موڭغۇلىيىنىڭ شەرقى قىسىمىدىن كۆلتىگىن،تۇنىكۆك(تۇنيۇقۇق) ئەسكەرتكىشلىرىدىن كىيىنكى ئورۇندا تۇرىدىغان تۇركى يىزىقىدىكى پۇتۇك تاشلار تىپىلدى.
موڭغۇلىيىنىڭ مەركىزى رايۇنلىرىدىلا ئەمەس، شەرقى رايۇنلىرىدىمۇ تۇركىلەر پۇتۇك تاشلار قالدۇرغىنى ئىنىقلاندى
موڭغۇلىيە ئىلىم-پەن ئاكادىمىيىسىنىڭ ئارخىيولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى مۇشۇ 6-ئاينىڭ بىشىدا، سۇخاباتۇر ۋىلايىتى تۇشىنشىرە سۇمىنى دەلگەرخان تىغى ئەتراپىدىن قەدىمقى تۇركى ئاقسۇڭىكىنىڭ ئەسكەرتكىش تاشلىرىدىن تۇركى يىزىقلىرىنى تاپتى.دەسلەپ 2011-يىلى بۇ جايدىكى سىنتاشلاردىكى گۇل ۋە نەقىشلەر تەسۋىرلەنگەن چوڭ ئەسكەرتكىشلەردىن تۇركى يىزىقى بايقالغانكەن،2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۇنى مۇشۇ يىزىقلار قەغەز بىتىگە چۇشۇرۇلۇپ،جامائەتكە تونۇشتۇرۇلماقتا،ئارخىيولوگىيىلىك تەتقىقاتلار تىخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ،بۇ جايدا مۇشۇنداق ئون نەچچە پۇتۇك تاشلارنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان، ھازىر ،پەقەت يەر يۇزىدىكى يىقىلىپ،ئوچۇق ياتقان ئىككى سىنتاشنى تەكشۇرگەندە، بىرىسىدىن تۇركى ئاقسۇڭىكىگە تەدبىقلانغان يىزىقلار تىپىلغان،بۇ يىزىقلارنى موڭغۇلىيە ئالىملىرى ياپونىيىنىڭ ئوساكا ۋىنىۋىرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى تاكاشى ئوساۆاتا بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇپ،ئاندىن خۇلاسە چىقارغان،
ئىلمى تەتقىقات مۇتەقەسىسى ر.مونخىتۇيا بۇ ھەققىدە،''تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،يىزىقلار خاغان دەرىجىسىدىن كىيىنى ئەڭ يۇقۇرى ئاقسۇڭەككە مەخسۇس يىزىلغانكەن،يىزىق ئىچىدىكى ھەرىپلەر(خەت)لەر كۆپ، پۇتۇك تاشنىڭ كۆلۇمى چوڭ،ئككى پۇتۇكتاشتا 20 قۇر، 2832 ھەرپ(خەت)،636 جۇملە،30دەك تامغا چۇشۇرۇلگىنىگە قارىغاندا يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئاقسۇڭەك ئىكەن، بۇ يەردە خىشنىڭ پارچىلىرى بار بولۇپ، بۇ دىنى يوسۇن يۇرگۇزۇدىغان جاي ئىكەنلىكىنى،مۇشۇنىڭ ھەممىسى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقى قىسىمى 8-ئەسىرنىڭ يىرىمىدىكى تارىخنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولىدىغانلىقىنى''-دىدى.
بۇ پۇتۇك تاشلاردا ":EBIM E:"، ":BEGIM E:"، ":YERIM E ياكى ''ئىگەمگە''،،بەگىمگە''،''يەرىمگە''
دىگەن جۇملىلەر يىزىلغان،مۇشۇ دۇنيادىن ئوتكەن ئاقسۇڭەكنىڭ ھورمىتىگە تۇرغۇزۇلغان مۇشۇ پۇتۇكتاشقا ،ھەرقايسى تاىيىپە باشلىقلىرى ئوز تامغىسىنى باستۇرغانكەن،دەلگىرخان ئەسكەرتكىشلىرىدىكى مۇشۇ ئىككى پۇتۇكتاشتىن مۇشۇنچىلىك كۆپ يىزىقلار تىپىلغاندا، قالغان 10پۇتۇكتاشتىنمۇ يىزىقلارنىڭ تىپىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچە كامىلكەن،
كىلىش مەنبەسى : موڭغۇلىيە
HTTP://NEWS.GOGO.MN/R/124735 مۇنبىرىدىن.
http://www.senkazakh.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=144615#lastpost
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا balhar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-21 01:05 PM