|
|
|
|
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيا بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بىرازىلىيىدە رەسمىي باشلاندى، بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى كىچىك دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر يىل قالغاندا ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۆتكۈزگۈچى ساھىبخان كىلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بولىدۇ، مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، بۇ مۇسابىقىگە ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ شۇ قىتئەدىكى چىمپىيونى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ساھىبخان،شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى چىمپىيونى قاتنىشىدۇ، بۇ قېتىم قاتناشقان قىتئەلەر چىمپىيونلىرىدىن دۇنيا چىمپىيونى ئىسپانىيە كوماندىسى، ياۋرۇپادا ئىككىنچى بولغان ئىتالىيە كوماندىسى(ئىسپانىيە كوماندىسى دۇنيا چىمپىيونى شۇنداقلا ياۋرۇپا چىمپىيونى بولغاچقا ياۋرۇپاغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغان سالاھىيەت ئىتالىيە كوماندىسغا بىرىلدى)، ئاسىيا چىمپىيونى ياپونىيە كوماندىسى، ئوكئانىيە قىتئەسى چىمپىيونى تاخىتى كوماندىسى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە كارىب دىڭىزى رايونى چىمپىيونى مىكسىكا كوماندىسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چىمپىيونى ئۇرۇگۋاي كوماندىسى، ئافرىقا قىتئەسى چىمپىيونى نېگىرىيە كوماندىسى ساھىبخان بىرازىلىيە كوماندىسى بار. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرسىدىكى ۋاقىت پەرقى 11 سائەت بولغاچقا مۇسابىقە مەركىزى تلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش تەنتەربىيە قانلىدا يېرىم كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى 12 ياكى 13 دە نەق مەيداننى ئۇلاپ تارقىتىۋاتىدۇ، يېرىم كېچىدە مۇسابىقە كۆرۈش بىرقەدەر قولايسىز بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا تەكرار كۆرسىتىلگەن مۇسابىقىنى كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، شارائىتى يار بېرىدىغانلار كۆرسىمۇ بولىدۇ.
مۇسابىقە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
6-ئاينىڭ 16-كۈنى (بىرازىلىيە ۋاقتى بويىچە 15-كۈنى) ساھىبخان بىرازىلىيە كوماندىسى 3:0 ياپونىيە كوماندىسى
6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىتالىيە 1:2 مىكسىكا ئىسپانىيە 1:2 ئۇرۇگۋاي
6-ئاينىڭ 18-كۈنى نېگىرىيە 1:6 تاخىتى
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قالغان مۇسابىقە ۋاقتىنى كۆپچىلىكتىن توردىن ئىزدەپ بىلىۋېلىشىنى سورايمەن.
|
|
|
|
|
|