مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 323|ئىنكاس: 2

بۇلاق سۇلىرىغا مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90242
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىلغان ئىشتىن سۈيۈنۈش تېپىشمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۈمۈلۈش بولۇپ، ساخاۋەتچى ئاتا مۇھەممەتتۇرسۇن روزىمۇ بۇ يىل 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەنە  شۇنداق بەخت تۇيغۇسىغا يەنە بىر قېتىم چۈمۈلدى. بۇ كۈنى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى «مېھرىبان ئانا، ساخاۋەتچى ئاتىلار» ۋەكىللىرى قەلبىدىكى چەكسىز مېھىرنى، قولىدىكى سېخىيلىق داستىخانلىرىنى مىڭيول كەنتىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلار، نامرات دېھقان – چارۋىچىلارغا كەڭ يېيىپ،23 مىڭ يۈەنلىك كېيىم – كېچەك، نەقپۇلنى بېرىپ ھاياجانلىق، كۆز ياشلىق مېھىرى- مۇھەببەت داستانىنى يېزىپ چىقتى. مۇھەممەتتۇرسۇن روزى  «مېھرىبان ئانا، ساخاۋەتچى ئاتىلار»نى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغىنىدىن شۇنچىلىلىك سۆيۈندى. ئۇ «مېھرىبان ئانا، ساخاۋەتچى ئاتىلار»نى ئۆزى قۇرغان «مىڭيول» بۇلاق سۈيى زاۋۇتىغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، «مېھرىبان ئانا، ساخاۋەتچى ئاتىلار»نىڭ ئۆزىگە بەرگەن يۈكسەك باھاسىنى ئاڭلىدى ۋە ئۈرۈمچىدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم ئاپپاي، قەشقەردىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجى ئاتىكە مىرئەخمەت قاتارلىق ئانىلارنىڭ بۇ زاۋۇتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ئىلھاملاندۇرۇشىدىن باشقىچە روھلاندى، بەختىيارلىققا چۈمدى.

ئادەمدە ساغلام، جانلىق روھ بولۇشى كېرەك، چۈنكى روھ ئادەمنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ھەيدەكچى، يېڭىدىن – يېڭى ئىقبالغا باشلاپ بارىدىغان مەنىۋىي كۈچ. 43 ياشقا كىرگەن مۇھەممەتتۇرسۇن روزىدىمۇ تۇرمۇشنىڭ بۇران – چاپقۇنلىرى داۋامىدا يېتىلگەن چىدامچانلىق روھى بار، ئۇ مۇشۇ روھ بىلەن ياشاپ، مۇشۇ روھ بىلەن ئۆزىنى تاۋلاپ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ياراتتى. ئۇ كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئاتا- ئانىسىنىڭ ترانسىپورت كەسپىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە شوپۇرلۇقىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەنىدى. دېگەندەك ئۇ بىر مەزگىل مۇشۇ كەسىپىنىڭ نېنىنى يىدى. 1996 – يىلغا كەلگەندە بىردىنلا ئۇنىڭ دىلى يۈرۈپ تىجارەت يولىغا قەدەم قويدى، بۇ چاغدا ئۇ قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق سودا ئورۇنلىرىدىن بولغان ياشلار سودا سارىيىنى ئىجارە ئالدى ھەمدە تۆت قەۋەتلىك بۇ سۇدا سارىيىنى بۆلۈپ ئىجارىگە بېرىش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزىمۇ داڭلىق ماركىلىق ئاياغلارنى سېتىش پەشتاقتىسى قۇرۇپ تىجارەت قىلدى. ئۇ كۆپ قاتلاملىق تىجارەت قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە يىلدىلا ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەتچىلەردىن بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، تەقدىرنىڭ تەتۈر قىسمىتى بىلەن كۆزتەككەندەكلا سودا سارىيىغا ئۆت كەتتى، بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى سودا سارىيىدا رېستوران ئاچىدىغان بىرسىنىڭ نادانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، مۇھەممەتتۇرسۇن روزىنىڭ ھايات يولىغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىك، ئېغىر بۆھرانلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ ھەممە ماددىي نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە قەشقەر تاشقى تىرانسىپورت شىركىتىدە ياللانما خادىم بولۇپ ئىشلىدى، ئەمما ئۇ روھتىن يارالغان جاسارەت ۋە پاراسەتتىن ئايرىلىپ قالمىغانىدى، ئوت كېتىش ۋەقەسى ۋە تىرانسىپورت شىركىتىدىكى قىيىن كۈنلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ساۋاق ۋە تەجرىبىنى توپلاپ بەردى. شۇڭا ئۇ ھەم بىخەتەر، ھەم باشقىلارغا نەپ بېرىدىغان بىرەر تىجارەت تۈرىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە بىر مەزگىل ئىزدەندى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالدىن تەربىيەلەپ، ئاندىن ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزى ئويىلىغاندەك ئۈنۈم بېرىدىغان تۈر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ 2004 – يىلى قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرىپ، ئاشپەز تەربىيىلەش بويىچە كورس ئېچىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. پىچىنە- پىرەنىك ئىشلەشنى ئۈگىنىش كورسىنى نۇقتىلىق ئېچىش،كومپىيوتىر، ياغاچچىلىق، تامچىلىق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، شۇنىڭدەك قول ھۈنەرۋەنچىلىك تۈرلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ كورس ئېچىش ئارقىلىق ھەر يىلى 3000 دىن 5000 غىچە كىشىنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبە توپلاپ، ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيىلەش، ئۆگىنىش، ئۈگىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، تەشكىلنىڭ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ، مۇشۇ ساھەدىكى ئىقتىساس ئىگىسى، كەسىپ ئەھلى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، نۆۋەتتە ئۇ بۇ كەسىپتە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇتۇشنى يولغا قويدى.

مۇھەممەتتۇرسۇن روزى شەھەردە تۇغۇلۇپ، شەھەردە چوڭ بولغان شەھەر بالىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېزىغا بولغان مۇھەببىتى شۇ قەدەر چوڭقۇر، ئۇ قاچانلا بولسۇن يېزا- بازارلارغا، تاغ- داۋانلارغا چىقىشقا ئامراق ئىدى. 2009 – يىلى 6- ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى مۇش يېزىسىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان تاساددىبىي پۇرسەتتە مۇھەممەتتۇرسۇن روزىنى بۇ يېزىغا تەۋە مىڭيول كەنتىگە باشلاپ باردى ھەمدە بۇ يەردىكى توختاۋىسىز ئېقىپ تۇرىدىغان يۈزلىگەن بولاقنى كۆرسەتتى، گەرچە بۇ ساياھەت شەكىلىك كۆرۈش بولسىمۇ، مۇھەممەتتۇرسۇن روزىنىڭ قەلبىدە بۇ بىر كوزۇر بولۇپ تۇيۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىدىن بۇلاق سۇلىرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر خىل  مۇھەببەت مىڭيولغا ئۇقچىدى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم مىڭيولغا بېرىپ تەكشۈردى، ئۇ ھەر قېتىم بارغاندا ئوقچۇپ تۇرغان بولاقلار ۋە بۇ بۇلاقلارنىڭ شەربەتتەك ئېسىل تەبىئىي سۈيىنى تېتىپ كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندى ھەمدە مەبلەغ سېلىپ، بۇلاق سۈيىنى ئىستېمالغا كەڭ كۆلەمدە يېتەكلەشتەك قىزغىنلىققا چۈمدى. مۇھەممەتتۇرسۇن روزىنىڭ ئەڭ قىزىققان يېرى ۋە ئۇنىڭ سودا ئىستىقبالى ھەققىدىكى قىياسىنىڭ دەللىكى مىڭيول ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كارۋان يولى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، سۇدا ئالاقىسى نۇقتىسى، ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلار پائالىيەتلىرىدە ئۇچرىشىش مەركىزى، قەدىمى زامانلاردا يېپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن بىرسى بولغانلىقىدا ئىدى. بۇلاردىن باشقا مىڭيولنىڭ گۈزەل، تەبىئىي مەنزىرىسى، مول تاتلىق سۇلىرى، ئېسىل مېۋە- چېۋە، ئاشلىق، ئۆي قوشلىرى مەھسۇلاتلىرىمۇ داڭلىق ئىدى. زامان – زامانلاردىن كېلىش مەنبەسى سىرلىق ھەم توختاۋسىز بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان سانسىز چوڭ – كىچىك بۇلاقلىرى ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە چوقۇنۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ كەلگەنىدى. مۇھەممەتتۇرسۇن روزى تەكشۈرۈپ كۆرۈش جەرياندا مىڭيولدىكى بۇلاقلارنىڭ سۈلىرى شۇنچىلىك مول، سۈپىتى شۇقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇ بۇ سۇنى دۆلەت سۈپەت- تېخنىكا تارماقلىرى ۋە سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئانىلىز قىلىشىغا سۇندى،ئۇلار چىقارغان يەكۈنىدىن قارىغاندا بۇ  يەردىكى بولاقلانىڭ سۈيىدە 50 خىلدىن ئارتۇق مىنىرال ماددا بار، بۇ ماددىلار ئىچىدە كەمدىن كەم تېپىلىدىغان ۋە ئادەم ئورگانىزمى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان سىلىسىئوم كىسلاتاسى(Sr)غا ئوخشاش ماددىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. چۈنكى مىڭيولدىكى بولاق سۇلىرى – قەدىمىي ئۈزۈلمە گىرانىت تاش قاتلىمى ئارىسىدىكى ئىسىل كان مەھسۇلاتلىرىنى چايقاپ چىققانلىقتىن، بولغىنىشتىن خالىي ساپلىقىنى ساقلىغان بولۇپ، تەركىبىدىكى كەمدىن – كەم تېپىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق جەھەتتىكى قىممىتى ۋىتامىنلاردىن قىلىشمايتتى. ھالبۇكى يول، قاتناش، ئېلېكىتېر ئېنىرگىيە جەھەتتىكى يېتىشسىزلىك تۈپەيلىدىن ئاشۇ قىممەتلىك بايلىق ئۇيقۇ ھالىتىدە ياتقانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم قىيىنچىلىقى بارلارغا سېخيلىق قىلىپ، ياردىمىنى ئايىماي كېلىۋاتقان مۇھەممەتتۇرسۇن روزى بۇ بايلىقنى ئاچقاندا ھەم شۇ يەردىكى نامرات دېھقانلارغا، ھەم دۆلەتكە، كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەنپەت يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى  ئالدىن چىقىش نۇقتىسى قىلدى، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە كونىشەھەر ناھىيەسى ھەمدە يېزا، كەنت، شۇنىڭدەك شۇ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىڭيول كەنتىدە سۇ زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇ 2010 – يىلىدىن باشلاپ  زاۋۇت قۇرۇلۇشى قىلىشقا تۇتۇش قىلدى ھەمدە 9 مىليۇن مەبلەغ سېلىپ،ئۈچ يىلدا 8 مىڭ كوۋادىرتمېتىر كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلدى، زامانىۋىي ئەسلىھەلەرگە ئىگە، 24 سائەتتە 100 مىڭ بوتۇلكا سۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغان،   يۈرۈشلەشكەن زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى ھەمدە سۇ زاۋۇتنى  2013- يىلى 5- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، مىڭيول ماركىسىدىكى بۇتۇلكىلىق سۇلارنى بازارغا سالدى، كىشىلەر بۇنىڭدىن ھەم ھەيران قالدى، ھەم سۈيۈندى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مىڭيولدىن ئىبارەت خىلۋەت، گۈزەل ماكان يېڭى بىر سەھىپىگە پاسىبان بولدى... ھالبۇكى، بۇ ئىش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمىدى. مۇھەممەتتۇرسۇن روزى يول – قاتناش ئىنتايىن ناچار، ئۇچۇر تولىمۇ يېتەرسىز ئەھۋالدا قانچە قېتىم بۇران –چاپقۇن، كەلگۈن، قار- يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى بىر قانچە قېتىم سەل كېلىپ ۋەيران قىلىۋەتتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرى قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كەلدى؛ مۇھەممەتتۇرسۇن روزى مىڭيول بولاق سۈيىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىش جەريانىدا مىڭيول كەنتىدىكى نامراتلارنىڭ  30 نەپەر بالىسىنى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى تېخنىكا، يېڭى بىلىملەر بىلەن تەبىيەلىدى، زاۋۇتقا قوبۇل قىلىنغان ئوتتۇرا قاتلام خادىملىرىنى ئاپتونۇم رايۇن ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلارغا ئەۋەتىپ تەربىيەلىدى، مۇشۇ ساھەدىكى داڭلىق تېخنىك، كەسىپ ئەھلىلىرىنى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن تەكلىپ قىلىپ، تەربىيىلەش، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈش بىلەن پائال شۇغۇللاندى. نۆۋەتتە مىڭيول ماركىسىدىكى بۇلاق سۇلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەممە بازارلىرىدا بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن دېگەندەك، مۇھەممەتتۇرسۇن روزى بايقىغان مىڭيول بۇلاق سۇلىرى تەبىئەتنىڭ لەززەت- كەۋسىرى،تەنلەرنىڭ قۇۋۋەت- ھۇزۇرى سۈپىدە خەلققە مەڭگۈ بەخت ئاتا قىلىشتىن مۇستەسنا ئەمەس، ئۇنىڭ قەيسەرلىككە ھامى روھى پارلاق ئىستىقبال ئۈچۈن يول ئاچماي قالمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.j.tuprak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-20 09:00 PM  


مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامىنى كۆپ ئاڭلىدىم بۇ مىڭيول بۇلاق سۈيىنڭ . لىكىن ھەجەپ بازارلاردا كۆرمىدىم دىسە ؟

ئوتياق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13482
يازما سانى: 2256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16595
تۆھپە نۇمۇرى: 1089
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 04:30:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساخاۋەتچىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش