|
|
|
|
UC تور كۆرگۈچىسى بولسا يوۋشى تېخنىكا شىركىتى (优师科技)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان يانفوندا تورغا چىقىش قورالى بولۇپ، Web ۋە Wap شەكىللىرىكى توربەتلەرنى تېز ۋە راۋان زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. تورغا چىقىشتىن باشقا يەنە، فىلىم قويۇش، توربېكەت باشلامچىسى، ئىزدەش، چۈشۈرۈش ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلىۋىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان.
ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
UC تور كۆرگۈچىسى نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ يانفونىدا چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك ئەپ يەنى يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى GPRS ئېقىمىدا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ تېز ھالەتتە تورغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئاندىرويىد نۇسخىسى 2.1 دىن يۇقىرى نەشىردىكى سىستېمىلارنى قوللايدۇ.
باشقا ئىقتىدارلىرى:
1. پۈتۈنلەي يېڭى بولغانU3 ئىچكى يادروسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالەتتىكى بەد كودى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئېقىم تىجەش ۋە ئەڭ تېز سۈرئەتتە تورغا چىقىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىككە ئىگە.
2.تولۇق ۋە تېز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئەپ بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئەپلەرنى خالىغانچە ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
3.كۆپ نۇقتىدىن چىكىشنى قوللايدىغان ئىكران سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا ئىشلەتكەند، قاتارلىق شەكىللەردىكى توربەتلەرنى بارماق ئارقىلىق خالىغانچە چوڭايتىش ياكى كېچىكلىتىشكە بولىدۇ.
4.ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىتاب ئوقوش شەكلى ھازىرلانغان، توردا كىتاب كۆرۈش ياكى مەزمۇن ئوقوشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
5.باش بەت لايىھىسى كۆركەم ۋە پاكىز، بېكەت باشلامچىسىغا نۆۋەتتىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ قولايلىق ۋە ئەڭ تولۇق بولغان توربەتلەر مۇجەسسەملەنگەن. يانفون بەتلىرى ئايرىم ستونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىزنىڭ يانفون ئارقىلىق توردۇنياسىنى زىيارەت قىلىشتىكى بىرىنچى تاللىشىڭىزدۇر.
ياقتۇرغان دوستلار ئۈچۈن، مەزكۇر ئەپنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەندى:
1. بەيدۇ تورىدىن چۈشۈرۈش
2.ئىككى ئۆلچەملىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xjstudent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 12:02 PM
|
|
|
|
|
|