ھەر بىر مىللەت ياشلىرىنىڭ بىر بىرگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىش ئۇسۇلىدا نۇرغۇن ئۆزگىچىلىكلەر بولدۇ .تويدىن بۇرۇن بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقلار بىر بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتا بەزى مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلارغا دىققەت قىلالماي بىر بىرىلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى رەنجىتىشدۇ ،بەزى ھەتتا ھىجران ئازابىغا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى شەرمى- ھايالىق ئەدەپ- ئەخلاقلىق كىلدۇ،مەيلى ئۇلارنىڭ قايسى كەسىپ قايسى ساھەدە شۇغۇللىنشىدىن قەتئىينەزەر ،جەمىيەتنىڭ قايسى قاتلىمدىن بولشىدىن قەتئىينەزەر شەرمىي-ھايا، ئىپپەت- نۇمۇس ،ئەدەپ –ئەخلاق،چىدام-غەيرەت ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىندۇ .بۇ ئۆلچەم ئوغۇللارغىمۇ قىزلارغىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم .
سۆيگۈ مۇھەببەت ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئىسىل نىممەت .ئۇنى قانداق ئىشلىتىش؟قانداق پايدىلنىش ؟ قانداق بەھىرلىنىش ناھايىتى نازۇك بىر مەسىلە.
ئىنساننىڭ بىر- بىرىگە مېھىر –مۇھەببەت ئاتا قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ھۆرمەتلەشى ھەر بىر ئىنساننىڭ پەرزى ۋە قەرزى،سالام-سائەتمۇ ھەم بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. خەلقىمىزنىڭ كىشى دىلنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىسىل ئەخلاقى بولۇش بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتە ناھايىتى دىلنى سۆيۈندۈردىغان ھەر بىرىمىز پەخىرلەنگىدەك ئىسىل ئەنئەنلىرىمز بار.
ياشلار بىر بىرىمىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا ئاڭلىۋىلىشقا ۋە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىگىدەك ياخشى بىر ئەنئەنىمىز بار ئىكەن.ئۇ بولسىمۇ قول ياغلىق سوۋغا قىلىش:
ئەلۋەتتە قول ياغلىقنى قىزلىرىمىز ئوغۇللىرىمىزغا سوۋغا قىلدۇ ،يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن بىر قىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا يىڭى ئىچىلغان قىزىل گۈلدىن بىر تال ئۈزۈپ قىزنىڭ چىكسىگە قىستۇرۇپ قويدۇ .بۇ يىگىتنىڭ پەقەت شۇ قىزنىلا ھەقىقى ياخشى كۆردىغانلىقى ،مەڭگۈ سادىق بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
قىز بۇنىڭغا جاۋابەن ئەگەر بۇ يىگىتكە ھەقىقى مەيلى بولسا ، بىر قول ياغلىققا چىرايلىق قىلىپ قىزىل گۈللەردىن كەشتە تىكىپ يىگىتكە سوۋغا قىلدۇ، بۇ قول ياغلىققا ھەر قىتىم لازىم بولغاندا ئىشلەتكەندە مىنى ئەسلەپ تۇرسۇن دىگەندەك گۈزەل مەنىلەر يوشۇرۇنغان. بۇ قىزنىڭ يىگىتنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يىگىت بۇ قول ياغلىقنى ئاۋيلاپ چىرايلىق قاتلاپ بەلبىغىغا،(يانچۇقىغا )سىلىپ ساقلايدۇ ، ھەرگىز يۈتتۈرۈپ قويمايدۇ.يۈتتۈرۈپ قويسا تاشلىۋەتسە بۇ قىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىقنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا يىگىت قول ياغلىقنى خۇددى قىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ ھەر قانداق سورۇندا ئوغۇللار بەلباغ (يانچۇقلىىرىغا ) بىر نەرسە سىلىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ، يىگىتنىڭ قولغا قىز سوۋغا قىلغان قول ياغلىق ئۇرۇنىدۇ،دە يىگىت شەيتان كۆڭۈلگە ھاي بىرىدۇ.مۇھەببەتنىڭ قەدرىگە يىتىدۇ ،مەڭگۈ بۇ قول ياغلىقنى يىنىدىن ئايرىماي ساقلايدۇ.
ئەگەر قىز بىرەر يىگىتكە كۆڭۈل ئىزھار قىلماقچى بولسا چىرايلىق كەشتىلەنگەن قول ياغلىنى خۇپىيانە ھالدا يىگىتكە يەتكۈزىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن قىز ئۆزىنىڭ تۈرلۈك شەرىتلىك بەلگىللىرىنى كەشتىلەپ چىقىشى كىرەك ،بولمىسا يىگىت بۇنى بىلمەي ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن .
يىگىت ئەگەر قىزغا ھەقىقى كۆڭلى بولسا بۇ كەشتىلەنگەن قول ياغلىقنى ئۆزىگە كىمنىڭ سوۋغا قىلغانلىقىنى بىلۋالدۇ دە قىزغا گۈل سوۋغا قىلىپ قىزنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلدۇ.ئەگەر كۆڭلى بولمىسا قول ياغلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ.
لىكىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى قىزلار ئوغۇللاردىن بەكرەك شەرمى –ھايا،ئىپپەت نۇمۇسقا ئەھمىيەت بىرشى كىرەك .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىگىتلەرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ناھايىتى كام ئۇچرايدۇ .ئەمما قىزلار ئوغۇللارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس ،قىزلارمۇ ھەم بەخىتكە تەشنا ،پەقەت ئۇلار ھەقىقى ئىمانلىق ،شەرمىي ھايالىق ،ئەدەپ ئەخلاقلىق قىز بولسىلا ئۇلارنى توغرا چۈشىنشىمىز ،ئۇلارنى مازاق قىلماسلىقىمىز كىرەك .
يىگىتلىرىمىزمۇ ھەم ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولۇشى ھەرگىز بۇ مۇقەددەس ئىشىق مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلماسلىقى لازىم ،ئۇنداق بولمىغاندا ئۆمۈرلۈك نادامەتكە قالدۇ،خار بولدۇ.
دەستە دەستە گۈل سوۋغا قىلىش ،ئۈزۈك سوۋغا قىلىش،تويدىن بۇرۇن ئۇنداق ياكى بۇنداق سوۋغات بىرىش مىنىڭچە ئاشۇ چىرايلىق كەشتىلەنگەن ھەقىقى چىن سۆيگۈ مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەن شۇ بىر تال قول ياغلىققا تەڭ بولالمىسا كىرەك.
كۆرۋىلىشقا بولدۇكى يۇقارقىدەك ئىسىل ئەنئەنلىرىمىزگە بىز تولىمۇ يۈزەكى قاراپ ،مۇھەببەتنى تولىمۇ خۇنۈكلەشتۈۋەتتۇق ،شۇڭا نۇرغۇنلىرىمىز بەخىتكە ئىرشەلمەيۋاتىمىز،نۇرغۇنلىرىمىز بەخىتسىز بوپ قىلۋاتىمىز،ئادەملەردىن ،ۋەزىيەتتىن جەمىيەتتىن قاقشاپ يۈرىۋاتىمىز.
باشقا يات مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشلىرىنى ،بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا يۈرۈشلىرىنى دوراپ يۈرۈپ زىيادە رومانتىكىلىقنى قوغلىشىپ ئاخىردا ھەممىدىن قۇرۇق قىلىپ يۈرۋاتىمىز.بىز كۆرگەن شۇ كىنولاردىكى شۇ رومانتىك بىچارىلارگە قاراڭ ئۇلارمۇ ئاخىردا بەخىتسىز بولۇپ قىلۋاتمامدۇ ؟ئەنئەنمىزگە قاراڭ بىز نەقەدەر رومانتىك !!!!
شۇ بەخىتكە تەشنا شۇ قىز يىگىتلىرىمىز مۇھەببەتنىڭ نازۇكلىقىنى ،تولىمۇ زىل بىر خىل ھىسيات ئىكەنلىگىنى چۈشىنەلمەي ،قارىغۇلارچە ئەگىشىپ يۈرۈپ باشقىلارغا يامان تەسىر بىرىپلا قالماي ئەنئەنىمىزگىمۇ داغ كەلتۈرۋاتىدۇ ،بۇلارنى ئۆزىمىزلا بىلىپ قالماي باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز،ياشلىرىمىزدا توغرا بولغان مۇھەببەت قارشىنى تۇرغۇزۇشقا يىتەكلىشىمىز كىرەك .قانداقتۇر قىز يىگىتلەرنىڭ بۇ خىل مېھىر مۇھەببىتىگە سەل قاراش مازاق قىلىش ھاقارەتلەش ئەخلاقسىزلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
مەنبە : تۈمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈمەن0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 03:23 PM