مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8251|ئىنكاس: 56

رامىزانلىق ئالاھىدە پەتىۋالار[ساجىدە تورى پەتىۋالىرى] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 05:46:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

روزا-رامىزانغا ئالاقىدار پەتىۋالار


جىما قىلماستىن بۇزۇۋەتكەن رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ئىلگىرى رامىزان مەزگىلىدە، روزىدار ھالەتتە كىنو كۆرۈپ مەندە روزىنىڭ سۇنۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىر كۈنلۈك روزامنى بۇزۇپ قويغان ئىدىم، بۇ گۇناھىم روزىنى قەستەن بۇزۇشقا بېرىپ تاقىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭغا قانچىلىك كاپپارەت كېلىدۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بۇ گۇناھ روزىنى قەستەن بۇزۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ، جىما قىلماستىن يەپ-ئىچىش، قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كېلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا ئىككى خىل قاراش بار:

1-كاپپارەت كەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن كاپپارەت كەلمەيدۇ دېگەندە: بۇ خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش تولۇق جىنسىي مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن بىر ئىشتۇر، كاپپارەت ۋاجىب بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر، قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كاپپارەت ۋاجىب دەيدىغانغا ئېنىق (نەس) دەلىل يوق، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجماسى) مۇ يوق، قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈشنى جىماغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جىماغا ئوخشىمايدۇ، جىمادا مەنىي چىقمىسىمۇ كاپپارەت كېلىدۇ، زىنا جازاسى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ-ئىچىش، ئىستىمنا(مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكىچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كاپپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كاپپارەت ۋاجىب بولۇشى جىماغا كەلگەندۇر، يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ."([1])

2- كاپپارەت كېلىدۇ. بۇ قاراش قاراش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش قاتارلىق ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان. بۇ قاراشقا ئاساسەن رامىزان روزىسىنى جىما ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلار بىلەن قەستەن سۇندۇرىۋەتكەن تەقدىردە قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە كاپپارەت بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ. كاپپارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1-بىر قۇل ئازات قىلىش، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق.

2- قۇل ئازات قىلالمىغان كىشى ئارقا -ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ئىككى ئاينى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەتتا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ.

3- كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەر بىرىگە ئوتتۇراھال ئىككى ۋاقىت غىزالاندۇرسا، ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئىمكانىيەت بولسا 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل.

بىرىنچى قاراش كۈچلۈك. خالىسىڭىز قايسى بىرىگە ئەمەل قىلسىڭىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

   2011-4-25


([1]) ئەلمەجمۇئ 6/254-255.



ئايال كىشىنىڭ قازا روزا ۋە نەپلە روزا تۇتۇشى ھەققىدە


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامىزان كىرگىچە تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئايال كىشى رامىزان ئېيىدا نامازسىز بولۇپ قالغان كۈنلەردىكى روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شەۋۋال ئېيىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شەۋۋالنىڭ نەپلە روزىسىنى تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى چوقۇم ئاۋۋال پەرز روزىسىنى تولۇقلاپ تۇتۇپ ئاندىن نەپلە روزىسىنى تۇتۇش كېرەكمۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بىر كىشى رامزاندا ئۆزرە بىلەن بولسۇن ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغان بولسا روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر رامىزان كېلىپ بولغىچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى ھەرگىزمۇ سەل قاراپ كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا بوينىدا ئادا قىلىنمىغان پەرز قالغان بولىدۇ.

ئەمما يەنە بىر رامىزان كىرگىچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ قازا روزىلىرىنى شەئبان ئېيىدا تۇتقان.

ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دېگەن: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: "مېنىڭ رامىزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىم بولاتتى، شەئبان ئېيى كەلگەندىلا ئاندىن ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتالايتتىم." يەھيا مۇنداق دېدى: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇانىڭ شەئبان ئېيىدىن باشقا ۋاقىتتا روزىنىڭ قازاسىنى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشلىرى ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىندۇر."([1])

پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش پەرز بولغاچقا، پەرزنى قويۇپ تۇرۇپ نەپلە روزا تۇتۇش ئاقىلانە ئىش بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن رامزاندىن قالغان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئاندىن پۇرسەت بولسا شەۋۋال ئېيىدا نەپلە روزا تۇتىدۇ.

سەئىد ئبىنى مۇسەييەب زۇل ھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ: "رامىزاننىڭ قازاسىنى ئورۇنداپ بولمىغىچە ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش ياخشى بولمايدۇ" دېگەن.([2])

يەنە بىر رامىزان كىرگىچە بۇرۇنقى رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىككىنچى رامزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە فىديە (بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش تۆلىمى) تۆلەيدۇ دەپ قارىغان، يەنى، بىر بىچارىگە بىر ياكى ئىككى ۋاقىت تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇلار ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە تايانغان.([3])

يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازاسىنى قىلسىلا كۇپايە فىديە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدۇر.

تابىئىيلاردىن ئىبراھىم: "رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كېلەر رامىزان كەلگۈچىلىك كېچىكتۈرگەن ئادەم ھەر ئىككى رامىزاننى تۇتىدۇ" دېگەن ۋە ئۇ ئادەمگە تاماق فىديە بېرىش ۋاجىب ئەمەس، دەپ قارىغان. ئىمام بۇخارىي دېدى: جانابى ئاللاھ تاماق فىديە بېرىشنى دېمىگەن، پەقەتلا: ‏[‏ (تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتىۋالسۇن) دېگەن.([4])

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ چوقۇم قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەمما فىديە بېرىشكە كەلسەك بەرسە ئەۋزەل، بەرمىسە ھېچ گەپ يوق، چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچبىر كۆرسەتمە كەلمىگەن.

سانى مەلۇم بىر قانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىدا ياكى قانچە كۈننى بۇزۇۋەتكەنلىكىدە شەك قىلىپ قالغان تەقدىردە كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر كۆپرەك روزا تۇتسا ياخشى.

بىر قانچە كۈن ئارقا-ئارقىدىن تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى بىر كۈن تۇتۇپ بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر كۈننى تۇتسا بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: "ئاللاھ تائالانىڭ: (تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتىۋالسۇن) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن قازا بولغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى ئارىلاپ تۇتسىمۇ كېرەك يوق" دېگەن.([5])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .

2011-5-17


([1]) سەھىھەين: بۇخارىي 1950-ھەدىس. مۇسلىم 1146-ھەدىس.

([2]) سەھىھۇل بۇخارىي: "رامىزاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا" دېگەن باب.

([3]) ئۇمدەتۇل قارىي 11/55.

([4]) سەھىھۇل بۇخارىي: "رامىزاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا" دېگەن باب.

([5]) سەھىھۇل بۇخارىي: "رامىزاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا" دېگەن باب.



تۇتالمىغان روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ تۇتۇش


سۇئال: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم. تۇغۇت ياكى ھەيز ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئاي ياكى بىر ھەپتە رامىزان روزىسىنى تۇتالمىغان تەقدىردە قازاسىنى ئارقىمۇ -ئارقىدىن ئۇلاپ قىلىشى كېرەكمۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بەزى ئالىملار ئەگەر تۇتالماي قالغان روزا كۈنلىرى ئارقىمۇ-ئارقا بولسا، مەسىلەن ھەيزدار ھالەتتە ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن 15 كۈن ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتالمىغان بولسا، قازاسىنى قىلغاندىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئارقىمۇ-ئارقا 15 كۈن ئۇلاپ روزا تۇتۇشى لازىم دەپ قارايدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار: ئارقىمۇ ئارقا-ئۇلاپ تۇتمىسىمۇ ئارىلاپ -ئارىلاپ تۇتۇۋالسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:

[شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآَنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ]

(رامىزان ئېيى قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت، ھىدايەتتىن روشەن، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى ئايەتلەر بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا سىلەردىن قايسىڭلار رامىزاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، سىلەرگە تەسلىكنى خالىمايدۇ، بۇ، ساننى تولدۇرۇشۇڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمدۇ ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.)([1])

بۇ ئايەتتە: (تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن.) دېگەن. ئارقىمۇ-ئارقا ياكى ئۇلاپ تۇتۇشنى شەرت قىلمىغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: "ئاللاھ تائالانىڭ: (تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن.) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن قازا بولغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى ئۈزۈپ- ئۈزۈپ ئارىلاپ تۇتسىمۇ كېرەك يوق" دېگەن.([2])

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قازاسىنى قىلىۋېلىش پۇرسىتى بولغاندا كېچىكتۈرمەي ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ تۇتۇۋېلىپ گەدىنىدىن ساقىت قىلغان ياخشى. چۈنكى كېسەللىك ياكى ئۆلۈم كېلىپ قالسا تۇتالماي قالىدىغان گەپ.

كۈن ئاتلىتىپ تۇتسا ئۇمۇ ھەم جائىز.([3])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-12


([1]) "بەقەرە" سۈرىسى 185-ئايەت.

([2]) سەھىھۇل بۇخارىي: "رامىزاننىڭ قازاسىنى قاچان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا" دېگەن باب.

([3]) نەيلۇل ئەۋتار 4/316.



جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ روزا تۇتۇش


سۇئال: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم جانابەتتىن يۇيۇنۇپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

جانابەت دېگەن يا ھەيز، يا نىپاس بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرىلىدۇ، ياكى جىما قىلىش، ئېھتىلام بولۇش ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرىلىدۇ.

ھەيز بىلەن نىپاس بار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ، شۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىللە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ، لېكىن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا، بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت.

ئەمما ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا بارلىق جۇنۇپلۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسىلەن، جىما ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن غۇسلىدىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن بىللە بولۇپ جۇنۇپ ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزۇپ غۇسلى قىلىپ روزا تۇتىۋېرەتتى، ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رىۋايىتىدە: "قازاسىنىمۇ قىلمايتتى" دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان.([1])

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ:

1- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە جىما قىلاتتى، بەزىدە ئۇ تېخى يۇيۇنمىغان جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى، (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە ئۇ روزا تۇتىۋېرىپ ئاندىن ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇناتتى-دە روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازا قىلمايتتى.

2- بۇ رامىزان روزىسى بولسۇن باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم، ئىمام ئىبنى كەسىر: "بۇ تۆت ئىمامنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر." دېدى.([2])

3- كېچىدە جىما ياكى باشقا سەۋەبتىن جۇنۇپ بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ.

4- جىمادىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولسا، باشقا تۈرلۈك جانابەتتە يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ.

5- بۇ مەسىلىدە رامىزاندەك ۋاجىب روزا بىلەن باشقا نەپلە روزىلار ئوخشاش.

6- رامىزان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇن جىما قىلىشقا بولىدۇ.

7- جىمادا تاڭ ئېتىپ قالسا (ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال جىمانى توختىتىشى كېرەك، توختىتىۋالسا قازا قىلىش ياكى كاپپارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، بىر قىسىم ئالىملار توختىتىۋالسىمۇ قازا قىلىش ۋە كاپپارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان.([3])

جانابى ئاللاھنىڭ: [أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَائِكُمْ هُنَّ لِبَاسٌ لَكُمْ وَأَنْتُمْ لِبَاسٌ لَهُنَّ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَخْتَانُونَ أَنْفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنْكُمْ فَالْآَنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ](روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى، روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇندىن كېيىن رامىزان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار.) دېگەن ئايىتىمۇ([4])جۇنۇپ ھالەتتە روزا تۇتۇپ ئاندىن غۇسلىغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىما قىلىش مۇباھ بولىدىكەن روزا تۇتقان كىشى غۇسلىسىز ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم، شۇڭا ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولاۋېرىدۇ، جانابەت روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ.([5])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-12


([1]) سەھىھەين: بۇخارىي 1925ـ 1926-ھەدىسلەر. مۇسلىم 1109-ھەدىس.

([2]) تەپسىرى ئىبنى كەسىير 1/223.

([3]) ئەلمۇغنىي 3/29 مەۋاھىبۇل جەلىل 3/45 ئەلمۇھەللا 6/229.

([4]) "بەقەرە" سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

([5]) ئەلمەجمۇئ 6/309.



غەربىي ياۋروپادا سوھورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتى


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. غەربىي ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار يازلىق ۋاقىتنىڭ ئوخشاش بولۇشى ھەمدە ئۇ دۆلەتلەردە روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، كۈن پىتىش ۋاقتىنىڭ كېيىن بولۇش سەۋەبلىك سوھورلۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىنى مەككە ۋاقتى ياكى ئىتالىيەنىڭ رىم ۋاقتىنى قوللۇنۇپ رامىزان تۇتسا بولامدۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى كۈن ئادەتتىن ئۇزۇن ياكى كېچە ئادەتتىن ئۇزۇن بولىدىغان دىيارلاردا ياز ئايلىرى بەزىدە كېچە پەقەتلا 3-2 سائەت بولىدۇ، روزا تۇتىدىغان كۈندۈز 21-22 سائەت بولىدۇ. قىش ئايلىرىدا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەككىدە 15 سائەت روزا تۇتىدىغان چاغلاردا جەنۋە شەھىرى بىلەن پارىژ شەھەرلىرىدە 18.30 سائەت روزا تۇتىلىدۇ. بېرلىندا 19 سائەت. فىنلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى ئولو شەھرىدە 23 سائەتكە يېقىن روزا تۇتىلىدۇ.

شىمالى قۇتۇپتا بولسا كۈندۈز سوزۇلۇپ بىر قانچە ئاي بولۇپ كېتىدۇ. بەزى جايلاردا ئالتە ئاي كۈندۈز، ئالتە ئاي كېچە بولىدۇ.

بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىشتا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە ئالىملار ئىزدەنگەن. ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1.سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى: بىر سوتكا ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان دىيار بولسا، كۈندۈز ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كۈندۈزدە روزا تۇتۇش لازىم، تۇتالماي قىينىلىپ قالىدىغانلار كېيىنچە قىينالمايدىغان كۈنلەردە قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما كۈندۈز بىر قانچە ئاي، كېچە بىر قانچە ئاي سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، مەككە ۋاقتىغا ياكى ئاشۇ دىيارلارغا ئەڭ يېقىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان جاينىڭ ۋاقتىغا مۆلچەرلەپ ئېغىز ئاچىدۇ، دەپ قارىغان.([1])

بۇ قاراشقا ئاساسەن كېچە بىر سائەت بولسىمۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىپتار بىلەن سوھۇرلۇق يەۋېلىپ قالغان 23 سائەتتە روزا تۇتۇش لازىم. ئەمما ئالتە ئاي كېچە، ئالتە ئاي كۈندۈز بولىدىغان جايدا مەككە ياكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق دۆلەت ۋاقتىنى ھېسابلاپ ناماز ئوقۇسا، روزا تۇتسا بولىدۇ.

  2. ئەزھەر پەتىۋا كومىتىتى ۋە ئەزھەر ئالىملىرى يۇقىرىقىدەك دىيارلاردا سائەتنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ كۈن ئاسماندىكى چاغ بولسىمۇ ئېغىز ئاچسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.([2])

شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ئالدىمىزغا ئەكىلىپ تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئىككىنچى قاراش مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ. شەرىئەت ئىنساننى قىيناشنى كۆزلىمەيدۇ، بەش نامازنى يېرىم سائەت ئىچىگە يىغىپ قويۇش ياكى بىر سائەت روزا تۇتۇپ 23 سائەت ئېغىز ئېچىش ياكى ئەكسىچە قىلىش شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ. تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا 18 سائەتتىن ئۇزۇن مۇددەت روزا تۇتۇش نورمال ھالەتلەردە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولىدۇ. ئىنسان بەدىنىگە زىيان ئۇرۇش شەرىئەت كۆزلىگەن ئىش ئەمەس. ۋاقىتنىڭ بىنورمال بولۇشى ۋاقىت چەك-چېگرىسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشاش.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالغان، نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: بىز:

_ يارەسۇلەللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:

_ قىرىق كۈن، بىر كۈن بىر يىلدەك، بىر كۈن بىر ئايدەك، بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، _ دېدى. بىز:

_ يارەسۇلەللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ _ دېسەك،

_ ياق، ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، _ دېدى.([3])

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار" دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پىشىن بولغۇچە ئارىلىق مىقدارى ئۆتسە، پىشىننى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىق مىقدارى ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن شامغىچە بولغان ئارىلىق مىقدارى ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەنمۇ شۇنداق. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقىچە بامدات، ئاندىن پىشىن ئاندىن ئەسىر ئاندىن شام ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولدى.([4])

بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان دىيارلاردا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە مەككىگە ياكى ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ روزا تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۈن ئاسماندىكى چاغدا ئىپتار ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ ئىپتار قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

كېچە بىلەن كۈندۈز بىر سوتكا ئىچىدە كېلىدىغان شەھەرلەردە ئەھۋالغا قارايدۇ، 17-18 سائەت ئەتراپىدا روزا تۇتۇش ۋاقتى بولۇپ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا، روزىنى كۈن پاتقىچە نورمال تۇتىۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەسىلەن 19- 20-21 سائەت روزا تۇتىدىغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا قىينىلىپ كېتىدىغان ئاشۇ دىيارلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار تۆۋەندىكى ئىككىنىڭ بىرىنى قىلسا بولىدۇ:

  1. مەككە مۇكەررەمە ۋاقتىنى ھېساب قىلىپ تۇرۇپ مەككىدە قانچە سائەت روزا تۇتىلىدىغان بولسا، مەسىلەن 14 سائەت روزا تۇتىلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 14 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى.

  2. كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولىدىغان ئەڭ يېقىن دىيارنىڭ ۋاقتىنى ھېساب قىلىپ تۇرۇپ مەسىلەن ئىتالىيە دېسەك، ئۇ يەردە قانچە سائەت روزا تۇتىلىدىغان بولسا، مەسىلەن 12 سائەت روزا تۇتىلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 12 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىپتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى. لېكىن بۇ 2- قاراش بويىچە ئەڭ يېقىن نورمال دۆلەت دەپ بىرەر دۆلەتنى بەلگىلەش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا شەھەرلەرنىڭ ئانىسى بولغان مەككىنى ئاساس قىلىش قولايراق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-6


([1]) لەجنە دائىمە فەتىۋالىرى 10/114 ھەيئەتى كىبارىل ئۆلەما 1398-4-12-كۈنىدىكى 61-نومۇرلۇق قارار. رابىتاتۇل ئالەمۇل ئىسلامىيغا تەۋە ئىسلام فىقھى مەجمەئى 1402-4-10-كۈنىدىكى 3-نومۇرلۇق قارارغا قارالسۇن. لېكىن مەجمەئنىڭ بۇ قارارى بىردەك ئىتتىپاق بىلەن ئەمەس كۆپچىلىكنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلىنغان. ئاز سانلىق بۇ قارارغا قوشۇلمىغان.

([2]) ئەزھەر پەتىۋا كومېتىتى 1983-4-24-كۈنىدىكى پەتىۋا بىلەن 1982-5-26-كۈنىدىكى پەتىۋا. شەيخ جادۇل ھەق پەتىۋالىرى 1-تۇم 539-بەتكە قارالسۇن.

([3]) سەھىھۇ مۇسلىم 2937-ھەدىس.

([4]) شەرھى سەھىھى مۇسلىم 18/66.



رامىزاندا بالىياتقۇغا دورا سالدۇرۇش


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بالىياتقۇغا دورا سېلىپ داۋالاش روزىغا دەخلى يەتكۈزەمدۇ؟ ئەگەر روزىغا دەخلى يەتكۈزسە، داۋالىنىدىغان كۈنىدە روزا تۇتماي، داۋالىنىش تاماملانغاندا قازاسىنى قىلىۋالسا بولامدۇ؟ قازاسىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئاللاھ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلغاي!


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

بەزىدە ئايال كىشى بىرەر كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىن دورا سېلىپ ياكى سۇ ماڭغۇزۇپ ياكى دۇربۇن كىرگۈزۈپ ياكى تېببىي ئۈسكۈنە سېلىپ ياكى بارماق سېلىپ داۋالىنىشى ۋە تەكشۈرتىشى كېرەك بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى بۇنداق ئەھۋالدا روزا سۇنىدۇ، قازاسىنى قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن بىر كۈنگە بىر كۈن قازا قىلسا بولىدۇ. بىر نەچچە كۈننىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ تۇتمىسىمۇ بولىدۇ .

يەنە بىر قىسىم ئالىملار: بۈ تۈرلۈك داۋالىتىشلار روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى روزىنى پەقەتلا ئاشقازانغا كىرگەن نەرسە بۇزۇۋېتىدۇ. ئالدى تەرەپتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ماڭغۇزىدىغان دورا ياكى سۈيۇقلۇق بالىياتقۇغا بارسىمۇ ئاشقازانغا بارمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېمەك-ئىچمەك قاتارىدىكى ئوزۇقلۇق ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

ھازىرقى زامان تېببىي تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسى بىلەن ئاشقازان ئۆتۈشمە تۇتاش بولمىغاچقا، بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالارنى ئېغىزغا ئوخشاش سىرتقى ئەزا قاتارىغا كىرگۈزسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسىغا ياكى بالىياتقۇسىغا ياكى سۈيدۈك يولىغا دورا سالسا ياكى سۈيۇقلۇق ماڭغۇزسا روزىنى سۇندۇرىدۇ، دەپ ئالاھىدە بىر دەلىل كەلمىگەن. ئالدى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك دەلىل پەقەتلا جىما قىلسا روزا بۇزۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا روزا سۇنمايدۇ، دېگەن قاراش توغرا قاراشتۇر.

ئىسلام فىقھى مەجمەئى ھىجرى 1418-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 23-28-كۈنلىرى جىددە شەھرىدە ئاچقان 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن:

  1. كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تامچىلىتىدىغان دورا، قۇلاق چايقاش، بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان دورا، ئەلۋەتتە گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

2. تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلىتلار گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

3. ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۈيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش.

4. دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش.

5. ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىدىغان تۇرۇبا ياكى دۇربۇن ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ، ياكى دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۈيۇقلۇقى.

6. چىشنى قېزىش، ئېزىق چىشنى قومۇرىۋېتىش، چىشلارنى تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىش. ئەلۋەتتە گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

7. غارغار قىلىش، ئاغزىنى چايقاش، ئېغىزغا پۈركەيدىغان دورا. ئەلۋەتتە گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە يۇتماسلىق شەرتى بىلەن.

8. كاسىغا ياكى مۇسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللار. ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۈيۇقلۇق ياكى ئوكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا.

9. كىسلورود (ئوكسىگېن).

10. بىمارنى مەس قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گازلار. سۈيۇقلۇق ئۇرمىغان تەقدىردە.

11. تېرە سۈمۈرۈشى ئارقىلىق جىسىمغا كىرىدىغان خىمىيىۋىي ماددىلار يۇقتۇرۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم، چاپلاق دورىلار.

12. يۈرەك ياكى باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.

13. ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

14. سۈيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.

15. سۈيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

16. مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشىغان يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.

17. ئىختىيارسىز قەي قىلىش.

18. مۇسۇلمان دوختۇر يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللاردا كېچىكتۈرسە زىيىنى بولمايدىغان بولسا، بىمارغا داۋالىنىشنى ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-12



روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنۇش توغرىسىدا


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. روزىدار يۇيۇنسا روزىسى سۇنامدۇ؟ يەنى، تومۇز ئىسسىقتا راھەتنى دەپ دېمەكچى، بەزىلەر: روزىدار ھالەتتە سالقىنداپ يۇيۇنسا روزىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

روزىدار ھالەتتە كۈندۈزى جۇنۇپلىقتىن يۇيۇنۇش ياكى مۇستەھەب بولغان غۇسلى تاھارەت قىلىش ياكى تازىلىق قىلىپ يۇيۇنۇش ياكى ئىسسىقلاپ كەتكەنلىكتىن سالقىنداپ يۇيۇنۇش قاتارلىق بارلىق يۇيۇنۇشلار ئوخشاش. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسىلا سۇغا چۆمۈلۈش ياكى يۇيۇنۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ.

سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان، سەلەپلىرىمىزمۇ يۇيۇنغان ۋە كىيىملىرىنى نەمدەپ سالقىندىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا ئېھتىلام بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى جىمادىن تاڭغا ئۇلاپ غۇسلى قىلىپ روزا تۇتىۋېرەتتى."([1])

ساھابىلاردىن بىرى رىۋايەت قىلىدۇكى: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەرج دېگەن جايدا ئىسسىقتا روزىدار ھالەتتە ئۇسسۇزلىقتىن ياكى ئىسسىقتىن بېشىغا سۇ قۇيۇۋاتقان ھالەتتە كۆرگەن."([2])

ئىمام بۇخارىي سەھىھىدە "روزا تۇتقۇچىنىڭ غۇسلى قىلىشى توغرىسىدا" دېگەن بابتا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالىتىدە بىر كىيىمنى ھۆل قىلىپ، ئۇچىسىغا ئارتىۋالغان. شەئبىي روزىدار ھالىتىدە مۇنچىغا كىرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: "قازان ياكى باشقا نەرسىلەردىكى تاماقلارنىڭ تەمىنى تېتىپ باقسا كېرەك يوق" دېگەن. ھەسەن بەسرىي: "روزا تۇتقان ئادەم ئاغزىنى چايقىسا، سالقىنداش ئۈچۈن ئەزالىرىنى يۇيسا كېرەك يوق" دېگەن. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئەگەر بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈن بولسا، مايلىنىپ، چاچلىرىنى تاراپ تاڭ ئاتتۇرسۇن" دېگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "مېنىڭ بىر ۋاننام بار ئىدى، مەن روزا تۇتقان ھالىتىمدە ئۇنىڭغا چۈشەتتىم" دېگەن.([3])

ئەبۇ بەكىر ئەلئەسرەم رىۋايەت قىلىشىچە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالەتتە رامىزان ئېيىدا ھەمراھلىرى بىلەن مۇنچىغا كىرگەن.([4])

ئىبنى سىيرىين روزىدار ھالەتتە كىيىمنى ھۆل قىلىپ يۈزىگە يېپىۋېلىشنى مەيلى دەپ قارايتتى. ئوسمان ئىبنى ئەبىل ئاس ئەراپات كۈنى چۈشتىن كېيىن بەدىنىگە سۇ قۇيۇپ راھەتلىنەتتى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەسۋەد روزىدار ھالەتتە ئىككى پۇتىنى سۇغا چىلىغان.([5])

بەزى كىتابلاردا روزىدارنىڭ يۇيۇنۇشىنى مەكرۇھ دېگەن قاراشلار كېلىدۇ. مەسىلەن:

ھەنەفى مەزھەب كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن ئىككى رىۋايەت كەلگەن بولۇپ، بىرىدە روزىدارنىڭ سۇغا كىرىۋېلىشى، ھۆل كىيىم بىلەن يۆگىنىۋېلىشى مەكرۇھ دەپ قارىغان. لېكىن ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇ قاراشنى سەل ئاجىز دەپ قاراپ مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتنى تەرجىھ قىلغان.

ئەمەلىيەتتە ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى بىر رىۋايەتتە كەلگەن قارىشىدا يۇيۇنۇش، سۇغا چۆمۈلۈش ۋە ھۆل كىيىمنى كىيىۋېلىشنى روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ، دەپ ئەمەس، ئىبادەتنى قىلىشتا سىقىلىش ئىزھار قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ مەكرۇھ دېگەن.([6])

ئىمام ئەينى مۇنداق دەيدۇ: "روزىدارنىڭ يۇيۇنىشى مەكرۇھ دېگەن ئەبۇ ھەنىفەدىن كەلگەن رىۋايەت ھەنەفىي مەزھەبتە ھېسابقا ئېلىنمايدىغان رىۋايەتتۇر، مەزھەبتىكى تاللانغان قاراش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن قاراش بولۇپ، بۇنى ھەسەن ئەبۇ ھەنىفەدىن رىۋايەت قىلغاندۇر. بۇنى "ئەلۋاقىئات" مۇئەللىپى تەنبىھ بەرگەن. يەنە "رەۋزە" بىلەن "جاۋامىئۇل فىقھى" دېگەن كىتابلاردا: "ئىسسىقتىن يۇيۇنۇش، كىيىمنى ھۆلدەش ۋە بېشىغا سۇ قۇيۇش مەكرۇھ بولمايدۇ" دەپ كەلگەن."([7])

ئىمام ئىبنى ئابىدىين مۇنداق دەيدۇ: "يۇيۇنۇش مەكرۇھ بولمايدۇ، دېگەن قاراش بويىچە پەتىۋا بېرىلىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزىدار ھالەتتە ئۇسسۇزلىقتىن ياكى ئىسسىقتىن بېشىغا سۇ قۇيغان. بۇنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما روزىدار ھالىتىدە كىيىمنى ھۆل قىلىپ يۆگىنۋالاتتى. يەنە بۇنداق ئىشلارنى قىلىشنتا ئىبادەتكە ياردەم ۋە تەبىئى سىقىلىشتىن قۇتۇلۇش بولىدۇ. ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى بىر رىۋايەتتە كەلگەن قارىشىدا بۇنى ئىبادەتنى قىلىشتا سىقىلىش ئىزھار قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ مەكرۇھ دېگەن."([8])

دېمەك، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدىمۇ يۇيۇنۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ. مەكرۇھمۇ بولمايدۇ. باشقا مەزھەبلەردىمۇ مەكرۇھ دەپ قارىغان ئالىملار تۇيماي قېلىپ گېلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ ئېھتىيات جەھەتتىن مەكرۇھ دېگەن.

خۇلاسە شۇكى، روزىدار ھالەتتە يۇيۇنۇش ياكى سۇغا چۆمۈلۈش ياكى سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق روزا سۇنمايدۇ. سالقىنداش، راھەتلىنىش ئۈچۈن قىلغان بولسىمۇ شۇنداق. بۇ ئىسلامنىڭ كەڭچىلىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان ئىشى، ساھابە ۋە تابىئىيلاردىن نۇرغۇن زاتلارنىڭ قىلغىنىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى قولايلىقتۇر، قانداق بىر ئادەم دىنى ئەمەللەرنى ئاشۇرۇپ قىلىشقا كۈچەيدىكەن، ئۇ ئادەم چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرھال بولۇڭلار ۋە شۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار. ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەلدىن ئۈمىد كۈتۈڭلار! ئىبادەت قىلىشتا ئەتىگەن، كەچ ۋە كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىڭلار».([9])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-8-7


([1]) سەھىھەين: بۇخارىي 1930-ھەدىس. مۇسلىم 1109-ھەدىس.

([2]) سۈنەنى ئەبۇ داۋۇد 2365-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىس سەھىھ بولۇپ، بۇنى مالىك ئەلمۇۋەتتا دا، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇسنەدىدە، ئەبۇ داۋۇد بىلەن نەسائىي سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان". ئەلمەجمۇئ 6/361.  

([3]) سەھىھۇل بۇخارىي-روزا تۇتۇش بۆلۈمى.  

([4]) ئەلمۇغنىي 3/18.

([5]) بۇلارنى ئىبنى ئەبى شەيبە مۇساننىفىدە رىۋايەت قىلغان. 2/299-بەت. 9214-9218-نومۇر.

([6]) فەتھۇل قەدىير 2/330.

([7]) ئۇمدەتۇل قارىي 11/11.

([8]) راددۇل مۇھتار 2/419.

([9]) سەھىھۇل بۇخارىي 39-ھەدىس.



روزىدار ھالاتتە چىش چوتكىلاش ۋە مىسۋاك ئىشلىتىش


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. رامىزاندا چىش پاستىسى بىلەن چىشىنى چوتكىلىسا ياكى مىسۋاك ئىشلەتسە، روزىغا تەسىرى يېتەمدۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
روزىدار ھالەتتە چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلاش مۇستەھەبتۇر. روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بۇنىڭدا كۈندۈزنىڭ ھەممە سائەتلىرى ئوخشاش. چۈنكى ئېغىزنىڭ ئىچى بەدەن سىرتى ھۆكمىدە بولۇپ، چىش چوتكىلاش تاھارەت ئالغاندا ئېغىزغا سۇ ئېلىپ چايقىغانغا ئوخشاشتۇر. لېكىن گالدىن بىر نەرسە ئۆتۈپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش لازىم.
گالدىن سۇ ياكى چىش پاستىسىنى قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتسە روزا بۇزىلىدۇ، چوتكىلىغاندا ياكى چايقىغاندا مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق، قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئاللاھ كەچۈرىۋەتكەي.
ئەسلىدە مىسۋاك ئىشلىتىش روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغان چاغدا بولسۇن، كېچە-كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا بولۇپمۇ نەپلە ياكى پەرز نامازغا تاھارەت ئالغاندا ياكى نامازدىن ئىلگىرى سۈننەت ئىش بولۇپ، چىش پاستىسىدا چىش چوتكىلاش بىلەن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ھۆكۈمنى پەرقلەندۈرىۋېتىدىغان ئالاھىدە پەرق يوق. چۈنكى ئىككىسىنىڭ پەرقى چىش پاستىسىدا تاتلىق تەم ياكى پاستا تەمى بولغىنى بىلەن، مىسۋاكتىمۇ شاخ تەمى بىلەن بىللە مىسۋاكنىڭ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرى بولىدۇ.
ئامىر ئىبنى رەبىيئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نۇرغۇن قېتىم روزا تۇتقان ھالىتىدە مىسۋاك ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن."([1])
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ئۈممىتىمگە مۇشەققەت بولۇشىنى دېمىسەم، ئۇلارنى ھەر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن زەيد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاشۇنداق رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسلەردە: رەسۇلۇللاھ روزا تۇتقۇچىلارنى باشقىلاردىن ئايرىپ قارىمىغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «مىسۋاك دېگەن ئېغىزنى پاكلايدىغان، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان نەرسىدۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئەتائ بىلەن قەتادە: "تۈكۈرۈكنى يۈتىۋەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ" دېگەن.([2])
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام بۇخارىي بۇ بابقا ئىسىم قويۇشتا روزىدار كىشى ھۆل مىسۋاك ئىشلىتىپ چىشىنى مىسۋاكلىسا بولمايدۇ، دېگۈچىلەرگە رەددىيە بەرمەكچى بولغان."([3])
ئىمام بۇخارىي يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ:«تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ تارتسۇن» دېگەن سۆزى توغرىسىدا دېگەن بابتا مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىستە روزا تۇتقۇچى بىلەن باشقىلارنى ئايرىمىغان. ئەتائ: "ئاغزىنى چايقاپ ئاغزىدىكى سۇنى تۈكۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، قالغان ھۆللۈكنى تۈكۈرۈكى بىلەن قوشۇپ يۇتۇۋەتمىسە زىيان قىلمايدۇ. روزا تۇتقۇچى سېغىز چاينىمايدۇ. ئەگەر سېغىز چايناپ سېغىزدىن پەيدا بولغان ھۆللۈكنى يۇتسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، دەپ قارىمايمەن، لېكىن سېغىز چايناشتىن چەكلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىزنى چايقاپ، گېلىدىن سۇ كىرىپ كەتسە كېرەك يوق، ئىگە بولالمىدى ئەمەسمۇ" دېگەن."([4])
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "مۇتەۋەللى([5]) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملار مۇنداق دېگەن: روزىدار ئېغىزىنى چايقىغاندا سۇنى چىقىرىۋېتىشى لازىم، ئېغىزىنىڭ ئىچىنى ياغلىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر نەرسە بىلەن قۇرۇتۇشى كېرەك ئەمەس."([6])
بۇنىڭغا ئاساسەن چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئېغىزدا قالغان نەملىكنى تۈكۈرۈكى بىلەن بىللە قېتىپ يۇتىۋېتىپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-8-23


([1]) مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد 15716-ھەدىس. سۈنەنى ئەبى داۋۇد 2364-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىيمۇ سەھىھىدە: "روزا تۇتقۇچىنىڭ ھۆل ۋە قۇرۇق مىسۋاك ئىشلىتىشى توغرىسىدا" دېگەن بابتا ئاجىز ھەدىسكە خاس ئىبارە بىلەن مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام تىرمىزىي بىلەن ھافىز ئىبنى ھەجەر: "ئىسنادى ھەسەن" دەپ باھالىغان. نەسبۇررايە 2/459 تەلخىيسۇل ھەبىير 1/62.
([2]) يۇقىرىقىلارنى ئىمام بۇخارىي سەھىھىدە: "روزا تۇتقۇچىنىڭ ھۆل ۋە قۇرۇق مىسۋاك ئىشلىتىشى توغرىسىدا" دېگەن بابتا رىۋايەت قىلغان.
([3]) فەتھۇل بارى 4/158.
([4]) سەھىھۇل بۇخارى.
([5]) زامانىدىكى شافىئىي ئالىملارنىڭ كاتتىسى، ئەبۇ سەئد ئابدۇرراھمان ئىبنى مەئمۇن ئەننىيسابۇرى ئەلمۇتەۋەللى. بۇخارا ۋە باشقا شەھەرلەردە ئوقۇغان، باغدادتا نىزامىيە مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان، "تەتىممە" قاتارلىق كىتابلىرى بار. باغدادتا ھىجرىيە 478-يىلى ۋاپات بولغان. سىيەرى ئەئلامىننۇبەلا 19/187.

([6]) ئەلمەجمۇئ 6/327.



شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈن روزىنى كۈن ئاتلىتىپ تۇتۇش


سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن تۇتۇلىدىغان روزىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى كۈن ئاتلىتىپ تۇتسا بولامدۇ؟


جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كاتتىدۇر، ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن، بۇ پۈتۈن بىر يىل (بىر ئۆمۈر) روزا تۇتقانغا ئوخشاش».([1])
بۇنداق بولۇشتا ھەر بىر ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسە بولغاچقا، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئون ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ئاتمىش كۈن يەنى، ئىككى ئاي روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر، بۇلارنى جەملىسەك ئون ئىككى ئاي بولىدۇ.
شەۋۋال ئېيىدا تۇتماقچى بولغان ئالتە كۈن روزىنى ئاينىڭ بېشىدىلا تىزرەك تۇتۇۋېلىش مۇستەھەب، ئالدىراپ تۇتقاندا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تارتىپ تۇتۇشقا باشلىسا بولىدۇ. ئاينىڭ ئوتتۇرىغا ياكى ئاخىرىغا كېچىكتۈرسە جائىز.
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "ئالتە كۈن روزىنى شەۋۋالنىڭ بېشىدىلا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلاپ تۇتۇۋېتىش مۇستەھەب، ئەگەر ئاينىڭ بېشىدىن كېچىكتۈرسە جائىز بولۇپ، ھەدىسنىڭ مۇتلەق ھەم ئومۇم لەۋزىگە ئاساسەن بۇ سۈننەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ."([2])
ئالتە كۈن روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتسىمۇ بولىدۇ، شەۋۋال ئېيىنىڭ باش تەرىپىدە تۇتسىمۇ، ئوتتۇرىدا تۇتسىمۇ، ئاخىرىدا تۇتسىمۇ بولىدۇ. كۈن ئاتلاپ ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن: "بۇ روزىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ياكى ئايرىم-ئايرىم بولۇشىنىڭ، ئاينىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بولۇشىنىڭ پەرقى يوق، چۈنكى ھەدىس بەلگىلىمەي مۇتلەق كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ روزىنىڭ پەزىلىتى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش بىلەن بىللە قوشۇلۇپ 36 كۈن بولغانلىقىدىن، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسە بولىدىغان بولغاچقا نەتىجىدە ھەممىسى 360 كۈن بولغان بولىدۇ. بۇ تولۇق بىر يىلدۇر. بۇ ئەھۋال ھەر يىلى تەكرارلانسا، بىر ئۆمۈر تولۇق روزا تۇتقان بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئايرىم-ئايرىم روزا تۇتقان ئەھۋالدىمۇ ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم."([3])
ئەگەر بۇرۇنقى رامىزان روزىلىرىدىن تۇتىدىغان قازا روزىسى بارلار بولسا، ئالدى بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇۋېتىپ ئاندىن كېيىن ئالتە كۈن روزىنى تۇتۇش لازىم. ئەگەر رامزاننىڭ قازاسىنى تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا، پەرزنى تاشلاپ قويۇپ مۇستەھەبنى قىلغان بولىدۇ، يەنە ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىستە: «رامزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈننى ئەگەشتۈرۈپ تۇتىدىكەن» دېگەن بولغاچقا، رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتقاندىن كېيىن ئارقىدىن بۇ ئالتە كۈن روزىنى تۇتقاندىلا ئاندىن ھەدىستىكى پەزىلەتكە ئېرىشەلەيدۇ. رامىزاننى تولۇق تۇتماي ئالتە كۈن روزا تۇتسا بۇ يۇقىرىقى ھەدىسكە چۈشمەيدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر. لېكىن شۇنداقتىمۇ نەپلە روزا تۇتقان ساۋابى بولىدۇ.
ئەگەر قازا روزىلىرى كۆپ بولغاچقا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتالماستىن شەۋۋال ئېيى چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۆزرىسى بولغانلىقتىن شەۋۋال ئېيىدىن كېيىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا بولىدۇ. بەزىدە ئايال كىشى تۇغۇتلۇق ياكى باشقا ئەھۋاللاردا بۇنىڭغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-9-13


([1]) سەھىھۇ مۇسلىم 1164-ھەدىس.
([2]) ئەلمەجمۇئ 6/379.
([3]) ئەلمۇغنىي 4/440.


مەنبە: ساجىيە تورى، پەتىۋالار سەھىپىسى، روزا-رامىزان قىسمى.

http://sajiye.org/sjcat.php?id=7


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahsajan + 300 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 06:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               تىمام يىڭى تىمىلار قاتارىدا يوققۇ،نىمىش بۇ ئەمدى؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xohsanam886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 06:52 PM  


ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:01:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مۇھىم مەسىللەر ئىكەن .رەخمەت

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.
barisxan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barisxan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 07:30 PM
ساجىيەتورىداسورالغان سۇالارغاتوغراھۆكۈم ئېنىق كۈرسۈ ...

دىگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق،ئەمما پەتىۋا تور بەتلىرى ئىچىدە ساجىدە تورى بىرقەدەر يۇقىرى سالماقلىقنى ئىپادىلەيدۇ،مەن ماڭا تەسىر قىلدى ،قىرىنداشلىرىم پايدىلانسۇن دىدىم،سىز بۇ ئىنكاسنىڭ ئورنىغا تىما قىلىپ مۇسۇلمانلار تورىدىن ئەپكىلىڭ قانداق،بۇ يەردىكى مەقسەت ھەقنى بىلدۈرۈش،قانداقتۇر تور بەت سىلىشتۇرش،ئەمەس؛پىكىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم،رەھمەت؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95420
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 07:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا رەھمەت قىلسۇن  ،ياخشى ماتىريالكەن

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقئەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 08:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازما يولاپسىز بۇنىڭ ئەجرنى ئاللاھ ئېگەم ئۆزى بەرسۇن قەلەم تۇلپارڭىز ھارمغاي تورداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 08:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ توغۇرلۇق تولا پەتىۋالارنى ئاڭلىغان ````ئۇندا قىلسا روزا بۇزىلىدۇ ، سۇغا چۈشسىمۇ بۇزىلىدۇ ، دىگەندەك ```

   تېمىڭىزنى كۈرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ```` رەھمەت قېرىندىشىم ````


ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 08:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
★Esl~YaXa★ يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 08:11 PM
مەن مۇشۇ توغۇرلۇق تولا پەتىۋالارنى ئاڭلىغان ````ئۇندا ق ...

ئەرزىمەيدۇ،پايدىسى تەگسىلا مەن خوش؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش