مەن كىچىكىمدىنلا باشلاپ پۇتبولغا ھىرىسمەن بۇلۇپ مىنىڭ بۇ قىزغىنلىقىمنى كۆرگەن چۇڭ ئاپام مىنى ئۈرۇمچىگە ئلىپ كىلىپ مۇشۇ يەردىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇردى بۇ مەكتەپ رەھبەرلىرى مىنىڭ پۇتبول ماھارىتىمگە قايىل بولۇپ شۇ كۈندىن تارتىپ مىنى مەكتەپدىكى ھەممە خىراجىتىمنى ھەقسىز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مىنى تىخىمۇ سىستىمىلىق مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇقۇتتى . مەنمۇ شۇندىن باشلاپ ھەر تۇرلۇك مۇسابىقىلاردە ئۆز قابىليىتىمنى ياخشى جارە قىلدۇرۇپ بۇ مەكتەپ تارىخدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجلارنى قۇلغا كەلتۇردىم شۇنداقلا ئىچكىر_ئۇلكىلەردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مەكتىمگە شۇنداق ملىتىمىزگە بىر كىشىلىك تۆكپەمنى قۇشۇپ كەلدىم
ئەمما 2009_يىلى يازلىق تەتىلدە غۇلجىغا قايتىم شۇ يەردىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە يىقىلغان پىتى تاكى ھازىرغىچە ئەسلىمگە كىلەلمىدىم شۇ چاغدا غۇلجدىكى دۇختۇرغانىغا كۆرنۇپ بالىنستا ياتقان بولساممۇ ئەمما دۇختۇرلارنىڭ خاتا قۇيۇلغان دىياگۈزى تۇپەيلى كىېسىلىم تىخمۇ كەينىگە يىنىپ ئاجىزلىشىپ كەتتىم مىنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۈمچىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئەھۋالىمنىڭ يامانلىقىنى ھېس قىلىپ دۇختۇرلار ئۇنىمىسىمۇ مىنى ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىغايۇتكەپ كىلىپ داۋالاتتى بۇ يەردا ماڭا بۆرەك زەيىپلىنىڭشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دەپ دىياگۈنۇز قۇيدى بۇنى كۆرگەن ئۇقۇتقۇچىلىرىم مەكتەپ مالىيەسىدىن 27مىڭ يۈەن ئاجىرتىپ مىنىڭ دەسلەپكى داۋالىنىش خىراجىتىمىنى ھەل قىلىپ بەردىشۇنداق قىلىپ مەن قىسقىغىنە 6ئاي ئىچىدە 3 قىتىم ئوپىراسسىيەگە كىرىپ سەللەمازا ياخشى بۇلۇپ تالا تۈزگە چىكىم ماڭغۇدەك بولدۇم ئەممە نادان ئاتا_ ئانا ئۆز نەپسىنى باسالماي مېنىڭ دۇختۇرخانىدىن ئاشقان داۋالىنىش پۇلۇمنى شۇنداقلا تاۋالىنىش سۇغۇرتامدىن قايتۇرۇلغان پۇللارنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىپ مىنىڭ ئاخىرغىچە تاۋالىنىپ ساقىيىشىمدىكى يولنى ئۈزۈپ قۇيدىن مانا شۇندىن باشلام ئۆيدە ۋاراڭ _چۇرۇڭ قۇرمىدى مەنمۇ جۇددى چالا بۇغۇزلانغان قۇيدەك يا ساق ئەمەس يا كىسەل ئەمەس بول ھىچ ئىشقا يارماس بوپ تاشلىنىڭ قالدىم مىنى بۇنداق تۇرمۇشتا پەقەت تۇرغۇم كەلماي ئاخىرى ئۇرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ ئۇيەر_ بۇ يەردە ئىشلەپ يۇرۇپ ئۆز جىنىمنى جان ئىتىپ كەلدىم شۇنداق كنلانىڭ بىرىدە مۇنبىرمىزدىن ھۇررا u19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ماھىر تالاش خەۋىرنى كۆرۈپ مەنمۇ تىزىملىتىم ئەممە مۇنبىرىمىزدىكى ھۇسەنجان، ساتتار ئاكاملا مىنىڭ سالامەتلىكىمنىڭ قايتا پۇتبول تىپىشىمگە يار بارمەيدىغانلىقىنى شۇنچە ئىتىپ تۇرسىمۇ مان بۇنى تەن ئالماي كوماندىغا كىردىم ئەممە بىر-ئىككى مەيدان مەشىقدىلا كارامىتىم ئاشكارلاندى شۇنداكلا داۋاملىق توپ تىپىشىمگە ئۆزەمنىڭمۇ كۆزى يەتمىدى شۇنداق قلىپ ئۆزەم سۇيۈپ كەلگەن بۇ كەسىمنىمۇ داۋاملاشتۇرالمىدى . كىيىن بارغانچە سالامەتلىكىم كەينىگە چىكىنىپ ئەھۋالىم يامانلاشتى ئامالسىز غۇلجىغا قايىتىپ كەلدىم ئەمە ئاتا _ ئانا ئەنچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى ھەتتا مەندىن سەندەك بالام يۇق ساڭا ئىگە بولغۇدەك سىنى داۋالاتقۇدەك سەن بىزگە نىمە قىلىپ بەرگەنتىنىڭ دىگەن جاۋاپ بولدى ئەمما ئاخىرقىم بۇ سۆزلەرگە قاراپ تۇرمىدى مانمۇ ئامالسىز چۆڭ ئاپامنىڭ ئۆيگە يىنىپ كەلدىم ئمىنى داۋالىتىش ئۇچۈن ئاتا_ ئانامغا شۇنچە ئادەم ئەۋەتسەكمۇ بىر تىيىنگە ھىساب بولدى كىيىن مىنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرگەن غۇلجا شەھەرلىك دوسلۇق دۇختۇرغانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ھەدىمىز ئۆز يىنىدىن4000 ممىڭ يۈەن ئاجىرتىم مىنى داۋالىدى ئەممە ئەھۋالىمىنىڭ خېىلىلا يامانلىقى تىزدىن ئۇرۈمچىگە يۆتكۇلىش تۇغۇرسىدا تۇختۇرخانا ئالمىسىش رەسمىيىتى قىلىپ بەردى شۇنداقلا بۇ يىلدىن قالسا كىلەر يىلى 5 -6 يۈزمىڭ يۈەن خەجلەپ كىسلىمنى ساقايتىشنىڭ تەسلىكىنى قايتا قايتا تەكرالاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىنىشنى قايتا تەكىتلىدى
دوختۇرغانىدىن چىقىپ ھەرقايسى ھۆكىمەت ئورگانلىرغا بىرىپ ئەھۋالىمنى ئىتساممۇ ئەنچە كۆپ ئامال بولمىدى مەن ئاخىرى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئاز تولا يوللۇق تۇتقان پۇللىرى بىلەن ئۇرۈمچىگە كەلدىم ئەممە داۋالىنىش ئۇچۈن كىتدىغان20-30 مىڭ يۈەننى قانداق تىپىش مىنىڭ چىلى قىناپ قۇيدى ئاخىردا ئامالسى بۇ مۇنبەر ئارقىلىق سىلەرگە مۇراجەتناما سۇنىشىم قىرىنداشلىرىم !
ئالاقىلاشقۇچى : رەپقەت 13999382803
رىپقەت ئۇكىمىز بىلەن مەن 2 يىل ئالدىدا رەسمىي تۇنۇشقان ، ئۇ ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ۋە ھۇررا مۇنبىرىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ ، بۇلتۇرقى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە مەستانلارغا بايراقدار بولۇپ مەيداندا تەشكىللەش قىزغىنلىقنى قوزغاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان ، ئۇنى بەلكىم مۇسابىقىگە بارغان نۇرغۇن مەستانلار تونۇيدۇ ھەم بىلىدۇ دەپ قارايمەن ، ئۇ بۇلتۇر ھۇررا ياشلار كوماندىسىنىڭ ۋارتارىغا تاللانغان بولۇپ ، پۇتبۇلغا ، ھاياتقا قىزغىنلىقى ئوتتەك بىر يىگىت ، مەن مۇنبىرىمىزنىڭ يەنە بىر ئاتامىنى ھۈسەنجانكام (كوچا خەۋىرى ) دىن رىپقەتنى كېسەل ئەھۋالىنى بىلىپ ئىچىم ئېچىشتى ھەمدە ئۇنىڭ تىزرەك داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم ، ئۇنىڭ بۇ كېسلىنى ساقايتقىلى بولىدىكەن شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بولۇپمۇ ھۇررا مۇنبىرىنىڭ ۋە ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنىڭ قىزغىن بولۇپ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تۆۋەندىكى رەسىمدە رىپقەتجاننىڭ رەسىمى بار (سىتىرىلكا كۆرسىتىلگەن يىگىت )