مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 13

كەتتى ئۇستاز قالدى روھى نۇرلۇنۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 01:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەتتى ئۇستاز قالدى روھى نۇرلۇنۇپ

(مەرھۇم شائىر ،ئاخباراتچى توختاش نىيازىغا مەرسىيە)

قاراخان

تاشتىن قاتتىق گۈلدىن نازۇك مۇھەببەت،  ئوي، نەپرىتىڭ،
پەسىللەرگە كۈلۈپ باقتىڭ مەغرۇر ئەمما  سۈلكىتىڭ،
‹‹بەيتىكتىكى شەمشاد›› ئۈچۈن چەكتىڭ ھەقلىق ئىزتىراپ،
ئاشتى ئەلدە شائىرلىق ۋە ئاخباراتتا قىممىتىڭ.

بوزقىرىمنىڭ قوينىدىن ئايرىپ تۇردۇڭ مەدەننى،
چاچلىرىڭغا ئاق سانجىلىپ باستى يىللار مۇرەڭنى.
ۋاپا ۋىجدان بىلەن ياشاپ ئەسىر بولدۇڭ سىرلارغا،
ئاداشقانغا يول كۆرسىتىپ باستىڭ مەزمۇت قەدەمنى.

گويا ‹‹پاكلىق مۇنارى›› كەتكەندەكلا قىيسىيىپ،
ئارىمىزدىن غايىپ بولدۈڭ قالدى قەدەممۇ تېيىپ.
ھەر چېلىشتا سەندىن مەدەت يەتكەن ئىدى يۈرەككە،
تارىخ ئۈچۈن پۈتۈكچى بوپ قالمىدىڭ كۈن -تۈن ھېرىپ.

ئەلگە سۇندۇڭ بىر قەرنە شۇ ھاياتىڭنىڭ گۈلىنى،
چىن ئىنسانى بۇرچ بىلەن چىڭداپ ئەلنىڭ ھۇلىنى.
مىننەت ،تاما ،ھەسەتلەرنى كېپەنلىدىڭ قەلەمدە،
تۆھمەتخورنىڭ پېچەتلىدىڭ تىلى بىلەن دىلىنى.

ساغلام ئىمان تىلەي ساڭا ئۇلۇغ بولسۇن مەرتىۋەڭ،
ھايات دىگەن يولۇچى  ھەم كارۋان ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ.
قىسمىتىڭنى يۇرتىمىزنىڭ دەيمۇ يېشىل كىتابى،
ئەلگە ياراپ ئۆتكەن ئەردەك بولسۇن كۆكتە نېسىۋەڭ؟!

كەتتى ئۇستاز قالدى روھى قەلبىمىزدە جۇش ئۇرۇپ،
تومۇرلاردا قالدى ئارمان قالدى سۆيگۈ مۇڭلۇنۇپ.
ياش تۆكىدۇ ھەر بىر بوغۇم ھەر بىر ھەرپ سايرامدا،
كەتتى ھەتتا يۇرتىمىزنىڭ ھەر گىياسى تولغۇنۇپ...

2013-يىلى 14-ئىيون

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-20 05:48 PM):
كەتتى ئۇستاز قالدى يۇرتۇم مۇڭلۇنۇپ

(مەرھۇم شائىر ،ئاخباراتچى توختاش نىيازىغا مەرسىيە)

قاراخان

تاشتىن قاتتىق گۈلدىن نازۇك مۇھەببەت،  ئوي، نەپرىتىڭ،
پەسىللەرگە كۈلۈپ باقتى قارىغايدەك سۈلكىتىڭ،
‹‹بەيتىكتىكى شەمشاد›› ئۈچۈن چەكتىڭ ھەقلىق ئىزتىراپ،
ئاشتى ئەلدە شائىرلىق ۋە ئاخباراتتا قىممىتىڭ.

بوزقىرىمنىڭ قوينىدىن ئايرىپ تۇردۇڭ مەدەننى،
چاچلىرىڭغا ئاق سانجىلىپ باستى يىللار مۇرەڭنى.
ۋاپا ۋىجدان بىلەن ياشاپ ئەسىر بولدۇڭ سىرلارغا،
ئاداشقانغا يول كۆرسىتىپ باستىڭ مەزمۇت قەدەمنى.

گويا ‹‹پاكلىق مۇنارى›› كەتكەندەكلا قىيسىيىپ،
ئارىمىزدىن غايىپ بولدۈڭ قالدى قەدەملەر تېيىپ.
ھەر چېلىشتا سەندىن مەدەت يەتكەن ئىدى يۈرەككە،
تارىخ ئۈچۈن پۈتۈكچى بوپ قالمىغانسەن بەك ھېرىپ.

سۇندۇڭ ئەلگە بىر قەرنە نۇر  ھاياتىڭنىڭ گۈلىنى،

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10797
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 02:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.(ئامىن)

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن 3. ئېشەك دەرمىش: كاللام ئامان بولسىلا دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئىچىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 02:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
20130619125109383.jpg
20130619125610302.jpg
20130619125109383.jpg
20130619125610302.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 02:19 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 03:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى تورداش  سىز ئادەم ئۈلسە  خوش بۇلامسىز نىمە؟   ئايرىم تىما قىپ يۇللاڭ بۇ خەۋەرنى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1678
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 04:06:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازلىرىمىزنى ھاياتلىقىدا تىخىمۇ قەدىرلەيلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 04:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 04:40:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax1 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 02:04 PM
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.(ئامىن)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاش 1 ،دىدار غەنىمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 04:45:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
蓝狼-0947 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 03:03 PM
ئۈستىدىكى تورداش  سىز ئادەم ئۈلسە  خوش بۇلامسىز نىمە؟    ...

بانكىر ھازىنى مۇشۇنداق ئاچسا كېرەك...

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7576
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 05:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3840
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 06:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستاز رۇھى مەڭگۇ ئۆلمەيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش