«سەپەرچى-1» ناملىق ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى
1977-يىلى، ناسا ئالەم بوشلىغىنى تەكشۈرىدىغان، ئىنگلىزچە «Voyager» («سەپەرچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان 2 سەپەرچىنى قويۇپ بەردى. بۇ سەپەرچىلەرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى «يۇپىتېر» بىلەن «ساتۇرن» دىن ئىبارەت ئىككى پىلانېتىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى 1981-يىلى غەلىبىلىك ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەئىزىپىسى ئۇزارتىلىپ، داۋاملىق تۈردە قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەڭ چېتىگە قاراپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇردى.
بۇ 2 سەپەرچى قۇياش سىستېمىسىدىكى چوڭ پىلانېتالارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ بولدى. سەپەرچى-2 سەككىز پلانېتا ئىچىدىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان نېپتۇننىڭ قېشىدىن 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتتى. ھازىرغىچە ناسا قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرتىغىچە بارغان ئالەم تەكشۈرگۈچىلىرىدىن جەمى تۆتنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئىككىسى «پيونۇر 10» ۋە «پيونۇر 11» (Pioneer 10 ، Pioneer 11 ) دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن، بۇ ئىككى سەپەرچى ئالدىنقى ئىككىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، ئىنسانلار ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ يىراققا بارغان نەرسىگە ئايلاندى.
بۇ ئىككى سەپەرچىنىڭ ئۈستىدە بىردىن ئالتۇن تەخسە بار بولۇپ، ئۇنىڭ دىيامەتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ پەتىپۇن تەخسىسىگە ئوخشاپ كەتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەر شارىدىكى ھاياتلىق بىلەن مەدىيەتنىڭ كۆپ خىللىغىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەردىن 115 پارچە رەسىم، ۋە ھەر خىل ئاۋازلار قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت باشقا پىلانېتالاردىكى ھاياتلىقلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارنى مۇشۇ ئارقىلىق قارشى ئېلىش. قاچىلانغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان مەدىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى مۇزىكىلىرىمۇ قاچىلانغان. ئۇ ئالتۇن تەخسىنىڭ بىس نۇسخىسى بىزنىڭ ئىدارىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 28 مىللەتنىڭ تىلىدا باشقىلارنى قارشى ئەلىش ئاۋازى قاچىلانغان ئىكەن. مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سالام» دەگەن ئاۋاز بىلەن «سەلام» دەگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىككى سوز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە ئوخشايدۇ، دەپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئۇ 28 مىللەتنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ چىقتىم. نەتىجە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ بىرى تۈركچە،يەنە بىرى ئەرەپچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. «ئىسىت!» دېدىم ئىچىمدە--«كېلەر قېتىم چوقۇم ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزۈشكە تىرىشمىسام.»
ئامېرىكا گېئو-فىزىكا بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى «گەئو-فىزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 3-ئايدىكى سانىغا بېسىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ دېيىشىچە، سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەۋاتقان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. يەنى غەيرى كائىنات نۇرى (anomalous cosmic rays) بىراقلا ئاجىزلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات نۇرى (galactic cosmic rays) بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن. سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى مۇشۇنداق سىگنالنى مىكرو-دولقۇن ئارقىلىق يەر شارىغا قارىتىپ تارتقىدۇ. يەر شارىدا دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو-دولقۇن ئانتېنناسىدىن تەركىپ تاپقان، يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىشىش تورى» (Deep Space Networks) بار بولۇپ، ھېلىقىدەك سىگناللارنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر يىغىۋالىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنگە نىسبەتەن، ناسا مۇ بىر بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتنامىدا ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 بىر يېڭى «ماگنېتلىق تېز سۈرئەتلىك يول» رايونىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئىسپات بولالايدىغان ماگنېت مەيدانى يۆنىلىشىدىكى ئۆزگىرىش ھازىرغىچە تېخى بايقالمىغان.
سەپەرچى-1 نى ناسا ئۈچۈن JPL باشقۇرۇپ بېرىدۇ. ناسا نىڭ ھازىرقى پىلانىچە، سەپەرچى-1 نىڭ توك مەنبەسى 2020-يىلى ئۈزىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىشى 2025-يىلى توختۇتىلىدۇ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى :
http://www.latimes.com/news/science/sciencenow/la-sci-sn-voyager-edge-solar-system-20130320,0,30837.story
http://voyager.jpl.nasa.gov/mission/index.html
رەسىملەر:
http://www.nasa.gov/images/content/540354main_voyager20110427-full.jpg
http://voyager.jpl.nasa.gov/news/images/goldstone_sm.jpg