ئۇيغۇر جەمىئيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم پەن قايسى
دۇنيادائوخشاش بولمىغان نورغۇن پەنلەر بار بولۇپ،بىر قەدەر چوڭلىرىمۇ 100خلدىن ئارتۇق،مەنئەتراپىمىزدا كۆپرەك ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر قانچە ئەنئەنىۋى پەنلەر ئۈستىدە قىسقىچەتوختىلىپ،تورداشلار مۇنازىرىسىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇندىن كىيىن قايسىپەنگە بەكرەك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆز-ئارا ئورتاقلاشماقچىمەن.
ماتىماتىكا
ماتىماتىكا-تەبئىيپەننىڭ ئاتىسى.ماتىماتىكا كۈندىلىك تۇرمۇشتىن تارتىپ سامان يولى سىستىمىسىنىڭماسسىنى ئۆلچەشكىچە بولغان ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە سىڭىشىپ كەتكەن.ماتىماتىكاكۈچلۈك لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ،ماتىماتىكىغا كاللىسى ئۆتكۈربالىلار كۈچلۈك بىلىش ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە،ماتىماتىكىغا ئۇستاكىشلەرنىڭ ئىنكاسى تىز، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ،لايھىلەش ۋەھىساپلاشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ پەن جاھاننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تىخمۇنۇرلانماقتا. ئەپسۇسكى ماتىرىياللاردامەلۇم بولىشىچە ماتىماتىكىغا نوبىل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنماسلىقىدىكىسەۋەپ،ماتىماتىكا فىزىكا-خىمىيەگە كۈچلۈك ئاساس سىلىپ بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ،ئىنسانىيەتكە بىۋاستە چوڭ نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ،دەپ قارالغان بولسىمۇ لىكىن بۇ قاراشئومۇميۈزلۈك ئىتراپ قىلىنىپ كىتىلمىدى.
ئەدەبىيات
ئەدەبىياتنىڭتەتقىق قىلىش ئوبىكتى ئادەم، ئەگەر ماتىماتىكا پەنلەرنىڭ ئاتىسى دىيىشكە توغراكەلسە،ئەدەبياتنى پەنلەرنىڭ ئانىسى دىسەك مۇۋاپىق،ئەدەبىياتنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنامۇلۇم،لىكىن ئۇنىڭ ياش جەھەتتە ئەڭ قېرىسى ئىكەنلىكى ئىنىق.ئەدەبىياتنىڭقۇدىرىتى ئۇنىڭ گۇمانتارلىق خاراكتىرىدە، ماتىماتىكىنىڭ مىۋىسى بولغانقورال-ياراققا قارىغاندا گېزى كەلگەندە ئېسىل بىر پارچە كىتاب،ھەتتا بىر پارچەشىئېرنىڭ قۇدىرىتى چوڭ كەلگەن ئەھۋاللار تارىختا مەۋجۇت.شائىرلاردەيدۇ،ئەدەبىياتنى ئۈگنىشنىڭ ھاجىتى يوق،تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات،شۇڭا ئاۋالتۇرمۇش(ياشاش)نى ئۈگنىش كىرەك دەيدۇ.مەن دەيمەن،ئەدەبىيات دەۋرنىڭ پاراۋوزى،شۇدەۋردە قانداق ئەسەرلەر بارلىققا كەلسە،ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى شۇنداق خەلق مەيدانغاكىلىدۇ.«قۇتادغۇبىلىك»ۋە«تۈركى تىللار دىۋانى»ناملىق ئەسەرلەرنىڭ قاراخانىلاردەۋرىنىڭ تىخمۇ يۈكسىلىشىدە ۋاستىلىك تەسىرى بار.ئەدەبىياتى يوق مىللەتنىمەدەنىيىتى يوق مىللەتنى مەدنىيىتى يوق مىللەت دىيىشكە بولىدۇ. دۇنيادا نورغۇنئادەملەر ئۆلىدۇ،بىر-ئىككى ئەلادتىن كىيىن ئىز-دىرەكسىز يوقىلىدۇ،ئەممابالزاك،شىكىسپىر....قاتارلىقلار ئۆلمەيدۇ.زوردۇن سابىر ئارىمىزدىن كەتتى،ئەمما مىڭيىلدىن كىيىن «ئانا يۇرت»ئەۋلاتلارنىڭ قولىغا چىققىنىدا،ئۇنىڭ سىيماسى خەلىقىمىزتارىخى ئىچىدە داۋاملىق جۇلالىنىدۇ.ئەدەبيات ھەققانىيەت بىلەن باغلانغاندا تىخمۇئۇلۇغلىنىدۇ.ئەدىبلەر شىئېر ئوقۇمىغان ئادەم مۇكەممەل ئادەم ئەمەس دەپقارايدۇ.ئەدەبىيات ھىسياتقا تۇزكورلۇق قىلمىغاچقا،قىرىغانچە ھۆسنىگە تولۇۋاتقانپەن،دۇنيادا ئادەملا مەۋجۇت بولىدىكەن،ئەدەبىيات ئۆلمەيدۇ.
فىزىكا
فىزىكا-تەبىئەتبىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك.مەشھۇر فىزىكىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز نۆۋىتىدەيەنە يىتۈك پەيلاسوپ بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ.«ئىلىم-پەن» ياكى «تەبئىي پەن»دىگەن ئاتالغۇنى ئەڭ كىچىك مەنىگە ئەكەلسەك ئۇنى فىزىكا دەپ ئاتاش مۇمكىن،لىكىنبۇساھەدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش بار، سىز مۇھىم،بىر يىڭى قانۇنىيەتنىئىسپاتلاپ ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بىردەمدە ھەممە يەرگە پۇر كىتىدۇ-دە كىشلەر سىزنى دۆلەت،مىللەت ئاتلاپ كۆككەكۆتۈرىدۇ،ئەگەر مەن تىخمۇ داۋلىلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىز ئوتتۇرىغاقويغان قانۇنىيەتنى ئاغدۇرىۋەتسەم،بۇ شان-شەرەپلەر ھەش-پەش دىگۈچە مىنى ئىزدەپتاپىدۇ، لىكىن كىيىنكى ئەۋلاتلارغا كەلگەندە كىشلەرنى سىنى بەكرەك ھۆرمەت بىلەنتىلغا ئالىدۇ.نىيۇتۇن ۋە ئىينىشتىيىننىڭ ھىكەيەتلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.گەرچەفىزىكا خاتالىقنى ئاسان ئۆتكۈزىدىغان «بەڭباش»بولسىمۇ،لىكىن سىز ئۇنى قايىلقىلالىسىڭىزلا خاتالىقىنى ئەڭ تىز تۈزىتىدىغان سەمىمىي پەن.ئادەمنىڭ تەبئىتى ماشىنىلىشىشنىئىلگىرى سۈرمەكتە،ماشىنىلىشىش فىزىكىغا تىخىمۇ مۇھتاج بولماقتا.
سىياسى
سىياسىنىفىزىكىغا سىلىشتۇرغاندا سەل تەرسا-جاھىلراق دىيىشكە توغرا كىلىدۇ،ئۇنىڭ بۇنداقبولىشىدا سەۋەپ،سىياسى ساھە ئۇنى تۇتۇپ تۇرغان كىشىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى بىلەن تىخىمۇبەكرەك باغلىنىشلىق بولىدۇ.ئادەم ئەزەلدىن مەنپەئەت چەمبىرىكىدىن كۆپيىراقلىيالمايدىغان مەخلۇق.سىياسى ساھە شۇزامان ۋە ماكان دائىرىسىدە ئىلىم-پەن ساھەسىدىن نەچچە ھەسسە قۇدىرەتلىك،سىزئەمەلدارلارنىڭ فروفسسور-ئالىملارغا مۇكاپات تارقىتىپ تەقدىرلىگەنلىكىنى كۆرگەنسىزياكى ئاڭلىغانسىز،لىكىن ئالىملارنىڭ سىياسى ئەرباپلارنى تەقدىرلەپ شەرەپ تاجىسىكىيدۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانسىز.سىياسىيۇنلار ئۆز نۆۋىتىدە قايسى ساھەنى تەرەققى قىلدۇرۇش ياكى تەرەققىقىلدۇرماسلىقنى بەلگىلىيەلەيدۇ،ئۆزى ياقتۇرمىغان ئىلىم-پەن پىشىۋالىرىنى ئۆلۈمگەھۆكۈم قىلالايدۇ،خەلقنىڭ تەقدىرىنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ، ئەمما سىياسى ئۆزدەۋر ياكى رايۇننىڭ چىگرىسىدىن ھالقىغاندىن كىيىن، ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلايدۇ، ئەكسچەئىلىم-پەننى خالىغان ئادەم ئاغدۇرىۋىتەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ دەۋر ۋە رايۇن چەكلىمىسىدىنھالقىسا،بارغانسىرى نۇرلىنىدۇ. بۇ خۇددى ئەينى چاغدا ئىدىسۇن ئىلىكتىر لامىسىنىكەشىپ قىلىۋاتقان جاپالىق چاغلىرىدا، بىر كەنتنىڭ باشلىقىچىلىك ئىناۋىتى ياكىئىقتىسادى يوق ئىدى، مانا بۈگۈن نورغۇن زۇڭتۇڭ ۋە پادىشاھلارنىڭ نامىنى ئاستا-ئاستائۇنۇتماقتىمىز،ئەمما ئىدىسوننى تونۇيمىز،ئىدىسون ۋاپات بولغان كېچىنى خاتىرىلەشئۈچۈن ھەر يىلى شۇ كەچتە پۈتۈن ئامرىكىدا ئۈچ مىنۇت توك توختىتىلىپ چىراغسىزدۇنيانىڭ زۇلمىتى ئىنسانىيەتكە ئەسلىتىلمەكتە.شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى دۇنيادىكىھەرقانداق ئىنساندا بەلگىلىك سىياسى بىلىم ۋە سىياسى مەيدان بولۇش كىرەك،چۈنكىبۈگۈن دۇنياغا خوجىلىق قىلۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك سىياسىدىكى كاللىسى ئۆتكۈركىشلەر دىيىشكە بولىدۇ.بەزىلەر خەلق بىر توپ پادىغا ئوخشايدۇ دەيدۇ، ئۇنداقتاسىياسىيونلارنى خەلقنىڭ پادىچىسىغا ئوخشتىش مۇمكىن.
بىئو-خىمىيە
بۇ يۇقارقىلارغا سىلىشتۇرغاندا ئەڭ ياش پەن،كىشلەر ئەڭئۈمۈت بىلەن قارايدىغان پەنمۇ شۇ، بۇ پەن پەيدا بولۇپ ئۇزۇنغا قالمايلا كىشلەرئۇنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى.بولۇپمۇ كىلون تىخنىكىسى،نامىتىخنىكىسى قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭيەنىمۇ كارامەت ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا تىخمۇ ئىشەندى،ئىلىم-پەننىڭ ئىناۋىتىيەنىمۇ ئۆستى.بىئولوگىيە بىلەن خىمىيە باشقا-باشقا پەن،بۇئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىيىقىن بولغاچقا،كىشلەر بىرلەشتۈرۈپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىنىڭھارپىسىدا ياۋروپا ئالىملىرى ئۇران ناملىق ئىلمىنتنىڭ زەنجىرسىمانرىئاكسىيەلىشىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئينىشتىيىن(يەھۇدىي فىزىكائالىمى)،تاگور(ھىندىستانلىق مەشھۇر شائىر)قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن دۇنيادىكى20گە يىقىن ئالىم بىرلىكتە قول قويغان-ئاتوم بومبىسى ياساش تەكلىۋىنى شۇچاغدىكىئامرىكا زۇڭتۇڭى روزىۋىلىت دەسلەپ پىسەنتىگە ئالمىغان، گىتلىرنىڭ قىرغىنچىلىقىبارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىۋاتقاندا،خەلق ئۆز جىنى بىلەن تىپىرلاۋاتقاندا،ئاشۇ ئوننەچچە ئۇلۇغ ئالىم،ئەگەر تىز ھەرىكەتكە كەلمىسەك گىتلىر تەرەپ بىزدىن بۇرۇن بۇقورالنى ياساپ چىقسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىداقايتا-قايتا يالۋۇرغاندىن كىيىن، روزىۋىلىت مەبلەغ ۋە شارائىت جەھەتتە قوللاشقاماقۇل بولغاندىن كىيىن ئاتوم بومبىسى بارلىققا كىلىدۇ،فاشىزىم تازا كۆرەڭلىگەنمەزگىلدە،ياپۇنىيەگە بۇ بومبىنىڭ تاشلىنىشى بىلەن جاھانغا پاتمىغان فاشىزىم تىزلاھالاك بولىدۇ.كىيىن روزۋىلىت بۇ ئالىملارنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ،ھەمدە بۇ قورالنىئۈچۈن كۆپلەپ ياسىماڭچى بولغاندا،ھىلقى ئالىملار يەنە نورغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنىقىلىپ،كۆپلەپ ياساشنىڭ ئىنسانىيەتكە خەتەرلىك ئىكەنلىگى توغرىسىدا روزىۋىلىتنىيەنە مىڭ تەستە قايىل قىلىدۇ.ئىنسانىيەت ئارسىدا بىئولوگىيلىك قوراللارنىياساپ،ئۆزىنىڭ كۈشەندىلىرىنى مىللەت ۋە ئېرق بويىچە يوقاتماقچى بولغانلارمۇ يوقئەمەس.بىكون«بىلىم-كۈچ»دىگەن،بۇ ھەقىقەتكە ئىنسانىيەت شەكسىز ئىشىنىدۇ.
سەنئەت
يىقىندىنبۇيان توردا «ئۇيغۇرلار قانداقسىگە ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى دەپ ئاتىلىپ قالدۇق»دېگەنتىمىدا غۇلغۇلا بولىۋاتىدۇ.سەنئەت ناخشا،مۇزىكا،ئۇسسۇلدىن باشقا يەنە قولھۆنەرۋەن، بىناكارلىق، رەسساملىق، ھەيكەلتاراچلىق،نەقىش،بىزەكچىلىك.... قاتارلىقنورغۇن تەرپلەرنى، گېزى كەلگەندە ھەتتا ئەدەبىياتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭساھە. ئىنسانىيەتتە ھىسىياتلا بولىدىكەن گۈزەللىكنى ۋە سەنئەتنى سۆيۈش تۇيغۇسىتۇغما بولىدۇ،بىزنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنىڭ خىلى ياخشى تەرەققىياتلارغائىرىشكەنلىكىنى تەبئىي پەن جەھەتتىكى نەتىجمىزنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا ئىكەنلىكىگەسىلىشتۇرغىنىمىزدا ئۆزىمىزدىن رەنجىپ قالغانلىقىمىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.چۈنكىبىرقىسىم تورداشلارنىڭ بىز ناخشا-ئۇسسۇلغا سەرپ قىلغان زىھنىمىزنى باشقا ساھەگەقاراتساق نورغۇن تەرەققىياتلار ئىرىشكەن بولاتتۇق،دىگەنلىكىنىڭ بەلگىلىك ئاساسىبار.ئەمما،بىرىنجىدىن ناخشا-ئۇسسۇلدا نىسبەتەن ياخشى نەتىجىلىرىمىز بولغان بىلەنسەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرى يەنىلا جۇلالاندۇرۇشىمىزغا مۇھتاج،ئىككىنجىدىن بىزنىڭ سەنئىتمىزنىجۈملىدىن خەلقئارالاشقان،كامالەتكە يەتكەن،مۇكەممەل بولدى دەپ قاراپكىتەلمەيمىز،ئۈچىنجىدىن بىر قەدەر ئاساسقا ئىگە بولغان ساھەدە دۇنيانىڭ شۇجەھەتتىكى يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىش ئاسان،بۇ ھەممىدە يىرىم يولدا قالغاندىنبىرىدە بولسىمۇ،ئەل-جاھانغا كۆرۈنگەن،ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىبىلمىگەنلەرگە بىلدۈرگەن ياخشى. ئۇيغۇر سەنئىتى يەنىلا ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭتەرەققى قىلدۇرىشىغا مۇھتاج.چوڭراق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،سەنئەت ساھەسىدىكىھەقىقىي پىشىۋالار ئۆزىنىڭ كەسپىنى ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ،شۇنىڭ مىۋىسى بولغاننۇرغۇن چولپانلارنى كىشلەر بىشىدا كۆتۈرىدۇ.سەنئەتنىڭ قىممىتى تەبئىي بايلىقتىنئارتۇق.
كومپىيۇتىر
كومپىيۇتىر-يۇقارقىلارغاسىلىشتۇرغاندا ئەڭ كىچىك بىر ساھە،نورغۇن كىشلەر ھەتتا كومپىيۇتىرنى بىر پەنقارىمايدۇ،لىكىن بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر-تىخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىپ يەرشارىنىڭ كىچىككىنەبىر كەنتكە ئوخشاپ قىلىشى، بۇ گۆدەك بەگزادىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنىئۇقتۇرماقتا.بىل گايتىس ئۇدا 8يىل دۇنيادىكىئەڭ باي ئادەم سانالدى،تىخى ئۇنىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى،گىرمانىيە زۇڭتۇڭىمىركىل قاتارلىقلار بىلەن بىر قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي تۇرۇپ كۆرۈشكەن كۆرەڭقىياپىتى ياشلارنى كومىپىيۇتىر دىگەن بۇ نەرسىگە تىخمۇ ھەۋەسلەندۈرۈپ قويدى،ئەمەلىيەتتە ئۇنۋىرستىتنى تولۇق پۈتتۈرمىگەن.كىلەچەكتە كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتېرنتدىگەن بۇ نەرسگە تىخمۇ باغلىنىپ قالىدۇ، مۇنداقلا قارىغاندا كومپىيۇتىر بىلىشخۇددى تىلىۋىزورنى ئاچقاندەك ئاددىلا بىر ئىش،لىكىن توردىكى ئۇچۇرلارغا قانداقمۇئامىلىدە بولۇش،تۈرلۈك ئىمتىھان،كەسپ،مال-سىتىۋىلىش،باشقىلار بىلەنئالاقىلىشىش،دۇنيانى توغرا ھالىتىدە چۈشىنىش، سىرىق مەزمۇنغا،ئويۇنغا،كىنوغابولغان خۇمارلىقنى قانداق ئۆزگەرتىش جەھەتتە بۇ پەن كىشلەردىن سەزگۇر كاللا ۋەمۇئەييەن بىلىم تەلەپ قىلىدۇ.مەن رادىئودىن كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش يادرو ئۇرۇشىبولماستىن بەلكى تور ئۇرىشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،ئادەملەر يۇقىرىسەۋىيەلىك پىروگراممىلارنى،قۇدىرەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى تىزرەك ياساپچىقالىسا،باشقىلارغا ئالدىراپ بوزەك بولمىغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
تىل
تىلنى مەلۇم بىر پەن ياكى كەسپدىگەندىن كۆرە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈك دىگەن تۈزۈك.ئۇستازئابدىقادىر جالالىدىن «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»ناملىق ئەسىرىدە،ئادەملەر باشقابىر تىلغا قانچە ماھىر بولىشىدىن قەتئىنەزەر،ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئالدى بىلەن تۇنجىتىلى چىققاندىكى ئانا تىلى بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن،ئۆز ئانا تىلىنىپۇختا بىلىش ئادىمىلكنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماي،يەنە ئۇ بىر خىل بىلىم.چۈنكى تىلتەپەككۇر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.باشقا تىل بولسا ئاساسلىقى كىشلەر ئۇنىڭبىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە تەشەببۇسكار ئورۇندىكىمىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگىنىدۇ،لىكىن ئۆزلۈك ئېڭى سۇس مىللەتلەرنىڭ تىلى بەلگىلىكدەرىجىدە ئاسمىلاتسىيەلىشىدۇ ھەتتا ئىغىر بولغاندا يوقۇلىدۇ.تىلشۇناسلارنىڭبۇجەھەتتىكى نەسھەتلىرى شۇكى بىر تىلنىڭ ئەڭ ئاۋال گىرامماتىكىلىق قانۇنىيىتىنىبىلگەندە ئاسان ئۈگەنگىلى بولىدۇ،بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك-بىر كۆز،بىر تىل،بىرقۇلاقنىڭ ئىقتىدارى قوشۇلغاندەك پايدىلىق ئىش،ئەمما ئىددىيىسىدىكى مەنپەئەتتۇيغۇسى كىشىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى بارغانىسىرى كۈچەيتىۋاتقان بۇگۈنكى دۇنيادا مۇمكىنبولسا ئۆز تىلىنى تەشەببۇسكار تىلغا ئايلاندۇرۇش،ھېچ بولمىغاندا ئالدى بىلەن ئۆزتىلىنى قەدىرلەش ئادىمىيلىكنىڭ ۋە ئەجداتلارغا يۈز كىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك مىزانىئايلانماقتا، ئاندىن قالسا كۆپ تىللىق بولۇش شۇ كىشىنى تىخىمۇ تەشەببۇسكار ئورۇنغائىرىشتۈردىغانلىقى ئۈچۈن، جاپاغا چىداپ باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۈگنىش ھەقىقەتەنئىنتايىن زۆرۈر.
تارىخ
تارىخ سىزنىڭ كىملىكىڭىزنىكۆرسىتىدىغان ئەينەك.ئەمەلىيەتتە تارىخ بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرى ئەڭ ئەھمىيەتبەرمەيۋاتقان پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ،پەيلاسوپلارنىڭ قارىشىچە مەلۇم دەۋرگە بارغانداكىشلەرنىڭ ھامان تارىخقا ھاجىتى چۈشىدۇ،دەل مۇشۇ پەيتتە تارىخنىبىلىدىغانلار،بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئۆز خاھىشى بويىچە تارىخ يىزىپ بىرىدۇ،بۇئىنسانىيەتنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قىلغان ھاقارىتىدۇر.تارىختىكى ئىنسانىيەتنىڭدۈشمەنلىرىنى كۆپرەك قامچىلاپ،ئۇلۇغلارنى كۆپرەك مەدھىلەش كىيىنكى ياش ئەۋلاتلارنىدۇنياغا توغرا پوزتسىيەدە يۈزلەندۈرۈشكە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئېچىۋىتىلگەندۇنيانىڭ تارىخقا كۆپ ئىھتىياجى چۈشمەيدۇ،دەيدۇ بەزىلەر.لىكىن ئىنسانىيەتتەمەنپەئەت ئىھتىياجىلا بولىدىكەن، تارىخنى تاشلاپ قويمايدۇ.
خۇلاسە
يۇقارقىلاردىنباشقا مىدىتسىنا، تەنتەربىيە، ئىقتىساد، پەلسەپە، جۇغراپىيە، ئاستىرنومىيە،قانۇنقاتارلىق ساھەلەر ھەققىدىمۇ ئايرىم توختالماقچى ئىدىم،ئەمما مەزمۇننىڭ ئۇزىراپكىتىپ ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قەلىمىمنى مۇشۇ يەردە توختاتماقچىمەن.ئەلۋەتتەيۇقارقى پەنلەرنىڭ ھەممىسى زۆرۈر،لىكىن بۇندىن كىيىن قايسى ساھەدىكى ئىلىم ئەھىلىلىرىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ ئىھتىياجلىق دېگەن تىمىنى چۆرىدەپ ئەركىن-ئازادە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بىرىلسا، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقىمىزگەئەڭ زۆرۈر بولغان كەسىپ ۋە مەكتەپلەرنى تاللىسا، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تىخىمۇ زوريۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلگەن بولاتتى، قېنى دوستۇم،ئويىلىغانلىرىڭىزنى بەس-بەستەئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىڭ.بۇ مۇنبەر نوپۇزلۇق مۇنازىرىلەر بىلەن تېخمۇ قىززىسۇن!