|
|
|
|
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 17-ۋە18-ئىيۇن ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار: كەمىنە مىسكىن ئايدىن سىلەرگە ئالى ئېھتىرام...
ۋاقىت ناھايىتى قىس بولغاچقا كۆپ سۆزلەشكە ئامالسىزمەن، يۇرتۇمىزدا يۈز بەرگەن بۇ تەبئىي ئاپەتتىن ھەر قايسىڭلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ، ئۆز كۆڭلۈمدىكى قايغۇم ۋە ئاچچىق ھېسلىرىمنى سىڭدۈرۈپ بۇ تېمىنى بىزەب جابدۇمايلا ئۇدۇللا سىلەرگە سۇندۇم، ئەسلى كۆپرەك ماتىريال توپلاپ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يوللىماقچى ئىدىم، بىراق ئەپۇ قىلغايسىلەر، يىقىندىن بۇيان ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بوپ كەتتىم...
يۇرتىمىزدا بۇ بىر نەچچە كۈن ئۇدا ياغقان يامغۇر تۈپەيلى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى:
ھازىرقى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ئاپەتتە بىر ياشانغان بوۋىمىز قازا قىلغان ( ياتقان يېرى جەننەت بولغاي)، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان قوي-كالا، چارۋىلار ئۆلگەن، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئېغىر دەرىقىدە زىيانغا ئۇچىرىغان. نۆۋەتتە ئاپەتتىن كېيىنكى خىزمەتلەر ۋە تەكرار ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە....
|
|
|
|
|
|