سارغايغان ياپراققا ئوخشايسەن، جېنىم–
قىينىلىپ زۇۋانسىز كارۋاتتا ياتساڭ.
يۈرىكىڭ مۇقەددەس سۆيگۈنى كۈيلەر،
تىنىقىڭ ئېغىرلاپ... ئاچچىق ئۇھ تارتساڭ.
سايغايغان ياپراققا ئوخشايسەن، جېنىم–
تۇتۇلۇپ ھاياتنىڭ نۇرلانغان چېھرى.
تۆكۈلەر غۇبارسىز قەلبىڭگە شەربەت،
قۇيۇلۇپ سۆيۈملۈك دۇنيانىڭ مېھرى.
سارغايغان ياپراققا ئوخشايسەن، جېنىم–
ئەۋجەرەپ باغرىڭدا جۇدۇنلۇق ئاخشام.
بېشىڭدا– قانىتى يۇلۇنغان قۇشمەن،
ياڭرىغان پىغاندا ھەسرەتلىك ناخشام.
سايغايغان ياپراققا ئوخشايسەن، جېنىم–
كىشنىشىپ ۋاقىتسىز ئايرىلغان سۆڭەك.
ئۆزىنى نىقابلاپ يۇشۇرغان قىسمەت،
يىغلىتىپ ئازابنى قىلغاندا كۆرەك.
سارغايغان ياپراققا ئوخشايسەن، جېنىم–
يۇلتۇرلار جىمىرلاپ چاقنىغان كەچتە.
تېپىلار ھەرقانداق كېسەلگە شىپا،
ھاياتلىق سۆيگۈسى ئۆلمەس يۈرەكتە.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 07:14 PM