مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 11

ئستودېنىتلار ۋە ئستىمال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87021
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 11:18:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىللى ئستۇدېنتلىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستېمال قارشى ۋە ئىستېمالھەركىتى توغرىسدا


سۈيدۈڭ پولكى



ئىستىمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىيتۇرمۇشى، مەدەنىيەت تۇرمۇشنى جەمئىيەت تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ساھەبىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ساھاسىدە ئالماشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىميولىدۇر. ستودېنتلار ئالاھىدە بولغان ئىستىمال كوللىكتىپى بولۇپ، ئۇمۇمىي جەمئىيەتئىستىمالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىستىمال قارشىنىڭ ئىلمىي-ئىلمىي بولماسلىقى،توغرا ياكى خاتا بولۇشى سىتودېنتلارنىڭ قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىركۆرسىتىدۇ.

ھازىرقى  ئىستىمال بازىرىدا ئستودېنتلار ئالاھىدە بولغانئىستىمال كوللىكتىپى بولۇپ، جەمئىيەت ھەرساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگەئايلانماقتا. چۈنكى ئۇلار ياش، ئالاھىدە كوللىكتىپ بولۇپ، ئۇلاردا جەمئىيەتنىڭباشقا ئىستىمال كوللىكتىپىگە ئوخشمايدىغان ئىستىمال پىسخىكىسى ۋە ئىستىمالھەرىكىتى مەيدانغا كەلمەكتە.

بىر تەرەپتىن، ئۇلاردائىستىمال تەلىپى كۈچىيۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېخى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىلبولالمىغاچقا، ئىستىمالى زور چەكلىمىلىككە ئۇچرىماقتا. ئىستىمال قارشى ھالقىپكېتىش بىلەن ئىستىمال كۈچىنىڭ ئارقىدا قېلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭئىستىمالىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئسىتودېنتلاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدەئىستىمال كوللىكىتپىنىڭ تەبىئىي تۈردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەنبىر ۋاقىتتا غەيرى ئەقلى ئىستىمال مەسىلىلرىدىن خالىي بولالمايدۇ.

مىللىي ئسىتودېنتلارنىڭنۆۋەتتىكى ئىستىمال ئەھۋالى سىتودېنتلارنىڭ رىئال ئىستىمال خاھىشى ۋە كەلگۈسىئىستىمال يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن،ئستودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇشھالىتى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مىللىي سىتودېنتلارنىڭئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىش،  ئسىتودېنتلارنىڭ ئىدىيۋى ۋە ھەرىكەتئالاھىدىلىكىنى ئېگەللەپ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشتا،ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى نورمال قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە ئىلىپېداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى 1000نەپەر مىللىي ئوقۇغۇچى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ،مىللىي سىتودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستىمال قارشى، ئىستمال ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭئالاھىدىلىكلىرى، ئىستىمالدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ،ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل ۋە يوللىرى كۆرسىتىلدى.

1مىللىي ئسىتۇدېنتلارئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى ئايلىق خىراجىتى 1000 يۈەندىن يۇقىرى ئسىتودېنتلار%10نى، 700~1000 يۈەنگىچىلەر %30 نى ، 500~700 يۈەنگىچىلەر %40 نى، 500 يۈەندىنتۆۋەندىكىلەر %20 نى ئېگەللىگەن. بۇلار ئارىسىدا %30 ئوقۇغۇچى شەخسى كومپىيوتىرئىشلىتىدىكەن، %95 ئوقۇغۇچى قول تېلفۇن ئىشلىتىدىكەن. شۇڭلاشقا، تور ۋەئالاقىلىشىشكە ئىشلەتكەن چىقىمى بۇرۇنقى ئسىتودېنتلارنىڭ شۇخىل ئىسىتمال چىقىمىدىنكۆپ بولغان. ھازىرىقى مىللىي سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1) تاماق خىراجىتى

مەكتەپئىچىدە تاماقلىنىشتىن سىرت، مەكتەپ سىرتىدىكى ئاشىخانلاردا تاماقلىنىشسىتودېنتلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىستىمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغائايلانغان. %96  ستودېنتلار ھەرئايدا شەخسىئاشخانلاردا ئوخشىمىغان قېتىم سانى بويىچە تاماقلانغان. سىتودېنتلار ئارا ھەرخىلشەكىلدىكى يېغىلىش، ئولتۇرۇشلار سىتودېنتلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىسىتمالىدىكى مۇھىمنۇختىغا ئايلانغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەممە ئوقۇغۇچىلار دېگۈدەكھەرمەۋسۇمدا 7~16 قېتىمغىچە ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار يېغىلىشقان قاتنىشىدىكەن. بۇ خىلئىستىمالغا ئاساسى جەھەتتىن ھەرمەۋسۈمدە 200~700 يۈنگىچە سەرپ بولىدىكەن.سىتودېنتلارنىڭ ھەرخىل يېغىلىشى ئادەتتە، ئادەتتىكى ئاشخانلاردا ئۆتكۈزىلىدىكەن،%3   ئوقۇغۇچىلار كاتتا رىستورانلاردائۆتكۈزىدىكەن. بۇخىل يېغىلىشلارنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ يۇرتداشلار تۇنۇشۇش،تەتىلدىن قايتىپ كېلىش، توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، ھەرخىل مۇكاپاتلانغانلارنى « يۇيۇش » قاتارلىقلاردىن ئىكەن.

2) كىيىم- كېچەكئىستېمالى

تەكشۈرۈشدوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم- كېچەك ئىستىمالىنىڭ دەرىجىسىبارغانسىرى ئۆرلىمەكتە. ئوغۇللار مال سېتىۋالغاندا سۈپىتى ياخشى بولۇشنىئويلايدىكەن. قىزلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەننى سېتىۋالىدىكەن، سېتىۋېلىپ ياخشىكۆرمىسە كېيمەيدىكەن. ياخشى كۆرمىسە كېيمەيدىكەن. ئسىتودېنتلارنىڭ داڭلىق ماركىلىقكىيىم سېتىۋالغاندا بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسىتمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنبولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان دىققەت ئېتىبارىنىتارتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %70 ئستودېنت ئۆزلىرىنىڭئەل- ئاغىنە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزى كېيگەن داڭلىق ماركىغا نەزەر سېلىشىنى ئۈمىدقىلىدىكەن. %17 ى ناتۇش كىشىلەرنىڭ نەزەر سېلىشىنى ئۈمىدقىلىدىكەن.  %4ىئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، %12ى ئۆزسۆيگۈسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %3ى پەقەت نۇقۇل ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىئويلايدىكەن. كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى داڭلىق ماركا تاللاش ئسىتودېنتلارنىڭ كشىلىكئالاقىسىغا بەلگىلىك ياردىمى بولسىمۇ، ئۇلار بىلىم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە بولغاچقائاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەچكە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن. %4 ئوقۇغۇچىئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىنى ئىشلەتكىنىنى بىلىشنى ئويلايدىكەن.

3)مۇھەببەت ئىستېمالى

تەكشۈرۈشگىرافىدىكى « سىز مۇھەببەت باغلىغانمۇ »، «ھەريىلى بۇنىڭ ئۈچۈن قانچلىك قانچىلىكپۇل خەجلەيسىز؟» دېگەن مەسىلىدە %80  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت باغلاشتارىخىنىڭ بارلىقىنى، ھەريىلى بۇنىڭ ئۈچۈن 300 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە پۇلخەجلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئسىتودېنتلارنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن قىلغان ئىستىمالئاساسى جەھەتتىن پارچە يېمەكلىك يېيىش، بازار ئايلىنىش، تاماق يېيىش، كۆڭۈل ئېچىشپائالىيەتلىرىگە بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، « سوۋغا ئىستىمال » مۇھەببەتئىستىمالىدىكى ئەڭ چوڭ خىراجەت ھېسابلىنىدىكەن. « ئاشق- مەشۇقلار بايرىمى »، «ئىككى ياشنىڭ توغۇلغان كۈنى » ۋە باشقا ئالاھىدە خاتىرە كۈنلىرىدە ئۆز- ئارابېرىلدىغان سوۋغىلار 50يۈەندىن 1000 يۈنگىچە بولغان، بۇندىن باشقا سىرتتا تاماق يىيىشكىمۇ200~400 يۈەنگىچە خىراجەت سەرپ قىلىدىكەن.

4)تورغا چىقىش ئىستېمالى

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچەھەر ھەپتىدە تورغا چىقىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىت جەھەتتە  %12.7 ئوقۇغۇچى 3 سائەتتىن تۆۋەن، %20.9 ئوقۇغۇچى3~7 سائەتكىچە، %30  ئوقۇغۇچى 8~10سائەتكىچە، %9 ئوقۇغۇچى 10~20 سائەتكىچە، %16.8 ئوقۇغۇچى 20 سائەتتىن يۇقىرى تورغا چىقىدىكەن. تورغا چىقىش مەزگىلىجەھەتتىن ئېيتقاندا %23.2  ئوقۇغۇچىكۈندۈزدە،  %33.9 ئوقۇغۇچى كەچتە،  %35.2 ئوقۇغۇچى ھەپتە ئاخىرلىرىدا،  % 7.7 ئوقۇغۇچى تاڭ ئاتقۇچە تورغا چىقىدىكەن.ئەگەر سائىتىگە 3يۈەندىن ھېسابلىغاندىمۇ تور ھەققى ئاز بولمىغان چىقىمھېسابلىنىدۇ.

5)يانغۇن ئىستېمالى

تەكشۈرۈشتىن مەلۇمبولىىشچە،  %95 ئوقۇغۇچىنىڭ يانفۇنى بار بولۇپ.ئۇلار ئىشلەتكەن قولفۇننىڭ باھاسى 200 يۈەندىن 1700 يۈەنگىچە بولغان، ئايلىقسۆزلىشىش ھەققى 50 يۈەندىن 200 يۈنگىچە بولغان، ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 50 يۈەنئەتراپىدا بولغانلىرى  %60 نى 100~150يۈەنگىچە بولغانلىرى  %18نى، 150 يۈەندىنيۇقىرى بولغانلىرى  %20 نى ئېگەللەيدىكەن.

يۇقارقى ئەھۋالدىنقارىغاندا، ھازىرقى سىتودېنتلارنىڭ تۇرۋاتقان دەۋرى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭئىستىمالىدا بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

بىرىنچىدىن، ئىسىتمالخىراجىتى مەنبەسى تاق لېنىيەلىككە ئىگە.

ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە مەكتەپقوراسىنى پىلانلىق، تەرتىپلىك تۈزەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلىمىز ئالىيمائارىپ تۈزۈلمىسى بىر قەدەر بېكىنمە بولغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپكەلمەكتە. بۇخىل تۈزۈلمە سىتودېنتلاردا تېخىمۇ كۆپ ماكان- زاماننىڭ كەمبولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۇلاردا شارائىت، كۆپ زېھىن بولمىغاچقا مۇرەككەپ بولغان ئىجتىمائىيخىزمەت بىلەن شوغۇللىنالمايدۇ. ئۆزىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ ئوقۇشنى تاماملىشى مۇمكىنئەمەس. بۇخىل ئەھۋالدا ئائىلىسىنىڭ ياردىمى، قەرز ئېلىش ياكى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ،بىر  تەرەپتىن ئوقۇشتەك ئاز كىرىملىك مەنبەگەتايىنىدۇ.

ئىككىنچىدىن،ئەمەلىيلىك بىلەن تەجرىبىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن.

تەتقىقاتچىلار ئسىتودېنتلارنىڭقىممەت يۆنىلىشىنى تەكشۈرگەندە، سىتودېنتلار تۇرمۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئاساسلىقمەزمۇنلار تەرتىپ بويىچە بىلىم، ئورۇن، دوستلۇق، مۇھەببەت، ئابروي، پۇل، ھوقۇق،ساغلاملىق، ئائىلە، كەسىپ قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار مۇئەييەن دەرىجىدە ئسىتودېنتلارنىڭقىممەت يۆنىلىشىنىڭ ئەمەلىياتچان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستىمالىروشەن بولغان تەجرىبىۋىلىكنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ تەجرىبىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن، بەزىلىرى كوللىكتىپ ياكىئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىستىمال تەجرىبىسىدىن كەلگەن.

ئۈچىنچىدىن،سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىدىكى پەرىقچانلىق.

سىتودېنتلاركوللىكتىپىدىكى ئىستىمالنىڭ پەرىقچانلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئەككى جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ: بىر تەرەپتىن، ئسىتودېنت تۇرۋاتقان ئورۇننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتسەۋىيەسىنىڭ تەكشىسىزلىكى، ئىستىمال سەۋىيەسىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنەبىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ياش قاتلىمى ۋە روھى ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئىستىمالدىكىپەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. مىللىي سىتودېنتلارنىڭ ئىستېمالىدا ساقلىنىۋاتقانمەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى

1) ئسىتودېنتلارنىڭئىسىتېمالىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئسىتودېنتلار كوللىكتىۋىنىڭ ئىسىتمالى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەقلىلىككەئىگە بولسىمۇ، بىراق خاسلىق تەرەققىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلمەسلىكى، ئىجىتمائىيتەربىينىڭ كەملىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنىڭ تاق لېنىيەلىكبولۇشى سەۋەبىدىن ئىستىمال جەريانىدا ھەرتەرەپتىن كېلىدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگەئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىمال جەريانىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئىستىمالقارىشى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئىستىمال پىسخكىسى ۋەئىستىمال ھەرىكىتى. بۇ يەردە پەقەت ئىستىمال پىسخكىسى نۇختىسىدىن ئسىتودېنتلارنىڭئىسىتمال جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بىرىنچىدىن، ئەگىشىش ئىسىتمالى ۋە قارىغۇلارچەئىسىتمال.

بۇ ئىككى خىل ئىستىمال ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمالىجەريانىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەسىلە. كوللىكتىپ تەسىر ئسىتودېنتلارنىڭئىستىمال جەريانىدا ئاسانلا ئەگىشىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قارىغۇلارچەئىستىمال بولسا، ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا پىلاننىڭ كەم بولۇشى، ئۇنىڭئۈستىگە تاسادىبى ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئىستىمال ھەرىكىتىنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى خىل ئىسىتمال ھاياجانلىنىشتىپىدىكى ئىستىمالغا مەنسۇپ بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بەسلىشىش ۋە ھاياجانلىنىش تىپىدىكىئىستىمال.

ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمالىدا ئەگىشىش پىسخىكىسىبولغانلىقتىن قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىش، ئابرويپەرەسلىك قىلىش جەريانىداھەمىشە بىر قىسىم سىتودېنتلاردا بەسلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ ئۇزاق ۋاقىتداۋاملاشقاندا، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. بەسلىشىش ئىستىمالىئسىتودېنتلار ئارىسىدا ئاساسلىقى كىيىم- كېچەك، ياسىنىش تەرەپلەردە بىر قەدەرگەۋدىلىك. ھاياجانلىنىش تىپىدىكى ئىستىمال بولسا، ئىستىمال بويۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئېگەللەشنى بىرخىلشاتلىق ھېسابلاپ، روھى ئوزۇقىنى ۋاستە قىلغان قىلغان بىردەملىك ھاياجانلىنىشتىنكېلىپ چېقىدىغان بىرخىل ئىستىمال ھەرىكىتىدىن ئىبارەت..

ئۈچىنچىدىن، بەھىرلىنىش ئىستىمالى ۋەيۇقىرى ئىستىمال.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرپ ئىستىمالقارىشىنىڭ تەسىرىدە ئسىتودېنتلاردا بەھىرلىنىش ئىدىيسى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا.تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش ئىستىمالىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئۇقۇمغا ئايلاندى.ئۇندىن باشقا ياش ئسىتودېنتلار ئارىسىدا يۇقىرى ئىسىتمال ھادىسىسى مۇئەييەندەرىجىدە ساقلانماقتا. ئىسىتمال جەريانىدا يېڭى نەرسىنى ياخشى كۆرۈش، يېڭى موداقوغلىشىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەسلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن ھەمىشە ئىستىماليۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، ئىستمال سەۋىيەسى ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ۋە ئائىلسىنىڭئىقتىسادى سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنۈش، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن سەلبىھادىسىلەرنى، قېلىپسىزھەرىكەتلەرنى يۈكلەپ قويدى.

تۆتىنچى، ھالقىما ئىسىتمال ۋە قەرزئىسىتمالى.

يېقىنقى  يىللاردىن بېرى جەمئىيەتتە ھالقىما ئىستىمال ۋەقەرز ئىستىمالى بارلىققا كەلدى. يەنى بۈگۈن ئەتە خەجلەيدىغان پۇلنى خەجلەيدۇ.بۇخىل ئىدىينىڭ ھەيدەكچىلىكىدە سىتودېنتلاردا قەرز ئىستىمالى باش كۆتىرىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىنچېكىندى.

2) ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتېمالىداساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى.

يۇقىرىدا بىز ئسىتودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكىئىسىتىمال قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئالاھىدىلىكلەرنى تەھلىل قىلىشئارقىلىق سىتودېنتلار ئىسىتمالىنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى ساغلام بولسىمۇ، ساقلانغانمەسىلىلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز. مېنىڭچە، سىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمالقارىشى ۋە ئسىتمال ھەرىكىتىدە كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنىتۆۋەندىكى  بىر قانچە تەرەپكەيېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

(1)ئىجتىمائىيسەۋەب

ئسىتودېنتلارنى مەكتەپ قوراسىغا قويساقئۇ بىر ئوقۇغۇچى. ئوخشاشلا ئۇنى جەمئىيەتكە قويساق ئۇمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىبولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتى پۈتكۈل جەمئىيەت چوڭمۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدۇ.

بىرىنچىدىن،جەمئىيەتنىڭ ئالىي مائارىپنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىشى نۆۋەتتە بەزى مەكتەپلەرمەكتەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئېغىزىنى يوغان ئېچىشى بىلەنكۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پەن ئاساسىنى ئويلاشماي دىپلوم ئېلىشنىمەخسەت قىلىپ، ئۇلارنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىدۇ. مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرەمدۇ-يوق، بۇنىڭ بىلەن ھېساپلاشمايدۇ. نەتىجىدە بىرقىسىم ئسىتودېنتلار ئاتاققائسىتودېنت بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىقتىدار ۋە ئىدىيە جەھەتتە مەكتەپ پۈتتۈرۈشئىرادىسىنى ھازىرلىيالمىغانلىقتىن ئوقۇشنى بېسىم ھېس قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىبىلەن زور مىقداردىكى ۋاقىتىنى ئىستىمالدىن بەھىرلىنىشكە سەرپ قىلىۋاتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، غەربچە ئىستىمال دولقۇنىنىڭ كۆتىرلىشى

ئسلاھات ئىشكنى ئېچىۋېتىش بازار ئېگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىد،كشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى ،غەربنىڭ ۋە باشقائىستىمال مەدىتىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئسىتودېنتلار ئىستىمالدىن بەھىرلىنىشكەبېرىلىپ. ھەممىلا يەردە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش، ئابروي قوغلىشىش يولىغا كىردى.

تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تىجەشچان بولۇشنى ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارىدى. بۇخىل ئىجتىمائىي چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بىرقىسىم سىتودېنتلار چوڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ،ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، مودا قوغلاشقانلىقتىن، تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تېجەشلىكبولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىسىتمال يۈزلىنىشى سۇسلاشتى.

ئۈچىنچىدىن، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجابىي بولمىغان يېتەكلەشلىرى.

جامائەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ھازىرقى زامان ئۇچۇرىنى تېز يەتكۈزدىغانئاساسلىق  يول بولۇپ، ئسىتودېنتلارنىڭمەدەنىيەت، قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكلەش رولىنى ئوينىشى كېرەكئىدى،ئەمما  ھازىرقى ئېلان سەنئىتىنىڭھەممىسىدە دېگۈدەك ماددىي مەدىنىلىكنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەنىۋىمەدىنىلىكنى يېتەكلەشكە سەل قارالدى، بۇخىل پۇل مۇئامىلىلەشكەن ئىسىتمال قارشىسىتودېنتلارنىڭ ئستىمال قارشى ۋە ھەرىكىتىگە سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

(2)ئائىلىسىدىكىسەۋەب.

پەرزەنتلەرنىڭئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ئائىلە بالىلارنىڭ دۇنيا قارشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارشى، قىممەتقارشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىرقىسىم ئاتا- ئانىلارپەرزەنتلىرىنىڭ توغرا ئىسىتىمال قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا دىققەت قىلمايلا قالماستىنساغلام بولمىغان ئىستىمال قارشى ۋە ھەرىكتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆزلىرى سەۋەب بولۇپقېلىۋاتىدۇ.

(3)مەكتەپ تەربىيەسىدىكى سەۋەب

نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىسىتمال تەربىيسىدە كۆپيېتەرسىزلىكلەر بار. ئۇندىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيۋى- سىياسى نەزەرىيە دەرىسئوقۇتۇشى ۋە تەربىيسىدىمۇ ئۆزگەرتىشكە، ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ھالقىلار كۆپ.

(4)ئسىتودېنتلارنىڭ ئۆزىدىكىسەۋەب.

ئىستىمال جەريانىدا كۆپلىگەن ئسىتودېنتلارنىڭئىستىمال قارشى ۋە ھەرىكىتى ئەقلىلىككە ئىگە بولسىمۇ، كېلىپ چىقىۋاتقانمەسىلىلەرنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى ئسىتودېنت تۇرۋاتقان مۇئەييەن ياش قاتلىمى بىلەنمۇمۇناسىۋەتلىك.

     .3ئسىتودېنتلارنىڭ توغرا ئىستىمال قارشىنىتىكلەشكە يېتەكلەشنىڭ ئۇسۇل ۋە يوللىرى.

1)جەمئىيەتتەربىيسى

بىرىنچىدىن،جامائەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجابى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش لازىم.ئسېتودېنتلار زامانىۋى پەن- تېخنىكىغا ئەڭ ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكۈچىلەر. ھازىرقىزامان تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان كوللىكتىپ.جامائەتتەشۋىقات ۋاستىلىرى كېرەكلىك، ساغلام بولغان ئېستىمال ئۇچۇر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ،سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان، ئاڭقىرالمىغان مەسىلىلەرگەئىجابى جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى ئىستىمال پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ،ئۇلارنىڭ توغرا بولغان ئسىىتمال پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.

ئىككىنچىدىن،تور بايلىقىى ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئسىتودېنتلار ھازىرقى زامانئېنتىرنىت تورىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر توپ، چۈنكى ئېنتىرنىتتىكىئۇچۇرنىڭ كۆپلىگى، تىزلىگى ئسىتودېنتلارنىڭ ئۇچۇرغا بولغان زور ئىھتىياجنىقاندۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بولغان ئىستىمال قارشىنى تىكلەشكە يېتەكلەشجەريانىدا تورنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش لازىم.

2)مەكتەپتەربىيسى:

بىرىنچىدىن، ئالى مەكتەپ ئىدىيۋى-سىياسى نەزەرىيە دەرىسى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىدىيە- سىياسىنەزەرىيە دەرىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيۋى- سىياسى تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمھالقا ، سىتودېنتلارغا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، تۇرمۇش قاراش، قىممەت قارشىئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسلىق يولى. ئىدىيۋى- سىياسى نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئۈنىمىنىكۈچەيتىش، ئسىتودېنتلارنىڭ توغرا بولغان قىممەت قارشىنى تىكلىشىگە مۇھىم تەسىركۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، مەكتەپ ئەتراپىدىكىئىستىمال مۇھىتىنى ياخشىلاش لازىم. ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال مۇھىتى ئاساسەنمەكتەپ قوراسى ئەتراپىدا بولىدۇ. ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال يۈزلىنىشىنى يېتەكلەشتەئۇلار تۇرۋاتقان ئىستىمال مۇھىتىنى تىزگىنلەش ۋە ياخشىلاش لازىم. بىر تەرەپتىن،مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ ياخشى بولغان مەكتەپ ئۆگىنىشمۇھىتىنى يارىتىش لازىم. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىمال ھەركىتىگە بىلىندۈرمەي تەسىركۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى سودا ئۇسۇللىرى بىلەنتاۋار تىجارەت دائىرسىنى تەرتىپكە سېلىش لازىم. مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى ئىستىمالمۇھىتى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساس قىلىشى،ھەرگىزمۇ ئاۋات رەستىلەردەك بولماسلىقى لازىم.

ئۈچىنچىدىن، ئسىتودېنتلارغا بولغانئىسىتمال قارشى  تەربىيسىنى كۈچەيتىشلازىم. مەكتەپلەردە ئالاقىدار ئورۇنلار پىلان تۈزۈپ دوكلات بېرىش، لېكىسيە سۆزلەشقاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىسىتمال قارشى ئىدىيسىنى كۈچەيتىش لازىم.

3) ئائىلە تەربىيەسى

ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭكىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىل پىكىرى قىلىش، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسىنىتەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى،ئۇلارنى جەميەت بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا مۇھىتقا تىزماسلىشالايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى،ئۇلارنىڭ كونكىرت ،مۇۋاپىق پىلان تۈزۈشىگەياردەم بېرىپ، توغرا بولغان مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيسى، ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشىىلازىم. يەنە بىر تەرەپتىن ھەرۋاقىت، ھەرزامان تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تەلەپچانبولۇشتەك ئىسىل ئەنئەنە تەربىيسىنى ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگەسىڭدۈرىشى، ھەرخىل ۋاستە ئارقىلىق مەكتەپتىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنىۋاختى-ۋاختىدا ئېگەللەپ تۇرۇشى لازىم.

4)ئسىتودېنتلارنىڭئۆز- ئۆزىنى تەربىيلىشى.

ئىچكى سەۋەب شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىئسىتودېنتلارنىڭ توغرا بولغان ئىستىمال قارشىنى تىكلەشنىڭ ئاچقۇچى ئسىتودېنتلارنىڭئۈزىدە، ئۇلار ئۆز- ئۆزىدىن تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، نورمال ئىقتىساد توپلاشئىدىيسىنى تىكلەشتەتۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.

بىرىنچىدىن، ئىستىمال تەجىربىللىرىنىتوپلاش لازىم.

ئادەتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىستىمالجەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىستىمال تەجرىبىللىرىنى خۇلاسىلەش ۋە توپلاشقا ماھىر بولۇشلازىم.

ئىككىنچىدىن، ئىستىمال بىلىملىرىنىئۆگىنىپ، ئىقتىساد توپلاش قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئسىتودېنتلار جەمئىيەت ۋەمەكتەپ تەشكىللىگەن ھەرخىل ئىستىمالغا ئائىت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،ئۇنىڭدىن ئىستىمال بىلىملىرىنى، تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش لازىم.

ئۈچىنچىدىن، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈشلازىم.

زامانىمىزنىڭ ئسىتودېنتلىرى تەشەببۇسكارھالدا ئىستىمال ساھەسىدىكى قانۇن- نىزاملارنى ئۆگۈنۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنئاساسلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، ھەرگىزمۇ يېڭىدەۋرنىڭ قانۇن ساۋاتسىزلىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم.

تۆتىنچىدىن، توغرا بولغان ئىستىمالپىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش لازىم.

ئسىتودېنتلار ئىستىمال جەريانىدائەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، مەدەنىي كۆڭۈلئېچىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېنىق، كونكرت بولغان ئىستىمال ئۆلچىمىنى بېكىتىشى لازىم.مۇۋاپىق ئىسىتمال پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئىستىمال پىلانىنى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ياخشى بولغان ئىستىمال ئادىتىنى يېتىلدۈرىشىلازىم. ئسىتودېنتلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىستىمالىدىن پايدىلىنىش جەريانىدائەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلىش، ئىستىمالدا پىلان بولۇش، ئىستىمال يۈزلىنشى بولۇش،ئىستىمالدا مۇستەقىل بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇپ، بۇلار ئارقىلىقئۆزلىرىنىڭ ئىستىمال ھەركىتىنى تىزگىنلەش لازىم.

خۇلاسىلىگەندە، ئسىتودېنتلار ئىستىمال كوللىكتىپىنىڭتەرەققىيات يۈزلىنىشى ساغلام بولسىمۇ، يۇقىردا تەھلىل قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك نۇرغۇنمەسىلىلەرمۇ ساقلىنىپ كەلدى. پەقەت جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپ، ئسىتودېنتلار ئورتاقكۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىكتە تىرىشساقلا ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمالھەرىكىتى ساغلام يولغا كېرەلەيدۇ.


ئەسلى مەنبە: 《شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىژورنىلى》2013 –يىلى 1 -سان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 03:32 PM  


ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7445
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:33:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق...........

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2625
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:40:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەر ھالدا چۈشىنىمەن. بايلىق،مەرتىۋە ئۈچۈن ئەمەس،بىلىم ئۈچۈم تىرشىڭلار.....

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ئالىي مەكتەپ ئىستىمالى ئاللىبۇرۇن ئىستىمال ئۇقۇمىدىن چىقىپ كەتتى .ئىستىمال دىگەن كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىدىغان ئىقتىسادى پائالىيەت .لىكىن ....ھازىرقى بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1-يىللىقتا ئەقلىي تىلفۇن بولمىسا سەھرانىڭ قالدۇقى ،2-يىللىقتا بىر كومپىيۇتىرى بولمىسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئوقۇغۇچى ،3-يىلىقتا مۇھەببىتى بولمىسا ساراڭ ياكى بىر يىرىدا چاتاق بار ئوقۇغۇچى .4-يىللىقتا بىر ئالما تىلفۇنى بولمىسا يارىماس يارىماس ئوقۇغۇچى .5-يىللىقتا مۇھەببىتى تاشلىيالمىغان ئوقۇغۇچى دۆت ،مەتۇ ئوقۇغۇچى دىگەن ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ مەنبەسى ئىنىق بولمىغان كۆزقاراش ئىسكەنجىسىگە ئىلىپ تۇرماقتا....

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6566
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1977 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 07:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 04:41 PM
مەنچە ئالىي مەكتەپ ئىستىمالى ئاللىبۇرۇن ئىستىمال ئۇقۇ ...

مانا ماۋۇ قالتىس ئىنكاس بوپتۇ!!!!

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3731
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 08:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 04:41 PM
مەنچە ئالىي مەكتەپ ئىستىمالى ئاللىبۇرۇن ئىستىمال ئۇقۇ ...

يۈروكتكى گەپنى قىپسىز، ئەگەشتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94793
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 08:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygurqa  qikmayidya
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xepket تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 08:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 08:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ. سىتۇدىنتلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7828
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 11:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىيىم كىچەككە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمەن . شۇڭلاشقىمىغۇ قىز دوستۇم تاشلاپ كەتتى مىنى

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6541
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 04:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيم كىچەكنىڭ ئەڭ قىممىتىنى ئوقوغۇچىلار كىيەمدىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە

ئايدا 3000 كويغا يىقىن مائاش ئالىدىغان مەن جىنىمدا يىڭىبازاردىن كىيىم ئالىمەن
ئەمما قەشقەر پىداگوگىكا ئوقوغۇچىللىرى بولسا ھە دىسە ۋىنجۇ دىشا ، جۆەن مەيدەنلەردىن ئالىدىكەن

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش