مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7137|ئىنكاس: 44

ئۆز قىزىنى نابۇت قىلغان قاۋاقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95177
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 920
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ئۆز قىزىنى نابۇت قىلغان قاۋاقچى                                             ئۆيى مەھەللېنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ، ئۆيسىنى قاۋاق ئىچىۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى بولسا نىياز ئۇششۇق ، بۇ كىشىنى كەنىتتە 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممىسى تونىيدۇ . چوڭلارنىڭ دىيشچە بۇ كىشى 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يېزىغا كۆچۈپ كەلگەنمىش ، بۇ ئادەم كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كىچىككىنە بىر دۇكان ئاچقان بولۇپ بۇ دۇكاندا ئۇششاق - تۈششەك تۇرمۇش بويىمى ساتىدىكەنتۇق . بۇ بەك تېز تەرەققى قىلدىمۇ قانداق باشتا تاماكا ئەكىلىپ ساتتى ، كېيىن ھاراق ئەكىلىپ ساتتى ، مەھەللە چوڭلىرى توسىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمىدى ، ئېلگىرى سىرىتقا ئىلىپ كىتىشكە ساتاتتى ، ئاستا - ئاستا دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ ئېچىشكە ساتىدىغان بولدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ مەھەللىنىڭ ئاق كۆڭۈل ساددا يىگىتلىرىمۇ كۈندە دىگۈدەك نىياز ئۇششۇقنىڭ ئىشىگى ئالدىدىن كىتەلمەيدىغان بولىۋالدى . نىياز ئۇششۇق ئەنە شۇنداق تېز تەرەققى قىلۋاتاتتى . دۇكىنىغا كىلىپ - كىتىدىغان ياشلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاۋۇشقا باشلىدى ، مەھەللىدىكى ھېچ ئىش ئۇقمايدىغان يىگىتلەرمۇ بۇزۇلۇپ كىتۋاتاتتى . مەيخورلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيۋاتقاچقا نىياز ئۇششۇقنىڭ بۇ دۇكىنى بەك كىچىكلىك قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن نىياز ئوششۇق دۇكىىننى ھويلىسىغا يۆتكىدى ، دۇكاننى كىڭەيىتكەندىن كېيىن ، خوشنا كەنىتتىكى ياشلارمۇ بۇ دۇكانغا كىلىپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى . يىزىدىكى دېھقانلار يىلدا بىر ھوسۇل ئالىدىغان بولغاچقا نەدىمۇ باللىرنىڭ كۈندە ئېچىپ - چېكىشىگە بەرگۈدەك ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن . نىياز ئوششۇق پۇلنى كۆپ تاپقانسىرى بەك تاپقۇسى كەلدىمۇ قانداق ؟ سودا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپۇ . ياشلارنىڭ يىنىدا پۇل بولمىسىۇ ھاراقنى خالىغانچە ئېچىپ ئىمزا قىلىپ بىرىپ كىيىن پۇل تاپقانلار پۇل ، پۇل تاپالمىغانلار توخۇ - كەپتەر بولامدۇ ،قوي - ئۆچكە بولامدۇ ئىشقىلىپ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بولسىلام ھاراق پۇلىغا ھېساۋلاپ ئىلىۋىردىكەن . نياز ئۇششۇق شۇنداق ئالدىراش پۇل تىپىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەھەللىدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى نىياز ئۇششۇقنى چاقىرتىپ كۆپ تەربىيە قىلغان بولسىمۇ ئاڭلىمىدى ، نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ساتماسلىق توغۇرلۇق ئۆتۈنگەن بولسىمۇ بىرىپ يۇقىرغا ئەرىز قىلىڭ مىنېڭ قىلغىنىم قانۇنلۇق تىجارەت دەپ گەپ يىمىدى . باللىرنى ھاراق كوچىسىدىن ياندۇرالمىغان تاغىلار يوشۇرۇنچە نىياز ئۇششۇقنىڭ دۇكىننى  ئۇرۇپ چاقتى لېكىن نىياز ئوششۇق بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بۇزۇلغاننى ئوڭشاپ قاۋىقىنى ئىچىۋەردى ، كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى ، مەھەللىدىكى زابۇيلار كۆپىيۋەردى ، بۇ مەھەللە خۇددى شەھەرنىڭ تىجارەت شەكلى ئۆزگەرگەن كوچىلىرىغا ئوخشاپ قالاي دېگەن ئىدى . ئىلگىرى بۇ سەھرا كوچىلىرىدا دىماققا ساپ ھاۋانىڭ ھېدى ئورۇلسا ، ئەمدىلىكتە ھاراقنىڭ ، قۇسۇقنىڭ بەدپۇي سىسېقى پۇرايدىغان بولدى ، ئىلگىرى بۇ سەھرا كوچىلىرىدا بالىلارنىڭ چىقىراپ ئويناشلىرى ، قوي - ئەچكىلەرنىڭ مەرەشلىرى ، دەرەخ يوپۇرماقلىرنىڭ شىلدىرلاشلىرى ، ئىرىق - ئۆستەڭ سۇلىرنىڭ شاقىراشلىرلا ئاڭلىناتتى ، ئەمدىلىكتە بولسا مەسلەرنىڭ ئالا - تاغىل توۋلاشلىرىلا ئاڭلىندىغان بولدى . سەھرادىكى ھەممە شەيئىلەر خۇددى قارلىق تۇتىۋاتقاندەك سۈكۈتكە چۈمگەن ئىدى . ھەممە ئەل بۇ ئىشلارغا نارازى بولسىمۇ غەزىپىنى ئارانلا بىسىپ يۈرەتتى . لېكىن نىياز ئۇششۇق خوتۇنى پاتەم سەتەڭ بۇ ئىككەيلەننىڭ خۇشاللىقتا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىدى . بۇ ئىككەيلەننىڭ خۇشاللىغىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، كۈز ئايلىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى ئۇ كۈنى بۇ قاۋاق خىرىدار بىلەن لىق تولغان ئىدى ، ئەر خوتۈن خوجايىنلار مېھمان كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى . لېكىن بۇلارنىڭ ئەمدىلا 13 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان سەبي قېزى ئاينور ئارقا ھويلىدا ئۆزىگە دەھشەتلىك قارا بوراننىڭ يىتىپ كىلىۋاتقىندىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . تۇيۇقسېز ئىشىك قاتتىق تىپىپ ئىچىلدى ئاينور قورىققىنىدىن دەرھال ئورنىدىن تۇراي دىگىچە ۋاقىرساڭ ئۆلىسەن دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بىرسى كىلىپ گىلىنى سىقىپ ۋارقىراشقا پۇرسەت بەرمىدى ، يەنە بىرسى پۇتىنى چىڭ بىسىۋىلىپ ھەركەت قىلغۇزمىدى ، ئۆيگە كىرگەن ئادەم ئۈچ بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەنكى مەھەللىدىن كۈندە ھاراق ئىچكىلى كىلىدىغان ، ئەخەت ، ئالىم ، تۇرۇپ ئۈچىسى ئىدى . بۇ ئۈچەيلەن مەس بولغاچقا كاللىسى قىززىپ كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرىنمىگەن ئىدى ، بۇلار شۇنداق قىلىپ ئاينورنى ۋاقىراپ ئادەم توۋلىمىسۇن دەپ ئېغىز - بۇرنىنى تېڭىۋىتىپ بىچارە نارىسىدىنى   بۇلغاپ تاشلىدى . ئارلىقتا پاتەم سەتەڭ بىر نەرسە ئىلىش ئۈچۈن ئارقا ھويلىغا چىقىپ قىزىنېڭ ھۇجىرسىدا ئادەم بارلىغىنى پەملىدىدە ئاستا چىقىپ ئەھۋالنى ئىرېغا ئىتىۋىدى ، ئىرى قولىغا كالتەكنى ئىلىپ ئارقا ھويلىغا يۈگىردى پاتەمخانمۇ تەڭ يۈگىردى ، نىياز ئۇششۇق كىرگەنچە كىرىپ ئەخەتنىڭ بىشىغا كالتەك بىلەن كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى ، ئالىم بىلەن ئەخەت ئىككىسى قاچماقچى بولىۋىدى پاتەمخان ئالىمنىڭ پۇتىغا ئىسىلىۋالدى ، نىياز ئارلىقتا ئەخەتنى كالتەك بىلەن نەچچىنى ئۇرۋەتكەچكە ئەخەت مىدىرلىماي ياتاتتى . ئالىم ئەخەتنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ يىنىدىن پىچاقىنى چىقىرىپ نىيازنىڭ بىقىنىغا دۇلىسىغا ئۈچ يىرىگە پىچاق تىقىۋەتتى . پاتەمخان ئادەم ئۆلدى دەپ ئاللا - كاللا دەپ ۋارقىرغاچقا خۇلۇم - خوشنىلىرى يىغىلدى ، بۇلار جىدەللىشىپ توختىغىچە ئاينورنىڭ ئىغىز بۇرنى ئۇزاق تىڭىقلىق تۇرغاچقا ئاللا بۇرۇن ئۆلۈپ بولغان ئىدى ، نىياز جىددي دوختۇرخانىغا ئاپىرلىپ قۇتقۇزۋىلىندى ، ئەخەت نەخمەيداندا ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ قاۋاقچى قىزىدىن ئايرىلدى . ساقچىلار قەستەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى . ئالىم بىلەن تۇرۇپنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىمغا 13 يىللىق تۇرۇپقا 10 يىللىق قاماق جازاسى بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئەلنىڭ گىپىگە كىرمىگەن قاۋاقچى كۈنلىرنى تۈرمىدە خاتىرجەم ئۆتكىزىشكە باشلىدى .       بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 01:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
ablimitt + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 109   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:29:21 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ۋەقەمۇ نىمە؟

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

رۋايەتتكى زەنجىر پالۋان كەلدى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94010
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 466 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:36:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ  يىرتقۇچ  ھايۋانلارغا  بىرىلگەن  جازا  بەكمۇ  يىنىك  بوپ قاپتۇ  .،..

-_-ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى گالۋاڭ دەپ -_-...!!!






















.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91980
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:50:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھاراق ، بارلىق جىنايەتنىڭ ئانىسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18453
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6516
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:51:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇكمەتىكام ئىتىۋەتسە بولمامدۇ پاڭ قىلىپ ئۇ ھايۋان ھاراملىقلارنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1360
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:56:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز قېرىنداشلىرىغا  زىيانلىق ئېلىپ كەلگەن مەلئۇنكەن بۇ . جازا يېنىك بولۇپ قاپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18453
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6516
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 392 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 01:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قاۋاق ئاشقان قاۋان غىمۇ ئاز ئۇزگە ئۇزى قىپتۇ  بىچارە قىز

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3460
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 1644 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 06:34:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا پالتا چېپىپتۇ دە.......ياخشى بولۇپتۇ،لىكىن ناسىرەندە قىزغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى............

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 08:22:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيپۇرۇش، مەي سىتىپ تاپقان پۇلۇڭغا،
نىمە سىتىپ ئالارسەن، مەيدىن ياخشىراق؟

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11589
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4169 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 09:20:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارە قىز  ئاللاھ شۇ قىزغا جەننەت ئاتا قىلغايسەن

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش