|
|
|
|
دۇبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا، شۇنداقلا ئەڭ داڭلىق مېھمانخانا. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى دۇبەي ساياھەت ۋە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان مەزگىللەردە، دۇبەي خەلپىسى ئەلى مەخسۇم سېدنىي تىياتېرى، پارىژ ئېففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئوخشاش دۇبەيدە ۋەكىل خارەكتېرىدىكى ئىمارەتتىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئويىىنى داڭلىق كارخانىچى al-maktoum غا ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسى burjal-arab قۇرۇلىدۇ.
يەلكەنلىك مېھمانخانىنىڭ تولۇق ئىسمى burjal-arab، ئەنگىلىيىلىك لايھىيىلىگۈچى Tom Wright تەرىپىدىن لايھىيىلەنگەن(لايھىيىلىگۈچى ئۆزى لايھىيىلىگەن بۇ مېھمانخانىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئېگىز مېھمانخانا بولۇپ قالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن) مېھمانخانا دېڭىز ياقىسىدىكى بىر سۈنئىي ئارالغا قۇرۇلغان، جەمئى 56 قەۋەت، ئېگىزلىگى321 مېتىر، ياتاقلىرىنىڭ كۆلىمى 170 كۇۋادرات مېتىردىن780 كۇۋادرات مېتىرغىچە كېلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ياتاقلىرىمۇ زۇڭتۇڭ دەرىجىسىدىكى يۈرۈشلۈك ياتاقلار بولۇپ بىر كېچىلىگى900 ئامېرىكا دوللىرى. ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك خان جەمەتى يۈرۈشلىك ياتاقلىرى بولسا 18000 ئامېرىكا دوللىرى. ئەمەلىيەتتە بۇ سودا سۇس ۋاقتىدىكى باھا، ساياھەت پەسلىدە، بۇ باھا بىلەن ياتاق زاكاز قىلماق تەس.
مېھمانخانا سۈنئىي ئارال ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، ئارالنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغۇچى شېركەت، ئارالنىڭ ئاستىدىكى قېرىق مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايغا 250 دانە تۆۋرۈكنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئىشچىلار ئارال قۇرۇلىشىنى بىر يىلدا تۈگەتكەن. مېھمانخانا قۇرۇلۇشى بولسا تۆت يىلدا تاماملانغان، ئۇنىڭ پولات قۇرۇلما قىسمىغىلا 9000 توننا پولات ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ مەركىزىي زالى پۈتكۈل مېھمانخانا ھەجىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللىگەن بولۇپ، زالغا ئەركىنلىك ئايال ئىلاھى ھەيكىلى بىمامال سىغىدۇ.
دۇبەي يەلكەنلىك مېھمانخانىسىنى كۆپلىگەن كىشىلەر يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا دېيىشىدۇ، بۇ تەرىپلەش سۆزى ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيىلىك بىر ئايال مۇخبېرنىڭ مېھمانخانىنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان بىر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتېرىسىدىكى مۇنداق بىر بۆلەك كەلگەن"مەن بۇ مېھمانخانىنى تەرىپلەشكە مۇۋاپىق بىرەر سۆز تاپالمايۋاتىمەن، پەقەت يەتتە يۇلتۇزلۇق دېگەن بىر ئېغىز سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىگى ۋە دەرىجىسىنى ئىپادىلەش بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارايمەن."
مېھمانخانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىلا ئالاھىدە بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە، سىز ياتاق زاكاز قىلىپ ئۆيگە كىرگىچە بىر غوجىدار سىزگە ھەمراھ بولۇپ ياتاقتىكى مۇلازىمەت ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنى تونۇشتۇرىدۇ، ئادەتتە ھەربىر ياتاققا بىردىن غوجىدار بەلگىلەنگەن. خان جەمەتى ئالاھىدە ياتاقلىرىغا بولسا، ھەربىر ياتاققا غوجىدار، ئاشپەز، شوپۇر ۋە مۇلازىم بولۇپ يەتتە ئادەم مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇنداق ياتاقلارنىڭ ئۆي جاھازىلىرى ئاق ئالتۇندىن ياسالغان، ئۆي ئىچىگە كېنوخانا ۋە شەخسىي لېفىت سەپلەنگەن. مېھمانخانىنىڭ ئىككى قەۋىتىگە پۈتۈنلەي چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خېرىدارلار ئۈچۈن 24 سائەت ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. ئەگەر قاتناش قورالىغا ئېھتىياجلىق بولسا مېھمانخانا يەنە ئۇلارنى روللىس رويس قاتارلىق داڭلىق پىكاپلار ياكى تىك ئۇچار ئايروپلان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارغا ئايرىم ھەق تاپشۇرۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىز تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق بۇ « دەرىجىدىن تاشقىرى ئوردا » نىڭ پۈتۈپ چىقىش تارىخى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشالايسىز ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Forever تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-20 06:46 AM
|
|
|
|
|
|