مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17887|ئىنكاس: 172

يېڭى ناۋا پروگراممىسىغا تەنقىد   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60648
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3386
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 06:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

  ھەممىمىزگە مەلۇم،يېڭى ناۋا پروگراممىسى يولغا قويۇلۇپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 6 سان بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.يېڭى ناۋا پروگراممىسى خەلقىمىزنىڭ سەنئەتخۇمار خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ھەم  ناخشا مۇزىكا ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ ژانىرلىرى ئارقىلىق ماھىرلارنىڭ ئىقتىدارى ئىپادىلىنىدىغان،شەكلى رەڭدار،مەزمۇنى مول جەلپكار پروگرامما ھالەتتە مەيدانغا چىقتى.مەيلى  سەھنە لايىھىسى،رىياسەتچىلەر تاللىنىشى،مۇسابىقە قائىدىسى،ماھىرلار ساپاسى،باھالىغۇچىلار باھاسى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە كۆرۈرمەنلەرنى ئاساسەن رازى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى پىلانلىغۇچىلار ۋە رېژىسورنىڭ تەر تۆكۈپ ئەجر سىڭدۈرۈشىنىڭ  مېۋىسى ،ئەلۋەتتە. بىراق،كەم - كۈتىسىز ئىش يوق بولغاندەك،بۇ پروگراممىدىمۇ بەزى ئەجەللىك نۇقسانلار ساقلانغان ۋە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە،ئۇنىڭ بىرىنچىسى-ئەسەرلەرنىڭ ئىجاىيەتچىلىرى ئەسكەرتىلمەسلىكتىن ئىبارەت.

مەن 1-2-سان ناۋا پروگراممىلىرىنى كۆرگەندىلا يۇقىرىقى  يارقىن نۇقتىلاردىن ھوزۇرلىنىشتىن باشقا،ھېچقايسى ناخشىنىڭ شېئىرى،مۇزىكىسى،ئاكوردلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇسۇللارنىڭ ئۇسۇل ئىشلىگۈچىلىرى دېگەندەك ئىجادىيەتلەرنىڭ ئىگىسى ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ،قاتتىق ئەپسۇسلانغانتىم،شۇنداقتىمۇ كېيىنكى سانلىرىدا تۈزۈلۈپ كېتەر دېگەن ئۈمىدتە بولغان ئىدىم،بىراق بۇ ئەجەللىك نۇقسان تۈزىتىلمەكتە يوق،ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئەگەر« ئاپتورنى ئەسكەرتمەسلىك-پروگراممىنىڭ شەرتى » دېيىلسە،بۇنداق قۇدۇق قازغۇچىنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويىدىغان پروگراممىدىن كېچىشكە بىز تامامەن رازى.

ئەجەبا پىلانلىغۇچىلار،رېژىسورلار بۇنى ئويلىمىغانمىدۇ؟بۇنىسى ناتايىن.مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن،بۇ نۇقساننى كەچۈرۈۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش شەرتلىرى دېگەن تېمىدا مەن « ھەر بىر ماھىر ئۆزى ئېلىپ چىقىدىغان نومۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك،شۇ ماھىرنىڭ شۇ ناخشىنى سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان نەشىر ھوقۇقى مەسلىسىگە ناۋا پروگراممىسى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ»دېگەن شەرتنى كۆرگىنىم ئېسىمدە.ئەجەبا ئاپتورنى ئەسكەرتمەسلىك نەشىر ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەيلى،بىر ماھىر ئاپتورنى ئەسكەرتمەي بىر ناخشىنى ئېيتىپ يۈز يىللىق چىمپىيون بولۇپ،پۈتۈن دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلىپ كەتسىمۇ،بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى؟شۇ ناخشىنى ئىجادىيەتچى ئىجاد قىلمىسا،نەدە تۇرغان شەرەپ ئۇ ماھىرغا؟
  ئەمەلىيەتتە،بۇ قانداقتۇر بىر ناۋا پروگراممىسىدىلا مەۋجۇت ئىش ئەمەس،بەلكى نۇرغۇن ساھەلىرىمىزدە بولۇپمۇ ناخشا مۇزىكا ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەرەز كېسەل.ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى،ئىجادىيەت بولمىسا ئىجرا نەدە؟ سىز ئېيتىۋاتقان ناخشا ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغانمۇ؟ بىر ياخشى ناخشىنىڭ شېئىرى شائىرنىڭ قايناق ئىلھامى ،ئۆتكۈر تەپەككۈرى ۋە رەڭدار تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئاممىباپ،ئىخچام،چۈشىنىشلىك ۋە مەنىسى چوڭقۇر بولۇش دېگەندەك بىر قاتار ئۆلچەملەرنىڭ ئەگلىكىدە قايتا قايتا تاسقىلىق ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان نەرسە،مۇزىكا ئىشلەشمۇ ئوخشاشلا ئىلھام ۋە جۇغلانمىنىڭ مەھسۇلى،بۈگۈنكى كۈندە خېلى مول سەنئەت ئېڭى بولمىسا ياخشى ئاھاڭ ئىجاد قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ئاندىن ئۇ ناخشىنى ئاكوردلاشتۇرغۇچى كومپىيوتېر ۋە رويال ئالدىدا كېچە - كېچىلەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئاكوردلاشتۇرۇپ چىقىدۇ.ئاندىن ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە ئۈنگە ئالىدۇ.ئۈن ئېلىشمۇ ئەسلىدىلا جاپالىق خىزمەت،بىراق ئۈنگە ئالغۇچى دېگەن ئىسىمنىغۇ بىز ئوڭايلىقچە ئۇچرىتالمايمىز.
  دېمەك بىر ناخشا شۇنچە جاپادا روياپقا چىقسۇن،سىز ھاي ھاي ياسىنىپ رەڭدار سەھنىدە ئالدىن ئۈنگە ئېلىپ قويغان ناخشىغا ئاغزىڭىزنى مىدىرىتىپلا «چولپان»بولۇڭ ، يەنە كېلىپ سىز سەھنىدە ئىچكەن « سۇ » قايسى «قۇدۇق»تىن چىققان،بۇنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويماڭ.بەللى،بۇنداق كاتتا ئىش پەقەت ۋە پەقەت بىزدىلا بارمىكىن دەيمەن...
  ئىزچىل باھالىغۇچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئابلىز رېھىم ئەركال ئەينى زامانىسىدا نۇرغۇن ئېسىل كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان،بۇ ناخشىلارنىڭ تولىسى خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ بولاي دېدى،بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى ، يېقىندىلا تۈركلەر ئورۇنلىغان «گۈلچىمەن»ئىسىملىك ناخشا. بىزدەل دەل مۇشۇنداق ئىجادىيەتچىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان مەرەز كېسەل بولغاچقا،ئابلىز ئەپەندىمۇ بۇ ھالغا ئېچىنىپ،بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا « بۇ ناخشىلارنىڭ ئىگىسى بار»سەرلەۋھىدە ماقالە يېزىپ،نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرىنى ئاشكارىلاپ ئۆتكەن ۋە « ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇنتۇمايلى،ئۇلارنى قەدىرلەيلى»دەپ ئۆتكەن.بىلىنىپ تۇرۇپتىكى،بۇنداق نىدالار پەقەت ژۇرنال يۈزىدە 2000تىراژدىن ئاران ئاشىدىغان شۇ ژۇرنال يۈزلىرىدىلا قېلىپ قالغان،بۇ نىدالار يا ساپاسىز ناخشىچىلار يا ساپاسىز دەيچىلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتمىگەن ياكى يەتسىمۇ قۇلاقنى يوپۇرۇۋالغان.بىراق يېڭى ناۋا پروگراممىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ئۇنى ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئەھلىلىرى يولغا قويغان ۋە پىلانلاپ رېژىسورلۇق قىلغان.يەنە كېلىپ بۇ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدىغان كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان جەلپكار پروگرامما.بۇنداق شارائىتتا ئىجادىيەتچىلەرنى ئەسكەرتىش تېخىمۇ زۆرۈر.
  ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ناخشا ياكى مۇزىكا يوق.ناخشىنى ئېيتىدىغان ناخشىچىغا ئەسەر ئاپتورلىرىنى تولۇق تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.ئۇلار سەھنىدە قانداق ياسىنىشنىلا ئەمەس،ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنىڭ قايسى شائىر قايسى كومپۇزىتورنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشى،شۇ ئاپتورلارغا ھۆرمەت نەزىرىدە بولۇشى كېرەك.ئۇلار پەقەت بىلەلمىگەندە ئابلىز رېھىم ئەركالدەك ئۇستازلاردىن سوراش كېرەك.قىسقىسى،ئىجادىيەتچىنى ئەسكەرتمىسەك بولمايدۇ،ئۇلارغا ھۆرمەت قىلمىساق بولمايدۇ دېگەن روھلا بولىدىكەن،پۈتۈن شىنجاڭنى كېزىپ بولسىمۇ،ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلغىلى بولىدۇ.ئىجادىيەتچىنى ئەسكەرتمەيدىغان ئىش بولسا،بۇنداق ناخشا ئېكرانغا چىقمايلا قويسۇن!!!
....
يەنە بىر نۇقسان،مەيلى رىياسەتچى ياكى باھالىغۇچىلارنىڭ ماھىرلارنى «سەنلەش»مەسىلسى.بۇمۇ ئېغىر نۇقسان.
ھازىرقى ياشلار ئەنئەنىنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە «دەۋر ئۆزگەردى»دەپ گەپنى بۆلۈشكە تەييار تۇرىدۇ.دەۋر ئۆزگەرسىمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك.بىز ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ،ناتونۇش ئادەمنى «سەنلەيدىغان»قىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇۋالدۇق؟ بىز تونۇمايدىغان ئادەمنى سەنلەيدىغان خەقمىتۇق ئەزەلدىن؟ توۋۋا،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!
  رىياسەتچىلەر ۋە باھالىغۇچىلارغا شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى،سىزئەمەلىي تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلا بوپكېتىڭ،سىز ناۋا پروگراممىسىدا مەدەنىيەتنى ئىپادىلىگۈچى بىر ئۇيغۇرسىز. شۇ ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدا بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇل مەدەنىيىتىمىزلا ئەمەس،كىيىم كېچەك ۋە تىل مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ قالىدۇ،بۇنى ھازىرقىلالا ئەمەس كېينكىلەرمۇ كۆرىدۇ.بەلكىم«زامانغا لايىق ئەركىن بولسۇن»دەپ «تۇرمۇشتا قانداق بولساق شۇنداق قىلايلى»دەپ سەنلەيدىغانسىلەر،بىراق شۇنىمۇ بىلىپ قويۇش كېرەككى،بۇ دۇنيادا سىزلىگەندە خاپا بولىدىغان ئادەم يوق.سىلەر بولسا سەھنىگە چىققان ئادەمنىڭ ھەممىنى قانداق ئويلاپ قالار دېمەي سەنلەۋېرىدىكەنسىلەر.ئەجەبا بىر ئادەمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بىر ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدىنمۇ مۇھىمما؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.قارىسا ، ئەر رىياسەتچىلەر ئەر ماھىرلارنىلا ئەمەس،ھەتتا (ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدىم)ئايال باھالىغۇچىلارمۇ ئەر ماھىرلارنى سەنلەپ سۆزلەۋاتىدۇ.ھەتتا ئايال رىياسەتچىمۇ ئەر ماھىرنى سەنلەۋاتىدۇ.توۋۋا...
ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقانلارغا ھەممە ئادەمنىڭ تونۇش ناتونۇش دېمەي سەنلەپ گەپ قىلىدىغانلىقى سىر ئەمەس،ھازىر سەنلەشنىڭ قانچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكىنىنى باشقا يۇرتتىكىلەر ھېس قىلىپ بولالمايدۇ.جەمىيەتتىغۇ شۇنداق،شۇ سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان ئارتىسلىرىمىزمۇ ئۆزىنى سىزلىگەن ناتونۇشلارنىمۇ ئاساسەن سەنلەپ گەپ قىلىدۇ.بۇنىغۇ بىر تېما يېزىش بىلەن ئوڭشاپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس،لېكىن مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولىمىش بىر پروگراممىدا بۇنىڭغا دىققەت قىلغىلى بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ،بۇ پۈتۈنلەي رېژىسورنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا باغلىق...


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bzkm + 50 نادىر تېما
dilqi + 10 ئالامەت يېزىپسىز! ئاپ.
happy123 + 20 كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 06:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاپتورلارنىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلاتتى سۆۋىت پەدىسىدە

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 06:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  سەنلەش بەزىدە يىقىنلىشىش بولسا بەزىدە ئەكىس تەسىر بىرىپ قۇيىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىرىڭىز ئەتراپلىق بوپتۇ بولۇپمۇ ‹سەنلەش› مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇغا قويۇپسىز ،مەنمۇ ناۋا پروگراممىسىنى كۆرۈپ شۇ ‹سەنلەش› مەسىلىسى مىنىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى. قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن!

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4862
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2047 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنلىگەن  بۇ بالا ئىپىزوت تىياتىرلادا  ياراتقان ئوبرازىنى ناۋاغىمۇ ئازراق ئالغاچ كىلىۋاتىدۇ ...لىكىن ناۋانىڭ  ئالدىنقى 3 قىسىمىنى كۆرۈپ ھېس قىلغىنىم  ناۋا  ھەر ساندا ئازراقتىن ياخشىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ ...كىينچە ئاممىنىڭ ھەقىقى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىراگراممىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ .....

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4754
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:11:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولسا بۇنى سەنئەت بىلەنلا چەكلەپ قويمىساق،ئۇنۋىرسال بولسا،ھازىر يورتىمىزدا ھەممە ئادەمنىڭ دىگۈدەك سەنئەتتە تالانتى بارمىكىن دەپ قالدىم ،سەنئەتتە تالانتى بارلارنى بايقىمىساقمۇ ساماندەك چىچىلىپ تۇرىدۇ،مىنىڭچە بولسا ئىلىم-پەن ساھەسىدە تالانتى بارلار ياكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە پايدىسى بار كىشىلەرنى بايقىساق،ئىلىم ئالغۇسى بار ئەمما شارائىتى يوقلارنى بايقىساق ھەم شۇنداقلارغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغانلارنى بايقىساق،جەمىيىتىمىزدىكى نامراتلارنى،يار-يۆلەكسىزلەرنى بايقىساق بۇلاتتى،تولىمۇ ئەپسۇس ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بىزدە.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
adil201126 + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
cholpan + 59 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 127   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىگە پايدىسى بىزنىڭ بۇ يەردە سۆزلىگىنىمىز،ئەھمىيەتلىك تىما ئۈستىدە مۇنازىرلىشەيلىك،ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مۇنبەرگە كىرىپ بۇ تىمىنى كۆرەشكە چولىسى يوق،يەنە بىرگەپ.ئۈرۈمچى ۋە مەكىت تەرەپتە سەنلەش ئۇلارنىڭ ئۆرىپ ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن،ئارتۇقچە كايىشنىڭ ئورنى يوق،خۇددى قەشقەرلىقنىڭ سىلە دىگىنىگە ئوخشاش؛ئۇلار خاپا بولمايدۇ،ئۇلارمۇ تەڭ تۈشلىرىنى ۋە كىچىكلەرنى سەن دەيدۇ،ئىسىمنى بىلسەم ئاپام،دادىسىنى،ئاپىسىنى،ئاچا ئاكىلىرىنى سەن دەيتى،پەقەت دادامدىن باشقا،ئاپام مەكىتتىن بولغاچقا ھەممىمىز كۆنەكتۇق؛


ئىسىڭلاردا بولسۇن.بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان رەببىمىزنىمۇ سەن دەپ ئالىمىز ،بۇنىڭلىق چوڭ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ،سەن دىيىش ئەدەپسزلىك بولسا اللەنى سەن دىيىش چوڭ گۇناھ بولماسمۇ؛

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ahsajan + 11 ماختاشقا تېگىشلىك
xarari + 39 دۇرۇس !!!!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛
barisxan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:14:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار بۇ تېمنى كۆرەمۇ

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 07:12 PM
نىمىگە پايدىسى بىزنىڭ بۇ يەردە سۆزلىگىنىمىز،ئەھمىيەت ...

پىكرىڭىز ئورۇنلۇق،مەنمۇ ئۈچ بىر تۇغقان ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنى ھەم بىر-بىرىمىزنى سەن دەيمىز،كىچىكىمىزدىن ئۆگىنىپ  قاپتىكەنمىز پەقەت ئۆزگەرتەلمىدۇق.ئاتا-ئانىمىزمۇ سەنلەپ چاقىرىشىمىزنى ياقۇرۇپ قالدى.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش