ئاندىرويىد سېستمىنسى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ كۆپلىگەن كارخانىلاردا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. دۇنياغا داڭلىق نوكىيا شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. يېقىندا ئۇيغۇر پەن تېخنىكا ئىشلىرىدىمۇ نۇرغۇن مۇۋاپپىقيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەسلەن ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرتىلى قوشۇلغان كۆزنەك سېستىمىسى ئېلان قىلىندى.ئاندىرويىد 4.0 سېستىمىسىدىن باشلاپلا نىگىزدىن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان بولدى.مىكروسوفىت ئۇيغۇرچە ئېلخەتلەرنى ئېلان قىلدى قاتارلىقلار. بىلكان ،قۇتلان قاتارلىق كارخانىلارنىڭ تىرشىىشى ئارقىلىق كوپلىگەن ئانا تىلىمىزدىكى كۆچمە ئۈسكىنىلەر بىزبىلەن يۇز كۆرۈشتى.يەنە مىلىلىتىمىز ئوغلانلىرى ھارماي روم تەرجىمە قىلىپ خەنزۇچە تىلفۇنلارنى تەرجىمەقىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بىزدە ئۇيغۇرچە ئەپلەرگە بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا . نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە ئەپ بازارلىرى قۇرۇلدى. لىكىن قارسام ھەممىسى قۇرۇپ قويۇپلا بىرنەچچە ئەپ يوللىماي تاشلاپ قويۇشتى . مۇنبەرلەردە يېڭى ئەپلەر تەرجىمە قىلىپ يوللاندى، لىكىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىنلا چۈشۈرۈش ئادرىسى ئىناۋەتسىز بولۇب قالدى . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ئەپ تورىنى قۇرۇپ چىقتۇق . گەرچە بۇ توربەتتىكى ئەپلەر باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىنگەن بولسىمۇ ، بىر نەچچە قېتىم كۆچۈرمىكەش دىگەن نامغا قالغان بولساقمۇ بۇ توربەتنى تاقاپ قويمىدۇق. بىزنىڭ مەقسىدىمىز پەقەت ئۆزىمىز ياخشى، ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان ئەپلەرنى بۇيەرگە يىغىپ كەڭ تورداشلار بىلەن بەھىرلىنىش خالاس، قانداقتۇر باشقا توربەتلەردىكى ئابۇنتلارنى تارتىۋېلىش ئەمەس. مېنىڭچە بۇنداق بىر توربەتنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مۇنبىرىگە ئادەم كىرمەي قالمايدۇ. ئەسلىدىنلا توردىكى نەرسىلەر باشقىلار پايدىلانسۇن دەپ يوللىنىدۇ. بىز پەقەت مۇنبەرلەردىكى ئەپلەرنى يىغىپ تورداشلارغا سۇنماقچى خالاس. باشقا مەخسىدىمىز يوق. گەرچە باشقىلارغا ئوخشاش كۆپ مەبلەغ سالالمىساقمۇ ، ئازراق مەبلەغ سېلىپ باشقىلارغا قولايلىق يارتايلى دەپ ئويلاشتۇق. يېقىندا تور بېتىمىزنىڭ مىكرو خەت (ئۈندىدار) سالۇننى قۇرۋالدۇق . ئۈندىدرا سالۇندا ئادەم كۆپ بولمىسىمۇ بىرنەچچە يۈز ئادەم بار . مەنچە بۇتوربەتنى ئېچىپ باشقىلارغا چۈشۈرۈش سورۇنى ھازىرلاش باشقا ھەلەق بەتلەرنى ئاچقاندىن ياخشى دەپ قارايمەن. مەبلەخنى كۆپ سالمىغانلىقتىن ئەپلەرنى بەيدۇنىڭ توردىسكىسىغا يوللاپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدۇق.بۇنداق قىلساق ھەم ئەرزان ھەم بىرقەدەر مۇقىم بولدىكەن . ئەگەر مۇقىم ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىمەكچى بولساڭلار ياق دىمەيمىز. ئەگەر بىز ياخشى قىلىمىز دىسەڭلار توربەت ئۆتكىزىپ بېرىلىدۇ.توۋەندە توربېتىمىز تەمىنلەيدىغان مۇلازمەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .
1. ئاندىرويىد دىتاللىرىنى چۈشۈرۈش.(مۇنبەرلەردىن يىغۋېلىنغان)
2. ھەرقايسى ئۇيغۇرچە تىلفۇن بەتلىرىنىڭ ئاندىرويىد ئەپ نۇسىخلىرىنى تەشۋىق قىلىش.
3.تىلفۇنى ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان دوسلارنىڭ تىلفۇنىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ياردەملىشىىش
4 . تىلفۇنى ئېچىلمايدىغان بولۇب قالغان دوسلارنىڭ تىلفۇننى ئوڭشىشىپ بېرىش
5.يېڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرى بىلەن تەمىنلەش.
6.ئالما مەسھۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش
7. ئالما كومپىيۇتىرغا قوش سېستىما قاچلاش
8.ئاندىرويىد تىلفۇننى روتلاش(ھېچقانداق تىرىىشپ باقماي باشقىلاردىن سوراش ياخشى ئىش ئەمەس، ئۆزىڭىز قىلامىسىڭىز ئاندىن باشقىلاردىن سوراڭ)
9. ئادەتتىكى كومپىيۇتىرغا سېستىما قاچلاشقا ياردەم قىلىش
10. كېسەككە ئايلانغان تىلفۇنلارغا سېستىما يېزىش(بۇنىڭ ئۈچۈن تىلفۇننى بىزگە ئەۋەتىسىز، ھەم بەلگىلىك ھەق تۆلەيسىز)
قاتارلىقلار
ياردەمگە مۇھتاج بولغانلار ئۇيغۇر ئەپ توردىكى ئالاقىلىشىش دىگەننى بېسىپ ياردەم سورىسىڭىز بولدۇ، قولمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمىز.
توۋەندىكىسى بولسا مىكرو خەت سالۇنىمىزنىڭ ئىككىلىك كودى . كودنى سىنكارلاپ سالۇنىمىزنى قوشۋېلىڭ.
ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز مىكرو خەت nure1113 نى قوشۋېلىپ ياردەم سورسىڭىز بولدۇ.ياكى توۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىنكارلاپ قوشۋېلىڭ.قولۇمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمىز.
ھەم ھەرقايسى بىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز.(مەزمۇنى ساغلام بولسۇن)
ھۆرمەت بىلەن :
ئۇيغۇر ئەپ تور گورۇپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nure1113 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-19 01:20 AM