|
|
|
|
كەلپىننى كۆرۈپ كېتەرسىزلەر ( ‹‹ك››ھەرىپىدىن سۆز ئويۇنى) كەلپىن كىچىك،كەمبىغەل كۆرۈنسىمۇ،كەلپىنلىكلەرنىڭ كۆڭلى،كۆكلەملىرى،كۈتۈپخانىلىرى كەڭرى.كىتاپلىرى كۆپ.كىتاپ كۆرۈش كەلپىنلىكلەرنىڭ كەسپى.كىتاپ كۆرگەن كەلپىنلىكلەرنىڭ كۆڭلى كائىناتتەك كەڭرىپ،كېلىچىكى كىتاپتىن كىلىۋاتقاندەك،كەلگۈسىنى كېرىلىپ كۈتۈۋالالايدۇ.كۈنلىرى كۆڭۈللۈك،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنىدۇ.كەمبىغەللىرى كىتاپنى كونا،كۆرۈمسىز كەپىسىدە كۆرسىمۇكانادا،كورىيە،كامبودىژا،كۇبا،كولۇمبىيە،كەشمىرنى كۆرگەندەك كۈلۈمسىرەپ كۆڭلىگەكەلتۈرەلەيدۇ.كەلپىنلىكلەر كەمتەر-كەمىنىلەرنى،كاسىپلارنى،كۈلۈمسىرەپ كەلگەنلەرنى كۆتۈرۈپ كۈلدۈرەلەيدۇ.كەلپنىننى كىچىك،كەمبىغەل كۆرۈپ كەمسىتكەنلەرنىڭ،كۆرەڭلىگەنلەرنىڭ،كۆكەمىلەرنىڭ،كۈنلەمچى كوت-كوتلارنىڭ،كېكەش-كەمتۈكلەر،كۈزى كىچىك كىبىرلىكلەرنىڭ،كاج-كاساپەت،كۆتۈرمىكەش،كەپسىز كەلگۈندىلەرنىڭ كاسىسىنى كالتەكلىيەلەيدۇ،كاچىتىغا كاچاتلىيالايدۇ.كالتە كۆينەك،كالتە كۇسارلىقلار كەلپىندەكۆڭۈللۈك كۈن كۆچۈرەلمەيدۇ.كەلپىندىكى كەپتەر،كەكلىك،كوكۈيۈن،كۆكىنەكلەرمۇ كۆزگەكۈلگەندەك كۆرۈنۈدۇ.كەلپىننىڭ كەنت-كوچىلىرىدىكى كاتاڭ-كارىز،كېسەك-كەپىلەركەلمەسكە كەتتى.كېرىيە،كورلا،كۇچارلاردىن كەلپىنگە كىلىپ كۆرۈپ كەتكەنلەركۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.كوچا-كوينى،كەڭرىلىكنى،كەلپىننىڭ كالا،كاككۇك،كاۋا-كۆكتاتلىرىنى،كانلىرىنى،كارامەتلىرىنى كۆرەلمىگەن كىشى كەمىنىگەكامادىكى كېلەدەك،كارىزدىكى كېسەكتەك،كونىراپ كەتكەن كۆتەكتەك،كالا كۆكشىگەن كېپەكتەك،كۆككە كۆتۈرلەلمىگەن كۆكىنەكتەك،كەپىدىكى كۇنجىرىدەك،كۆكىرىپ كەتكەن كوناكېسەلدەك كۆرۈنىدۇ.كەمىنىنى كۆپ كايىتماي كىلىپ كەلپىننى كۆرۈپ كېتەرسىزلەر! ئاپتۇرى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 01:09 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 @2 w- `' I4 r9 V/ ~. @
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Q- Q' v2 }/ E# f( S g# A
|
|
|
|
|
|