مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2639|ئىنكاس: 34

مەن ئوغىرلىق قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ __ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2664
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 644
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1722 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 06:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئوغىرلىق قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ



ھېكايە


ھەممە مەندىن بىزار بولغان، مەندىكى تەنھالىق، يالغۇزلۇق خۇددى مېنىڭ مەغلۇبىيىتىمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ھىجايغىنىچە سايەمگە ئەگىشىپ ماڭماقتا ،يەنە بىر قېتىم جەمىئەت تەرىپىدىن شاللىۋېتىدىم ، ئۆزەممۇ ھەيران داشقال دېگەن قالپاقنى كەيگەن كىشىگە نېمىشقا تۈزىلىش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ، ئىچىم ئاچچىق ، قەلبىم ئىزتىراپ ئىچىدە تاماكىنى قاتتىق شورىغىنىمچە كوچىدا كېتىپ بارماقتىمەن .
-شۇ ئوغىرلىغان، بىلەتتىم مەن ئۇنىڭ پەيلىنى .
-زادىغۇ داشقال دېگەن ئاشۇنداق نەرسە، ئىناۋېتىمىزنى تۆكۈپ،
-توۋا ، شۇنچە ئىشىنىپ تۈزىلىپ قالار دېگەن نىيەتتە ، ئىشلىتىپ قويساق ،قاراپ تۇرۇپ قىلغان ئىشىنى كۆرمەمدىغان ماۋۇ خۇمسىنىڭ ، بولدى ھازىردىن باشلاپ كۈدە-كۆرپەڭنى يۇغۇشتۇرۇپ يوقال بۇيەردىن .
.....
ماڭا بولغان ئېغىر ھاقارەت ، تىللاشلار قەلبىمنى قامالىۋالغان،ئاشۇ چاغ كۆزۈمدىن تۇنجى قېتىم ياش چىقتى، ئەرلىك، يىگىتلىك غۇرۇرۇمنىڭ دەپسەن بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزۈمدىن ئىككى تېمىم ياش مەڭزىمنى بويلاپ ئىقىپ چۈشتى .يەردە يۈكۈنگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم، قەلبىم تامان شۇ چاغقا قايتقان .

-جاراڭ-جۇرۇڭ ...!!!
-ھوي نېمە بولدى ئارقا تەرەپتە نېمە ئاۋاز بۇ ؟
خوجايىن ھەش-پەش دېگۈچىلا يېنىمدا پەيدا بولدى ، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تىرنىقىمنى تاتلىغىنىمچە
-شۇ...شۇ...ئېھتىياتسىزلىقتىن
-شۇ ئاكا ، دېققەت قىلماي قولىدىن چۈشۈپ كەتى ،
-بولدى بۇ يەرنى يۇغۇشتۇرۋېتىپ قالغان ئىشىڭلارنى قىلىڭلار .
مېھرى ئىللىق بۇ چىرايغا يەنە بىر قېتىم قارىدىم ، مەن تېخى خوجايىن مېنى چۇقۇم تەنقىد قىلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم ، لېكىن دەقىقە ئىچىدە دېگەن گېپى قەلبىمنى نۇرلاندۇرىۋەتتى . ئىشتىم چۈشۈپ تۇراي دېيىشىمگە توساتتىن باشلىق چاقىرىپ قالدى
-بېرى كەل .ئۇكام .
خوجايىنىڭ نېمىلارنىدۇر ئويلاۋاتقان قىسماق كۆزىدىن بىر نېمىنى سەزگەندەك بولدۇم ، يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى ، ئەجىبا ،،،دەقىقە ئىىچدە خىياللىرىم ھېلىقى بۇزۇلغان ئۈسكىنىگە تاقىشىپ بولغان ئىدى .
-كەچۈرگىن ئۇكام ، ئامالسىزلىقتىن ئۇ ئۈسكىنىنى بۇزۇپ قۇيۇپسەن ، ئۆزەڭمۇ كۆرۈپ تۇردۇڭ خېلى پۇللۇق بىر نېمە ئىدى شۇڭا ...
-بولدى ئاكا چۈشەندىم، مەن ئىككى -ئۈچ كۈنگىچە ، بىر ئامالىنى قىلاي.
شۇنداق دېگەچ بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۇيەردىن ئايرىلدىم، توساتتىن ئىسمىمنىڭ ئاتىلىشى بىلەن ئۇ يەردىن توختاپ قالدىم ، ئەسلىدە خانىم خوجايىنغا گەپ قىلىۋاتقانكەن ئەمەسمۇ .
-بۇ قىلىقىڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟بىلىسىزغۇ ئۇنىڭ شۇنچە پۇللۇق نەرسىنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ، ئۆزىمۇ خېلى ياخشى ئىشلەيدىغان بالا بولمىسا...
-بولدى خۇتۇن مەن ئۇنى سىناش ئۈچۈنلا شۇنداق دەپ قويغان، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار ، ئويلىغىنىم بار .
كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشكەندەك بولۇپ ،ئاستا قەدەملىرىمنى يۆتكىدىم، باياتىندىن بېرى قەلبىمنى قاپلىۋالغان غەم تۇمانلىرى ئەمدى تارقاپ كۆڭلۈم  قۇياش كەبى يۇرۇپ كەتكەنىدى .خوجايىننىڭ ئويلىغىنىم بار دېگىنىدىن بۇ ئىشنىڭ پەقەت مېنى سىناش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى،كوچىدا ئەركىن قەدەم ئېلىپ ماڭماقتىمەن .توساتتىن ئويلاپ قالدىم

- مەن بىخەستەلىكتىن بۇزۇپ قويغان ئەسۋاپ، خېلى قىممەت نەرسە ئىدى، ناۋادا تۆلىگىن دېگەن بولسىمۇ نېمە ئامال، ھېلىمۇ خوجايىن ياخشى ئادەم بولۇپ قاپتۇ ، بولمىغان بولسا ھەي!لېكىن شۇ ئادەمەەرچىلىككە قەرىز بولدۇمدە، بوپتۇلا دېگەن بىلەن ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇدە ،مېنىڭمۇ مۇشۇ  كالامپايلىقمنىزە،مەنمۇ بىر لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرسام بولاتتى، بولدى دېگەنگىلا ئۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچسام سەت تۇرار، ھېلىمۇ بەك كۆپ ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ ماڭا...

توساتتىن يىگىتلىك غۇرۇرۇم بۇ ئىشنى بۇنداقلا ئۆتكۈزۋېتىشكە يوق قويمىدى، قانداق قىلىش كېرەك دېگەن خىيال بىلەن سايەمگە ئەگىشىپ كېتىپ باراتتىم، جاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن ئارقامغا داجىم چۈشتۈم ،ئالدىمدا بىر ماشىنا مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندەكلا لوككىدە پەيدا بولۇپ قالدى، غۇدۇڭشۇغىنىمچە ماشىنىدىن ئەگىپ ئۆتەي دەپ تۇرۇشۇمغا كۆزۈم توساتتىنلا ماشىنىنىڭ ئىچىدە تۇرغان كىچىك بىر سومكىغا چۈشۈپ قالدى، سومكا بىلەن كۆزۈم ئۇچىراشقان شۇ دەقىقىلەردە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى مېنىڭ قەدىمىمنى تۇرمۇزلاپ قويدى .كىچىنىڭ سۈرۈن تەلەت ئېيى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك خىرە نۇرلىنىپ تۇراتتى .

-قانداق قىلىش كېرەك ، ئۇ سومكىنىڭ ئىچىدە پۇل بولىشى مۇمكىن ، مەن ھازىر پۇلغا ئېھتىياجلىققۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە خوجايىن بولدى قىلىۋەتكەنگىلا ئۆزەمنى بۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرسام بولماس،ئاززراق بولسىمۇ مىننەتدارلىقىمنى بىدۈرۈشۇم كېرەك .

شۇنداق نىيەتلەر بىلەن قايتىدىن ماشىنىغا قارىدىم، پىشانەمگە پاققىدە بىرنى قويدۇم، تازىمۇبىردە مەن ،بۇ يامېنىڭ ئۆيۈم بولمىسا ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى سومكىنى قانداق ئالىمەن دېگەننى ئويلاپ غۇدۇڭشۇغىنىمچە يولۇمنى داۋام ئەتمەكچى بولدۇميۇ لېكىن يەنە بىر خىل قىيماسلىق ئىچىدە بېشىمنى پەسقىلىپ ئۇ سومكىغا قارىدىم ،پاھ دەۋەتتىم يەنە بىر قېتىم ھاياجانلىنىپ ،چۈنكى قارشى تەرەپتىكى ماشىنىنىڭ ئىينىكى قىيا ئۇچۇق ئىدى، ئۆزەمچە كۈلىۋەتتىم ، زادى بۈگۈن مۇشۇ سومكا ماڭا نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ دېگەن نىيەت بىلەن ئايلىنىپ ماشىنىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كەلدىم ۋە ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا قولۇمنى ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن تىقىپ سومكىنى ئېلىپ قولۇمنى تارتاي دەپ تۇرۇشۇمغا كۈتۈلمىگەن ئىشقا دۇچار بولۇپ قالدىم ، باياتىن شۇنداق ئوڭاي پاتقان قولۇمنىڭ چىقمىقى قىزىق دېسە، خېلى ھەپىلەشكەن بولساممۇ قولۇمنى پەقەت چىقىرالمىدىم، ئاچچىقىمغا ماشىنىنىڭ چاقلىرىغا تازا تېپىشىمگە ماشىنىدىن سايرىغان سىگىنال ئاۋازى مېنى چۆچۈتىۋەتتى ،  ۋوي قايسىڭسەن دېگەن ئاۋاز بىلەن تېخىمۇ ئالاقىزادەبولۇپ شىپپىدە ماشىنىغا يۆلىنىپ ئولتۇرىۋالدىم .قەدەملەر ماڭا بارا-بارا يېقىنلاشماقتا ئىدى ،تېخىمۇ جىددىيلىك ئىچىدە ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىدىم .  تاش !چاققانلىق بىللەن تەستە ئېڭىشىپ يۈرۈپ يەردىكى تاشنى ئالدىم ،ئېلىكتىرنىڭ يۇرۇقى مەن تەرەپكە تۇتۇلغانىدى، قەتىيلىك بىلەن تاشنى  ئەينەككە كۈچەپ ئۇردۇم، جاراڭ قىلىپلا ئەينەكنىڭ چېقىلغىنىنى ئۇقىمەن ، ھىچنېمىگە قارىماي  تازا يۈگرەپ قېچىپتىمەن ،بىردەمدە ھېرىپكەتكەنلىكىمدىن ئۇف دېگىنىمچە بىردەم توختاپ ئارقامغا قارىسام ،كىشىلەرنىڭ قارىسىمۇ يوق، ھاسرىغىنىمچە تامغا يۆلىنىپ بىردەم تۇردۇم ، توساتتىن قولۇمنىڭ سەل ئېغىرلىقىنى سېزىپ شۇنداق بىر قارىسام سومكا تۇرمامدۇ،ۋاھ دەۋەتتىم ھاياجاندا،ھېلىمۇ ياخشى ئەجرىم بىكارغا كەتمەپتۇ دېگەن خىياللار بىلەن سومكىنى ئېچىشقا تەمشەلدىم ئاچتىميۇ قارا رەڭلىك بىر پورتىمالغا كۆزۈم چۈشتى ، سومكىنى شۇ ئەتراپتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلېۋېتىپ   پورتىمالنى يانچۇقۇمغا سالغىنىمچە ياتاققا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم ، باياتىن بېرى يۈز بەرگەن ئىشلارغا ئەمدىلىكتە ئىشىنەلمەي قالغانىدىم، ئۆزەمنى ئۇنداق قىلارمەن دېگەن ئويدابولۇشتىن قورقارتتىم ، بىر خىل ئاچچىق ئەلەم ئىچىدە  قولۇمدىكى پورتىمالغا قاراپ مەڭدەپ بىرھازا تۇرۇپلا قالدىم ،بىردەمدىن كېيىن نىم بولسام بولمايمەنمۇ دېگەن نىيەتلەر بىلەن پورتىمالنى ئاچقاچ يولنى داۋام ئەتتىم.نەق1300سوم ۋە بىر نەچچە كارتىلار تۇراتتى .پۇلنى غاچچىدە يانچۇقۇمغا سېلىپ قالغان نەرسىنى تاشلاپ قويغۇنۇمچە ياتاققا كىرىپ كەتتىم، ھىچبىر ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ، قەلىپ خانەمنىڭ ئەڭ ئىچكىرسىدىكى بىر بۇلۇڭدە شەيتان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.
-قانداق قىلىش كېرەك ، ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى پۇلنىڭ يېرىمىنى خوجايىنغا ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم ، گەرچە بۇنچىلىك پۇل بىزە ئازراق بولسىمۇ لېكىن ئادەمگەرچىلىك نوقتىسىدىن قارىغانداھەقلىق دەپ قارايتىم ، باشتا ھەممە پۇلنى بېرىۋېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكىن بۇنچە پۇللارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى خوجايىننى گۇمانلاندۇرۇپ قويمىسۇن دېگەن نىيەت بىلەن مۇشۇ ئامالنى تېپىۋالغان ئىدىم، شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن ، ئەتىسى ئىشقا چىققاندا  دوستلار ئاخشامقى قانداقتۇر بىر ئوغىرلىق ۋەقەسى توغرىلىق پاراڭلاشقىلى تۇرۇپتۇ ، يۈرۈكۈم قاررتتىدە قىلىپ قالدى .
-دوستلار،دوستلار ،ئاڭلىدىڭلارمۇ ، ئاخشام مۇشۇ ئەتراپتا ئوغىرلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ.
- ئۇنداق ئەمەستۇ،  قاچانقى ئىش بۇ ؟
-ئاخشام ، بىر ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ ئىچىدىكى سومكىنى ئوغىرلاپ قېچىپتۇ.
-يۈرىگى ئەجەپ قاپتەك ئوغرىكىنا ، بىرەسى كۆرۈپ قالماپتىما ؟
شۇ يەرنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دېيىشىچە ،شۇ ۋاقىتتا بىر قارا كۆلەڭگە ماشىنىنىڭ ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈرگەنىكەن ، ئۇلارنى كۆرۈپلا ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ قېچىپكېتىپتۇ.
- چىرايىنىمۇ كۆرىۋالمىسا تېپىش تەس جۇمۇ،
-گەپ شۇ يەردىكەن ، ئۇلار پەقەت ئوغرىنىڭ بويىنىڭ  ئېگىزلىكىنىلا بىلىدىكەن .
-ۋوي ، ئاداش سەن ئوغىرلىمىغانسە ھە؟
تۇيۇقسىزلا ماڭا قارىتىپ دېيىلگەن گەپتىن چۆچۈپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ھۇدۇقۇپ كەتتىم
-نى.نى..نىمە، يوقىلاڭ گەپنى قىلماڭلار ، مە......ن  ، ئۇنداق ئىشتا يوق جىمۇ .
ھا!ھا!ھا!
بالىلار مېنىڭ بۇ ئەلپازىمغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتىم، نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمنى بىرخىل قايغۇ تۇمانلىرى قاپلىۋالغانىدى .بىر دەمدىن كېيىن قۇلىقىمدا يېقىن ئەتراپتىلا باشلىقنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى بىلىپ چۆچۈپ ئويغاندىم .دەقىقە ئىچىدە دەرۇ ئېسىمنى يىغىپ خوجايىن بىلەن تىنىچلىق سوراشتىمدە ، يانچۇقۇمدىكى پۇلنى چىقىرىپ  ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم .
-ئاكا ، بۇ پۇلنى
-نېمە پۇل بۇ ،
-ھېلىقى ،......شۇڭا ئاز بوسىمۇ نەچچە ئايدىن بېرى يىغقان پۇلۇم ئىدى ، ئاز كۆرمەي .
- بولدى ئۆزەڭدە قالسۇن، بالا-قازا  شۇنىڭ بىلەن كەتكەن بولسۇن . ياخشى ئىشلە .
خوجايىنغا شۇنچە زورلىغان بولساممۇ پۇلنى پەقەت ئالغىلى ئۇنىمىدى ، خىجىلچىلىق ئىچىدە پۇلنى ئاستا قاتلاپ يانچۇقۇمغا سېلىپ قويدۇم .نېمىشقىكىن باياتىن بېرى بالىلارنىڭ قىلىشقان گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتى، بىر كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيلا قالدىم، مانا ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ ئېغىزىكى ئوغۇرلۇق توغرىسىدىكى پاراڭلارمۇ بېسىقىپ قالغان ، مېنىڭ كۆڭلۈممۇ خېلى جايىغا چۈشكەنىدى .مانا بۈگۈنمۇ ئادەتتىكى كۈنلەردەك ئىشىمنى قىلىۋاتسام توساتتىن  خوجايىن چاقىرىپ قالدى .ئۆزەمنى تەمكىن تۇتقان ھالدا باشلىقنىڭ ئالدىغا كېلىپ گەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم .نېمىشقىكىن بۈگۈن خوجايىننىڭ ئەپپازىدىن بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى ، ئۆزەمچىلا ئەندىشە قىلىپ قالدىم  .
-بۇياققا كەل ئۇكام  ،
خوجايىن ئاكىلارچە ئىللىق مۇئامىلە بىلەن مېنى يېقىنراق كېلىشكە بۇيرىدى ، تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم .
-ئۆتكەندىكى پۇلنى نەدىن تاپتىڭ ،
ھۇدۇققۇنۇمدىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم ، خوجايىننىڭ تىكىلىپ قارىشى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى، ئەجىبا ...دېگەن خىيالار بىلەن  ھاپىلا-شاپىلا گېپىمنى ياساپ بولدۇم .
-شۇ يىغىلىپ قالغان پۇللار ئىدى.
-يالغان سۆزلىمە ئۇكا، نەچچە كۈنلەر ئاۋال دوستلىرىرىڭدىن پۇل سوراپ يۈرگەنلىكىڭنى كۆرگەنتىم .ئېيتە  بۇ پۇلنى سەن نەدىن ئېلىپ كەلدىڭ ، ئۇكام مەن ساڭا ئىشەنگەچكىلا ....بولدىلا سېنى تەڭلىكتە قويماي .
خوجايىنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان ئويچان كۆزلىرىدىن ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،خوجايىن ماڭا شۇنچە ئىشىنىۋاتسا مېنىڭ يەنە ،بولدىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتاي، نېمە ئەلەم كۈندە بۇرۇختۇرمىلىق ئىچىدە ياشاپ بەك قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن ، گېزى كەلسە ئىشتىن ھەيدىلەرمەن شۇ دېگەن نىيەت بىلەن ئېغىز ئاچتىم.
-مەن...مە...ن   ، بۇ پۇلنى  
-نېمىگە دۈدۈقلايسەن قېنى راست گېپىڭنى قىلساڭلا شۇنىڭغا خۇش مەن ئۇكام .
-شۇ مەن نەچچە ئايدىن بۇيان تاپقان پۇللىرىمنىڭ ئازراق قىسىمىنى يىغىپ قويغان، پەقەت ئېغىر كۈنلەر كەلمىسە بۇ پۇلنى پەقەت ئىشلەتمەيمەن دەپ ۋەدە قىلغانىدىم ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ نەرسىنى بۇزۇپ قۇيۇپ  ئالدىڭىزدا سەت خىجىل بولۇپ كەتتىم ،شۇڭا ..
توۋا!مەن راست گەپنى دەيدىغان بولغانتىمغۇ ، يەنە نېمىشقا ، ئۆزەممۇ بىلەي يالغان گەپتىن بىرنى تۇقۇپ خوجايىننى ئالدىغانلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم ئەپسۇزلاندىم .نېمىشقىكىن ئېغىزىم مېنىڭ ئەمەستەكلا دېسە .
-ھە !سېنىڭ ئويلىغىنىڭمۇ ياخشىكەن ، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلەتكىلى دېگىن ، ياخشى بۇ ئىشىڭنى داۋاملاشتۇر ، مەن سەندىن ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ كېتىپتىمەن ،  بولدى ئىشىڭنى قىلغىن .
ئۇف دېگىنىمچە ، باشلىقنىڭ قېشىدىن ئايرىلدىم ،ئەمدى گۇمانلاردىن ساقىت بولغانلىقىمغا كۆزۈم يېتەتتى، ئۇ كۈنۈمنىڭ قانچىلىك خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكىنىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن .شۇ ئىشتىن كېيىنكى ئىككى كۈنۈم تولىمۇ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتتى،  بىر كۈنى يەنە ئادەتتىكىدەكلا نورمال ئىشلەۋاتاتتىم .توساتتىن خوجايىنىڭ قاتتىق ئاۋازدا چاقارغىنىنى ئاڭلاپ شاپپىدە ئالدىغا كەلدىم ، نەچچە كۈنلۈك خاتىرجەملىكتىن كېيىن ئۇ ئىشلارمۇ كۆڭلۈمدىن يوقالغاچقا ئۆزەمنى خوجايىننىڭ ئالدىدا تېخىمۇ سالماق تۇتىۋالغان ئىدىم .
- ئېيتە ئۇكام ، مەن ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن .
-بۇنىمۇ  دېيىش كېتەمدۇ، ئەلۋەتتە شۇنداق ياخشى سىزدىن رازى مەن ئاكا .
-ئەمسە سەندىن بىر گەپ سوراي راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بەرگىن.  ھېلىقى ...
خوجايىننىڭ ئاغزىدىن سومكىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا ، يۈرۈكۈمنىڭ قاتتىق سېلىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، دەقىقە ئىچىدە ئۆزەمگە سۇئال قۇيۇپ ئۈلگۈردۈم .
- قانداق قىلىش كېرەك؟ئەمدى راست ئەھۋالنى دەيمۇ؟ياق بۇنداق دېسەم ئالدىدا تېخىمۇ يالغانچى بولۇپ قالىمەن ،ھەي!ئەسلى ئۆتكەندىلا راست گەپ قىلىدىغان ئىشتى ، ئەمدىلىكتە بولغاندا...
-ئۇكام نېمە بولدۇڭ،
-ھە  ؟ياق ئاكا  ، ئۇنداق ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن ، شۇ بالىلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم ،لېكىن مەن ئۇنداق ئىشتىن يىراق ئاكا ، ماڭا شۇنچە قىلىۋاتسىڭىز يۈزىڭىزگە قارا سۇۋىسام سەت تۇرار.
-راست سەن ئالمىدىڭمۇ ، ئالغان بولساڭ ئالدىم دېگىن، ئۇقىسەغۇ مەن يالغان ئېيىتقان ئادەمگە ئەڭ ئۆچ.
-توۋا دەڭە ئاكا، يالغان گەپ قىلمىدىم ، راست مەن ئالمىدىم .
-راست ئالمىدىڭ شۇنداقمۇ ؟راست ئالمىدىڭما ؟
-ھەئە ،مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن ئاكا.
شۇنداق دېيىشىمگىلا خوجايىن تەرىنى تۈرگىنىچە ماڭا قاراپ ئاچچىقلىنىپ سۆزلەپلا كەتتى .
-ھۇيت!ئادەم بولمايدىغان ، شۇنچە پۇرسەت بەرسەممۇ ئۆزىنى سورىمىغىنىنى كۆرمەمدىغان ، ئىسىت ساڭا ئىشەنگەنلىكىم .ئىككى قېتىم پۇرسەت بەردىم ، ئەمدى ئۇۋالى ئۆزەڭگە .
خوجايىننىڭ ۋارقىراپ سۆزلىگىنىدىن نېمە بولغانلىقىنى بىلىشكە قىزىققان بالىلار ھەش -پەش دېگۈچە بۇيۇنلىرىنى سۇزۇشۇپ خوجايىنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى ، بالىلارنىڭ قىلىشقان پىچىر-پىچىرلىرى قۇلىقىمغا پەقەت كىرمەيتى.مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم پەقەت مېنىڭ ئوغىرلىق قىلغىنىمنىڭ ئىسپاتى ئىدى .
-ئىسىت ساڭا شۇنچە ئىشەنگەنلىكىم ، ھازىر ئامانلىق قوغدىغۇچىلار كىرىپتۇ ، ئوغىرلىق قىلغان كىشى مۇشۇ دۇكىنىڭلاردىكى بىرسىكەن دەپ ، مەنغۇ باشتا ئىشەنمىگەن لېكىن ....لېكىن كۆزىتىش ئاپراتىدىكى مەنزىرە مېنى رىئاللىققا ئىشەنمەسلىككە يول قويمىدى ،ئېچىلمايدىغان سىر يوق..
كاللامدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم، شۇ تاپتا مۇشۇكتىن قورققان چاشقاندەك كىرىدىغان تۈشۈك تاپالماي كەتكەنىدىم .
-بولدى كەتكىن .
ئۇن -تىنسىز ئۇ يەردىن ئايرىلدىم ،ئەمدى خوجايىنغا دېگۈدەك گېپىممۇ قالمىغانىدى، قۇلاق ئەتراپىمدا بالىلارنىڭ ھاقارەتلەشلىرى، يىرگىنىچلىك كۆزلەرىدە قاراشلار.ھەي! دەپ ئېغىچ خۇرسىنىش ئىچىدە خۇددى ئېغىر گۇناھ قىلىپ تۆۋە قىلماقچى بولغان مەھبۇسلاردەك بېشىمنى ساڭگىلىتىپ كېتىپ باراتتىم .
-نېمە بوپتۇ؟
-ھېلىقى ئوغىرى شۇكەن ، مەن دەسلەپتىلا دېگەنتىمغۇ، بويى ئېگىز بولغانكىن مۇشۇ شۇ دەپ ئويلىغان .
-شۇ ئوغىرلىغان، بىلەتتىم مەن ئۇنىڭ پەيلىنى .
-زادىغۇ داشقال دېگەن ئاشۇنداق نەرسە، ئىناۋېتىمىزنى تۆكۈپ،
-توۋا ، شۇنچە ئىشىنىپ تۈزىلىپ قالار دېگەن نىيەتتە ، ئىشلىتىپ قويساق ،قاراپ تۇرۇپ قىلغان ئىشىنى كۆرمەمدىغان ماۋۇ خۇمسىنىڭ ، بولدى ھازىردىن باشلاپ كۈدە-كۆرپەڭنى يۇغۇشتۇرۇپ يوقال بۇيەردىن.
ئاھانەتلەرگە چىدىماي يۈگۈرگىنىمچە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ قالدىم ،كۆكۈمدىن ئاققان ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى تامچە ياش نەچە ئايلاردىن بېرى مېنى قوينىغا ئالغان بۇ جاينىڭ بۇسۇغىسىدە يالتىراپ قالغانىدى .
مانا ئۇ ئىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگىمۇ  نەچچە كۈنلەر بولۇپ قالدى، كۈندە ئەلەم -ئىچىدە يۈرۈپ چۈشكۈنلىشىپمۇ كەتتىم، گويا ھەممە مەندىن قېچىۋاتقاندەك ، ناھايىتى سوغۇق كۆزلىرىدە قارايتى، شۇ تاپتا بىرەسىنىڭ ماڭا تەسەللىي بېرىشىگە مۇھتاج ئىدىم ،لېكىن ھەممە كىشىلەر ،ھەتتا ئۆزەمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ قارىغان كىشىلەرمۇ مەندىن يىرگىنگەن  ، چەكسىز ئازاپلار ئىچىدە خېلى كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، يانچۇقتىكى پۇلمۇ تۈگىدى، قانداق قىلىش كېرەك ، ئامالسىز تالاي ئىشىك بۇسۇغىسىنى ئاتلىدىم، ھېچكىمنىڭ مەندەك ئوغرى دېگەن قالپاقنى كەيگەن بىرىنى ئىشلەتكۈسى كەلمەيتى .دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىگە نەپرەتلنىپ زار-زار يىغلايتىم .
-ئاكا ،مېنى ئىشلىتىپ قالسىڭىزچۇ؟
-ھەدە ، قانداق ئىش بوسا قىلاي ، ماڭا پەقەت يەيدىغان تاماق بولسىلا بولدى .
- ئۇنداق قىلماڭ تاغا، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ، ھېلىمۇ نەچچە كۈن ئاچ قالدىم ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئاكا......
نەچچە ئادەمنىڭ قېشىغا غېرىپ ئىتتەك پەشلىرىگە ئېسىلىپ يالۋۇرۇپ يىغلىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن  ، لېكىن ھەممىسى سەندەك ئوغىرنى ئىشلىتىمەنمۇ دېگەننى باھانى قىلىپلا ماڭا چىراي ئاچمايتى، مەن ئۆزەمگە ئىشىنەتتىم، ئۆزەمنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ، قىلىپ قويغان ئاشۇ گۇناھىمنىڭ ئورنىنى ھەسسىلەپ تولدۇرىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم  ، لېكىن ماڭا ھىچكىم پۇرسەت بەرمىدى ، ئاچلىقنىڭ ئەلىمى مېنى قاتتىق قىينىماقتا ئىدى، دوستلىرىمنىڭ تاپا-تەنىسى بىلەن ياتاقتىنمۇ چىقىپ كەتكەن ئىدىم، ئاھ !خۇدا ، ئازغۇن بەندەڭگە نېمانداق ئەلەم قىلىدىغانسەن  ، غېرىپ كىچىدە ئاللاھقا يۈكۈنۈپ ئىلتىجا قىلماقتىمەن ، يەنە يىغلىدىم  ، كۆزلىرىمدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتىدۇ ، ئەتراپ شۇنچىلىق جىمجىت، گەرچە ياز ئايلىرى كېلىۋاتقان بولسىمۇ  پۈتكۈل بەدىنىمنىڭ توڭلاۋاتقانلىقىنى  ، دىر-دىر تىتتىرەۋاتقانلىقىنى  ھىس قىلدىم .كۆزۈ توساتتىنلا يېنىمدا توختىتىلغان ماشىنىغا چۈشۈپ قالدى، دەل شۇ ماشىنا ، مېنى مۇشۇنداق ئەلەمگە قويغان ماشىنا ، كۆزلىرىمدە ياش، ماشىنىغا قارىدىم ، نېمىشقىكىن ئۆزەممۇ بىلمەي، بوينۇمنى ئەگكىنىمچە ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئىچىگە قارىدىم ، ئەمما  بۇ قېتىم سومكا يوق ئىدى، توساتتىنلا قەلبىمدە تەغدىرگە بولغان زارلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى .قارمۇ -قارشى ئىككى ئاڭ ئۆز-ئارا زاكونلىشىۋاتاتتى .
-شۇنداق قىلاي دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ، ھىچكىممۇ مېنىڭ زارىمغا قۇلاق سالمىدى، مەن تىرىشقان ، قىلغان گۇناھىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان ، ئەپسۇز ھىچكىم ماڭا پۇرسەت بەرمىدى، خەيىر ئەمدى مەندىمۇ ئامال يوق ، كەچۈر اللاھ !
شۇنداق دېگىنىمچە ،ئەتراپىمدىن ماشىنا ئىزدەشكە باشلىدىم ،شۇنچە ماشىنىلارنىڭ ئىچىگە قارىغان بولساممۇ لېكىن كۈنكۈنۈمدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم ، پاپاپ قىلغان ئاۋاز بىلەن چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم، خوجايىنىمنىڭ ماشىنىسى ، قاتتىق ھۇدۇقۇپ  مېنى كۆرۈپ قالمىغاي دەپ شاپپىدە بىر ماشىنىنىڭ ئارلىقىغا ئۆتىۋالدىم .ئۇف..ھەنىمە بولسا كۆرۈپ قالمىدى دېگەن ئوي بىلەن خوجايىننىڭ كېتىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.
ئاستا ئورنۇمدىن خوجايىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، توساتتىنلا بۇرۇقى چاغلاردىكى  مۇشۇ ماشىنا بىلەن  بىر نەچچە دوستلىرىم ۋە خوجايىن بىلەن قىلىشقان ئەستىن چىقماس ساياھەتلەر كۆز ئالدىمدا ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى، ئۆزەممۇ ئۇقمىغان ھالدا مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىۋاتقان ياشنى ئېيىتتىم، توساتتىن كۆزۈم ماشىنا ئىچىدىكى بىر قارا سومكىغا چۈشۈپ قالدى، بۇ سومكا ماڭا ناھايىتى تۇنۇش، ئىچىدىن پۇل ئايرىلمايدىغان بۇ سومكىنى مەن نەچچە قېتىم تۇتۇپ باققان ، قانداقتۇ بىر غەيرەتنىڭ تۈرتكىسىدە  بىرتال تاشنى تېپىپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چاقتىم ،نېمىشقىكىن بۇ قېتىم مەندە ھىچقانداق قورقۇش يوق ئىدى شۇنچىلىك ئەركىن ، ھاپىلا-شاپىلا ئىچىدىكى سومكىنى ئالدىمدە سۈكۈت بىلەن ئۇيەردىن ئايرىلدىم، مېڭىۋاتىمەن-مېڭىۋاتىمەن ، شۇ كۈندىن كېيىن مېنىڭ ھايات يولۇم ئۆزگەردى، ئۆزەمگىمۇ ماس كەلمىگەن يولدا مېڭىشنى تاللىۋالدىم ،چۈنكى مەن بۇ يولدىن ئۆزەمگە خوشاللىق  تاپالىغانىدىم،گەرچە بۇ خوشاللىقنىڭ باشقىلارنىڭ ئازابى بەدىلگە قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ .ھەي! مېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ......
بۇ ئەسىرىم ئاشۇنداق جەمىيەتنىڭ بىھۇدە قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن يېزىلدى، اللاھ !ھەمىمىزنىڭ يولىنى راۋان قىلغان ، ئاخىرىدا يۇقارقى شېئىرىم بىلەن بۇ ھېكايەمنى ئاخىرلاشتۇراي .


داشقال بالا


_بىر دانا سۆز ئېچىپ دېدى ئاشۇنداق ،
؛-ھەي ئوغۇل بولغىن سەن غەلۋىردە پۇرچاق.
تاسقىلىپ  كۆمۈلۈپ  قالمىغىن  يەردە.
شۇندىلا   ئەل   ساڭا ئاچىدۇ   قۇچاق .

تىرىشتىم ،غەلۋىردىن تاسقالدىم بىراق،
ئويلىدىم   قوينىغا   ئالىدۇ   تۇپراق.
قىزىق ئىش مەن شۇنچە يېقىنلاشقانچە،
ھەممىسى ئەيمىنىپ قېچىشتى يىراق.

شاللىنىپ كەيدىم چوڭ <داشقال> دەپ قالپاق،
تۇرساممۇ گەرچە مەن ياپيېشىل ياپراق.
كۆيۈنۈش ،قوللاشتىن بولغاچقا  خالىي،
قۇياشمۇ مەن ئۈچۈن بولدى جىن چىراق.

مەن خوشال دىلىمدا  چىكىمەن پىراق،
ھەممە دەر قالغىنىڭ تۇيۇق يول قىلتاق.
قولۇڭنى  ئەكىلە  دېمەستىن  تېخى ،
بېرىشتى   بىزلەرگە  ئۆزگىچە  ئاتاق.

كۆرمەيدۇ كۆزلىرى ئاڭلىماس قۇلاق ،
قارايدۇ    ئالىيىپ قىلىدۇ   شۇنداق.
تاللانغان شاھىنھاھ، نىمىشقا توۋا،
بىزلەرنى داشقال دەپ قىلىدۇ مازاق .

بۇ دۇنيا ئەسلىدە شۇنچىلىك قايناق،
دەيدۇلەر ياخشىلار :-جەمىيەتكە باق.
سېنىڭدەك جەمىيەت داشقىلى بولغاچ،
باسماقتا ئالەمنى كۈنسايىن   چاپاق.

باشقىلار دەيدىكەن سەن گويا يانتاق،
ئازاپتىن شۈركىنىپ دەپ كەتتىم ياق-ياق.
جەمىيەت مەن ئۈچۈن قىلماقتا نىدا،
:- قوينۇمغا ئالغىنىم خاتا مۇ دەپ باق .

بىلمىدىم تۇرغىنىم راسمىتدۇ دوزاخ ،
چاچماسمۇ <داشقال>لارقەتئىي خۇشپۇراق؟
سۇئالغا دۇنيادىن كەلمىدى جاۋاپ ،
ئۈمۈدلۈك ئويلاردا يۈرسەممۇ ئۇزاق.




مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-20 10:48 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
naildin + 55 ئەسىرىڭلارنى ئوقۇمىغ.
banker625 + 50 ياخشى چىقىپتۇ
فائزە + 31 پۇلۇم ئازكەن....
مەپتونە + 300 ئۇسمىسى بىلەن ئالمەن .
太阳 + 126 تىخىمۇ تىرىشىڭ ھە
katran + 101 تەپەككۇرى كۈچلۈك، ئۇز.
rizwangul0995 + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1163   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

چىدىماسلار يوقالسۇن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4448
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 07:58:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بەزىدە ساددىلىقتىن دىگەندەك ، بىلىپ بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالىدۇ، لىكىن خاتالىقنى تۈزىتىش پۇرسىتىگە ،باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەي قالسا ئۇنىڭدىن چوڭ ئازاپ يوقتۇ،بۇ خىلى ئىبرەتلىك ھىكايىكەن ،شىئىرمۇ خىلى ياخشى يىزىلپتۇ،  

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2933
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكاينىمۇ ئوبدانلا يېزىپ قۇيدىكەنسىز ، بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن؟

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1753
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8401
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:36:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيتىڭڭىزنى ياخشى  يىزىپسىز   0991  گىزىتىگە  يوللىسىڭىز مۇ  بولىدۇ  قىرىندىشىم

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن بوپ كىتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7521
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3457 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيا نەپرەت بىلەن گۈزەل ئەمەس بەلكى مېھرى- مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر...... تېتىملىق تېما بوپتۇ ئۇكام، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

bar kalbimda bir alla

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82178
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2861
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك ھىكايە،شۇڭا بىر قەدەمنىمۇ مىڭ قىتىم ئويلاپ بىسىش كېرەك.

شۇكرى ئاللاھ

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10988
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5015 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىپ تۇرۇپ ‹‹داشقال›› بولۇشنى تاللىۋالغانلارنىڭ نىداسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن ، ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 873
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6905
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 09:08:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەمكامنى شېئىرلا يازامدىكىن دېسەم ھېكايىنىمۇ چانايدىكەنغۇ
ئەدەبىياتتا بەرىكەتلىك ئەدىبكەنسىز،بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88541
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-12-14
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 09:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇھىكايە ياخشى يېزىلىپتۇ.ھەراس بۇھىكايىمۇ ياكى كەچۈرمىشمۇ؟؟

ساراڭغا سوت يوق،ئىشەك ھارىۋىسىدا خوت يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش