مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1244|ئىنكاس: 5

ھەممە ئىشقا جاسارەت كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 11:12:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەممە ئىشقا جاسارەت كېرەك



        ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يۈرەكلىك ۋە دادىل بولۇشىنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تەمتىرەپ قالماي ياكى ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي ئۇنىڭغا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدى ”ئارسلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ بولسۇن“ ، ”توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا“ دېگەن ماقال-تەمسىللەردە ئوبرازلىق ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل ئۈمىد جاسارەتتىن ئىبارەت مەنىۋىي خىسلەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان چاغدىلا ئاقلانغان بولىدۇ. جاسارەت بىلەن ئەقىل بىرلەشكەن چاغدا ھەر قانداق قىينچىلىقنى يېڭىش ئىمكانىيىتى توغىلىدۇ.


       جاسارەت- مەردانىلەرچە ئىش-ھەرىكەت، مەردلىك، باتۇرلۇق ۋە جەسۇرلۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەر قانداق بىر كىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋىي خىسلەتتۇر. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي خاراكتىر گۈزەللىكى ئۆلچەملىرىدە جاسارەت كاتىگورىيىسىگە ياتىدىغان مەردانىلىك، مەردلىك، باتۇرلۇق، جەسۇرلۇقلار مەدىھلىنىدۇ. ئەكسىچە بولسا مەسخىرە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ”قورقۇنچاقتا نومۇس يوق“، ”قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغىچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول“، قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر“، ”قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نارمەد قەسەمخور بولار“ دېگەن ئىبارىلەردىن ئۆتكۈر مەسخىرە ۋە كىنايە پۇرىقىنىڭ ھىدىمىزغا ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.


       جاسارەتنىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان دائىرلىرى ۋە ساھەلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. يىڭنىدەك كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ تۆگىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلىشقىچە بىز جاسارەتنىڭ ياردىمگە مۇھتاج بولىمىز. ئالايلى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىم سۇئال سورىغاندا قولىنى كۆتۈرۈپ جاۋاب بەرمەكچى بولىدۇ، ئەمما ئورنىدىن تۇرغان ھامان نېمە دېيىشنى بىلمەي قىزىرىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇنداق ھالەت بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانسا كېيىن بارا-بارا قول كۆتۈرۈشتىنمۇ قورقىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق مەزگىلدە ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىلھام ۋە مەدەت بەرمىگەندە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشەنچىسى بارغانسىرى سۇنۇپ ئۆز كۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش جاسارىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ خىل مەھرۇملۇق ئېغىرلاشقانسىرى بالىلاردا نۇرغۇن پىسخىك توسالغۇلار كېلىپ چىقىدۇ. مانا بۇ ئەڭ ئاددىي بىر مىسالدۇر. يەنە ئالايلى:

       جەڭگە كىرىش ئالدىدىكى جەڭچىدە دۇشمەن بىلەن باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشالايدىغان جاسارەت بولغاندىلا ئۇرۇشتا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. قورقۇنچاق ئەسكەرلەردىن تەركىب تاپقان قوشۇن قوراللىرىنىڭ قانچىلىك خىل، ئەسكەر سانىنىڭ قانچىلىك كۆپ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئېنىقكى، مەغلۇبىيەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.  تارىختىكى نۇرغۇنلىغان ھەل قىلغۇچ جەڭلەرنىڭ غەلبىسى قوشۇندىكى ئادەملەرنىڭ سانىغا ئەمەس، بەلكى، سەگەك قۇماندان ئاستىدىكى جەسۇر جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتىگە تايانغان . بىز ھازىر ياشاۋاتقان جەمىيىتىمىزنى خىلمۇ-خىل رىقابەتلەر بىلەن تولغان بىر جەڭ مەيدانى دەپ پەرەز قىلساق، بۇ جەڭ مەيدانىدىكى جاسارەتلىك جەڭچىلەرلا جەمىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا يىتەكچىلىك رول ئوينىيالايدۇ.


”جاسارەت“نىڭ قارمۇ قارشى مەنىسى ”قورقۇنچاقلىق“ ياكى ”جاسارەتسىزلىك“ تۇر. قورقۇنچاق كىشىلەر جاسارىتىنى يوقاتقان كىشىلەر بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردە بىر ئۆمۈر ئۆزىنى كۆرسەتكىدەك جۈرئەت بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ تاياق-توقمىقى ياكى تىل-ئاھانەتلىرىگە ئۇچىرىغاندا قارشى چىقىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت قۇللۇق ئىدىيىلا مەۋجۈت. ئۇلارنىڭ ”توخو-توشقان“ كەبى ياشاش ئەندىزىسى ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىشتىن مەھرۇم قىلغان. بۇنداق كىشىلەر دائىم تىت-تىتلىق ۋە ئەنسىرەش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈن، مەلۇم بىر جايدا يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان خېيىم-خەتەردىن خەۋىپسىرەپ تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمايدۇ.


        يۇقىرىدا جاسارەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ ياشاش ۋە جاسارەتسىزلىك ئىچىدە بىچارىلەرچە كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتۈق. ئۇنداقتا سىز قايسى يولنى تاللاشنى خالايسىز؟ ”يولۋاستەك بىر يىل ياشاش“ يولىنىمۇ ياكى ”توشقانداق يۈز يىل ياشاش“يولىنىمۇ؟ قايسىدا ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەقىقى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ؟ قېنى سىزمۇ بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان جاسارەت ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ياكى تەلۋىلەرچە تەۋەككۈل قىلىش ياكى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ھەم ئېھتىياتچان كىشىلەرنى قورقۇنچاقلار قاتارىغا تىزىشنى مەقسەت قىلغانمۇ ئەمەس. بەلكى، ئەقىل-پاراسەت ئاساسىدىكى مەردانىلىق ۋە جەسۇرلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزدا ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. جاسارەتلىك بولۇش قۇرۇق شۇئار توۋلاش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلغاندىلا ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئېغىزدىكى ”جاسارەت“ ھەركەتتىكى ”جاسارەت“ بىلەن بىللە ئىلگىرلىسۇن! “ غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس“ شۇڭىلاشقا، ”تەييارلىقسىز جەڭگە كىرمەيلى، ئارغامچىسىز دەڭگە كىرمەيلى“. ”قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگە چىداپتۇ“ دېگەندەك قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا جاسارەت بىلەن كىرىشكەن ئىكەنمىز، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى. شۇندىلا جاسارەت ئۇرۇقىدىن ئۈنگەن غەلبە مىۋىسىنى تەمىنى تېتىشقا مۇيەسسەر بولالايمىز.


2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى


مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 11:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 02:40:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
”جاسارەت“نىڭ قارمۇ قارشى مەنىسى ”قورقۇنچاقلىق“ ياكى ”جاسارەتسىزلىك“ تۇر. قورقۇنچاق كىشىلەر جاسارىتىنى يوقاتقان كىشىلەر بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردە بىر ئۆمۈر ئۆزىنى كۆرسەتكىدەك جۈرئەت بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ تاياق-توقمىقى ياكى تىل-ئاھانەتلىرىگە ئۇچىرىغاندا قارشى چىقىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت قۇللۇق ئىدىيىلا مەۋجۈت. ئۇلارنىڭ ”توخو-توشقان“ كەبى ياشاش ئەندىزىسى ھاياتنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىشتىن مەھرۇم قىلغان. بۇنداق كىشىلەر دائىم تىت-تىتلىق ۋە ئەنسىرەش ئىچىدىلا ئۆتىدۇ، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈن، مەلۇم بىر جايدا يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان خېيىم-خەتەردىن خەۋىپسىرەپ تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمايدۇ

   ئادەمسەن ھەرقاچان ئادەمدەك ياشا،
    ئالەمنى قوياشتەك ئايلان كەڭ تاشا.
     خالادا پوق پۇراپ ياتقان چىۋىندىن،
    مىڭ ياخشى تەستەك يەپ ئۆلگەن شۇ پاشا.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 08:29:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېگىسىگە تەشەككۈر.جاسارەتلىك،دادىل بولۇش تۇرمۇشىمىزدا بىزگە نۇرغۇن پۇرسەت ھەم خوشاللىقلارنى ئاتا قىلالايدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:40:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر تېما ئىگىسى. جاسارەت بولمىسا ھېچقانداق ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 04:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ھەممە  ئىشقا  غەيرەت جاسارەت كىرەك.

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 07:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت....ھەقىقەتەنمۇ،ئۆزى نىشان قىلغان ھەرقانداق ئىشقا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش كېرەك...جاسارەت دەل تەۋەككۈلنىڭ ئاساسى.

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش