىمۇ؟تۇنجى قېتىم ساڭغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلىگەن چاغدا،سېنىڭ رەسىمىڭنى ئۆز قولام بىلەن سىزىپ لاھىيلەپ ساڭغا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتكەنتىم..شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىز باشلانغانتى..مېنىڭ شۇنداق ئېسىمدە...
سۈيۈملۈكۈم....مەن سەن بىلەن ئەتتىگەنلىك ناشتىنى بىللە قىلالمىساممۇ،ساڭغا كۈندە سەھەردە تاتلىق ناشتىلىك رەسىملىرىنى سېنىڭ تېلىفۇنۇڭغا ئەۋەرتىپ تۇرىمەن....سالامەتلىكىڭ ئۈچۈن،ناشتىلىقنى ھەر گىز ئۇتۇپ قالمىغىن.
سۈيۈملۈكۈم،ساڭغا ياساپ بەرگەن بۇ ئىجازەتنامە كارتىسى ئېسىڭدىمۇ؟سەن پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭكى،شۇنداق ئەلۋەتتە مەنمۇ سېنىڭكى...ئۇنتۇپ قالمىغىن...مەنمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن...سۈيۈملۈكۈم،بەخىتلىك كۈنلىرىمىز مەڭگۈدىن مەڭگۈ تائابەت داۋام ئەتكۈسى ......
مۇنبەرنىڭ تېخىمۇ سەرخىل، تېخىمۇ ئاۋات،تېخىمۇ مەزمۇنلۇق بۇلىشى ئۈچۈن يوللانغان تېما.ياقتۇرمىغانلار،قالايمىقان ئىنكاس يازماي،كۆرۈپ چىكەتسەڭلار بۇلدى.
داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلارنى ئىلگىرلىتىپ قۇيشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا بۇلمايدۇ،بۇ تېما مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە!
مەنبە:يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم