مىنى ئويغاتما !
(نەسىر)
بۇ كۈنلىرىڭگە شۇنچە ئۆچ بولدۇم ،نۇرغۇن ئادەملەر قاراڭغۇ كىچىنى زۇلمەتكە ئوخشۇتىدىكەن ئەمما مەن، كۈندۈزدىن كىچىنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن،نۇرغۇن كىشلەر كىچىنى ياقتۇرمايدۇ ،ئۇنى زۇلمەتكە ،قاباھەتكە ئوخشىتىدۇ.ئەمما مەن كىچىنى ياخشى كۆرىمەن .چۈنكى مەن شۇ قاراڭغۇ كىچىدە كۈندۈزلىرى قىلالمىغان ئىشلىرىمنى قىلالايمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچ كىشى مىنى باشقۇرالمايدۇ ، شۇنچىلىك ئەركىن، شۇنچىلىك رومانتىك .شۇ كىچە ، شۇ شىرىن چۈش قوينىدا ئەركىن خىيال سۈرىمەن .شۇڭا مەن بۇ كىچىنى تاڭ ئاتمىسكەن دەيمەن.شۇڭا .......
مىنى ئويغاتما! مەن بىر دەم بولسىمۇ غەمسىز كۈلىۋالاي !ماڭا قىنىپ -قىنىپ ، قاقاقلاپ كۈلۈپ باقمىغىلى بەكلا ئۇزۇن بوپ كەتتى ، باشقىلارنىڭ مىنى باشقۇرۋاتقىنىغا بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى ئويلاپ قالمەن مەنمۇ كۆنۈپ قالغاندەك .
مىنى ئويغاتما ! بىردەم چۈش كۆرۈۋالاي ! بىردەم بولسىمۇ ......، باشقىلارنىڭ مىنى تولا باشقۇرشىدىن جىنىم ۋايسىدى .ئەمدى مەنمۇ باشقىلارنى باشقۇرۇپ باقاي،ئۇلارمۇ ماڭا بويسۇنۇپ باقسۇن ،مىنىڭ دىگىنىمنى قىلىپ باقسۇن ،ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ قانداق بولدىغىننى ھىس قىلىپ باقسۇن.
شۇ چۈشلىرىمدە مەن گاھى شاھى سۇلتان ،گاھى زۇڭتوڭ رەئىس بولۇپ چۈشەيمەن.بەزى ئالامەت كاتتا باشلىق بولۇپ .
ھەممە ماڭا ھۆرمەت بىلدۈرشىدۇ.مەغرۇرلىنىپ كۈلىمەن،شۇ چۈشلىرىمدە شۇنداق ئۇلۇغ ئادەمگە ئايلىنمەنكى ھىچ كىم مىنى باشقۇرالمايدۇ،ھەممە ماڭا تازىم بەجا كەلتۇرىدۇ.
مىنى ئويغاتما ! مەن بىردەم قورسىقىمنى توقلىۋالاي ! مىنىڭ تۈزۈكرەك قورسىقىم تويۇپ باقمىغىنغا بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى ،بەكلا ئۇزۇن بوپ كەتتى.
چۈشلىرىمدە بولسىمۇ ئۆزۈم خالىغاننى يەپ خالىغاننى ئىچىپ ھوزۇرلىنىپ بىر تويۇۋالاي ! خەقلەر يەپ ئىچىپ تېتىپ كۆرگەنلەردىن مەنمۇ تىتىپ ھوزۇرلۇنۇپ باقاي! چۈشۈمدە بولسىمۇ بىرەر قىتىم ۋاھ ! دىگۈدەك بىر تويۇۋالاي!
مىنى ئويغاتما ! مىنى توسىما ! مىنى كۆرەش قىلغىلى قوي ! بىردەم بولسىمۇ كىنولاردىكىدەك .
چۈشۈمدە بولسىمۇ بىر كۆرەش قىلغىلى قوي ! بۇ بىخۇتلۇق ،بۇ تىڭىرقاش ،بۇ ئىچ پۇشقىدىن جىنىم ۋايسىدى.
مىنى كۆرەش قىلغىلى قوي ! مىنىڭ كۆرەش ئۈچۈن چەكچەيگەن كۆزلۈرۈمنى يۇمدۇرما، مىنىڭ كۆرەش ئۈچۈن تۈگۈلگەن مۇشتلىرىمنى ياندۇرما ! مىنى ئۆز ئەركەمگە قويۇپ بەر !
مەن بەك چارچىدىم ،تالدىم.....مىنى بىردەم بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالغىلى قوي ،بىر دەم بولسىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى قوي ! مەن تۈزۈك ئارام ئالمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى.
بىر دەم ئۇخلىۋالاي! بىردەم بولسىمۇ شىرىن خىياللار سۈرۋالاي !
ئاھ ئۇيقۇم !جىنىمنىڭ راھىتى ! سەن نىمىدىگەن! تاتلىق،نىمدىگەن! شىرىن .بۇ بىچارە خەستە كۆڭلۈمگە سەن بولساڭمۇ ئارام بەر! سەندىن بولسىمۇ دىلىم سۇ ئىچسۇن ! جىنىم ئارام تاپسۇن!
مىنى ئويغاتما ! ھىچ بولمىغاندا بىر نۆۋەت ،مىنىڭ شۇ شىرىن خىياللىرىمغا ،شىرىن چۈشلىرىمگە بولسىمۇ ئازار بەرمە !
مىنىڭ ئىرشەلمىگەنلىرىمگە،مىنىڭ يوقاتقانلىرىمغا ، ئارمانلىرىمغا،چۈشۈمدە بولسىمۇ ئىرىشكىلى قوي!
ئەگەر مىنى ئويغاتساڭ، شۇ ئۇيقۇدىن ئويغاتساڭ ،شۇ چۈشۈمدىن ئويغاتساڭ ،....سەن سەن مىنىڭ ئەشەددى رەقىبىمگە ئايلىنسەن ! بەس يىتەر ئارامىمدا قوي !
مەنبە : تۈمەن